شەيخ ئىسمائىل قارىيھاجىم

(ھ. 1299– 1379/ م. 1881 – 1959)

 ئىسمائىل ئىبنى يۈسۈف ئىبنى ئەھمەد ھىجرىيە 1299 – يىلى قاغىلىقتا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شەيخ ئىسمائىل قارىيھاجىم ئوغلىنىڭ دىندا ئالىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھ تائالاغا توختىماي دۇئا قىلىدىغان، تەقۋادار، ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى سۆيىدىغان دادىسىنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. دادىسى ئۇنى كىچىك چېغىدىلا خۇسۇسىي مەكتەپكە بەرگەن ۋە ئەخلاقىي تەرەپلەردىنمۇ ئىنتايىن ياخشى تەربىيەلىگەن. ئۇ 10 ياشقا بارماي تۇرۇپلا «قۇرئان كەرىم»نى يادقا ئېلىپ بولغان. ئاندىن دىنىي پەنلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەدرىسەگە كىرگەن. ئۇ قاغىلىقتىكى ئۆلىما – ئۇستازلاردا مەلۇم مۇددەت تەربىيەلەنگەندىن كېيىن يەركەندگە يۆتكەلگەن. يەركەندتە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ، بىلىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ۋە باھائۇددىن مەخدۇم، مەھمۇد ئاخۇن داموللام كەبى كاتتا ئالىملاردىن رەسمىي «ئىجازەت»كە نائىل بولغان. ئاندىن ئانا يۇرتىغا قايتىپ «قۇرئان كەرىم» يادلىتىش بىلەن بىرگە دىنىي بىلىملەرنى ئوقۇتىدىغان شەخسىي مەدرىسە ئاچقان.

شەيخ ئىسمائىل قارىيھاجىم تىلى ئۆتكۈر، دەلىل – پاكىتلىق سۆزلەيدىغان، قىياپىتى سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان، ئاقپىشماق، يۇمىلاق يۈزلۈك، قويۇق ساقاللىق كىشى ئىدى. ئۇ ناتىق بولغاچقا خاتىبلىق قىلغان ۋە ئەھلى يۇرت ئارىسىدا ھەممىگە تونۇلغان. ئۇ دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىش ۋە دىنىي دەۋەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ قىسىم يېزا – كەنتلەرنى ئارىلايتتى. ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن قارىيلار ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان مۇئەللىملەر يېتىشىپ چىققان.

رەھمەتلىك قارىيھاجىم ۋاپات بولۇشتىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆيىدىن سىرتقا چىقمىغان. ھىجرىيە 1379 – يىلى قاغىلىقتا ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ قارىيھاجىمغا رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

2 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

4 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

4 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

1 ئاي ago