شەيخ ئىسمائىل ئىبنى قاسىم كاشغەرىي

(ھ. 1318– 1405/ م. 1900 – 1984)

ئىسمائىل ئىبنى قاسىم ئىبنى مۇھەممەد كاشغەرىي ئاتا مىراس ناۋايلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىدە ھىجرەتنىڭ 1318 – يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپكى ساۋادىنى مەھەللىسىدىكى خۇسۇسىي مەكتەپلەردە چىقارغان. كېيىن تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچلىرىنى رەسمىي تۈزۈمدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان. ھىجرىيە 14 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغا كەلگەندە قەشقەر شەھرىدە داۋاملىق يۇقىرىلاپ ئوقۇغان. كېيىنكىلەرنىڭ بايانىچە ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ فەقىھ، غازى، شەھىد، مەرىپەتپەرۋەر ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام، شەيخ مەھمۇد ئاخۇن داموللام قىزىلبويى، ئابدۇللاھ ئاخۇن داموللام، ھىجرىيە 1367 – يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ۋاپات بولغان شەيخ، ئەللامە ھاشىم ئاخۇن داموللام قاتارلىق پەزىلەتلىك ئىلىم ساھىبلىرىدىن ئىلىم ئالغان. ئۇ ئوقۇغان دەرسلەر مورفولوگىيە، گىرامماتىكا، نۇتۇق، ئستىلىستىكا، ئەرەب ئەدەبىياتى، فارس ئەدەبىياتى، ھەر خىل پەنلەرگە ئائىت قائىدە – پىرىنسىپلار، تەفسىر، ھەدىس قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان ۋاقىتلىرىدىن سىرت دىنىي ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرى ۋە ئۇستازلىرىدا توپتوغرا ئالتە يىل ئوقۇغان. ئوقۇش جەريانىدا ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش تەلىپىنى قاندۇرۇش ۋە تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ناۋايخانىدا دادىسىغا ياردەملەشكەن. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ خېلى بالدۇرلا قەشقەر شەھرىدىكى بىر خۇسۇسىي ئوقۇتۇش ئورنىدا بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەت دەرس بەرگەن ئىكەن. ئۇ ھىجرىيە 1341 – يىلى دىنىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەن. ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىلا شەھەردىكى مەلۇم بىر ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش ئورنىدا نازارەتچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. ھىجرىيە 1342 – يىلى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كاتىبلىقغا ۋە تەپتىش ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتى چىقارغان قارارلارنى تەكشۈرۈپ، شۇ ۋاقىتتىكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا سۇنىدىغان ھوقۇققا ئىگە بولغان كومىتېت سىكىرتارلىق ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن تەپتىش ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1360 – يىلىغىچە ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىلىم – مەرىپەت ساھەسىدە خىزمەت قىلغان. 1360 – يىلىدىن 1372 – يىلى سالامەتلىكى يار بەرمەسلىك تۈپەيلى ئىستېپا بەرگۈچە قەشقەر شەھرىدە «ئۇيغۇر خەلق ئىتتىپاقى»نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆيىدە تۇرۇپ، ئاندىن ناۋايلىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەمما، بالىچاقىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولغاچقا يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقتىن ناۋايلىقنى تاشلاپ تاكى 1379 – يىلىغىچە شەخسىي كۇتۇبخانىسىغا بېكىنىپ ئولتۇرغان. بۇ كۇتۇبخانىدىكى كىتابلار شۇ ۋاقىتتىكى مەلۇم ئەھۋاللار سەۋەبلىك چېچىلىپ كەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ دىنىي كىتابلار توغرىسىدىكى مۇتالىئەلىرى ۋە پىكرىي مۇلاھىزىلىرىنى ئۈزۈپ قويمىغان. ئۇ ئەدەب – ئەخلاق بابىدا ياخشى ئۈلگە ئىدى. كۆپچىلىك ئۇنى ئۇنىڭ جەمئىيەتكە قىلغان خىزمىتى، ئىلىم – مەرىپەت ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى، دىنىي مەجبۇرىيەت ياكى مىللىي بۇرچ ۋە ياكى ئۆز قەۋمى ۋە خەلقىگە خىزمەت قىلىش دەپ قارىغان ئىشلارنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىشتىكى ھارماس – تالماس چىدامچانلىقى، قىلغان ئىشلىرى، دېگەن سۆزلىرىدىكى سەمىمىيلىكى، ئىشەنچلىكلىكى ئىش – پائالىيەتلەردىكى ئاكتىپلىقى، تەجرىبىسىنڭ مول، ئەقىل – ئىدراكىنىڭ ساپ ۋە ئۆتكۈرلۈكى، كەمتەرلىكى، كۆرۈنۈشىنىڭ يېقىملىق، كىيىم – كىچىكىنىڭ رەتلىك، قىياپىتىنىڭ سالاپەتلىكلىكى، چېھرىدىن خۇش – تەبەسسۇم كەتمەيدىغان، گەپ – سۆز ۋە مۇئامىلىلىرىدە سېلىق – سىپايە ۋە كەسكىن، ناتىق ئىكەنلىكى، قايىل قىلارلىق، دەلىل – پاكىتلىق سۆزلەيدىغانلىقى سەۋەبلىك ھۆرمەت قىلاتتى.

ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىشىنى، ئۇنىڭغا مول مۇكاپاتلارنى ئاتا قىلىشىنى، ئارىمىزدا ئۇنىڭدەك پەزىلەتلىك كىشىلىرىمىزنى كۆپەيتىپ بېرىشىنى تىلەيمىز.

ئاللاھ تائالا ئۇنىا 1404 – يىلى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلدى. ئۇ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغىچە بالىچاقىلىرى بىلەن پېقىرنىڭ ئاددىي تۇرالغۇسىغا جايلاشقان ئىدى. ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنى يۇرتىغا ساق – سالامەت بېرىۋېلىشقا نېسىپ قىلدى. 1405 – يىلى رامازاننىڭ ئالتىنچى كۈنى قەشقەردە بالىچاقىلىرى يېنىدا ۋاپات تاپتى.

رەھمەتلىك داموللا ھاجىمغا ئاللاھ رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (26) رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە/ رسالة منشور الولاية

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە فى ئىسباتىز زىكرى بىل جەھرى بىددەلائىلىن نەقلىييە ۋەلئەقلىييە ئەلمۇفىيدە…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

2 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ئاي ago