شەيخ ئەبۇبەكرى ئاخۇن خەلپىتىم كاشغەرىي

(ھ. 1311– 1374/ م. 1893 – 1954)

شەيخنىڭ ئىسمى ئەبۇبەكرى ھافىز موللا بولۇپ، ھىجرىيە 1311 – يىلى قەشقەر شەھرىگە قاراشلىق خانئېرىق دېگەن يۇرتتا تۇغۇلغان. قەشقەر شەھرىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، شۇ يەردە ئوقۇغان. شەيخنىڭ دادىسى قەشقەر شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئەخلاق – پەزىلەتلىك، ئىلىم سۆيەر كىشى بولۇپ، شۇ يەردە قوي سودىسى قىلاتتى.

ئەبۇبەكرى ئائىلىدىكى سەككىز پەرزەنت ئىچىدىكى يالغۇز ئوغۇل بولۇپ، بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدى. دادىسى ئۇنى كىچىكىدىنلا ناھايىتى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇنى «قۇرئان» يادىلىتىش ئۈچۈن قارىيخانىغا ئەكىلىپ بەرگەنىدى. كېيىنچە ئۇ «قۇرئان»نى تولۇق يادىلاپ بولمايلا شەرىئەت ئىلىملىرىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن ۋە ھىجرىيىنىڭ 1336 – يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ قەشقەر شەھرىنىڭ شەرقىدىكى قەدىمىي مەھەللە توقامدىكى بىر مەدرىسەگە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلەنگەن. كېيىنچە ئىمام – خاتىبلىق ۋە مەھكىمە شەرئىييەدە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى قىلغان.

ئۇ دائىم يېمەك – ئىچمەك، خەلق تۇرمۇشىغا لازىملىق ماللار بازىرىنى ئايلىنىپ پۇقرالار ئۈچۈن، شەرىئەت ۋە ئىلىم مەرىپەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلاتتى.

شەيخ ئەبۇبەكرى ئاخۇن خەلپىتىم ھىجرىيە 1374 – يىلى قەشقەردە ۋاپات بولۇپ، شۇيەرگە دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتتىن قىلغاي! ئامىن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago