ئىستىغفارنى قانداق ئېيتىش توغرىسىدا
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ تائالا «ئىستىغپار ئېيتىڭلار» دەپتۇ. قانداق ئېيتىمىز؟ ئىستىغپار ئېيتىپ قالساق مېڭىپ يۈرۈپ ئېيتساقمۇ، دىققىتىمىزنى يىغماي ئاغزىمىزدىلا ئېيتساقمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئىستىغپار ئېيتىشقا بۇيرۇغان ۋە ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر. ئىستىغپار ئېيتىشتىن قولغا كېلىدىغان پايدىلارنىڭمۇ چېكى يوقتۇر. مەسىلەن، نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى مەغپىرەت تىلەشكە مۇنداق بۇيرۇغان: ﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (مەغپىرەت تىلىسەڭلار) سىلەرگە مول يامغۇرلۇق بۇلۇت ئەۋەتىدۇ. سىلەرگە ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ﴾(71/«نۇھ»: 10 – 12).
ھەسەن بەسرىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھ قۇرغاقچىلىقتىن دەرد ئېيتىپ كەلگەن بىر كىشىگە: «ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگىن» دېگەن. يەنە بىر كىشى كېلىپ ئۇنىڭغا يوقسۇللۇقتىن دەرد ئېيتقاندا، ئۇنىڭغىمۇ: «ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگىن» دېگەن. يەنە بىر كىشى كېلىپ ئۇنىڭغا: «ماڭا پەرزەنت ئاتا قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ قويسىلا» دېگەندە، ئۇنىڭغىمۇ: «ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگىن» دېگەن. ئۇنىڭدىن بۇ تۈرلۈك دەردمەنلەر ئۈچۈن ئوخشاش جاۋاب بېرىشىنىڭ سەۋەبى سورالغاندا، ئۇ: «مەن بۇنى يېنىمدىن دەۋالمىدىم. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا بايان قىلغان نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە دېگەن سۆزىگە ئاساسلاندىم» دەپ جاۋاب بەرگەن(1).
ئىستىغپار ئېيتىش (الاِسْتِغْفَارُ) «ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەش» دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى دېگەن بەندىنى ئازابتىن ساقلاپ قېلىشىدىن ئىبارەت. مەغپىرەت تىلەشتە نىيەت بىلەن تەۋبە ئەڭ مۇھىم ئاساس، مەغپىرەت تىلەش دېگەن سۆزى ۋە ئىش – ھەرىكىتى بىلەن بولىدۇ. ئەندەلۇسلۇق مۇفەسسىر ئىبنى ئەتىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھ يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەفسىرىدە: «ھەسەن بەسرىي كۆرسەتكەن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش مېنىڭ قارىشىمدا ‹ئەستەغفىرۇللاھ› دېگەن مەغپىرەت تىلەش سۆزىلا ئەمەس، بەلكى گەپ – سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتتە راستچىل ۋە سەمىمىي بولۇشتۇر» دېگەن(2).
ئىستىغپار ئېيتىشتا نىيەت بىلەن تەۋبىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى سۈپەتلىگەن يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق بايان قىلغان: ﴿ئۇلار يەنە بىرەر يامان ئىش قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن تېزدىن مەغپىرەت تىلەيدىغان، — گۇناھنى ئاللاھتىن باشقا كىم كەچۈرۈۋېتەر؟ — گۇناھلىرىدا بىلىپ تۇرۇپ چىڭ تۇرۇۋالمىغانلاردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 135).
يەنى تىلى بىلەن ئىستىغپار ئېيتىپ، دىلى بىلەن پۇشايمان قىلىپ، ئۇندىن كېيىن ئۇ گۇناھنى قىلمىغانلار دېمەكچى. «گۇناھىغا دىلىدا پۇشايمان قىلماستىن تىلىنىڭ ئۇچىدا ئىستىغپار ئېيتىش كاززاپلارنىڭ تەۋبىسى» دەيدىغان گەپمۇ بار. ھەسەن بەسرىيدىن: «بىزنىڭ ئىستىغپارلىرىمىز نۇرغۇن ئىستىغپارغا موھتاج» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنغان(3).
ئىستىغپار ئېيتىشتا تىل بىلەن دىلنىڭ ماسلىشىشى، تەۋبىنىڭ مۇھىملىقى مۇنۇ ھەدىستىمۇ تەكىتلەنگەن: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن چوقۇم كۈنىگە يەتمىش قېتىمدىن ئارتۇق ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن ھەم ئاللاھقا تەۋبە قىلىمەن› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان»(4).
تىل بىلەن ئىستىغپار ئېيتىشتا «ئەستەغفىرۇللاھ» دېسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدا ياكى باشقا تىلدا «مەغپىرەت تىلەيمەن»، «مەغپىرەت قىلغىن»، «ئەپۇ قىلغىن» دېگەنگە ئوخشاش مەغپىرەت تىلەشنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بىلەن دېسىمۇ بولىدۇ. سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن ئۈچ قېتىم مەغپىرەت تىلەيتتى. بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بىرى بۇ ھەدىسنى ئۆگەتكەن ئۇستازى ئىمام ئەۋزائىيدىن:
— مەغپىرەت تىلەش قانداق بولىدۇ؟ — دەپ سورىغىنىدا، ئۇ:
— ئەستەغفىرۇللاھ، ئەستەغفىرۇللاھ دەيسەن، — دېگەن(5).
ئىستىغپارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇنۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگەن: «مۇنداق دېيىشىڭ ئىستىغپارنىڭ غوجىسىدۇر: اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي، لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ، وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَيَّ وَأَبُوءُ لَكَ بِذَنْبِي، اغْفِرْ لِي، فَإِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ أَنْتَ / ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىمسەن، سەندىن ئۆزگە ھەق ئىلاھ يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، مەن ساڭا بەرگەن ئەھدەم بىلەن ۋەدەمدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە چىڭ تۇرماقتىمەن، قىلمىشلىرىمنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، ماڭا بەرگەن نېئمەتلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھلىرىمنى ئىقرار قىلىمەن. مېنى مەغپىرەت قىلغىن، چۈنكى گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن». رەسۇلۇللاھ يەنە دېگەنكى: «كىمكى ئۇنى كۈندۈزى چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئوقۇپ، ئاندىن شۇ كۈنى كەچ كىرگۈچە ئۆلسە، ئۇ جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ، كىمكى ئۇنى كېچىسى چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئوقۇپ، تاڭ ئاتقۇزغۇچە ئۆلسە، ئۇ جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ»(6).
مەغپىرەت تىلىگەندە دىققىتىنى يىغىپ، ئاللاھتىن ئۈمىد قىلغان ھالەتتە تىلەش لازىم. بەزىدە دىققىتىنى يىغماي ئاغزىدىلا ئىستىغپار ئېيتسا، ئېيتىۋاتقان ئىستىغپارغا زىت كېلىدىغان بىر گۇناھ ئۈستىدە بولمىسىلا ياكى پۇشايمان قىلىش – قىلماسلىقتىن كۆڭلى خالىي بولسا، تىلىكى ئىجابەت بولمىغان تەقدىردىمۇ، زىيىنى يوق. بەلكى زىكىر قىلىش بولغانلىق جەھەتتىن ساۋابلىق تائەت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، بىرەر گۇناھ قىلغان ۋە دىلىدا بۇ گۇناھتىن پۇشايمان قىلماي تۇرۇپ، شۇ گۇناھ توغرىسىدا ئىستىغپار ئېيتسا، تىلى دىلىغا زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك كاززاپلار دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ئىمام غەززالىي ئېيتىدۇ: «تىلىدىلا ئىستىغپار ئېيتىشمۇ ياخشى، چۈنكى تىلنىڭ غەپلەتتە بولسىمۇ ئىستىغپار ئېيتىپ مىدىرلىشى تىلنىڭ شۇ سائەتتە بىر مۇسۇلماننىڭ غەيۋىتى ياكى بىھۇدە گەپ – سۆز بىلەن مىدىرلىغىنىدىن ياخشىراق، بەلكى ئۇ بۇ مەئسىيەتلەرگە ئارىلاشماي جىم تۇرغاندىنمۇ ياخشىراق. دېمەك، جىم تۇرۇشقا نىسبەتەن ئۇنىڭ پەزىلىتى بار، لېكىن دىلنىڭ ئەمەلى ئۇنىڭغا قېتىلمىغانلىق جەھەتتىن كەمتۈك بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بەزىلەر: ‹مېنىڭ تىلىم بەزى چاغلاردا زىكىر تىلاۋەت قىلىدۇ – يۇ، دىلىم غاپىل قالىدۇ› دەپ ئۇستازى ئەبۇ ئوسمان ئەلمەغرىبىي ھەزرەتلىرىدىن بۇ توغرىدا كۆرسەتمە سورىغاندا، ئۇ: ‹سەن بىرەر ئەزايىڭنى ياخشى ئىشقا ۋە زىكىرگە ئادەتلىنىشكە، ئۇنى يامانلىققا ۋە بىھۇدە سۆزلەرگە ئىشلەتمەسلىككە نېسىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن› دېگەن. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ دېگىنى ھەقتۇر، چۈنكى بەدەن ئەزالىرىنىڭ ياخشى ئىشقا ئادەتلىنىپ ياخشى ئىشنىڭ بۇ ئەزالارنىڭ تەبىئىتىدەك بولۇپ كېتىشى نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى توسۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، تىلى ئىستىغپار ئېيتىشقا ئادەتلەنگەن كىشى بىرەر كىشىدىن بىر يالغان گەپنى ئاڭلىسا، ئادەتلەنگىنى بويىچە ‹ئەستەغفىرۇللاھ› دەپ سالىدۇ. بۇ تىلنىڭ ياخشى سۆزگە ئادەتلەنگەنلىكىدىن بولغان»(7).
ئىستىغپار دۇئا بولۇپ، بۇ دۇئا ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىق جەھەتتىن زىكىرنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېيتىدۇ: «كىشىلەر زىكىر قىلىشتا تۆت دەرىجىدە بولىدۇ:
1) دىل بىلەنمۇ، تىل بىلەنمۇ زىكىر قىلىش؛ بۇيرۇلغىنىمۇ شۇدۇر.
2) دىل بىلەنلا زىكىر قىلىش؛ ئەگەر تىلى ئاجىز بولسا بۇمۇ ياخشى. تىلى ئاجىز بولمىسا ئەۋزەلنى تەرك قىلغان بولىدۇ.
3) تىل بىلەنلا زىكىر قىلىش؛ بۇ تىلىنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن نەملىنىپ تۇرۇشى بولۇپ، بۇ ھەقتە پەرىشتىلەر ‹ئاللاھنى تىلى بىلەن زىكىر قىلىشتىن باشقا ياخشىلىقىنى كۆرمىگەن بىر كىشىنىڭ ۋەقەلىكى› نى ھېكايە قىلىشقان. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ھەققىدە : ‹مەن بەندەم مېنى زىكىر قىلىپ، كالپۇكلىرى مېنى تىلغا ئېلىپ مىدىرلاپلا تۇرىدىكەن، مەن ئۇ بەندەم بىلەن بولىمەن› دېگەن.
4) ھەر ئىككىسىدە زىكىر قىلماسلىق. بۇ زىيان تارتقۇچىلارنىڭ ھالىدۇر»(8).
ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «زىكىر گاھىدا تىل بىلەنلا بولىدۇ. بۇنىڭغا زىكىر قىلغۇچىغا ئەجىر بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى كۆڭلىگە ئەكىلىپ تۇرۇشى شەرت قىلىنمايدۇ. لېكىن، باشقا بىر مەزمۇننى مەقسەت قىلمىسىلا بولدى. تىل بىلەن قىلغان زىكىرگە دىلمۇ قېتىلسا، بۇ مۇكەممەل بولىدۇ. ئۇنىڭغا زىكىرنىڭ مەزمۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئۇنى بارلىق نۇقسانلاردىن پاكلاش قاتارلىقلارنى كۆڭلىگە ئەكىلىشمۇ قوشۇلسا، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ»(9).
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1439، 28 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2018، 15 – يانۋار
1. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 15 – ج، 81 – بەت.
2. ئىبنى ئەتىييە: «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 6 – ج، 425 – بەت.
3. ئەبۇللەيس ئەسسەمەرقەندىي: «بەھرۇلئۇلۇم»، 1 – ج، 283 – بەت.
4. بۇخارىي (6307).
5. مۇسلىم (591).
6. بۇخارىي (6306).
7. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 4 – ج، 48 – بەت. قىسقارتىپ ئېلىندى.
8. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 10 – ج، 566 – بەت.
9. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 11 – ج، 209 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…