قۇربان ھېيتتا قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار قايسى؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مۇبارەك قۇربان ھېيتتا مۇسۇلمان كىشى قىلىشى كېرەك بولغان مۇھىم ئىشلار قايسى، نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كۈچلۈك قاراشتا ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى ۋاجىبتۇر.

«ھېيت (عيد)» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، قايتا ۋە تەكرار كېلىشنى بىلدۈرىدۇ. ھېيتمۇ ھەر يىلى بىر قېتىم كېلىپ شادلىق، خۇشاللىق تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ. ھەربىر مىللەتنىڭ مەلۇم مۇناسىۋەتلەردە تەبرىكلەيدىغان ھېيت – ئايەملىرى بولىدۇ. بۇ بارلىق ئىنسانلار جەمئىيەتلىرىدە بار ئەنئەنە، چۈنكى ئىنسان تەبىئىتى مەلۇم مۇناسىۋەتلىك كۈنلەردە توپلىشىپ خۇشال – خۇرام ۋاقىت كەچۈرۈشنى ياقتۇرىدۇ. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان ئىككى ھېيتى روزا ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەتتۇر. مۇسۇلمانلار بۇ ھېيتلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشى، روھىنى ھېس قىلىشى، بۇ مۇناسىۋەتنى پۇرسەت بىلىپ توغرا پايدىلىنىشى كېرەك، چۈنكى بۇ دىنىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇسۇلمانلار تەنتەنە قىلىدىغان ئالاھىدە مۇراسىمدۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت – ئايەملىرى يىللىق دەم ئېلىش مۇناسىۋىتىلا بولماستىن، بەلكى شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان شادلىق ۋە خەير – ساخاۋەت، بەرىكەت ۋە ئىبادەت مۇراسىمىدۇر. روزا ھېيت ئىسلامنىڭ رۇكنىلىرىدىن بىرى بولغان روزا تۇتۇشقا چېتىشلىق بولسا، قۇربان ھېيت ئىسلامنىڭ باشقا بىر رۇكنى بولمىش ھەج ئىبادىتىگە، قۇربانلىق قىلىش، زىكىر ۋە سەدىقە قىلىش قاتارلىق پەزىلەتلىك ئەمەل – ئىبادەتلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتتە مۇسۇلمان كىشى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك خەيرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا تىرىشىدۇ.

بىز تۆۋەندە بۇ ئۇلۇغ ئايەمگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى:

1) مۇسۇلمانلار ھېيت – ئايەملىرىدە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئەبۇبەكرﻯ! ھەﺭقاندﺍﻕ بىر قەﯞمنىڭ ھېيت ئەييامى بولىدﯗ، بۇ بولسا بىزنىڭ ھېيتىمىزﺩﯗﺭ» دېگەن(1).

بۇنىڭغا ئاساسەن، مۇسۇلمانلار ھېيت – ئايەم ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە باشقا يات مىللەتلەردىن پەرقلىق ۋە ئالاھىدە بولۇشى، كىيىنىش، ياسىنىش، يېمەك – ئىچمەك ۋە تەنتەنە قاتارلىق بارچە جەھەتلەردە يات مىللەتلەرنىڭ ھېيت – بايراملىرىنى تەبرىكلىمەسلىكى ۋە ئۇلارغا قېتىلماسلىقى كېرەك. ھەتتا كىچىك بالىلارنىمۇ يات مىللەتلەرنىڭ ھېيتلىرىغا قاتناشتۇرماسلىق كېرەك.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندە، مەدىنەلىكلەرنىڭ ئويۇن – تاماشا قىلىدىغان ئىككى بايرام كۈنى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقنى ئالماشتۇرۇپ بەردى: روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيت كۈنى» دېگەن.

ئىبنى ھەجەر: «سەنەدى سەھىھ بۇ ھەدىستىن مۇشرىكلەرنىڭ بايراملىرىدا خۇشاللىق ئىزھار قىلىشنىڭ ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشنىڭ مەكرۇھلۇقى يەكۈنلەنگەن» دېگەن(2).

مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇشۇ ئىككى ھېيتقا ئوخشىغان مۇناسىۋەتلەردە ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى، ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ھەمدە بۇ مۇراسىملار مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

2) ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇش ھارام

چۈنكى، بۇ روزىدىن ئېغىز ئاچىدىغان، بوغۇزلانغان قۇربانلىق مالدىن يەيدىغان قۇربان ھېيت كۈنلىرىدۇر.

ھەكىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن «ھەر كۈنى روزا تۇتىمەن» دەپ نەزر قىلىۋالغان ۋە ئۇ كۈنلەرگە قۇربان ھېيت ياكى روزا ھېيت ئۇدۇل كېلىپ قالغان بىر كىشى توغرۇلۇق سورالغاندا، ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «﴿سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ياخشى ئۈلگىدۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 21). ئۇ زات قۇربان ھېيت ياكى روزا ھېيت كۈنى روزا تۇتمايتتى، ئۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشنى دۇرۇس دەپمۇ قارىمايتتى»(3).

ئەبۇ ئۇبەيد رىۋايەت قىلىدۇكى: «مەن (قۇربان) ھېيتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە ئىدىم. ئۇ: ‹شۇ ئىككى كۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن كۈنلەردۇر: بىرى، روزاڭلاردىن ئېغىز ئاچقان (روزا ھېيت) كۈنى، يەنە بىرى، قۇربانلىقىڭلاردىن يەيدىغان (قۇربان ھېيت) كۈنى› دېدى»(4).

ئىبنى ھەجەر دەيدۇ: «بۇ ھەدىستىكى ئۇشبۇ ئىككى كۈننى سۈپەتلەش بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتماي ئېغىز ئېچىشنىڭ ۋاجىبلىقىنىڭ ئىللىتى (ھۆكۈم چىقىرىشتا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈپىتى) گە ئىشارەدۇر. ئۇ بولسىمۇ: روزا ھېيتتا روزا تۇتۇشنى تاماملاپ، رامازان روزىسىنى ئۇندىن كېيىنكى روزىدىن ئايرىش، قۇربان ھېيتتا بولسا قۇربانلىق قىلىپ بوغۇزلانغان مالدىن يەپ پايدىلىنىشتۇر، چۈنكى ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش يولغا قويۇلسا ئىدى، ئۇ كۈندە قۇربانلىق قىلىش پايدىسىز بولاتتى»(5).

يەنە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ھېيت كۈنى بىلەن قۇربان ھېيت كۈنى روزا تۇتۇشتىن توسقان(6).

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بارلىق ئالىملار بۇ ئىككى كۈندە ھەرقانداق ئەھۋالدىن قەتئىينەزەر نەزر، نەپلە، كەففارەت ياكى باشقا تۈرلۈك روزىنى تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقىدا بىردەك ئىتتىپاققا كېلىپ ئىجماﺋ قىلغاندۇر»(7).

3) ھېيت نامىزىنى ئوقۇش

ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە ﺑﻮﻏﯘﺯلىغىن﴾(108«كەۋسەر»: 2) دەپ بۇيرۇغان. شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ساۋاب ۋە بەرىكەتكە نائىل بولۇشى كېرەك. ھېيت نامىزىنى ئوقۇيالمىغان كىشى ئۇنى كېيىن قازا قىلىدۇ. ئاياللارمۇ چىقىپ ھېيت نامىزىغا قاتناشسا سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنىمۇ ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇغان. ھەتتا كىيىمى يوقلارنى باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىپ كىيىپ چىقىشقا، ھەيزدارلارنىڭمۇ چىقىپ نېرىراق تۇرۇپ نامازنى كۆرۈشكە ۋە خۇتبە ئاڭلاشقا بۇيرۇغان. بۇمۇ بۇ نامازنىڭ ۋاجىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھەفسە بىنتى سىرىن دەيدۇ: «ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺵ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ توساتتۇق. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﻧﻰ ﺧﻪﻟﻪﻓﻨﯩﯔ ﻗﻪﺳﺮﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ئايالنى يوقلاپ باردىم، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ يېزنەسىنىڭ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻏﺎﺯﺍﺗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، قىز قېرىندىشىنىڭمۇ يولدىشى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻏﺎﺯﺍﺗﺘﺎ (پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺑﯩﻠﻠﻪ جەڭ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ﮪﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ئېيتىپ بەرگەن:

‹بىز بىمارلارغا قارايتتۇق، ياﺭىدﺍﺭﻻﺭنى ﺩﺍﯞﺍﻻيتتۇﻕ. مەﻥ ﺭﻩسۇلۇللاھتىن:

— يا ﺭﻩسۇلەللاھ! بىرﻩﺭىمىزنىڭ پۈﺭكەنجىسى بولمىسا (ھېيت ناماﺯلىرىغا) چىقمىسىمۇ بوﻻمدﯗ؟ — ﺩﻩﭖ سوﺭىغانىدىم، ﺭﻩسۇلۇللاھ:

— ﺩﻭستى ئۇنىڭغا پۈﺭكەنجىلىرىدىن كىيدۈﺭۈﭖ قويسۇﻥ، ئۇمۇ ياخشى سوﺭﯗنلاﺭغا ﯞﻩ مۇسۇلمانلاﺭنىڭ ﺩﯗئالىرىغا قاتناشسۇﻥ، — ﺩېدﻯ›».

ﮪﻪﻓﺴﻪ ئېيتىدۇ: «ﺋﯘﻣﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﻴﻴﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ:

— سىز ﺭﻩسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەمدىن مۇشۇنداق ھەﺩىسنى ئاڭلىغانمۇ؟ — ﺩﻩﭖ سوﺭىغانىدىم، ئۇممۇ ئەتىييە:

— ھەئە، ئاتاﻡ پىدﺍ بولسۇﻥ، – ئۇممۇ ئەتىييە قاچانكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەمنى تىلغا ئالسا ‹ئاتاﻡ پىدﺍ بولسۇﻥ› ﺩﻩﭖ قوياتتى – مەﻥ ئۇ زاتنىڭ: ‹تالا – تۈزگە چىقمايدىغان بويىغا يەتكەﻥ قىز – چوكانلاﺭ ﯞﻩ ھەيزﺩﺍﺭﻻﺭ چىقىپ، ياخشى سوﺭﯗنلاﺭغا، مۇئمىنلەﺭنىڭ ﺩﯗئالىرىغا قاتناشسۇﻥ، ھەيزﺩﺍﺭﻻﺭ ناماﺯ ئوقۇيدىغاﻥ جايدىن ئايرىلىپ تۇﺭسۇﻥ› ﺩېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمەن، — ﺩېدﻯ. مەﻥ:

— ھەيزﺩﺍﺭﻻﺭمۇ چىقامدﯗ؟ — ﺩېگەنىدىم، ئۇممۇ ئەتىييە ﺭﻩﺯىيەللاھۇ ئەنھا:

— ھەيزﺩﺍﺭﻻﺭ ئەﺭافاتقا، مۇندﺍﻕ – مۇندﺍﻕ يەﺭلەﺭگە چىقىدىغۇ؟! — ﺩېدﻯ»(8).

ھېيت نامىزىنى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە ئوقۇيدۇ. ئەڭ كېچككەندە كۈن تىكلەشكىچە ئوقۇسا بولىدۇ. ھېيت نامىزى ئىككى رەكئەت بولىدۇ، نامازدىن كېيىن خۇتبە ئوقۇلىدۇ. خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا ئالدىراش ئىشى بارلار قايتىپ كەتسە بولىدۇ. ھەدىستە بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنغان.

4) يۇيۇنۇش

بارلىق ئالىملار ھېيت نامىزىغا يۇيۇنۇشنى مۇستەھەب، دەپ قارىغان.

5) روزا ھېيتتا ناشتا قىلىۋېتىپ نامازغا مېڭىش، قۇربان ھېيتتا ناشتا قىلماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ ئاندىن قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بىلەن ناشتا قىلىش مۇستەھەب

«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ھېيت كۈنى ناشتا قىلماي نامازغا ماڭمايتتى، قۇربان ھېيت كۈنى نامازدىن قايتمىغۇچە ناشتا قىلمايتتى»(9).

ئىمام ئەھمەد: «نامازدىن قايتىپ قۇربانلىق قويىنىڭ گۆشىدىن يەيتتى» دەپ رىۋايەت قىلغان(10). يەنە بىر رىۋايەتتە: «نامازدىن قايتقىنىدا قۇربانلىقىنىڭ جىگىرىدىن يەيتتى» دەپ كەلگەن(11).

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش چەكلەنگەن بولغاچقا، بۇنى تەكىتلەش ئۈچۈن ناشتا قىلىۋېتىش كېرەك.

6) ھېيت كۈنىدە تەكبىر ئېيتىش

بۇ قۇربان ھېيتتىكى مۇھىم سۈننەتلەردىن بىرى. بۇ تەكبىر ئۈنلۈك ئېيتىلىدۇ. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت: ئىسلام ئىبادەتلىرىنى جاكارلاش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غاپىللارنى ئويغىتىشتۇر. جانابى ئاللاھ: ﴿مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن﴾(22/«ھەج»: 28) دېگەن.

قۇربان ھېيت كۈنىمۇ مۇشۇ مەلۇم كۈنلەرنىڭ بىرىدۇر.

ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ ﻣﯩﻨﺎﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﺪﯨﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺗﯩﻜﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ئېيتىشقا باشلايتتى، ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﻣﯩﻨﺎ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ ﻣﯩﻨﺎﺩﺍ تۇرغان مۇددەت ئىچىدە ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ تۆشىكىدە ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، خاھى ﭼﯧﺪﯨﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، خاھى ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ياكى ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ھەممىسىدە ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻳﻤﯘﻧﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ (ﮪﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ) ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻪﺷﺮﯨﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺗﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ (مەدىنە ئەمىرى) ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ﺋﻪﺑﺎﻥ (ھ. 20 – 105 / م. 641 – 723، 695 – 702 – يىللار مەدىنە ۋالىيسى) ﯞﻩ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ (ھ. 61 – 101 / م. 680 – 720، 706 – 712 ئارىسى مەدىنە مەركەزلىك ھىجاز ۋالىيسى، 717 – 720 ئىسلام خەلىپەسى) ﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ(12).

ئىمام زۇھرىي: «كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگۈچە ۋە ئىمام نامازغا چىققۇچە تەكبىر ئېيتىشاتتى، ئىمام ناماز ئوقۇشقا چىقسا جىم بولۇشاتتى. تەكبىر ئېيتسا تەكبىر ئېيتىشاتتى» دېگەن(13).

تەكبىر مۇنداق ئېيتىلىدۇ: «ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر! لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر! ۋەلىللەھىلھەمد»(14).

ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھنىڭ قارىشىدا، ھارپا كۈنى (ئەرافات كۈنى) بامداتتىن كېيىن تەكبىر ئېيتىش باشلىنىپ، قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەسىردىن كېيىن ئاياغلاشتۇرىدۇ. يەنى 8 ناماز ئارقىدا تەكبىر ئېيتىدۇ.

ئىمامنىڭ ئىككى شاگىرتىدىن كەلگەن قاراشتا: «ھارپا كۈنى (ئەرافات كۈنى) بامداتتىن كېيىن تەكبىر ئېيتىش باشلىنىپ، قۇربان ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئەسىردىن كېيىن ئاياغلاشتۇرىدۇ. يەنى 23 ناماز ئارقىدا تەكبىر ئېيتىدۇ»(15).

7) ئۆزئارا تەبرىكلىشىش

«ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەبرىكلىشىش بۇ ھېيتتا قىلىنىدىغان مۇھىم پائالىيەتلەردىن بىرىدۇر. بۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى كۆپ. ئەسھابمۇ ھېيت كۈنى ئۇچراشقاندا ئۆزئارا تەبرىكلەشكەن(16).

يەنە بۇ كۈنلەردە سىلە – رەھىم قىلىنىدۇ، كىشىلەر ئۆزئارا ئاداۋەتلىرىنى يۇيۇپ سالاملىشىدۇ.

8) ھېيت كۈنىدە چىرايلىق كىيىنىش

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى ھېيت ۋە جۈمە كۈنىدە كىيىدىغان بىر تونى بار ئىدى(17).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ ھېيت كۈنىدە ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيەتتى(18).

شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىشى كېرەك. لېكىن، ئاياللار زىبۇزىننەت بىلەن ياسىنىپ، ئەتىر چېچىپ چىقسا بولمايدۇ، بەلكى تولۇق يۆگىنىپ گىرىم قىلماي چىقىشى، تار ۋە يېرىم يالىڭاچ كىيىم كىيمەسلىكى، ئەرلەرگە سۈركەلمەي يىراق تۇرۇشى كېرەك.

9) ھېيت نامىزىغا بىر يولدىن بېرىپ باشقا يولدىن قايتىش

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ ھېيت نامىزىدىن قايتقاندﺍ (بارغان يولدىن) باشقا يول بىلەن قايتاتتى» ﺩﯦﮕﻪن(19).

«بۇ ھەدىستىن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان جايغا باشقا – باشقا يولدىن بېرىپ – كېلىشنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار شۇنداق قارايدۇ. بۇنىڭدا ھېكمەت كۆپتۇر. مەسىلەن، يوللار ۋە يوللاردىكى پەرىشتىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى، ئىسلام پائالىيەتلىرىنى نامايان قىلىش، ئاللاھنىڭ زىكرىنى كۆرسىتىش قاتارلىقلار. بۇنىڭ ھېكمىتى بىلىنمىگەن تەقدىردىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىش لازىم»(20).

10) سەدىقە بېرىشكە بۇيرۇش

ئىبنى ئابباﺱ ﺭﻩﺯىيەللاھۇ ئەنھۇما: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ سۆﺯﯛمنى ئاياللاﺭ ئاڭلىيالمىدىمىكىن ﺩﻩﭖ، بىلاﻝ بىلەﻥ ئەﺭلەﺭ سېپىدىن چىقىپ ئاياللاﺭ تەﺭﻩپكە كېلىپ ئۇﻻﺭغا سۆﺯ قىلىپ، ئۇﻻﺭنى سەﺩىقە قىلىشقا بۇيرﯗﯞىدﻯ، ئاياللاﺭ ھالقا ﯞﻩ ئۈﺯﯛكلىرىنى تاشلاشقا باشلىدى، بىلاﻝ بولسا ئېتىكىنى تۇتۇﭖ يىغىشقا باشلىدى» ﺩېگەن(21).

ئىمام نەۋەۋىي: «بۇ ھەدىستىن ئاياللارغا ۋەز – نەسىھەت قىلىش، ئۇلارغا ئاخىرەتنى، ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئەسلىتىش ۋە ئۇلارنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ» دەيدۇ(22).

ئەلۋەتتە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرلەر جامائىتىگىمۇ سەدىقە توغرىسىدا ۋەز – نەسىھەت قىلغان بولۇشى كېرەك. ھېيت – ئايەم دېگەن شادلىق، خۇشاللىق كۈنى بولغاچقا، يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىپ ئۇلارنىمۇ خۇش قىلغاندىلا ئاندىن ئىنساننىڭ خۇشاللىقى مۇكەممەللىشىدۇ، قىلغان خەير – ئېھسانى سەۋەبىدىن ۋىجدانى راھەتلەپ قالىدۇ.

11) ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى – كېيىن نەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ ﺭﻭﺯا ھېيت نامىزىنى ئىككى ﺭﻩكئەتلا ئوقۇﭖ، ئۇنىڭ ئالدﻯ – كەينىدﻩ ھېچقاندﺍﻕ ناماﺯ ئوقۇمىغان(23).

بۇ ئەلۋەتتە، مەسجىدتە ئەمەس ئوچۇق مەيداندا ئوقۇسا شۇنداق، ئەمما ھېيت نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇغان ئەھۋالدا ئالدىدا ئىككى رەكئەت «تەھىييەتۇلمەسجىد» نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ.

12) قۇربانلىق قىلىش

قۇربانلىق قىلىش قۇدرىتى بارلارغا ۋاجىب، بەزىلەر: سۈننەت دەپمۇ قارىغان. قۇربانلىق قىلىشنى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا كەڭچىلىك قىلىپ نېئمەت قىلىپ بەرگەن ھەمدە بۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ قىلىنىپ كەلگەن سۈننەتتۇر. شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ۋە ھېيت – ئايەمنىڭ بىر شوئارى ۋە ئالامىتىدۇر. قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن تارتىپ ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئەسىرگىچە بولىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى قۇربانلىق كۈنىدىن كېيىنكى ئىككى كۈندۇر» دېگەن(24).

بەزى ئالىملار: «ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئەسىر نامىزىغىچە بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. لېكىن، ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بوغۇزلىسا قۇربانلىققا ھېساب بولمايدۇ.

قۇربانلىقنىڭ گۆشى ئۈچ ئۈلۈشكە بۆلۈنىدۇ، بىرى، ئۆزى ۋە ئۆيدىكىلىرىگە؛ يەنە بىرى، كەمبەغەللەرگە؛ يەنە بىر ئۈلۈشى ئۇرۇق – تۇغقان ۋە قوشنىلارغا بېرىلىدۇ.

بىر ئائىلىدە تۇرىدىغان ئاتا – ئانا ۋە كېلىن قاتارلىقلارغا بىر قوي كۇپايە قىلىدۇ. كالا ۋە تۆگە قۇربانلىق قىلسا، يەتتە كىشىگىچە شېرىكلىشىپ قىلسا بولىدۇ. قۇربانلىق قىلىدىغان قوي ئەيىب – نۇقسانلاردىن خالىي بولۇشى شەرت، چۈنكى بۇ ئاللاھقا تەقدىم قىلىنىدىغان ئىبادەت. شۇڭا، ئەڭ ساغلام، سېمىز ۋە چىرايلىق قوينى تاللايمىز.

ياش جەھەتتىن ئالتە ئاينى تولدۇرغان سېمىز قوي بولۇشى، سېمىز بولمىسا بىر يىلنى تولدۇرغان بولۇشى، ئۆچكە بىر يىلنى تولدۇرغان بولۇشى، كالا ئىككى يىلنى تولدۇرغان بولۇشى، تۆگە بەش يىلنى تولدۇرغان بولۇشى شەرت.

13) ھېيتتا ھالال ئويۇن – تاماشا بىلەن كۆڭۈل ئېچىشقا بولىدۇ

دىنىمىز ھېيتلارنى شاد – خۇراملىق كەيپىياتى بىلەن ئۆتكۈزۈشنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ شاد – خۇرام بولۇشى ھارام ئىشلارنى قىلىشقا باغلىق بولۇپ قالماسلىقى، ھالال دائىرىدە كۆڭلىنى ئاچالايدىغان، شادلىنىشى ئۈچۈن ھارامغا موھتاج بولمايدىغان، تائەت دائىرىسىدە ئويناپ، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ، دۇنيادىمۇ شاد، ئاخىرەتتىمۇ شاد بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. جانابى ئاللاھ دەيدۇ: ﴿ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا ئېرىشىدۇ﴾(13/«رەئد»: 29).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 6 – زۇلھەججە / م. 2011، 2 – نويابىر


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (952)؛ مۇسلىم (892).
2. ئەھمەد (12025)؛ ئەبۇ داۋۇد (1134)؛ نەسائىي (1556). ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2 – ج، 442 – بەت.
3. بۇخارىي (6705).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1990)؛ مۇسلىم (1137).
5. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4 – ج، 239 – بەت.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1991)؛ مۇسلىم (1138).
7. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 8 – ج، 15 – بەت.
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (980)؛ مۇسلىم (890).
9. تىرمىزىي (542). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
10. ئەھمەد (23034). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن. ئىبنۇلقەتتان «سەھىھ» دېگەن. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 2 – ج، 221 – بەت.
11. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (5956).
12. بۇخارىي «ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﯧﻴﺖ بۆلۈمى»، «مىناﺩﺍ تۇﺭﯗﯞﺍتقاﻥ كۈنلەﺭﺩﻩ ﯞﻩ ئەتىگەندﻩ ئەﺭافاتقا ماڭغاندﺍ تەكبىر ئېيتىش» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئىبنى ئەبىددۇنيا «ئىيدەين (ئىككى ھېيت)»دە سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
13. ئىبنى ئەبى شەيبە (5675). ئالبانىي («ئەلئىرۋاﺋ»، 3 – ج، 121 – بەت): «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
14. ئىبنى ئەبى شەيبە (5697). ئالبانىي («ئەلئىرۋاﺋ»، 3 – ج، 125 – بەت): «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
15. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1 – ج، 195 – بەت.
16. ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 2 – ج، 446 – بەت): «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
17. ئىبنى خۇزەيمە (1766).
18. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (5938). ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 2 – ج، 439 – بەت): «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
19. بۇخارىي (986).
20. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 6 – ج، 307 – بەت.
21. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (98)؛ مۇسلىم (884).
22. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 6 – ج، 172 – بەت.
23. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (964)؛ مۇسلىم (884).
24. مالىك (1035).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago