زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ۋە بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە تەپسىلىي جاۋاب بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

شەكسىزكى، بەزى ۋاقىتلارنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىن، بەزى جايلارنىڭ باشقا جايلاردىن، شۇنداقلا بەزى شەخسلەرنىڭ باشقا شەخسلەردىن ئەۋزەل بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، بىز بەزى ئاي – كۈنلەرنىڭ پەزىلىتى سەۋەبىدىن يىل بويى تىرىشىپ ئىبادەت قىلىپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان كاتتا ساۋابلارغا ئېرىشىمىز. مەسىلەن، رامازان ئېيى، قەدر كېچىسى، جۈمە كۈنى، رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى، تەشرىق كۈنلىرى(1)، زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ۋە سەھەر ۋاقتى دېگەندەك.

زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغان بولۇپ، جانابى ئاللاھ: ﴿سۈبھى بىلەن، ئون كېچە بىلەن قەسەمكى﴾(89/«فەجر»: 1، 2) دېگەن.

ھەزرىتى ئىبنى ئابباس، ئىبنى زۇبەير، مۇجاھىد ۋە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ كۆپلىگەن مۇفەسسىرلەر بۇ كېچىلەرنى «زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كېچىسى» دەپ تەفسىرلىگەن، ئىمام تەبەرىي: «تەفسىردە سۆزى ھۆججەت ھېسابلىنىدىغان مۇفەسسىرلەر مۇشۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن بولغاچقا، مۇشۇ توغرا تەفسىردۇر» دېگەن. ئىمام ئىبنى كەسىرمۇ: «مۇشۇنداق تەفسىر قىلىش توغرىدۇر» دېگەن(2).

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئون كۈننىڭ كېچىسى بىلەن قەسەم قىلىشى بۇ كۈنلەرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزلىنىڭ كاتتىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ:

— باشقا كۈنلەﺭﺩﻩ قىلىنغاﻥ ھەﺭقاندﺍﻕ ئىباﺩﻩﺕ ئۇشبۇ (ﺯﯗلھەججە ئېيىنىڭ ئاﯞﯞﺍلقى) ئون كۈندە قىلىنغاﻥ ئىباﺩﻩتتىن ئەﯞﺯﻩﻝ ئەمەستۇﺭ، — ﺩېگەندﻩ، ئەسھابلەر:

— جىھاﺩمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدﯗ؟ — ﺩېدى. ﺭﻩسۇلۇللاھ:

— جىھاﺩمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدﯗ، پەقەﺕ خەﯞﭖ – خەتەﺭگە قاﺭىماﻱ، جېنى بىلەﻥ، مېلى بىلەﻥ جىھاﺩقا ئاتلىنىپ، ئۆﺯىمۇ، مېلىمۇ قايتمىغاﻥ ئاﺩﻩمنىڭ ئەمىلىلا بۇنىڭدىن ئەۋزەلدۇر، — ﺩېدﻯ(3).

بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەر ئارقىلىق مۇجاھىدلارنىڭ ساۋابىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا مۇجاھىدلارغا بېرىلىدىغان ساۋاب قانچىلىكتۇ؟ بۇنى بىلسەك، بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى بىلگىلى بولىدۇ.

بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

— ماڭا جىھادقا باراۋەر كېلىدىغان بىر ئەمەلنى كۆرسىتىپ قويسىلا، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنداق ئەمەلنى تاپالمايمەن، — دەپ، ئاندىن يەنە:

— مۇھاجىد جىھادقا ئاتلانسا (قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) سەن مەسجىدىڭگە كىرىپ، بوشاشماي نامازدا تۇرۇپ، ئېغىز ئاچماي ئۇلاپ روزا تۇتالامسەن؟ — دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم:

— بۇنى كىممۇ قىلالىسۇن؟ — دېدى(4).

دېمەك، بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن.

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىلىنغان ئەمەللەرنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدىغانلىقى جەھەتتىن ئېيتقاندا، زۇلھەججەنىڭ ئون كۈنىدەك كۈن يوقتۇر. شۇڭا، ئۇ كۈنلەردە تەسبىھ، ھەمدۇسانا، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ) ۋە تەكبىرنى كۆپ ئېيتىڭلار» دېگەن(5).

يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە مۇبارەك ئەرافات كۈنى بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھ تائالا ئۆز دىنىنى تاماملاپ مۇكەممەللەشتۈرگەن، بۇ كۈندە تۇتقان روزا ئىككى يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھتىن ئەرافات كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىل بىلەن كەلگۈسى بىر يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتەر دەپ ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن([6]).^

يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلىش كۈنى (زۇلھەججەنىڭ 10 – كۈنى) بولۇپ، بۇ كۈندە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاتىغان قۇربانلىقلىرىنى تەقدىم قىلىشىدۇ، تەكبىر ئېيتىشىدۇ. دېمەك، بۇ كۈندە يىل بويى ھېچبىر كۈندە قىلىنىپ باقمىغان تائەت – ئىبادەتلەر قىلىنىدۇ.

يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە ھاجىلار تاۋاپ، سەئيى، تەلبىيە ئېيتىش، ئىھرام باغلاش، مىنادا تۇرۇش، مىنادىن ئەرافاتقا، ئەرافاتتىن مۇزدەلىفەگە ۋە مۇزدەلىفەدىن مىناغا يۈرۈش قىلىش قاتارلىق ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىدۇ.

بۇ ئۇلۇغ كۈنلەر ھەسسىلەپ ساۋاب ۋە ئەجىرگە ئېرىشىش پۇرسىتىدۇر، چۈنكى بۇ كۈنلەردىكى بىر رەكئەتكە نۇرغۇن رەكئەت ساۋابى، بىر سەدىقەگە نۇرغۇن سەدىقە ساۋابى، بىر تەسبىھكە نۇرغۇن تەسبىھ ساۋابى، بىر ياخشىلىققا نۇرغۇن ياخشىلىق ساۋابى بېرىلىدۇ. بۇ كۈنلەرنىڭ يۈكسەك پەزىلىتىنى ئوبدان بىلگەن سەلەفلىرىمىز بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ قولدىن بەرمەيتتى. كاتتىلىرىمىزدىن سەئىد ئىبنى جۇبەير زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى ھەققىدىكى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، ھەتتا ئۆزى چىدىيالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق ئىبادەت قىلاتتى(7). ئۇ بۇ كۈنلەردە ئىبادەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئون كۈننىڭ كېچىلىرىدە چىرىغىڭلارنى ئۆچۈرمەڭلار» دەيتتى(8).

بۈگۈنكى كۈنلەردە بىزلەر ئىبادەت قىلىشتا ھۇرۇنلۇق قىلىمىز، بەزىدە ئارزۇ قىلىمىز – يۇ، لېكىن ئىرادىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ كۈنلەر بىزدەك غەپلەتتە قالغانلار ئۈچۈن ئالتۇندىن قىممەت پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ، بۇ كۈنلەردە قاتتىق تىرىشساق ئېرىشىدىغان ساۋابنى سۈپەتلەپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇ كۈنلەردە قىلغان تىرىشچانلىق يىل بويى تائەت – ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، باشقا پۈتۈن يىل ئىچىدىكى بارلىق كۈنلەردىن ئەۋزەل، لېكىن مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدر كېچىسى ئارىسىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر.

بۇ ئون كۈندە قىلىنغان ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، مۇسۇلمان كىشى بۇ كۈنلەردە باشقا كۈنلەردىكىدىن بەكرەك ھىممەت قىلىپ، نەپلە ناماز، روزا، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش، ھەمدۇسانا، زىكىر – ئىستىغپار، موھتاجلارغا ياردەم بېرىش، تاماق يېگۈزۈش، سىلە – رەھىم قىلىش، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە بارلىق ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.

بۇ كۈنلەردە قىلىنىدىغان ئەمەللەر:

1) روزا تۇتۇش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى توققۇز كۈنىدە، ئاشۇرا (10 – مۇھەررەم) دا ۋە ھەر ئاينىڭ ئۈچ كۈنىدە روزا تۇتاتتى(9).

روزا ئالدىنقى 9 كۈنىدە تۇتۇلىدۇ، ئونىنچى كۈنى قۇربان ھېيت بولغاچقا قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇلمايدۇ.

2) تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر)، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ)، ھەمدۇسانا (ئەلھەمدۇلىلاھ)، ۋە تەسبىھ (سۇبھانەللاھ) ئېيتىش. بۇلار ئون كۈن بويىچە ئۆيلەردە، كوچىلاردا ۋە بارلىق زىكىر قىلىش جائىز بولغان جايلاردا ئۈنلۈك ھالدا ئېيتىلىدۇ. بۇ ھەقتە بىز يۇقىرىدا ھەدىس بايان قىلدۇق. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت: ئىسلام پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غاپىللارنى ئويغىتىشتۇر. بۇلارنى ئەرلەر ئۈنلۈك ئېيتىدۇ، ئاياللار ئىچىدە ئېيتىدۇ.

ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﮪﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘلار زۇلھەججەنىڭ ﺋﺎﯞﯞﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. (ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ نەۋرىسى) ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻟﻰ نەپلە ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ(10).

بۇ پائالىيەت ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە تاشلىنىپ قالغان سۈننەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇنى ئىمكانقەدەر ياشارتىشقا تىرىشىش كېرەك. جانابى ئاللاھ: ﴿مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن﴾(22/«ھەج»: 28)، ﴿ئاللاھنى ساناقلىق كۈنلەردە زىكىر قىلىڭلار!﴾(2/«بەقەرە»: 203) دېگەن.

ئايەتتىكى ﴿مەلۇم كۈنلەر﴾ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دېگەندەك، زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر، ﴿ساناقلىق كۈنلەر﴾ بولسا ﺗﻪﺷﺮﯨﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ(11).

3) ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش. شەكسىزكى، بۇ كۈنلەردە ئادا قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى ھەجدۇر، ئاللاھ تائالا ھەجنى نېسىپ قىلغان كىشى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ھەجىنى ئادا قىلسا، ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك: «گۇناھ ئارىلىشىپ قالمىغان، ياخشىلىقلار بىلەن تولغان خالىس ھەجگە جەننەتتىن باشقا مۇكاپات يوقتۇر»(12).

4) بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش. ھەجگە مۇيەسسەر بولالمىغانلارمۇ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا سىلە – رەھىم قىلىش، ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر (ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش)، سەدىقە – ئېھسان قىلىش، «قۇرئان» ئوقۇش، دۇئا قىلىش، زىكىر قىلىش ۋە بارلىق تائەت – ئىبادەتلەر بىلەن بۇ ئون كۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

5) ھېيت نامىزى ئوقۇش. قۇربان ھېيت بىلەن روزا ھېيت ئەھلى ئىسلامنىڭ ھېيت – بايرىمىدۇر. ھېيت نامىزىدا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش، جامائەت بولۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ۋەز – نەسىھەت ئاڭلاش ۋە دۇئا – تىلەكلەرگە قاتنىشىش كەبى پەزىلەتلىك ئەمەللەر بار.

6) قۇربانلىق قىلىش. بۇ كۈنلەردە قۇربانلىقنى بوداپ سەمرىتىپ ياكى پۇل خەجلەپ قۇربانلىق ئېلىپ ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش ياخشى ئەمەللەردىندۇر.

7) راستچىللىق بىلەن تەۋبە قىلىش. بۇ كۈنلەردە تەۋبە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، راستچىل تەۋبە دېگىنىمىز: گۇناھ ئىشلارنى دەرھال تاشلاپ، ئۇنى قەلبىدىن يامان كۆرۈپ، ئىككىنچى قىلماسلىققا بەل باغلاش، باشقىلارنىڭ ھەققى بولسا ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان رۇس يولدا مېڭىشتۇر. تەۋبە قىلىش باشقا كۈنلەردە زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ كۈنلەردە تېخىمۇ زۆرۈر ۋە ئۈنۈملۈك، چۈنكى بۇ كۈنلەر باشقا چاغلاردا قىلىنمايدىغان نۇرغۇنلىغان ياخشى ئەمەللەر قىلىنىدىغان چاغ بولغاچقا، تەۋبە، ياخشى ئەمەللەر ۋە پەزىلەتلىك كۈنلەر بىرلەشسە، بۇ نىجاتلىقنىڭ ئالامىتى بولىدۇ.

﴿تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر﴾(28/«قەسەس»: 67).

شۇڭا، ھەربىر ئاقىل مۇسۇلمان بۇ پەزىلەتلىك كۈنلەردە كۆپلەپ ساۋاب قازىنىشقا ھېرىسمەن بولۇشى كېرەك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 2 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2018، 10 – نويابىر


1. تەشرىق كۈنلىرى: زۇلھەججەنىڭ 11 -، 12 -، 13 – (يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 2 -، 3 – ۋە 4 -) كۈنلىرى.
2. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان»، 24 – ج، 345 – 348 – بەت؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 4 – ج، 506 – بەت.
3. بۇخارىي (969).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2785)؛ مۇسلىم (1878).
5. ئەھمەد (5446). ئىبنى ھەجەر («ئەلئامالى ئەلمۇتلەقە»، 1 – ج، 14 – بەت): «ھەسەن» دېگەن. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (11116). ھەيسەمىي («مەجمەئۇززاۋائىد»، 4 – ج، 17 – بەت): «راۋىيلىرى سەھىھنىڭ راۋىيلىرىدۇر» دېگەن.
6. مۇسلىم (1162).
7. دارىمىي (1774). ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
8. زەھەبىي («سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 4 – ج، 326 – بەت): «سەنەدى ياخشى» دېگەن.
9. ئەھمەد (22388). ئەبۇ داۋۇد (2437). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
10. بۇخارىي «ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﯧﻴﺖ بۆلۈمى»، «تەشرىق كۈنلىرى قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى دارەقۇتنىي («ئەلمۇئتەلەفۇ ۋەلمۇختەلەف»، 2 – ج، 1061 – بەت) سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
11. بۇخارىي «ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﯧﻴﺖ بۆلۈمى»، «تەشرىق كۈنلىرى قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئەبد ئىبنى ھۇمەيد «ئەتتەفسىرۇل كەبىر»دە سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1773)؛ مۇسلىم (1349).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago