Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ۋەتەندىكى تۇغقانلارنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىپ قويۇش ھەققىدە

ۋەتەندىكى تۇغقانلارنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىپ قويۇش ھەققىدە

ۋەتەندىكى تۇغقانلارنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىپ قويۇش ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن ياۋرۇپادا ياشايمەن. ئاتا – ئانام ۋە قېرىنداشلىرىم ۋەتەندە. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە پىتىر سەدىقىسى بېرىش ھەتتا روزا تۇتۇش ئىمكانىيىتىمۇ يوق دەپ ئويلايمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە پىتىر بەرسەم بولامدۇ؟ ئۇلار ھەم مېنىڭ بېرىدىغىنىمنى بىلمەيدۇ. ئەگەر بېرىشىم دۇرۇس بولسا، ئۇلار ئۈچۈن قايسى دۆلەتتىكى ئۆلچەم بويىچە بېرىمەن، ۋەتەندىكى ئۆلچەم بويىچىمۇ ياكى ياۋروپادىكى تۇرۇۋاتقان يېرىمنىڭ ئۆلچىمى بويىچىمۇ ياكى مەن ئەۋەتمەكچى بولغان دۆلەتتىكى ئۆلچەم بويىچىمۇ؟ ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئۆزى باقىدىغان ئائىلىسى ئۈچۈن ھەربىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن سەدىقە پىتىر بېرىشى ۋاجىبتۇر.

ئەگەر ۋەتەندىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىز ئارىسىدا خوتۇنىڭىز، ئۆز ئالدىغا ئىقتىسادى بولمىغان بالىچاقىڭىز قاتارلىقلارغا ئوخشاش بېقىپ خىراجىتىنى قىلىپ بېرىشىڭىز ۋاجىب بولغانلار بولسا، شۇنداقلا ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئىقتىسادى بولماي، ئۇلارنى بېقىشىڭىز سىزگە ۋاجىب بولۇپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە پىتىر بېرىشىڭىز ۋاجىب بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي: «ئاتا – ئانا ۋە بالىچاقىلارنىڭ خىراجىتى نەپىقە مەسىلىسىدە بايان قىلىنغان شەرتلىرى بويىچە ۋاجىب بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭمۇ سەدىقە پىتىرىنى بېرىش ۋاجىب بولىدۇ. خىراجىتىنى قىلىش ۋاجىب بولمىغان ئەھۋالدا، سەدىقە پىتىرىنى بېرىش ۋاجىب بولمايدۇ» دەيدۇ.([1])

ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ سەدىقە پىتىرىنى بېرىش ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ۋاجىب، سىزگە ۋاجىب ئەمەس. قولىدا ئىقتىسادى بار قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ سەدىقە پىتىرىنى بېرىشمۇ سىزگە ۋاجىب ئەمەس. لېكىن، سەدىقە پىتىرىنى بېرىش سىزگە ۋاجىب بولمىغان تۇغقانلىرىڭىز سىزگە سەدىقە پىتىرنى ئۇلار ئۈچۈن يېنىڭىزدىن بېرىپ قويۇشنى تاپىلىغان بولسا، سىز بەرسىڭىز ئەلبەتتە ئادا بولىدۇ.

بېرىشنى تاپىلىمىغان ياكى بېرىشتە سىزنى ۋەكىل قىلمىغان ئەھۋالدا، ئۇلار ئۈچۈن سىز بېرىپ قويسىڭىز، ئادا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ بىر ئىبادەت، ئىبادەت ئۈچۈن نىيەت بولۇشى كېرەك.

بۇ ئەھۋالدا ئىككى يول بار:

بىرى، ئەگەر ئۇلار سىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بېرىپ قويغىنىڭىزدىن خەبەر تېپىپ رازى بولسا، ئەلبەتتە بولىدۇ.

يەنە بىرى، ئۇلار ھازىر سەدىقە پىتىرنى زۇلۇم ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بېرەلمەيدىغان بولسا، ۋاقتىدا ئادا قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايدۇ، كېيىن بېرەلەيدىغان بولغاندا قازاسىنى قىلىپ بېرىدۇ.

سەدىقە پىتىرنى بېرىلىدىغان جاي باھاسى بويىچە بەرسىڭىز بولىدۇ. يۇقىرى باھادا بېرىش ئەۋزەل.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 2 – رامازان / م. 2018، 17 – ماي


([1]) نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/85.

Please follow and like us:
Exit mobile version