تاناسىل ئەزادىن دورا سېلىپ داۋالىسا تاھارەت سۇنامدۇ؟
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئاياللارنىڭ تاناسىل ئەزاسىدىن دورا سېلىپ داۋالىسا تاھارەت سۇنامدۇ؟ غۇسۇل ۋاجىب بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بەزىدە ئايال كىشى بىرەر كېسەللىكتىن داۋالىنىش ئۈچۈن ئالدى تەرەپتىن دورا سېلىپ ياكى سۇ ماڭغۇزۇپ، ياكى دۇربۇن ياكى تېببىي تەكشۈرۈش ئەسۋابى، ياكى بارماق كىرگۈزۈپ تەكشۈرتۈشى كېرەك بولىدۇ.
بۇ ئەھۋالدا سېلىنغان دورا يېنىپ چىقمىسا ياكى باشقا بىرنەرسە چىقمىسىلا، تاھارەت سۇنمايدۇ. دورىدىن بىر قىسمى يېنىپ چىقسا ياكى باشقا بىرنەرسە چىقسا تاھارەت سۇنىدۇ. بارماق ياكى تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا تاناسىل ئەزا نەملىكى يۇقۇپ چىقسىمۇ ئوخشاشلا تاھارەت سۇنىدۇ. چىققان نەرسە ياكى نەملىك يۇققان نەرسىنى تازىلاش كېرەك بولىدۇ.
بۇ ئەھۋالدا «تاھارەت سۇنىدۇ» دېيىشتە گەرچە ئاياللارنىڭ ئادەت ياكى ئىستىھازە بولمىغان چاغدىكى ماتكا ئىچى نەملىكىنىڭ پاكىز ياكى نىجىس ئىكەنلىكىدە ۋە يەنە تاھارەتنى سۇندۇرۇش – سۇندۇرماسلىقىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بۇ بەرىبىر ئالدى ئەۋرەتتىن چىققان نەرسە بولغاچقا، ئالدى ياكى ئارقا يولدىن چىققان ئادەتتىكى تەرەت، مەزىي ياكى قان قاتارلىق نىجىس نەرسىلەرگە قىياس جەھەتتىنمۇ، نىجاسەتنىڭ بىللە قوشۇلۇپ چىقىپ قېلىش ئېھتىمالى بار بولغاچقا، ئېھتىيات جەھەتتىنمۇ «تاھارەت سۇنىدۇ» دېيىش مۇئەييەنلىشىدۇ.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «زەكەر سۈيدۈك يولىغا ماي تېمىتىلسا، يېنىپ چىقسا تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ ئالدى يولدىن چىققان نەرسىدۇر. ئۇ ئادەتتە نىجىس نەملىكنى بىللە يۇقتۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى نىجىس ماددا ئۆزى يالغۇز چىققان ھالغا ئوخشاشلا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. زەكەر سۈيدۈك يولىغا پاختا تىقىلسا، پاختا نەم چىقسا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ نەملىك تاھارەتنى سۇندۇراتتى. باشقا نەرسە بىلەن بىللە چىقسىمۇ ئوخشاشلا سۇندۇرىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەقئەتكە ئۇرۇلغان سۇيۇقلۇقنىڭ بىر قىسمى تاناسىل ئەزاسىدىن يېنىپ چىقسا، ئىستىنجاﺋ قىلىش لازىم»(1).
مەقئەتكىمۇ دورا، بارماق، ئۈسكۈنە ۋەياكى پاختا سالسا يۇقىرىقىغا ئوخشاشلا دورا يېنىپ چىقسا ياكى سېلىنغان نەرسە نەملىكنى يۇقتۇرۇپ چىقسا تاھارەت سۇنىدۇ.
بەزى ئالىملار بىرنەرسە چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن ئەۋرەتنى قولى بىلەن تۇتقان ئەھۋالدا بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ «تاھارەت سۇنىدۇ» دەپمۇ قارايدۇ. لېكىن، يەنە بۇ ھەقتە كەلگەن باشقا ھەدىسلەرگە تايانغان كۈچلۈك قاراشتا ئەۋرەتنى تۇتۇش بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ.
بارماق ياكى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قۇرۇق چىقسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئىمام نەۋەۋىي بايان قىلغاندەك: «ئەر ياكى ئايال كىشى ئالدى ياكى ئارقا تەرەپكە تاياق، يىپ، بارماق ياكى تەكشۈرۈش ئەسۋابىدەك بىرەر نەرسە كىرگۈزگەن بولسا، بىرنەرسە يۇقسۇن ياكى يۇقمىسۇن، ھەممىنى تارتىپ چىقارسۇن ياكى بىر قىسمىنى چىقارسۇن ئوخشاشلا تاھارەت سۇنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككى يولدىن بىرىدىن چىققان نەرسىدۇر. ئەمما، كىرگۈزۈشنىڭ ئۆزى تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ، بەلكى كىرگۈزگەننى چىقىرىش سۇندۇرىدۇ»(2).
ئەڭ مۇۋاپىقى بەزى ھەنەفىي ۋە باشقا ئالىملار دېگەندەك: «كىرگۈزگەن نەرسە ھېچنېمە يۇقماي، قۇرۇق پېتى چىقسا تاھارەت سۇنمايدۇ. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ئېھتىيات جەھەتتىن تاھارەت ئېلىۋەتكەن ياخشىدۇر»(3).
بۇنىڭدىن دورا ياكى پاختا، ياكى باشقا نەرسە تاناسىل ئەزاغا سېلىنىشنىڭ ئۆزى تاھارەتنى سۇندۇرمايدىغانلىقى، ئۇنى تارتىپ ئالغاندا نەملىك يۇقۇپ چىقسا ئاندىن تاھارەتنى سۇندۇرىدىغانلىقى، قۇرۇق چىققان ئەھۋالدا سۇندۇرمايدىغانلىقى، لېكىن تاھارەت ئېلىۋېتىشنىڭ ياخشىلىقى مەلۇم بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا روزا سۇنمايدۇ. ھ. 1418 – يىلى سەفەرنىڭ 23 — 28 – كۈنلىرى جىددە شەھىرىدە ئېچىلغان «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تېببىي خادىملار بىلەن فەقىھلەرنىڭ تەتقىقاتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلگەندىن كېيىن: «ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە سېلىنىدىغان دورا، چايقايدىغان سۇيۇقلۇق، تېببىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن دۇربۇن ياكى بارماق كىرگۈزۈش؛ دۇربۇن ياكى ئۈزۈك قاتارلىقلارنى بالىياتقۇغا كىرگۈزۈش؛ ئەر ياكى ئايالنىڭ سۈيدۈك يولىغا كىرىدىغان تۇرۇبا ياكى دۇربۇن، ياكى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن سايىدىتىدىغان رەڭ، دورا ياكى دوۋساق، سۈيدۈك خالتىلىرىنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى» قاتارلىقلاردا روزىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
ئەلۋەتتە، تاناسىل ئەزاغا بىرنەرسە سالغاندا، ھېسسىياتلىنىپ مەنىي ئېتىلىپ چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، تاھارەت سۇنۇپلا قالماي، غۇسۇل ۋاجىب بولىدۇ. روزىدار بولسا روزىسىمۇ سۇنۇپ كېتىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1438، 13 – جامادىيەلئاخىر / م. 2017، 10 – ئاپرېل
1. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1ج، 111 – بەت.
2. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2ج، 13 – بەت.
3. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 1ج، 31 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…
«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now بۇ يەردىن: «ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى» pdf نەشر ئۇچۇرى (CIP)…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىمىز ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال - دۇنياسى مەلۇم مىقداردا نەق…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە فى ئىسباتىز زىكرى بىل جەھرى بىددەلائىلىن نەقلىييە ۋەلئەقلىييە ئەلمۇفىيدە…