(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
روزىنى قانداق ئىشلار سۇندۇرىدۇ؟ قانداق ئىشلار سۇندۇرمايدۇ؟
روزا تۇتۇشتىكى مەقسەت ۋىجداننى سەگەكلەشتۈرۈش، ئىنسان نەپسىنى تاۋلاش ۋە چىداملىق قىلىپ تەربىيەلەش ۋە نەتىجىدە، تەقۋادارلىقنى يېتىلدۈرۈشتۇر. بۇ سەۋەبتىن، كىشى روزا تۇتقاندا سەھەر ۋاقتىدىن باشلاپ تاكى كۈن پاتقانغا قەدەر شەھۋەت، يېمەك – ئىچمەك ۋە شۇ دائىرىگە كىرىدىغان باشقا بارلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن چەكلىنىشى كېرەك.
روزىنى كەسكىن بۇزىدىغان بەزى ئىشلار بار، كەسكىن بۇزمايدىغان بەزى ئىشلارمۇ بار. بۇزۇش ياكى بۇزماسلىقىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان ئىشلارمۇ بار. تۆۋەندە روزىنى بۇزىدىغان ۋە بۇزمايدىغان نەرسىلەرنى بىر – بىرلەپ بايان قىلىمىز.
روزىنى بۇزىدىغان ئىشلار
1. روزىدار ھالەتتە جىما قىلىش
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ﴿روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر. ئاللاھ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى بۇندىن كېيىن رامازان كېچىلىرىدە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە پۈتكەننى تەلەپ قىلىڭلار! تاكى سىلەرگە تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار!﴾ (2/«بەقەرە»: 187).
بۇنداق ئەھۋالدا، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە روزىسىنى بۇزغان بولىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن، ئۇ كىشى گۇناھكار بولىدۇ. ئۆزرىسىز ئېغىز ئاچقان بولغاچقا، شۇ كۈنى كەچكىچە روزا تۇتقاندەك داۋاملاشتۇرىدۇ. رامازاندىن كېيىن بىر قۇل ئازاد قىلىشتەك ئېغىر كەففارەت بېرىشى كېرەك بولىدۇ. ئەمما، ھازىر قۇل ئازاد قىلىش بولمىغاچقا، ئارقىمۇئارقا ئىككى ئاي روزا تۇتۇپ قازاسىنى قىلىدۇ. ئىككى ئاينى ئارقىمۇئارقا تۇتۇشى شەرتتۇر. بۇ ھەدىستە ئېنىق بېكىتىلگەن. ئارىلىقتا رامازان ياكى ھېيت كۈنلىرى ۋە تەشرىق كۈنلىرىدەك روزا تۇتۇش چەكلەنگەن كۈنلەر كىرىپ قالسا، ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئۇنداق قىلالمىسا 60 مىسكىننىڭ قورسىقىنى ئىككى ۋاقىت تاماق بىلەن تويغۇزىدۇ. بۇ كەففارەت مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. باشتىكى تۈرنى قىلالمىغاندا كېيىنكى تۈرگە يۆتكىلىدۇ. بەزى ئالىملار: «ئايالغىمۇ ئەرگە ئوخشاش كەففارەت كېلىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، بەزىلەر تۆۋەندىكى ھەدىسكە ئاساسەن، ئايالغا كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان(1).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدۇق، بىر ئادەم كېلىپ:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ھالاك بولدۇم، – دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ساڭا نېمە بولدى؟ – دېگەن ئىدى، ئۇ ئادەم:
— مەن روزا تۇتقان تۇرۇقلۇق ئايالىمغا يېقىنچىلىق قىلىپ قويدۇم، – دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ئازاد قىلغۇدەك قۇل تاپالامسەن؟ – دېۋىدى، ئۇ ئادەم:
— ياق، – دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتالامسەن؟» – دېگەن ئىدى، ئۇ ئادەم:
— ياق، – دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ئاتمىش مىسكىنگە تائام بېرەلەمسەن؟ – دېگەن ئىدى، ئۇ ئادەم:
— ياق، – دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈكۈت قىلدى. بىز شۇنداق سۈكۈتتە ئولتۇراتتۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر سېۋەت خورما كەلدى. رەسۇلۇللاھ:
— سوئال سورىغان كىشى قېنى؟ – دېگەن ئىدى، ئۇ ئادەم:
— مانا مەن، – دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— بۇنى ئېلىپ سەدىقە قىل – دېۋىدى، ئۇ ئادەم:
— مەندىنمۇ پېقىرراق كىشىگىمۇ، ئى رەسۇلۇللاھ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەدىنەنىڭ ئىككى سايلىقىنىڭ ئارىلىقىدا مېنىڭ ئائىلەمدىنمۇ پېقىرراق بىر ئائىلە يوق، – دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوزۇق چىشلىرى كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە كۈلۈپ كېتىپ، ئاندىن:
— بۇنى ئەھلىڭگە يېگۈزگىن – دېدى»(2).
مەزكۇر ھەدىستە ھۆكۈمنى بايان قىلىش زۆرۈر تۇرۇقلۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايالغا كەففارەت كېلىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ – سۆز قىلمىغان. ئەمما، ئايالغا كەففارەت كەلمىگەن بىلەن شۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك، ئەلبەتتە.
ئەر شۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ ئەلبەتتە قازاسىنى قىلىدۇ. ئەگەر كەففارەت بېرىشتە ئارقىمۇئارقا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشنى تاللىغان بولسا، كەففارەتتىن تاشقىرى ئۇ كۈننىڭ قازاسىنىمۇ بىر كۈن قىلىدۇ. لېكىن، بۇ كۈننى ئىككى ئايغا قوشۇپ ياكى ئىككى ئاي بىلەن ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇشى كېرەك ئەمەس. بۇ بىر كۈننىڭ قازاسىنى ئايرىم قىلىۋالسىمۇ بولىدۇ.
ئۇ كۈننىڭ قازاسىنى قانداق شەكىلدە قىلىشتا ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما قازاسى قىلىنىدىغانلىقىدا تۆت مەزھەب ئىتتىپاقتۇر. چۈنكى، ئۇ پەرز روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن بولغاچقا، نامازغا ئوخشاشلا قازاسىنى قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. كەففارەت بولسا گۇناھى ئۈچۈن، قازاسىنى قىلىش بولسا بۇزۇۋەتكەن كۈننىڭ ئورنى ئۈچۈندۇر. يەنە سەپەر ياكى كېسەللىكتەك ئۆزرىلىك ھالەتتە ئېغىز ئېچىۋەتكەن كىشىنىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولسا، ئۆزرىسىز قەستەن بۇزۇۋەتكەن كىشى ئەلبەتتە قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولىدۇ. يەنە يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن كەلگەن «مۇرسەل»(3) رىۋايەتىدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىنى ئورنىغا بىر كۈن روزا تۇتۇپ، قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە: «ئۇنىڭ ئورنىغا بىر كۈن تۇتقىن ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن» دېگەن(4).
فىقھ ئالىملىرى سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ «مۇرسەل» رىۋايەتىنى دەلىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىدۇ. ﴿تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن﴾ دېگەن ئايەتمۇ بۇنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ(5).
شەيخ ئالبانىي مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەت شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رامازاندا جىما قىلىپ سالغان كىشىنى قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇغان ھەدىسى ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتقاندەك تۈرلۈك يوللىرى بىلەن سەھىھتۇر. ئۇ يوللارنىڭ بىرى سەھىھ مۇرسەلدۇر»(6).
كەففارەتنىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1. بىر قۇل ئازاد قىلىش. ئەمما، ھازىرقى دەۋرىمىزدە بۇ ئىش يوق.
2. قۇل ئازاد قىلالمىغان كىشى ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك. ناۋادا بىر ياكى ئىككى كۈن قالغاندا ئۈزۈۋەتسە، يەنە يېڭىدىن باشلىشى كېرەك بولىدۇ.
3. كېسەللىك ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ ئىككى ئاي روزا تۇتالمىغان كىشى 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇشى كېرەك. ھەربىرىنى ئوتتۇرھال ئىككى ۋاقىت غىزالاندۇرسىمۇ ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، بىر مىسكىننى 60 كۈن غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ ۋەياكى ئۇنىڭ قىممىتىگە باراۋېرىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇش ئەۋزەل.
يۇقىرىقى كەففارەت تەرتىپى بەزى ھەدىسلەردە شۇ تەرتىپ بويىچە كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بەزى ئالىملار: «بىرىنچىسىنى قىلالمىغان كىشى ئىككىنچىسىنى قىلسا، ئىككىنچىسىنى قىلالمىغان كىشى ئۈچىنچىسىنى قىلسا بولىدۇ. ھەممىنى قىلالايدىغان تۇرۇپ، خاھلىغان بىرىنى تاللاپ قىلىۋالسا بولمايدۇ» دېگەن. يەنە بەزى ئالىملار: «خاھلىغان بىرىنى قىلسا بولۇۋېرىدۇ» دېگەن.
ئەمما، بىر كىشى سەپەر ئۈستىدە تۇرۇپ روزا تۇتقان بولسا، بۇ روزىنى جىما ياكى يېمەك – ئىچمەك بىلەن بۇزۇۋەتكەن بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئۇنىڭغا كەففارەت كەلمەيدۇ، پەقەت كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋالسىلا بولىدۇ.
جىمادىن باشقا سۆيۈش ۋە تۇتۇش قاتارلىق ئىشلار يېڭى توي قىلغانلار ياكى ياشانغان بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن مەكرۇھ بولىدۇ. ئۆزىنى تۇتالايدىغانلارغا نىسبەتەن مۇباھ بولىدۇ. ئەمما، سۆيۈش ۋە قۇچاقلاشنىڭ ئاخىرى جىما ياكى مەنىي چىقىش بىلەن ئاخىرلاشسا، يۇقىرىقىدەك قازاسىنى قىلىش ۋە كەففارەت بېرىش كېلىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ياكى يېڭى توي قىلغانلار مۇمكىنقەدەر رامازان كۈنلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. بولمىسا، بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى جىماغا ئېلىپ بارىدۇ – دە، قازاسىنى قىلىش بىلەن كەففارەت بېرىش ۋاجىب بولۇپ قالىدۇ.
لېكىن، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، جىما ئۆتكۈزمەي سۆيۈش ۋە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا قازاسىنىلا قىلىدۇ، كەففارەت كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلاردا كەففارەت بېرىش كۆرسىتىلمىگەن.
جىما قىلىۋاتقاندا ئەزان چىقىپ ياكى تاڭ ئېتىپ قالسا دەرھال مۇناسىۋەتنى توختىتىش كېرەك. بولمىسا، كۈندۈزدە جىما قىلغان بولىدۇ – دە، قازاسىنى قىلىش بىلەن كەففارەت بېرىش ۋاجىب بولىدۇ.
رامازاننىڭ باشقا بىر كۈنىدە يەنە بىر قېتىم جىما قىلىپ، روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشىگە قايتىدىن كەففارەت ۋاجىب بولىدىغانلىقىغا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. شۇنداقلا بىر كۈندە بىرقانچە قېتىم جىما قىلغان بولسا، كېيىنكى جىما روزىسى بۇزۇلۇپ بولغان چاغدا قىلىنغاچقا، پەقەت بىرلا كەففارەت كېلىدىغانلىقىغا بىردەك ئىتتىپاق. ئەگەر رامازاننىڭ بىر كۈنىدە جىما قىلىپ، تېخى كەففارىتىنى بەرمەي تۇرۇپ، باشقا بىر كۈنىدە قايتا جىما قىلغان بولسا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: «بىرلا كەففارەت بېرىدۇ» دېگەن. كۆپچىلىك ئالىملار: «ھەربىر كۈنگە بىر كەففارەت بېرىدۇ» دېگەن(7).
رامازان ئېيىدىن باشقا ئايدا روزىدار ھالەتتە ياكى رامازاندا تۇتالمىغان كۈن ئۈچۈن قازا روزا تۇتۇۋېتىپ ياكى كەففارەت روزىسىنى تۇتۇۋېتىپ، جىما قىلىپ سالغان كىشىگە كەففارەت كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇنىڭ ھۆرمىتى رامازان ئېيىنىڭ ئۇلۇغلۇق ھۆرمىتىدەك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەففارەت بېرىش دېگەن رامازان كۈنى روزىسىنى جىما بىلەن بۇزغان كىشى ھەققىدە كەلگەن. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق(8).
ئەگەر رامازاندا روزىدارلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ جىما قىلىپ سالغان بولسا، ھەنەفىي مەزھەبى، شۇنداقلا كۆپلىگەن مۇھەققىق ئالىملار تەرجىھ قىلغان قاراشتا، ئۇنىڭ روزىسى توغرا، بۇزۇلمايدۇ. كەففارەتمۇ، قازامۇ كەلمەيدۇ. بۇ خۇددى يادىدا يوق يەپ – ئىچكەنگە ئوخشاش(9).
2. روزا تۇتقان كۈنى كۈن پاتقانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ھەيز كېلىپ قالسا ياكى تۇغۇپ قالسا روزا بۇزۇلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىپ، ئورنىغا بىر كۈن تۇتۇۋالسا بولىدۇ، كەففارەت بېرىش كەتمەيدۇ، گۇناھ بولمايدۇ.
3. قەستەن يەپ – ئىچىش، تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش ۋە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش، قول بىلەن ياكى قۇچاقلاش بىلەن مەنىي چىقىرىش. بۇنداق ھالەتتە، روزىنى سۇندۇرۇش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقلا رامازاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كەففارەت كەلمەيدۇ.
4. ئېغىز ئارقىلىق ئىستېمال قىلىنغان دورىلار. بۇنداق ئەھۋالدا، گۇناھ بولمايدۇ، كەففارەتمۇ كەلمەيدۇ، لېكىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.
5. ناماز ئوقۇماسلىق، غەيۋەت، گەپ توشۇش، نامەھرەم ئاياللارغا قاراش، ھارام ناخشىلارنى تىڭشاش قاتارلىق بارلىق گۇناھلار بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، بۇزمايدۇ. لېكىن، ئۇ ھەممىسىنىڭ بىردەك قارىشىدا، روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ.
6. روزا تۇتقان ھالەتتە روزىسىنى بۇزۇۋېتىشنى نىيەت قىلىپ قالسا، روزىسىنى بۇزىدىغان باشقا بىر ئىش قىلمىسىمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، مۇسۇلمان كىشى تۇتقان روزىسىنى ئاسرىشى، ئۇنى بۇزىدىغان ئىشلاردىنلا ئەمەس، ئەجرىنى، ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلاردىن ساقلىشى، ئاللاھنىڭ نەزەرىدە رامازان ئېيىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم. چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىق چوڭ گۇناھلاردىندۇر.
روزىنى بۇزمايدىغان ئىشلار
1. روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ روزىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلىش
كىشىلەر كۆپىنچە رامازاننىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ كۈندۈزدە بىرنەرسە يەپ – ئىچىپ قالىدۇ. كېيىن ئۆزىنىڭ روزا تۇتقانلىقىنى، بۇ ئاينىڭ رامازان ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ كىشى ھەرقانچە كۆپ نەرسە يەپ – ئىچىپ سالغان بولسىمۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشى كېرەك. چۈنكى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روزىسى سۇنۇپ كەتمەيدۇ. قازاسىنى قىلىشمۇ كېرەك ئەمەس، كەففارەتمۇ كەلمەيدۇ. ئەمما، يەپ – ئىچىۋاتقان ئەسنادا روزىدارلىقى ئېسىگە كەلسە يەپ – ئىچىشنى دەرھال توختىتىشى ۋە ئېغىزىدىكىنى چىقىرىۋېتىشى لازىم.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «(روزىدار تۇرۇپ) ئېسىدە يوق يەپ – ئىچىپ سالسا، روزىسىنى بۇزۇۋەتمەي تاماملاۋەرسۇن، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەندۇر»(10).
«ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەندۇر» دېگەننىڭ مەنىسى شۇكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مەرھەمىتى ۋە مېھرىبانلىقىدىن ئۇ كىشىگە روزا تۇتقانلىق ھالىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، يېمەك – ئىچمەك بەرگەن. ئىمام تىرمىزىينىڭ رىۋايەتىدىمۇ: «بۇ بولسا ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن رىزىق، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك ئەمەس» دېيىلگەن(11).
ھەدىسلەر ئۇنتۇپ قېلىپ بىرنەرسە يەپ – ئىچكەن كىشىنىڭ روزىسىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى، روزىنى تاماملاۋېرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قازاسىنى قىلىشنىڭ ياكى كەففارەت بېرىشنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىنى ئېنىق بايان قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «روزىسىنى بۇزۇۋەتمەي تاماملاۋەرسۇن» دېگەن سۆزى روزىسىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ناۋادا قازاسىنى قىلىشى ۋاجىب بولسا، بۇنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ قويغان بولاتتى. ئەلبەتتە، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە مېھرىبانلىقى ۋە ئۇلارغا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىندۇر. جانابىي ئاللاھنىڭ ئادالىتىمۇ قەستەن قىلمىغان ئىشنى سۈرۈشتە قىلماسلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.
بۇنىڭغا يەنە جانابىي ئاللاھنىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ دالالەت قىلىدۇ: ﴿مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازا بېرىشتە ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 225).
﴿مەقسەتسىز قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن دىلىڭلاردا مەقسەت قىلغىنىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 89).
﴿سىلەر سەھۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن دىلىڭلار مەقسەت قىلغان بولسا گۇناھ بار. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 5).
سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلىنىشىچە، ﴿پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۇنتۇپ قالساق ياكى سەھۋەنلىك قىلىپ سالساق، بىزنى جازاغا تارتمىغايسەن﴾(2/«بەقەرە»: 286) دېگەن دۇئانى جانابىي ئاللاھ ئىجابەت قىلىۋەتكەن(12).
ئەتا: «روزا تۇتقۇچى بۇرنىغا سۇ ئالغاندا سۇ ئىختىيارسىز گېلىدىن كىرىپ كەتسە كېرەك يوق» دېگەن. ھەسەن بەسرىي: «روزا تۇتقۇچىنىڭ گېلىغا چىۋىن كىرىپ كەتسە، روزىسى سۇنمايدۇ» دېگەن. ھەسەن بەسرىي بىلەن مۇجاھىد: «روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ جىما قىلىپ سالسا، ئۇنىڭغا ھېچ گەپ بولمايدۇ» دېگەن(13).
بۇ ھۆكۈم مەيلى رامازاندىكى پەرز روزا بولسۇن، ياكى نەفلە بولسۇن، ياكى قازا بولسۇن ۋەياكى نەزر روزا بولسۇن، روزىنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. مەجبۇرلىنىپ، زورلۇق بىلەن روزىنى سۇندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەقىقىي مەجبۇرلاش، ھەقىقىي زورلاش دېگەن زورلىغۇچى تەھدىت سالغان ئىشنى قىلالايدىغان بولۇشى، جاننى ئېلىش، بىرەر ئەزاسىنى كېسىش، ئىپپىتىگە تېگىش، قاتتىق ئۇرۇش، تۈرمىگە سولاپ قويۇش، ئاتا – ئانا ۋە ئايالىدەك يېقىنلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش، پۈتۈن ئىقتىسادىنى مۇسادىرە قىلىش، باشقا ئىش تاپالمايدىغان كىشى ئۈچۈن ئىشتىن قوغلاشقا ئوخشاش كىشىگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان بىر ئىش بىلەن تەھدىت سېلىشى، مەجبۇرلانغان كىشىنىڭ بۇ تەھدىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېغىز ئېچىۋېتىشتىن باشقا چارە تاپالمىغان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.
ناۋادا ھەقىقىي خەۋپ بولماي، قۇرۇق تەھدىتكە، ئېغىز بىلەن تەنقىدلەشكە، تىللاشقا ئۇچراش، خىزمەتتە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلمەسلىك ئېھتىماللىقى بولۇش، ئازغىنە جەرىمانە تۆلەش، خىزمەتتىن قوغلىنىدىغان بولسىمۇ باشقا خىزمەت تاپالايدىغان بولۇش ۋە ئېغىر ئىشلار بىلەن تەھدىت سېلىنىپ مەجبۇرلانغان تەقدىردە، تەھدىتنى ئىجرا قىلالمايدىغان بولۇش قاتارلىقلار ھەقىقىي مەجبۇرلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. بۇ ئەھۋاللاردا رۇخسەت يوق، ئەلبەتتە.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئىككىنچى تۈرلۈك مەجبۇرلاش شەرىئەت ھېسابقا ئالىدىغان مەجبۇرلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، بۇنداق يوقىلاڭ ئەندىشە، ياكى كىچىككىنە تاپا – تەنە ۋەياكى ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئاللاھ پەرز قىلغان روزىنى بۇزۇۋېتىشكە، ياكى روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت يوق.
بىرىنچى تۈرلۈك مەجبۇرلاش شەرىئەت ھېسابقا ئالىدىغان مەجبۇرلاش بولۇپ، بۇنىڭغا دۇچ كەلگەن كىشىگە بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، روزىسىنى بۇزۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، بۇزمايمەن دەپ چىڭ تۇرۇشى ئەۋزەل بولۇپ، بۇ ئىش ھەنەفىي مەزھەبى ئالىملىرىنىڭ نەزەرىدە جىھادنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، كېسەل ياكى سەپەردىكى چاغدا روزا تۇتقان بولسا بۇزۇۋېتىشى لازىم.
مۇبادا يۇقىرىقىدەك ئېھتىماللىقلار بولسا، ئالدى بىلەن كېچىدە سوھۇرلۇق يەپ، روزا تۇتۇپ قوپۇشى كېرەك. مەجبۇرلاشقا ئۇچرىغاندا ئاندىن يۇقىرىقى ئۆلچەم بىلەن مەجبۇرلىنىش ھۆكمىگە كىرىدۇ. بەلكىم شۇ كۈن مەجبۇرلانماي ياكى مەجبۇرلىنىشقا ئۇچرىماي ئۆتۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
مەجبۇر بولغان كىشىگە جانابىي ئاللاھ ھارامنى ئىستېمال قىلىشقا رۇخسەت قىلغاندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى مەجبۇر بولۇپ، كۆڭلى خاھلىمىغان ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 172 – 173).
يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى ئاچلىقتا، گۇناھقا كۆڭلى مايىل بولماستىن مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئىنتايىن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر﴾(5/«مائىدە»: 3).
ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئېيتقىنكى، ماڭا ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىستېمالى ئۈچۈن، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مال، ياكى تۆكۈلگەن قان، ياكى چوشقا گۆشى — چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن نىجىستۇر — ياكى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھارام مالدىن باشقىنى ھارام كۆرمەيمەن. كىمكى مەجبۇر بولۇپ، كۆڭلى خاھلىمىغان ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر﴾(6/«ئەنئام»: 145).
يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿شۇڭا، ئاللاھنىڭ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى مەجبۇر بولۇپ، كۆڭلى خاھلىمىغان ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر﴾(16/«نەھل»: 114).
شۇنداق، ھەقىقىي مەجبۇرلانغان ئەھۋالدا ئېغىز ئېچىۋېتىشكە رۇخسەت، بۇنىڭ بىلەن روزىسى سۇنمايدۇ. بۇ مەسىلىدە ھەنەفىي ۋە مالىكىي مەزھەب ئالىملىرى «روزىسى سۇنىدۇ، قازاسىنى قىلىدۇ، ئەگەر چىداپ يەپ – ئىچمىسە مۇجاھىدلار ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. لېكىن، كېسەل كىشى ياكى سەپەر ئۈستىدىكى كىشى زورلانسا ئېغىز ئېچىۋېتىشى لازىم» دېگەن بولسىمۇ، مەن «روزىسى سۇنمايدۇ، قازاسىنى قىلمايدۇ» دېگەن شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىنى ئالدىم. (14)
چۈنكى، مەجبۇرلىغان ئەھۋالدا ئىختىيارلىق يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئۇنتۇپ قېلىشتىنمۇ ئېغىر. ھالبۇكى، ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ روزىسى سۇنمايدۇ. كۇفۇر سۆزنى قىلىشقا زورلانغان كىشى كافىر بولمىغىنىدەك، روزىنى بۇزۇشقا زورلانغان كىشىنىڭمۇ روزىسى سۇنمايدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، دىيارىمىزدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئېغىز ئاچمىسا، خىزمەتتىن ياكى مەكتەپتىن قوغلىۋېتىش بىلەن زورلىغان ئەھۋالدا، باشقا ئىش ياكى ئوقۇش تېپىپ روزىنى بۇزمىسا ئەۋزەل. تاپالمىسا، تەھدىتتىن قۇتۇلغۇدەك مىقداردا يەپ – ئىچسە روزىسى سۇنمايدۇ، ئۇنىڭغا گۇناھمۇ بولمايدۇ.
ئەمدى، روزا تۇتۇپ قوپقاندىن كېيىن كۈندۈزدە يۇقىرىقىدەك بېسىملار بىلەن مەجبۇرىي يەپ – ئىچكەن بولسا، روزىسى سۇنمايدۇ. ئۇ كىشى خۇددى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ – ئىچىپ سالغاندەكلا روزىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشى كېرەك. «روزام بەرىبىر بۇزۇلۇپ بولدى» دەپ، كۈن پاتقۇچە يەنە بىرەر نەرسە يەپ – ئىچىپ يۈرمەسلىكى لازىم. كېيىن يەنە قايتا مەجبۇرلانمىغاچقا، كۈن پاتقۇچە بىرەر نەرسە يەپ – ئىچمەسلىك ئارقىلىق رامازاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشى كېرەك.
مەجبۇرلاشقا دۇچار بولىدىغان خىزمەتچىلەر بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماسلىقى ئۈچۈن ھەر خىل چارىلارنى قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، رامازاندا بىر ئاي ياكى بىرنەچچە كۈن خىزمەتتىن رۇخسەت سورىيالايدىغان بولسا رۇخسەت سورىسا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ياتاقتا ياتماي، تۇغقان ياكى تونۇشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، رامازاننى ئۆتكۈزۈۋالالايدىغان بولسا شۇنداق قىلسا بولىدۇ. قانداقلىكى بولمىسۇن، ئىنساننىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇ. زورلانمىغان ئەھۋالدا يوقىلاڭ ئېھتىماللىقلارنى باھانە قىلىپ، ئاللاھ پەرز قىلغان روزىنى تۇتماسلىق ياكى بۇزۇۋېتىش بىلەن ئاللاھنى گوللىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئويلىشى مۇھىم.
3. سۇغا چۆمۈلۈش ۋە يۇيۇنۇش
سەھىھ ھەدىسلەردە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ روزا تۇتقان ھالدا بېشىغا سۇ تۆككەن ۋە يۇيۇنغان.
روزىدار ھالەتتە كۈندۈزى جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنۇش، ياكى مۇستەھەب بولغان غۇسۇل – تاھارەت ئېلىش، ياكى تازىلىق قىلىپ يۇيۇنۇش ۋەياكى سالقىنداپ يۇيۇنۇش قاتارلىق بارلىق يۇيۇنۇشلار ئوخشاش. يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمىسىلا سۇغا چۆمۈلۈش ياكى يۇيۇنۇش بىلەن روزا سۇنمايدۇ.
سەھىھ ھەدىسلەردە كېلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتقان ھالدا بېشىغا سۇ تۆككەن ۋە يۇيۇنغان. سەلەفلىرىمىزمۇ يۇيۇنغان ۋە كىيىملىرىنى نەمدەپ سالقىندىغان. بىز بۇ مەسىلىنى ئايرىم پەتۋادا دەلىللىرى بىلەن تەپسىلىي بايان قىلدۇق(15).
4. سۈرمە سۈرتۈش
داۋالىنىش ئۈچۈن بولسۇن ياكى ياسىنىش ئۈچۈن بولسۇن، سۈرمە سۈرتۈش روزىغا تەسىر قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ روزىنى بۇزىدىغانلىقىغا دائىر شەرىئەتتە بىرەر كۆرسەتمە كەلمىگەن. ئادەتتە يامغۇر سۈيى ياكى باشقا بىرنەرسىلەر كۆزگە كىرىپ كەتسىمۇ روزىغا تەسىر قىلمايدىغان بولغاچقا، سۈرمىمۇ تەسىر قىلمايدۇ. .ساھابە- تابىئىنلارنىڭ كۆپ قىسمى روزىدار ھالەتتە سۈرمە سۈركەشنى يامان كۆرمەيتتى(16).
5. ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان كىشى ئايالىنى سۆيسە ۋە قۇچاقلىسا روزا بۇزۇلمايدۇ. ئۆزىنى تۇتالمايدىغانلار ئۈچۈن مەكرۇھ دەپ قارالغان.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتقان ھالىتىدىمۇ ئاياللىرىنى سۆيەتتى ۋە قۇچاقلايتتى. ئۇ ئۆزىنى ئەڭ تۇتۇۋالالايدىغىنىڭلار ئىدى». (17)
6. بارلىق ئوكۇللار
مۇسكۇلغا ياكى تومۇرغا بولسۇن، غىزا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولسۇن ۋەياكى دورا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش. چۈنكى، بۇلار ئادەتتىكى ئېغىز ئارقىلىق جىسىمغا كىرمەيدۇ. لېكىن، بەزى ئالىملار گىلۇكوزىنى، ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى سۇيۇقلۇق ياكى ئوكۇللارنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلىپ، روزىنى سۇندۇرىدۇ، دەپ قارىغان.
7. ئازراق قان ئېلىش
قان ئالدۇرۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ، ئەمما ئىنساننى ئاجىزلىتىۋېتىدىغان دەرىجىدە كۆپ قان ئېلىش مەكرۇھ دەپ قارىلىدۇ. جىددىي ئەھۋال بولمىسا، قان ئالدۇرۇشنى كېچىگە توغرىلاش تېخىمۇ ياخشى. جىددىي دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا كېسەلگە رۇخسەت بولغاچقا، ئېغىز ئېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ. قان ئالدۇرۇۋېتىپ، روزىسىنى داۋاملاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ئىكرىمە: «روزىنىڭ سۇنۇشى چىققاندىن ئەمەس، كىرگەندىن» دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما روزا تۇتقان ھالدا قان ئالدۇراتتى، كېيىن ئۇنداق قىلماي كېچىسى قان ئالدۇرىدىغان بولغان. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىسى قان ئالدۇرغان. سەئىد، زەيد ئىبنى ئەرقەم ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ روزىدار ھالەتتە قان ئالدۇرغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇكەير ئۇممۇ ئەلقەمەدىن: «بىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا روزىدار ھالەتتە قان ئالدۇراتتۇق، ئۇ توسۇمايتتى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(18).
ئىكرىمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزىدار ھالىتىدە قان ئالدۇرغان»(19).
شۇئبە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، «مەن سابىت ئەلبۇنانىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ›ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: سىلەر روزا تۇتقۇچىنىڭ قان ئالدۇرۇشىنى يامان كۆرەمتىڭلار؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: روزا تۇتقۇچى ئاجىزلاپ كەتمىسىلا يامان كۆرمەيتتۇق، دېگەن‹». شۇئبە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا» دەپ سۆزلەپ بەرگەن(20).
ھەسەن بەسرىي نۇرغۇن ساھابەلەردىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «قان ئالغۇچى ۋە قان ئالدۇرغۇچىنىڭ روزىسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىسنى كۆپچىلىك ئالىملار «مەنسۇخ» دەپ چۈشەنگەن. ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن ئىمام تاھاۋىي «مەلۇم ئىككى كىشى قان ئالدۇرۇۋېتىپ غەيۋەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ›روزىسىنىڭ ساۋابى يوق‹ دېگەن مەنىدە شۇ ئىككىسىگە قارىتا روزىسى بۇزۇلدى دېگەن» دەپ چۈشەنگەن(21).
8. ئېغىز – بۇرنىنى چايقاش
ئېغىز – بۇرنىنى چايقىغاندا گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. مەقسەت قىلماستىن گېلىغا سۇ ئۆتۈپ كەتسە ھېچ گەپ يوق.
9. تۈكۈرۈكىنى يۇتۇش، بەلغەمنى يۇتۇش، پىشۇرغان تاماقنى ۋە ئالماقچى بولغان يېمەكلىكنى تېتىپ بېقىش، بالىلارغا بىرنەرسە چايناپ بېرىش، خۇش پۇراقلارنى پۇراش
تۈكۈرۈكىنى، شۆلگىيىنى يۇتۇپ قالسا روزىغا تەسىر يەتمەيدىغانلىقىدا ئالىملاردىن باشقىچە قاراش يوق. ئەمما، بەلغەمنى تۈكۈرۈۋېتەلىسە تۈكۈرىۋېتىدۇ. تۈكۈرىۋېتەلمەي يۇتۇپ سالسا، روزىنى بۇزمايدۇ. تاماقنىڭ تۇزىنى تېتىپ بېقىشمۇ يۇتۇپ سالمىغان تەقدىردە، روزىغا تەسىر قىلمايدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «قازاندىن ياكى باشقا نەرسىلەردىن تاماقلارنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسا كېرەك يوق» دېگەن(22). بالىلارغا بىرنەرسە چايناپ بېرىشمۇ يۇتۇپ سالمىغان تەقدىردە، روزىغا تەسىر قىلمايدۇ. گۈل – چېچەك ۋە خۇشپۇراقلارنى پۇراشمۇ روزىنى سۇندۇرمايدۇ.
10. جىمادىن كېيىن ياكى ھەيز توختىغاندىن كېيىن يۇيۇنماي تۇرۇپ، روزىغا نىيەت قىلىش
بۇنداق ئەھۋالدا، روزا سۇنمايدۇ. نىيەت قىلىپ، ئاندىن يۇيۇنۇپ، بامدات ئوقۇيدۇ.
11. ياندۇرۇش
بەزى ئالىملار: «ئىختىيارسىز ياندۇرسا روزا بۇزۇلمايدۇ، قەستەن ياندۇرسا ئاندىن بۇزۇلىدۇ» دەپ قارىغان ۋە بۇ ھەقتە تىرمىزىي ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان «ئۆزلۈكىدىن قۇسۇۋەتكەن كىشىگە روزىسىنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ، قەستەنلىك بىلەن قۇسقان كىشى قازاسىنى تۇتىدۇ» دېگەن ھەدىسنى سەھىھ دەپ قارىغان(23).
ئەمما، ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشىمىزچە، بۇ ھەدىس زەئىفتۇر. ئىلگىرىكىلەردىن ئىمام بۇخارىي، ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق چوڭ مۇھەددىسلار بۇ ھەدىسنى بىرنەچچە سەۋەبتىن زەئىف دېگەن(24). شۇڭا، باشقا ئالىملارنىڭ «مەيلى قانداق ياندۇرسۇن، ياندۇرۇش بىلەن روزا سۇنمايدۇ» دېگەن قارىشى كۈچلۈكتۇر. سەلەفلەردىن ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس، ئىكرىمە قاتارلىقلار، يەنە ئىمام بۇخارىي بىلەن بەزى مالىكىي ئۆلىمالار شۇنداق قارىغان.
12. ئېھتىلام بولۇش
روزىدار ئېھتىلام بولسا، روزىسىغا تەسىر يەتمەيدۇ. چۈنكى، ئېھتىلام كۆرۈش، ئۇنىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس. ئىختىيارلىق بولمىغاچقا، ئۇخلاۋاتقاندا گېلىدىن بىرنەرسە كىرىپ كەتكەنگە، مەجبۇرىي بىرنەرسە ئىچكۈزۈلگەنگە ئوخشايدۇ(25).
13. «تاڭ ئاتمىدى» ياكى «كۈن پېتىپ بولدى» دەپ ئويلاپ قېلىپ ئېغىز ئېچىش
ناۋادا بۇنداق قىلىپ، كېيىن ئۇنداق ئەمەسلىكى ئىسپاتلانسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ. بۇ بەزى سەلەفلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇنى ئىمام ئىبنى تەيمىييە تاللىغان([26]). بۇ قاراش كۈچلۈك. چۈنكى، ئۇنتۇش ۋە سەھۋەنلىك ئەپۇ قىلىنىۋېتىدىغان بۇ خىل ئىبادەتتە خاتا ئويلاپ قېلىشنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» روھىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق ئەھۋالدا، قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، كۆپچىلىك ئالىملار «قازاسىنى قىلىشى كېرەك» دەپ قارىغان بولغاچقا، قازاسىنى قىلىۋېتىش ئېھتىيات جەھەتتىن مۇستەھەبتۇر.
«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1418 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 23 – 28 – كۈنلىرى جىددە شەھىرىدە ئاچقان 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تېببىي خادىملار بىلەن فەقىھلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئىشلارنىڭ روزىنى سۇندۇرمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن:
1. كۆزگە، بۇرۇنغا، قۇلاققا تېمىتىدىغان، ياكى چايقايدىغان ۋەياكى پۈركۈيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش (ئەلبەتتە، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن) .
2. تىل ئاستىغا قويىدىغان تابلېتكىلار (گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن).
3. ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە سېلىنىدىغان دورىلارنى، چايقايدىغان سۇيۇقلۇقلارنى ئىشلىتىش، دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئەينىكى ياكى بارماق كىرگۈزۈش
4. تەكشۈرۈش ئەينىكى ياكى ئۈزۈك قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈش.
5. ئەر ياكى ئايالنىڭ سۈيدۈك يولىغا كىرگۈزۈلىدىغان نەيچە، دۇربۇن، رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن سايىدىتىدىغان رەڭ، دورا ۋە دوۋساق يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلىتىش.
6. چىشنى تېشىش، ئېزىق چىشنى قومۇرۇۋېتىش، چىش تازىلاش، مىسۋاك ياكى چىش چوتكىسى ئىشلىتىش (گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن).
7. ئېغىزنى غار – غار قىلىپ چايقاش، ئېغىزغا پۈركۈيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش (گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن).
8. كاسىغا ياكى مۇسكۇلغا ۋەياكى تېرە ئاستىغا ئۇرىدىغان ئوكۇللارنى ئىشلىتىش (ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى سۇيۇقلۇق ياكى ئوكۇللارنى ئىشلىتىش بۇنىڭ سىرتىدا).
9. كىسلورود (ئوكسىگېن) سۈمۈرۈش.
10. بىمارنى ناركوز قىلىش ئۈچۈن گازلارنى ئىشلىتىش (سۇيۇقلۇق ئۇرمىغان تەقدىردە).
11. تېرە سۈمۈرۈشى ئارقىلىق بەدەنگە كىرىدىغان خىمىيەۋى ماددىلار قوشۇلغان ياغ، ماي، مەلھەم ۋە چاپلاق دورىلارنى ئىشلىتىش.
12. يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنى سۈرەتكە ئېلىش ياكى داۋالاش ئۈچۈن تومۇرغا ئىنچىكە نەيچە كىرگۈزۈش.
13. ئۈچەي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەزالارنى تەكشۈرۈش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن قورساققا لاپاروسكوپ (تەكشۈرۈش ئەينىكى) كىرگۈزۈش.
14. سۇيۇقلۇق كىرگۈزمەستىن جىگەر ۋە باشقا ئەزالاردىن بىر پارچە كېسىپ ئېلىش.
15. سۇيۇقلۇق ياكى باشقا ماددا كىرگۈزمەستىن ئاشقازانغا ئاشقازان ئەينىكى كىرگۈزۈش.
16. مېڭە ياكى يۇلۇنغا ئوخشىغان يەرلەرگە دورا ياكى سايمان كىرگۈزۈش.
17. ئىختىيارسىز قۇسۇش.
18. يۇقىرىقى داۋالىنىش ۋە تەكشۈرۈشلەر كېچىكتۈرۈلسە زىيىنى بولمايدىغان ئەھۋالدا، مۇسۇلمان دوختۇر بىمارغا داۋالىنىشنى ئىفتاردىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشى كېرەك.
داۋامى بار.
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»
1. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 3/71؛ ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/342؛ سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 2/164؛ «نەيلۇلئەۋتار»، 4/294.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1936)؛ «مۇسلىم»، (1111).
3. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىسنى بىۋاستە رىۋايەت قىلغۇچى ساھابە بولماي تابىئىن بولسا، بۇ ھەدىس «مۇرسەل» دەپ ئاتىلىدۇ.
4. «مالىك»، (658)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (2393)، مۇرسەل.
5. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 3/71؛ ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/344؛ «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1/284؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/28.
6. «تامامۇل مىننە»، 425 -، 426 – بەتلەر.
7. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/28؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/32.
8. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/345؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/28.
9. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 3/65؛ ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/324؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 25/226؛ سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 2/160؛ ئىبنۇلقەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 2/34.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1933)؛ «مۇسلىم»، (1155).
11. «تىرمىزىي»، (721).
12. «بۇخارىي»، (2993).
13. «بۇخارىي»، «روزا تۇتقان ئادەم ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ – ئىچكەن بولسا، قانداق بولىدىغانلىقى» دېگەن باب.
14. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 28/58.
15. «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – تومغا قاراڭ.
16. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/389؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/15.
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1927)؛ «مۇسلىم»، (1106).
18. «بۇخارىي»، «روزا تۇتقۇچى قان ئالدۇرسا ۋە ياندۇرسا قانداق بولىدىغانلىقى» دېگەن باب.
19. «بۇخارىي»، (1939).
20. «بۇخارىي»، (1940).
21. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/39.
22. «سەھىھۇلبۇخارىي»، «روزا تۇتقۇچىنىڭ غۇسۇل قىلىشى» بابى؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (9370) سەنەدى «ھەسەن».
23. «تىرمىزىي»، (720). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
24. ئىمام بۇخارىي: «سەھىھ ئەمەس» دېگەن. «ئەتتارىخۇل كەبىر»، 1/91؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 4/219.
25. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/22.
26. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/33؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 25/264.