(ھ. بۇرۇن 30 – ھ. 21 / م. 592 – 642)
تامىر بەدر
خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە مەخزۇمىي بولسا ئىسلام قوماندانى ۋە غازى چەۋەندازى بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. ئۇ ئىران، ئىراق، رۇم ئەللىرىدە ۋە شامدا جىھاد قىلغان. كېيىن ھۇمۇستا ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.
تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى
خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ م. 592 – يىلى مەككەدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە مەخزۇم جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى ۋە قۇرەيشنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، باي، ئابرويلۇق ۋە نوپۇزلۇق كىشى ئىدى. شۇ جەھەتتىن، ئۇ ھەج مەۋسۇملىرىدا ۋە ئۇكاز بازىرىدا كىشىلەرنى غىزالاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىدىن باشقا ئادەملەرنىڭ قازان ئېسىشىنى خالىمايتتى. ئۇ (ئەتراپتىكى كىشىلەرگە كۆپ خەير – ساخاۋەت قىلىدىغان بولغاچقا) «قۇرەيشنىڭ مۇشك – ئەنبەرى» دەپ ئاتالغان ئىدى. چۈنكى، كەئبەگە بىر يىلى پۈتۈن قۇرەيشلىكلەر بىرلىشىپ يوپۇق ياپسا، يەنە بىر يىلى ئۇ ئۆز ئالدىغا ياپاتتى. خالىدنىڭ ئانىسى بولسا لۇبابە بىنتى ھارىس ھىلالىيەدۇر.
خالىدنىڭ ئالتە ئوغۇل ئىككى قىز قېرىندىشى بار بولۇپ، ئۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە باياشات ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىدى. خالىد كىچىكىدىن تارتىپلا چەۋەندازلىقنى ئۆگىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۆزىدە قالتىس چەۋەندازلىق ماھارەتلىرىنى يېتىلدۈرگەنىدى. ئاتنى چۇلۋۇرىنى تۇتماستىن چاپتۇرۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قىلىچ بىلەن تەڭ جەڭ قىلالايدىغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى خالىد، يەنە بىرى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ئىدى. شۇڭا، ئۇ چەۋەندازلىقتىكى يۇقىرى ماھارىتى بىلەن قۇرەيش چەۋەندازلىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان.
مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ھالىتى
خالىد ئىبنى ۋەلىد بەدر ئۇرۇشىغا قاتناشمىغان. چۈنكى، مۇسۇلمانلار بىلەن قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بۇ تۇنجى جەڭ بولغان ۋاقىتتا، ئۇ شام دىيارىدا ئىدى. ئۇ ئوھۇد ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلغان بولۇپ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئايلىنىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغانىدى. ئۇ تاغنىڭ ئۈستىدە قالغان مۇسۇلمان كاماندارلارنى ئۆلتۈرۈپ، مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ، ئارقا تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلغان ۋە بۇ چاغدا مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان بولۇپ، ئۇ بۇلاردىن نۇرغۇنلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى.
ئەھزاب ئۇرۇشىدا، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ بىر ئاتلىق قىسمىغا قوماندانلىق قىلىپ، مۇسۇلمانلار مەدىنەنى قوغداش ئۈچۈن كولىغان خەندەكلەردىن بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى كارغا كەلمەي چېكىنىپ قايتقاندا بولسا، ئەمر ئىبنى ئاس بىلەن بىرلىكتە ئارقا سەپنى قوغداپ ماڭىدۇ. ھۇدەيبىيە ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەككەگە كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن قۇرەيشنىڭ ئاتلىق قوشۇنىغا باش بولىدۇ.
مۇسۇلمان بولۇشى
خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىسلامغا كىرىشتە كۆپ ئىككىلەنگەن ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىسلامغا مايىل بولغاچقا، ھىجرىيەنىڭ 8 – يىلى سەپەر ئېيىدا، مەككە فەتىھ قىلىنىشتىن ئالتە ئاي، مۇئتە غازىتىدىن تەخمىنەن ئىككى ئايچە بۇرۇن، كېچىكىپ بولسىمۇ مۇسۇلمان بولىدۇ. خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ مۇسۇلمان بولۇش قىسسەسى ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن بولغان بىرقاتار ئىشلار بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنىڭ قېرىندىشى ۋەلىد ئىبنى ۋەلىد مۇسۇلمان بولىدۇ ھەمدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قازا ئۆمرەنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككەگە كىرگەندە، ۋەلىدتىن ئۇنىڭ قېرىندىشى خالىدنى سوراپ: «خالىد قېنى؟» دەيدۇ، ۋەلىد: «ئاللاھ ئۇنى ئەكىلىدۇ» دەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «خالىدتەك بىر كىشى ئىسلامنى چۈشەنمەي قالمايدۇ. ئەگەر ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ مۇشرىكلارغا قارشى كۈرەش قىلغان بولسا، ئەلبەتتە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولغان بولاتتى» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋەلىد قېرىندىشى خالىدنى ئىزدەيدۇ – يۇ، تاپالمايدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر مەكتۇب قالدۇرىدۇ. ئۇ مەكتۇبتا مۇنداق دەيدۇ:
«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن. مەن سېنىڭ ئىسلامدىن باش تارتقانلىقىڭدىن ئانچە ھەيرانلىق ھېس قىلمايمەن، سەن ئەقىللىق ئادەم، ئەقىللىق ئادەم ئىسلامنى چۈشەنمەي قالمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەندىن سېنى سوراپ: ‹خالىد قېنى؟› دېدى، مەن ئۇنىڭغا: ‹ئاللاھ ئۇنى ئەكىلىدۇ› دېدىم. ئۇ: ‹ئۇنىڭدەك بىر كىشى ئىسلامنى چۈشەنمەي قالمايدۇ. ئەگەر ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ مۇشرىكلارغا قارشى كۈرەش قىلغان بولسا، ئەلبەتتە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولغان بولاتتى، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئۈستۈن نەزەردە قارىغان بولاتتۇق› دېدى. ئەي قېرىندىشىم! سەن قولدىن بېرىپ قويغانلىرىڭنى تېپىۋېلىشقا تىرىشقىن، سەندىن كۆپلىگەن ياخشى پۇرسەتلەر كېتىپ قالدى».
خالىد رەزىيەللاھ ئەنھۇ ئىسلام توغرۇلۇق ئويلىنىپ تۇراتتى، قېرىندىشىنىڭ خېتىنى ئوقۇپ ناھايىتى خۇرسەن بولدى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىدىن تەسىرلەندى. نەتىجىدە، ئۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، مۇسۇلمان بولدى(1).
چۈش
خالىد ئىبنى ۋەلىد بىر چۈش كۆرىدۇ، چۈشىدە ئۆزىنىڭ قاقاس، تار بىر جايدا تۇرغانلىقىنى، ئاندىن بىپايان يېشىللىققا پۈركەنگەن بىر جايغا چىققانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە: «ئەجەب بىر ياخشى چۈش كۆردۈم» دەيدۇ. ئۇ مەدىنەگە كەلگەندىن كېيىن چۈشىنى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا: «يېشىللىققا پۈركەنگەن بىپايان جايغا چىققانلىقىڭ بولسا، ئاللاھنىڭ سېنى توغرا يولغا باشلىغانلىقىدۇر. قاقاس، تار جاي بولسا سېنىڭ ئىلگىرىكى مۇشرىك ھالىتىڭدۇر» دەيدۇ(2).
مەدىنەگە سەپەر قىلىشى
خالىد ئۆزىنىڭ مەككەدىن مەدىنەگە قىلغان سەپىرى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىرەر دوستۇمنىڭ ئۇچراپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ تۇرسام، ئوسمان ئىبنى تەلھە ئۇچراپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا مەقسىتىمنى ئېيتسام، ئۇ تېزلا ماڭا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە ئاتلىنىپ، يوشۇرۇن ھالدا، كەچتە يولغا چىقتۇق، تۈزلەڭلىكتە تۇرساق ئەمر ئىبنى ئاس چىقىپ كەلدى. ئۇ:
— مەرھابا! قارشى ئالىمىز، — دېدى. بىزمۇ:
— قارشى ئالىمىز! — دېدۇق. ئۇ:
— سەپىرىڭلار قاياققا؟ — دەپ سورىۋىدى، بىز ئۇنىڭغا مەقسىتىمىزنى ئېيتتۇق. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ماڭغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز بىللە مېڭىپ، ھىجرىيەنىڭ 8 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى مەدىنەگە كەلدۇق».
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى كۆرۈپ، ساھابەلىرىگە: «مەككە ئۆزىنىڭ ئېسىل كىشىلىرىنى سىلەرگە ئەۋەتىپتۇ» دەيدۇ. خالىد مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا سالام قىلدىم. ئۇ ئىللىق چىراي ھالدا سالىمىمنى ئىلىك ئالدى، ئاندىن مەن شاھادەت ئېيتىپ، مۇسۇلمان بولدۇم. شۇ چاغدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹سېنى ھىدايەتكە باشلىغان ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن! مەن ئەقلىڭنى سېنى پەقەت ياخشىلىققىلا باشلايدۇ، دەپ قاراپ كەلگەنىدىم› دېدى. مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بەيئەت قىلىپ: ‹ئاللاھنىڭ يولىغا قارشى چىقىپ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىم ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسىلا› دېسەم، ئۇ زات: ‹ئىسلام كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى يوق قىلىدۇ› دېدى. مەن: ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن شۇنىڭغا بەيئەت قىلدىم› دېدىم. ئۇ: ‹ئى ئاللاھىم! خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ سېنىڭ يولۇڭغا قارشى چىقىپ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن› دېدى. ئەمر ئىبنى ئاس ۋە ئوسمان ئىبنى تەلھەلەرمۇ ئالدىغا چىقىپ مۇسۇلمان بولدى ۋە بەيئەت قىلدى»(3).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خالىد توغرۇلۇق: «خالىد ئىبنى ۋەلىد نېمىدېگەن ياخشى بەندە – ھە! ئۇ ئاللاھنىڭ قىلىچلىرىدىن بىر قىلىچتۇر» دېگەن(4).
مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى ھالىتى
خالىد ئىبنى ۋەلىد تۇنجى قېتىملىق غازىتى ھېسابلىنىدىغان غەساسىنە پادىشاھلىقى بىلەن رۇمغا قارشى مۇئتە غازىتىغا(5) قاتناشقان. بۇ غازاتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈچ قوماندانى – زەيد ئىبنى ھارىسە، جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە قاتارلىقلار شەھىد بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن بايراقنى سابىت ئىبنى ئەرقەم دەرھال قولىغا ئېلىپ، ئېگىز كۆتۈرىدۇ ۋە خالىدنىڭ قېشىغا تېز بېرىپ، ئۇنىڭغا:
— ئەي ئەبۇ سۇلايمان! بايراقنى سەن تۇت، — دەيدۇ. خالىد ئۆزىنى بايراقنى تۇتۇشقا لايىق كەلمەيمەن دەپ ئويلاپ:
— ياق! بايراقنى مەن تۇتمايمەن، ئۇنىڭغا سەن لايىق. سېنىڭ يېشىڭمۇ مېنىڭكىدىن چوڭ ھەم سەن بەدر ئۇرۇشىغا قاتناشقان، — دەپ ئۆزرە ئېيتىدۇ.
سابىت جاۋابەن:
— بايراقنى سەن تۇت، ئۇرۇش قىلىشنى ماڭا قارىغاندا ياخشى بىلىسەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بايراقنى پەقەت سەن ئۈچۈن قولۇمغا ئالدىم، — دەيدۇ ۋە ئاندىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا:
— خالىدنىڭ ئەمىر بولۇشىغا رازى بولامسىلەر؟ — دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار:
— رازى بولىمىز! — دېگەندىن كېيىن خالىد بايراقنى قولغا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇ سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. خالىد مۇنداق دەيدۇ: «مۇئتە كۈنى قولۇمدا توققۇز دانە قىلىچ سۇنۇپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت يەمەننىڭ بىر قىلىچى قولۇمدا قالغان ئىدى»(6).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلەرگە ئۇشبۇ ئۇرۇشتىن خەۋەر بەرگەندە مۇنداق دېگەن: «بايراقنى زەيد كۆتۈردى، ئۇ يىقىلدى. ئاندىن جەئفەر كۆتۈردى، ئۇمۇ يىقىلدى. ئاندىن ئىبنى رەۋاھە كۆتۈردى، ئۇمۇ يىقىلدى، – پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاۋاتاتتى – ئاخىرىدا بايراقنى ئاللاھنىڭ قىلىچلىرىدىن بىرى تۇتتى – دە، ئاللاھ ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلدى»(7). خالىد شۇ كۈندىن باشلاپ «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دەپ ئاتالغان ئىدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى مەككەنى فەتىھ قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئەمىر قىلغانىدى. ئۇندىن باشقا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى «تەبۇك غازىتى» ئارىلىقىدا دەۋمەتۇل جەندەل پادىشاھى ئۇكەيدىرنى تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن، بىر قوشۇنغا باش قىلغان ئىدى. شۇنداقلا يەنە، خالىد «ھۇنەين غازىتى» كۈنى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە يارىلانغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ جاراھىتىگە سۈفلەپ قويغان، ئاندىن ئۇنىڭ جاراھىتى ساقىيىپ قالغانىدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى دەۋمەتۇل جەندەل پادىشاھى ئۇكەيدىر ئىبنى ئابدۇلمەلىكنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتكەندە، خالىد ئۇنى ئەسىرگە ئېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرگەن. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم. ئۇكەيدىر بىلەن ئۇنىڭ جىزيە تاپشۇرۇشى توغرۇلۇق سۈلھىلەشكەن، سۈلھىدىن كېيىن ئۇنى ئۆز شەھرىگە قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى.
خالىد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن بەنى ھارىس ئىبنى كەئب ئىبنى مەزھىج قەبىلىسىگە (ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن) ئون يىللىق ئەۋەتىلگەن. بۇ قەبىلىدىن بىر قىسىم كىشىلەر (مەدىنەگە) خالىد بىلەن بىللە كېلىپ مۇسۇلمان بولغان، ئاندىن ئۇلار نەجراندىكى قەۋمى يېنىغا قايتىپ كەتكەن.
مۇرتەدلەر ئۇرۇشىدىكى رولى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات تاپقاندىن كېيىن، خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خالىدنى مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خالىد ئىبنى ۋەلىد ئۆز قوشۇنى بىلەن پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغان ئايال – سەجاھ بىلەن ئېلىشىدۇ. شۇنداقلا يەنە، پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى، قوللىغۇچىلىرى ۋە قوشۇنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان مۇسەيلىمە كاززاب بىلەن ئېلىشىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، بۇ جەڭ بەنى ھەنىفە قەبىلىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە مۇسەيلىمە كاززابنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئۇ يەنە، مۇرتەد دەپ ئەيىبلەنگەن مالىك ئىبنى نۇۋەيرە بىلەنمۇ ئۇرۇشىدۇ. لېكىن، كىشىلەر مالىك ئىبنى نۇۋەيرەنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق ھەرخىل پىكىردە بولۇپ، بەزىلىرى: «خالىد ئۇنى گۇمان بىلەن، ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان بىر گەپكە ئاساسەن ئۆلتۈرۈۋەتتى» دېيىشكەنىدى. ئەبۇ قەتادە خالىدنىڭ بۇ ئىشىنى ئەيىبلەپ، ئەمدى ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىدا ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىغا قەسەم ئىچكەن. ئۆمەر ئىبنى خەتتابمۇ ئۇنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
پارس ئېلىنى فەتىھ قىلىشتىكى رولى
ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈممەتنى پارچىلاپ ئىسلامنى بەربات قىلغىلى تاس قالغان مۇرتەدلىك فىتنەسىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئىسلام دۆلىتى چېگرالىرىنى ئەمىن قىلىش ۋە ئىسلامغا يامانلىق ئارزۇ قىلىدىغان پارسلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇش مەقسىتىدە ئىراققا يۈزلىنىدۇ.
ئەبۇبەكرى ئەنە شۇ ۋەزىپە ئۈچۈن ئەۋەتكەن قوماندانلار قاتارىدا خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بار ئىدى. خالىد پارسلار ئۈستىدىن بىرقاتار غەلىبىلەرنى ئوڭۇشلۇق روياپقا چىقىرىدۇ. خالىد ئالغا ئىلگىرىلەپ ۋە فەتىھلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئىراقنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى فەتىھ قىلىدۇ. ئاندىن ئەنبارنى فەتىھ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. بىراق، ئەنبارلىقلار قورغانلىرى بىلەن قوغدانغان بولۇپ، ئەنبارنىڭ ئەتراپىدا ئۆتۈش قىيىن بولغان چوڭ خەندەكلەر بار ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ چارە – تەدبىرلىرى خالىدنى بوشاشتۇرالمايدۇ. خالىد قوشۇنلىرىنى قورغانلىرى بىلەن قوغدىنىۋالغان دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ كۆزلىرىگە ئوق ئېتىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن تەرەپتىن مىڭچە كىشىنىڭ كۆزى يارىلىنىدۇ. ئاندىن خالىد ئاجىز ۋە ئورۇق تۆگىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ. خالىدنىڭ ئوقياچىلىرى مۇستەھكەم ۋە ئېگىز قورغاننىڭ تاملىرى ئۈستىدىن ئۆزلىرىگە يامانلىق كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان دۈشمەنلەردىن خالىدنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئوقلارنى ياغدۇرۇپ تۇرۇۋاتقان پەيتتە، ئۇ تۆگىلەرنى خەندەكنىڭ ئەڭ تار يېرىگە تاشلاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ چەۋەندازلىرى ئۆتكۈدەك كۆۋرۈك ھاسىل قىلىدۇ. پارس قوماندانى خالىد ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ سۈلھىلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەنبار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدۇ.
كېيىن خالىد ئەينۇتتەمر(8)گە قاراپ ئاتلىنىدۇ. ئۇ يەردە زور ساندىكى پارسلار توپلىشىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇلارغا بەزى ئەرەب قەبىلىلىرى ياردەمگە كەلگەنىدى. ئۇلارغا خالىدنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرى يەتكەندە كۆپىنچىسى قېچىپ كېتىدۇ، قالغانلىرى قورغانغا بېكىنىۋالىدۇ. خالىد قورغاننى قورشىغاندىن كېيىن قورغاندىكىلەر تەسلىم بولىدۇ. ئاندىن خالىد ئەينۇتتەمرگە ئۇۋەيم ئىبنى كاھىل ئەسلەمىينى ئورۇنباسار قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆزى قوشۇننى باشلاپ دەۋمەتۇل جەندەلگە قاراپ ئاتلىنىدۇ ۋە ئۇ يەرنىمۇ فەتىھ قىلىدۇ.
شام دىيارىنى فەتىھ قىلىشتىكى رولى
خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىم قىلىپ، پارسلار ئۈستىدىن نۇسرەت قازانغاندىن كېيىن، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ فەتىھ يۈرۈشلىرىنى شامغا قارىتىشنى توغرا تاپىدۇ. خالىد ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ شۇنداق سادىق قوماندانى ئىدىكى، ئۇ ھەرقانداق ئورۇندىكى دۈشمەنلەرگە خالىد بىلەن زەربە بېرەتتى. ئۇ خالىد توغرۇلۇق: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن خالىد ئارقىلىق رۇمغا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسەلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىمەن» دېگەن(9).
خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇبەكرىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماي، شامدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنىغا تېزلىكتە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سەماۋە چۆلى ئارقىلىق ئەڭ يېقىن يولدا مېڭىپ، قىسقا ۋاقىتتا شامغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارىدۇ.
خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامغا يېتىپ بېرىپلا، دۈشمەنگە ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنلىرىنى بىر بايراق ئاستىغا توپلايدۇ ۋە قايتىدىن رەتلەپ چىقىدۇ، ئاندىن قوشۇننى دۈشمەننىڭ كۆزىگە كۆپ كۆرسىتىپ، دۈشمەننىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ سېلىش ئۈچۈن، قوشۇننى تۆت بۆلۈككە بۆلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قومانداندانلىرىدىن ھەربىرىنى بىردىن بۆلۈككە باش قىلىدۇ. ئەبۇ ئۇبەيدەنى 18 مىڭغا باش قىلىپ، ئۇنى ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھل ۋە قەئقاﺋ ئىبنى ئەمرلەر ئەبۇ ئۇبەيدە بىلەن بىر سەپتە بولىدۇ. ئەمر ئىبنى ئاسنى 10 مىڭغا باش قىلىپ، ئۇنى ئوڭ قاناتقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنە ئەمر بىلەن بىر سەپتە بولىدۇ، يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفياننى مىڭغا باش قىلىپ، ئۇنى سول قاناتقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
مۇسۇلمانلار بىلەن رۇملىقلار يەرمۇك ۋادىسىدا ئۇچرىشىدۇ. مۇسۇلمانلار رۇملىقلارغا قاتتىق ھۇجۇم قوزغاپ، ناھايىتى پىداكارلىق كۆرسىتىدۇ ۋە ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ پىشانىسىگە غەلىبە پۈتۈلىدۇ. ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئازراق بۇرۇن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات تېپىپ كېتىدۇ ۋە خەلىفەلىكنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاندىن ھەزرىتى ئۆمەر كىشىلەرنىڭ «خالىدنىڭ قوماندانلىقىسىز غەلىبە قازانغىلى بولمايدۇ» دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى قوشۇننىڭ ئەمىرلىكىگە تەيىنلەپ، خالىدنى مەنسەپتىن قالدۇرغانلىقى توغرىسىدا ئەبۇ ئۇبەيدەگە مەكتۇب يوللايدۇ. لېكىن، ئەبۇ ئۇبەيدە خالىدنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا نۇسرەت قازىنىپ ئۇرۇش ئاياغلاشقۇچە مەكتۇبنى يوشۇرۇن تۇتۇشنى مۇناسىپ كۆرىدۇ. بۇ جەڭدە مۇسۇلمانلار تەرەپتىن نۇرغۇن ساھابەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ مىڭچە كىشى شەھىد بولىدۇ.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خالىد ئىبنى ۋەلىدنى مەنسەپتىن قالدۇرۇپ، ئەبۇ ئۇبەيدەنى قوشۇننىڭ ئەمىرى قىلىپ تەيىنلىشى بىلەن خالىدنىڭ ئىسلام فەتىھلىرىدىكى رولى تۈگەپ قالمايدۇ، بەلكى خالىد جەڭگاھ چەۋەندازلىرى ئىچىدىكى بىر چەۋەنداز ۋە بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك جەڭ قەھرىمانلىرى ئىچىدىكى بىر قەھرىمان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىدە داۋاملىق ئۇرۇش قىلىدۇ.
ئۇنىڭ دەمەشق، ھۇمۇس ۋە قىننىسرىن قاتارلىق جايلارنى فەتىھ قىلىشتا كۆرۈنەرلىك رولى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىسلام ئەسكەرلىرى ئىچىدىكى بىر لەشكەر بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ بېلىنى بوشاشتۇرۇپ قويالمايدۇ. ئۇنىڭ قوماندان ۋە ئەمىرلىكتىن ئاددىي بىر ئەسكەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلىتىپ قويالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك غايىسى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش بولۇپ، ئۇ نەدە بولمىسۇن، جىھادنى كۈيلەيتتى.
ئۇنىڭ دۇبۇلغىسى
خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دۇبۇلغىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئازراق چېچى بار بولۇپ، خالىد ئۇرۇش قىلغاندا شۇ چاچنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئاللاھنىڭ نۇسرەت بېرىشىنى تىلەيتتى. نەتىجىدە، ئۇ ھەمىشە نۇسرەت قازىناتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىدالىشىش ھەجىدە چېچىنى چۈشۈرگەندە ماڭلاي چېچىنى خالىدقا بەرگەن بولۇپ، شۇندىن بېرى بۇ چاچ خالىدنىڭ دۇبۇلغىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ساقلاقلىق ئىدى. «يەرمۇك غازىتى» كۈنى ئۇ دۇبۇلغىسىنى چۈشۈرۈپ قويغاندا، دۇبۇلغىسىنى ئىزدەپ ئۆزىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ھالسىرىتىۋەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەبلىك باشقىلار ئۇنىڭغا كايىغاندا، ئۇ: «ئۇنىڭ ئىچىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئازراق ماڭلاي چېچى بار ئىدى، مەن شۇ ئارقىلىق ئۈمىدۋار بولاتتىم ۋە شۇ ئارقىلىق نۇسرەت تىلەيتتىم» دېگەنىدى.
ئۇنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا دېگەن سۆزى
خالىد ئىبنى ۋەلىد ھ. 21 – يىلى 18 – رامازان / م. 642 – يىلى 20 – ئاۋغۇست ھۇمۇستا ۋاپات تاپتى. ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن چىققان قايغۇلۇق ۋە ئىسسىق ياش تامچىلىرى مەڭزىنى بويلاپ تۆۋەنگە سىرغىدى. ئۇ ئۆلۈمدىن قورققانلىقتىن ياش تۆكمىگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆمۈر بويى جەڭلەردە ئۆتكۈر قىلىچى ئارقىلىق ئۆلۈم بىلەن ئېلىشىپ، جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، ئۆزىنى ئۆلۈم نەيزىلىرىنىڭ ئۇچىغا تەڭلىگەن زات ئىدى. ئۇنىڭ قايغۇسى ۋە يىغىسى شەھىدلىككە تەلپۈنگەنلىكى ئۈچۈن بولۇپ، تۆشەك ئۈستىدە ئۆلۈش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئۇ جەڭ مەيدانلىرىنى ئىزدەپ يۈرىدىغان، ئۇنىڭ سۈر – ھەيۋىسىدىن دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكى تىترەپ ئۆزلىرىنى قويغۇدەك يەر تاپالماي قالىدىغان زات ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ قايغۇسى ۋە ھەسرىتىنى ئىپادىلەپ، ئاخىرقى نەپەسلىرىدە قاتتىق ئەلەم بىلەن مۇنداق دېگەن: «شۇنچە كۆپ جەڭلەرگە قاتناشتىمكى، بەدىنىمدە قىلىچ، نەيزە ۋە ئوق يارىسى بولمىغان ھېچقانداق بىر يەر قالمىدى، لېكىن كۆرۈۋاتىسىلەركى، مەن خۇددى تۆگىلەرگە ئوخشاش ياتقان جايىمدا جان ئۈزۈۋاتىمەن. قورقۇنچاقلار دۇنيادا راھەت يۈزى كۆرمىگەي، ئىلاھىم!»(10).
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىغان چاغدا مۇنداق دېگەن: «مەخزۇم جەمەتى ئاياللىرىنى ئەبۇ سۇلايمانغا(11) يىغلىغىلى قويۇڭلار. چۈنكى، ئۇلار يالغان – ياۋىداق ئارىلاشتۇرمايدۇ. مەرسىيە ئوقۇيدىغان ئاياللار ئەبۇ سۇلايماندەك بىر كىشىگە مەرسىيە ئوقۇپ يىغلىسۇن».
مەنبە: تامىر بەدرنىڭ «ئۇنتۇلماس قوماندانلار (قادة لا تنسى)» ناملىق ئەسىرى.
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
1. ئىبنى كەسر: «سىيرە نەبەۋىييە»، 3/451؛ بەيھەقىي: «دەلائىلۇنۇبۇۋۋە»، 4/350.
2. يۇقىرىقى مەنبەلەر.
3. ئىبنى كەسر: «سىيرە نەبەۋىييە»، 3/453؛ بەيھەقىي: «دەلائىلۇنۇبۇۋۋە»، 4/351.
4. «تىرمىزىي»، (3846)، تىرمىزىي «ھەسەن» دېگەن.
5. مۇئتە غازىتى (غَزْوَةُ مُؤْتَةَ): ھ. 8 / م. 629 – يىلى مۇسۇلمانلار بىلەن سۇرىيەلىك خرىستىيان ئەرەبلەر ۋە ۋىزانتىيە قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شامدىكى بۇسرا پادىشاھىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ ئەۋەتكەن ئەلچىسى ھارىس ئىبنى ئۇمەير ئەلئەزدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋىزانتىيەگە تەۋە ئەرەب خرىستىيانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى ئىدى. بۇ ئۇرۇش ھازىرقى ئىئوردانىيەگە تەۋە «مۇئتە» دېگەن جايدا بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلارنىڭ 3000 كىشىلىك قوشۇنى ۋىزانتىيەنىڭ 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشقان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 586 – بەت
6. «بۇخارىي»، (4265).
7. «بۇخارىي»: (3547).
8. ئەينۇتتەمر (عَيْنُ التَّمْرِ): ئىراقتىكى كۇفەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەنبارغا يېقىن بىر كەنت. ھىجرىيە 12 – يىلى خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ قوماندانلىقىدا فەتىھ قىلىنغان. خورما ۋە شېكەر قومۇشى كۆپ چىقىدۇ. كۈنىمىزدە كەربالا شەھرىنىڭ 40 كىلومېتىر غەربىگە توغرا كېلىدۇ. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُالبُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 4/176؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/576.
9. تەبەرىي: «تارىخۇررۇسۇل ۋەلمۇلۇك»، 3/408. يەنى ئۇلارغا ئارام بەرمەيمەن دېمەكچى.
10. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 129/7.
11. ئەبۇ سۇلايمان: خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۇنيەسى.