«غەزەبكە يولۇققانلارنىڭ ئولتۇرۇشىدەك ئولتۇرامسەن؟» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئۇستاز! «ئەبۇ داۋۇد»تىكى 4848 – نومۇرلۇق شەرىد ئىبنى سۇۋەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە: «مەن مۇنداق، سول قولۇمنى ئۇچامنىڭ ئارقىدا قويۇپ، قولۇمنىڭ ئالىقىنىغا تايىنىپ يېنىمچە ئولتۇراتتىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: ‹غەزەبكە يولۇققان (يەھۇدىي) لارنىڭ ئولتۇرۇشىدەك ئولتۇرامسەن؟› دېدى» دېيىلىپتىكەن، بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مەزكۇر ھەدىسنى ئىبنى جۇرەيج ئىبراھىم ئىبنى مەيسەرەدىن، ئۇ ئەمر ئىبنى شەرىدتىن، ئۇ ئاتىسى شەرىد ئىبنى سۇۋەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىدە ۋە ئۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنىڭ نامازنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا ئومۇميۈزلۈك قارىتىلغانلىقىدا ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. مەزكۇر ھەدىسنى بەزى مۇھەددىسلەر «سەھىھ» دېگەن بولسىمۇ، توغرىسى، بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن ئىبنى جۇرەيج مۇدەللىس(1) بولۇپ(2)، ئۇ ئەنئەنە(3) قىلىپ رىۋايەت قىلغان بولغاچقا، بۇ ھەدىس «زەئىف»تۇر. لېكىن، بۇ ھەدىسنىڭ نامازدا شۇنداق ئولتۇرۇشنى چەكلىگەن ۋارىيانتى «سەھىھ» سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغاندۇر. ئابدۇرراززاق («مۇسەننەف»، 3057 – ھەدىستە) مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

ئىبنى جۇرەيج دېدىكى: ماڭا ئىبراھىم ئىبنى مەيسەرە خەبەر بەردىكى: ئۇ ئەمر ئىبنى شەرىدنىڭ مۇنداق خەبەر بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىنىڭ نامازدا ئولتۇرغىنىدا سول قولىنى يەرگە قويۇشى توغرۇلۇق: ‹ئۇ غەزەبكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئولتۇرۇش شەكلى› دېگەن».

بۇ رىۋايەتتە ساھابە تىلغا ئېلىنمىغان بولغاچقا، بۇ ھەدىس «مۇرسەل»(4)دۇر. بۇ «مۇرسەل» ھەدىسنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا رىۋايەتلەر بار. مەسىلەن، ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 387 – ھەدىستە) ۋە ئىبنى خۇزەيمە («سەھىھ»، 692 – ھەدىستە) نافىئتىن، ئۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىنىڭ نامازدا ئولتۇرغاندا سول قولىغا تايىنىشىنى چەكلىگەن». بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى «سەھىھ»تۇر.

ھاكىمنىڭ يەنە بىر رىۋايەتى («ئەلمۇستەدرەك»، 1007 – ھەدىس) دە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشى نامازدا ئولتۇرغاندا سول قولىغا تايىنىشنى چەكلىگەن ۋە: ‹بۇ يەھۇدىيلەرنىڭ نامىزى› دېگەن» دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىسنىڭمۇ سەنەدى «سەھىھ»تۇر.

نافىئتىن يەنە ئابدۇرراززاق قىلغان بىر رىۋايەت («مۇسەننەف»، 3055 – ھەدىس) تە، ئۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ نامازدا ئىككى قولىغا تايىنىپ ئولتۇرغان بىر كىشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «نېمىشقا نامىزىڭدا غەزەبكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئولتۇرۇشىدا ئولتۇرىسەن!؟» دېگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ «مەۋقۇف ھەدىس»(5)نىڭمۇ سەنەدى «سەھىھ»تۇر.

بۇ رىۋايەتلەر يۇقىرىقى «مۇرسەل» رىۋايەتنىڭ سەھىھلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى ناماز ئىچىدە چەكلەنگەن «سەھىھ» رىۋايەت بويىچە ئەمەل قىلىش توغرا بولىدۇ. ناماز سىرتىدا ئۇنداق ئولتۇرۇش چەكلەنمەيدۇ.

نامازدا بۇنداق ئولتۇرۇشنى چەكلەشنىڭ سەۋەبى يەھۇدىيلەر نامازدا شۇنداق ئولتۇرۇۋالاتتى. ئەمدى، «بۇنى ناماز سىرتىغىمۇ ئومۇملاشتۇرۇشقا بولامدۇ؟» دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى نامازدا ئولتۇرۇشتا كەلگەن. لېكىن، بەزى ئەھلى ئىلىملەر يۇقىرىقى ناماز بىلەن قەيت قىلمىغان ئىبنى جۇرەيجنىڭ «زەئىف» رىۋايەتىگە ئاساسلىنىپ: «ناماز سىرتىدىمۇ ئوخشاش چەكلىنىدۇ» دەپ قارىغان. ھالبۇكى، ناماز سىرتىدا چەكلەيدىغانغا ئۇ زەئىف ھەدىستىن باشقا بىرەر «سەھىھ» ھەدىس كەلمىگەن.

ۋەلھاسىل، غەزەبكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئولتۇرۇش شەكلى ھەققىدە بىر – بىرىگە ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل ھەدىس كەلگەن. بىرى، بۇ خىل ئولتۇرۇشنى ناماز ئىچىدە چەكلىگەن. يەنە بىرى، ئۇنداق قەيت قىلمىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن گەرچە بەزى ئالىملار «بۇ خىل ئولتۇرۇش نامازنىڭ ئىچىدە ياكى سىرتىدا ئوخشاشلا يامان كۆرۈلىدۇ» دەپ قارىغان ۋە بۇنى: «ھەر ئىككى ھەدىسكە تەڭ ئەمەل قىلىش بولىدۇ، بۇ خىل ئولتۇرۇش شەكلىنى چەكلەشتىكى سەۋەبمۇ ناماز سىرتىغىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، ناماز ئىچى بىلەن ناماز سىرتىنىڭ پەرقى يوق» دېگەن بولسىمۇ، يەنە بەزىلەر يۇقىرىقى ھەدىس تەتقىقاتىدىكى تەرجىھ قىلىشقا ئاساسلىنىپ: «بۇ خىل ئولتۇرۇشنى ناماز ئىچىدىلا مەكرۇھ ياكى ھارام» دەپ چەكلىگەن. بۇ چۈشەنچىگە ئاساسەن نامازدا بىر (بەزى ھەدىسلەردە ئىككى) قولىنى يەرگە قويۇپ ئولتۇرۇشنىڭ شەكلى تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا قولىنى يەرگە قويۇپ، قولىغا تايىنىپ ئولتۇرۇشتۇر. باشقا ھەدىسلەردە قولىدا بېلىنى تۇتۇپ ناماز ئوقۇشمۇ چەكلەنگەن(6).

دېمەك، «بۇ غەزەبكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىبادەت شەكلىگە ئوخشاپ قالماسلىق كۆزدە تۇتۇلغان، ناماز ئىچىگە قارىتىلغان چەكلىمە» دېيىش ئەڭ توغرىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1443، 24 – زۇلقەئدە / م. 2022، 23 – ئىيۇن


1. «مۇدەللىس (الْمُدَلِّس)»: ئەرەبچىدە «قاراڭغۇلاشتۇرغۇچى ياكى ئەيىبنى يوشۇرغۇچى» مەنىسىدەدۇر. ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «بىر ھەدىسنى ئىسنادتىكى ئەيىبنى يوشۇرۇپ، ياخشى كۆرسىتىپ رىۋايەت قىلغۇچى»نى كۆرسىتىدۇ. مۇدەللىس ئادەتتە ئۆزى ئۇچراشقان ۋە تەلىم ئالغان ئۇستازىدىن ئاڭلىمىغان بىر ھەدىسنى خۇددى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغاندەك قىلىپ رىۋايەت قىلىدۇ ياكى ئۇچراشمىغان ۋە تەلىم ئالمىغان بىر زاتتىن بىر ھەدىسنى خۇددى بىر ھەدىسنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغاندەك قىلىپ رىۋايەت قىلىدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئۇ ھەدىسنى كىمدىن ئاڭلىغانلىقىنى يوشۇرىدۇ. بۇ تۈرلۈك راۋىيلەر ئېنىق قىلىپ «ئاڭلىدىم» دېمىسە، كۈچلۈك قاراشتا رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. قاراڭ: «ﮪ. ﺷ. ﺋﯩ. ﺋﯧ.»، 330 – 335 – بەتلەر.
2. ئىبنى ھەجەر: «تەھزىبۇتتەھزىب»، 6 – ج، 359 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «تەبەقاتۇل مۇدەللىسىين»، 1 – ج، 41 – بەت.
3. «ئەنئەنە (الْعَنْعَنَة)»: ئەرەبچە پالانىدىن، ئۇ پوكۇنىدىن دېگەندىكى شەخستىن شەخسكە يېتىپ كەلگەنلىكنى بىلدۈرىدىغان «- دىن / – تىن» مەنىسىدىكى «ئەن» قوشۇمچىسىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەنئەنە» كەلىمەسىمۇ مۇشۇنىڭدىن كەلگەندۇر. ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «ھەدىسنى پالانى پالانىدىن، ئۇ پوكۇنىدىن دەپ سۆزلەپ بېرىشنى ياكى ئاڭلىغانلىقنى ۋە ياكى خەۋەر بەرگەنلىكنى بايان قىلماستىن رىۋايەت قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەرزدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس «مۇئەنئەن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنئەنە ھەدىسنىڭ سەنەدىنىڭ تۇتىشىشىنى ئېنىق بىلدۈرىدىغان ئىبارىلەردىن بولماستىن، بىر خىل ئېھتىماللىقى بار بولغاچقا، مۇھەددىسلەر بۇ خىل مۇئەنئەن ھەدىسلەرنى راۋىيلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى، مۇدەللىس بولماسلىقى شەرتى بىلەن سەنەدى تۇتاشقان دەپ قوبۇل قىلىدۇ. قاراڭ: «ﮪ. ﺷ. ﺋﯩ. ﺋﯧ.»، 556 – بەت.
4. مۇرسەل ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْمُرْسَلُ): ئەرەبچىدە «ئەۋەتمەك، يوللىماق ۋە مەيلىگە قويۇۋەتمەك» دېگەن مەنىلەردىكى «إِرْسَالٌ» كەلىمەسىدىن «قويۇۋېتىلگەن» مەنىسىدە تۈرلەنگەن بولۇپ، مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا بىرقانچە مەنىدە قوللىنىلغان. مەشھۇر ئىستىلاھتا: «تابىئىننىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بەرگەن ھەدىسى»دۇر. بەزىلەر چوڭ تابىئىن بولۇشىنى شەرت قىلىشىدۇ. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ئىسنادىدا ساھابە ياكى باشقا راۋىيلىرىدىن بىرى زىكىر قىلىنمىغان ھەدىس». بۇنىڭغا ئاساسەن «مۇرسەل» بىلەن «مۇنقەﺗﯩﺌ» ئوخشاش. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ساھابە بولمىغان راۋىينىڭ ‹رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى› دەپ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى»دۇر. ئالىملاردىن ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەدلەر «مۇرسەل ھەدىس ھۆججەت» دەپ قارىسا، ئەھلى ھەدىسنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇرسەلنى زەئىف ھەدىسلەر قاتارىغا تىزىدۇ. ئىمام شافىئىي «بىرقانچە شەرتلەر تېپىلسا ھۆججەت» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﮪ. ﺷ. ﺋﯩ. ﺋﯧ.»، 676 – 678 – بەت،؛ دوكتور نۇرىددىن ئىتر: «مَنْهَجُ النَّقْدِ فِي عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ (مەنھەجۇننەقد)»، 369 – بەت.لېكىن،

5. مەرفۇﺋ / الْمَرْفُوعُ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرنى، سۈپەتلەرنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ماقۇللىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەۋقۇف / الْمَوْقُوفُ — ساھابەگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ماقۇللىشىنى كۆرسىتىدۇ.

6. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 4 – ج، 18 – بەت؛ موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇلمەفاتىيھ»، 8 – ج، 526 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، – ج، 65 – بەت؛ سەففارىينىي: «غىزائۇل ئەلباب»، 2 – ج، 76 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

4 كۈن ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ھەپتە ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (22) رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي / رسالة حقية وديوان ندائي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي /رسالة حقية وديوان ندائي تۈر: رىسالە ھەققىييە: تەسەۋۋۇف،…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (21) تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي / تواريخ خمسة شرقي

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

2 ئاي ago