يەل چىقسا ئىستىنجاسىز تاھارەت ئېلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يەل چىقسا ئىستىنجاسىز تاھارەت ئالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

يەل چىقسا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلغاندا سۇنغاندەكلا تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئەلمازىنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ناماز ئوقۇۋېتىپ يەل چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئېيتىلىپ:

— ئۇ كىشى نامازنى توختىتامدۇ؟ — دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ:

— ياق، ئاۋاز ئاڭلىغانغا ياكى پۇراق پۇرىغانغا قەدەر، — دېگەن».(1)

ئىستىنجا فىقھ ئىستىلاھىدا: ئالدى – ئارقا ئىككى تەرەت ئېغىزىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نىجاسەت قالدۇقىنى چالما ۋە شۇنىڭدەك بىرنەرسە بىلەن سۈرتۈپ ياكى سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاشتىن ئىبارەت.(2)

بۇ سەۋەبتىن، ئىستىنجا دېگەن چوڭ ياكى كىچىك تاھارەت سۇندۇرغاندىلا كېرەك بولىدۇ، پەقەتلا يەل چىققان بولسا نىجاسەت بولمىغاندىن كېيىن ئىستىنجا قىلىش كېرەك ئەمەس، بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى.

بەلكى تېخى ھەنەفىي مەزھەبتە ئەگەر چوڭ ياكى كىچىك تەرەت چىقمىغان ئەھۋالدا يەلدىن ئىستىنجا قىلىش بىدئەت دەپ قارالغان.(3) بۇ ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ھاراملىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولۇشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە يەلدىن ئىستىنجا قىلىش كەلمىگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن يەل چىقىپ كەتسە، تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ. قايتا تاھارەت ئالماقچى بولسا، ئىستىنجا قىلمايلا يۈز – قوللىرىنى يۇيۇپ، ئاغزى – بۇرنىنى چايقاپ، بېشىغا مەسىھ قىلىپ تاھارەت ئېلىۋەتسە، يەنى «دەستۇر» قىلىۋەتسە بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «ئۇخلىغان ياكى يەل چىقىپ كەتكەن كىشىگە ئىستىنجاﺋ قىلىش كېرەك ئەمەس. بۇنىڭدا بىرەر ئالىمنىڭ باشقىچە كۆز قارىشى بارلىقىنى بىلمەيمىز. ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: ‹ئاللاھنىڭ كىتابىدا ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە يەلدىن ئىستىنجا قىلىش يوق، پەقەتلا (ئىستىنجاسىز) تاھارەت ئېلىۋېتىش كېرەك› دېگەن».(4)

ئىمام مالىكمۇ: «يەلدىن ئىستىنجا قىلمايدۇ، ئەگەر چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلسا، ئاشۇ مەينەت نەرسە چىققان جاينىڭ ئۆزىنىلا يۇيۇۋەتسۇن، كىچىك تەرەت قىلغان بولسا سۈيدۈك يولى ئېغىزىنىلا، چوڭ تەرەت قىلغان بولسا شۇ ئورۇننىلا» دېگەن.(5)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بارلىق ئالىملار يەلدىن، ئۇيقۇدىن، ئاياللارنى تۇتۇشتىن ۋە زەكىرىنى تۇتۇشتىن ئىستىنجا كېرەك ئەمەسلىكىگە بىردەك ئىتتىپاق. شىئەلەرنىڭ بەزىلىرىدىن ‹ئىستىنجا ۋاجىب بولىدۇ› دېگەنلىكى كەلگەن بولسىمۇ شىئەلەرنىڭ قارشىلىقى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. شەيخ نەسر «ئىنتىخاب» دېگەن كىتابىدا ‹يۇقىرىقىلاردىن بىرەرسى ئۈچۈن ئىستىنجا قىلىپ قالسا بىدئەتتۇر› دېگەن. جۇرجانىي: ‹يەلدىن ئىستىنجا قىلىش مەكرۇھ بولىدۇ› دېگەن».(6)

ۋاجىب دەپ قارىغان شىئەلەر زەيدىييە مەزھەبى بولۇپ، ئۇلار يەلدىن ئىستىنجا قىلىشنى ۋاجىب، دەپ قارىغان.(7) بۇ قاراشنىڭ تۈزۈك دەلىلى بولمىغاچقا، ئەھلىسۈننەت ئالىملىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

يەلدىن ئىستىنجاﺋ قىلمىسىمۇ بولىدۇ دېيىشنىڭ دەلىلى: پەقەت «قۇرئان» ياكى «ھەدىس»لا بىرنەرسىنى ۋاجىب دەپ بەلگىلەيدۇ. ئىستىنجاﺋ قىلىشنى ۋاجىب دەيدىغان بىرەر ئايەت ياكى ھەدىس يوق. ئۇيقۇدىن قوپقان كىشى ئۇيقۇ ئەسناسىدا يەل قويۇپ بېرىشتىن خالىي بولالمايدىغان تۇرۇقلۇق ئاللاھ تائالا تاھارەت ئېلىش ئايەتىدە ئۇنى ئىستىنجا قىلىشقا بۇيرۇمىغان.

﴿نامازغا تۇرماقچى بولساڭلار، يۈزۈڭلارنى، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلارغىچە يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىپ، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلارغىچە يۇيۇڭلار﴾(5/«مائىدە»: 6).

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەلنىڭ پۇرىقى سېسىق بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ نىجىس ماددىسى يوق. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىستىنجا قىلىش كېرەك بولىدىغان بولسا، ئۇ تەگكەن ئىشتاننىمۇ يۇيۇش كېرەك بولغان بولاتتى.

بەزىلەر بۇ مەسىلىدە: «يەلدىن ئىستىنجا قىلغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دېگەن ھەدىسنى دەلىل قىلغان بولسىمۇ، بۇنى ئىبنى ئەدىي «ئەلكامىل» دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلغان بولۇپ، راۋىيلىرى ئىچىدە زەئىف كىشىلەر بولغاچقا، بۇ ئىنتايىن زەئىف ھەدىستۇر.(8)

ئەگەر يەل چىققاندا يەل چىققان جاي قۇرۇق بولسا ئىستىنجا قىلىش كەتمەيدىغانلىقىدا، مەكرۇھ ياكى بىدئەتلىكىدە ئالىملار يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك ئىتتىپاق. ئەمما، نەم بولغان تەقدىردە، بەزى ئالىملار يەل چىققان جاي نەم بولسىمۇ ئىستىنجا قىلىش يا ۋاجىب، يا مۇستەھەب ئەمەس دېسە، يەنە بەزىلەر يەل چىققان جاي نەم بولسا ئىستىنجا قىلىش مەكرۇھ بولمايدۇ، دېگەن. بۇ نەم بولغان ئەھۋالدا ئىستىنجا قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىقىلارغا بىنائەن، ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا يەل چىققان جاي خېلىلا نەم ياكى ھۆل بولسا، ئىستىنجاﺋ قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، نەملىك بىر ئاز نىجاسەت ماددىسىنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ، بۇنى ھەر كىشى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ مۆلچەرلىسە بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئىچى سۈرۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە يەل بىلەن بىللە بىرەر نەرسە سەزسە ئىستىنجا قىلىۋەتكىنى تۈزۈك.

بەزى كىشىلەر ناماز ۋاقتى بولمىغان چاغدا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلىپ ئىستىنجا قىلىدۇ. كېيىنچە، ناماز ۋاقتى كىرگەندە نامازغا تاھارەت ئالماقچى بولغاندا قايتىدىن ئىستىنجا قىلىش لازىم دەپ ئويلاپ قېلىپ، قايتا ئىستىنجا قىلىۋېتىدۇ. ئەسلىدە بۇنداق قىلىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى، چوڭ ياكى كىچىك تەرەت چىققان ئورۇننى پاكىزلاپ ئىستىنجا قىلىۋەتكەندىن كېيىن تەرەت چىققان ئورۇن پاكىز بولغان بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا، قايتا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلمىسا، ئۇ يەر مەينەت بولۇپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە، تاھارەت ئالماقچى بولسا قايتا ئىستىنجا قىلىشى كېرەك بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 12 – شەئبان / م. 2011، 12 – ئىيۇل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 33 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2056)؛ «مۇسلىم»، (361).
2. ئىستىنجا (الاِسْتِنْجَاءُ): ئەرەب تىلىدا: «تەرەتتىن خالاس بولۇش، پاكلىنىش ۋە دالدىلىنىش» دېمەكتۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: ئالدى – ئارقا ئىككى تەرەت ئېغىزىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نىجاسەت قالدۇقىنى چالما ۋە شۇنىڭدەك بىرنەرسە بىلەن سۈرتۈپ ياكى سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاشتىن ئىبارەت. ئىستىنجانىڭ ھۆكمى ۋاجىب بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەبتە يەرلىك ئورۇندىن ئەتراپقا يامرىمىغان بەزىبىر ئەھۋاللاردا سۈننەتتۇر. قاراڭ: ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 2/287؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 4/112 – 114.
3. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/39.
4. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/100.
5. ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1/8.
6. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/116.
7. بەززار: «ئەلبەھرۇززەخخار»، 2/52.
8. ئىبنى ئەدىي: «ئەلكامىل»، 4/35؛ ئالبانىي: «ئەلئىرۋاﺋ»، 1/86.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

5 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

4 ھەپتە ago