شەيخ ئىمىن ئەئلەم ئاخۇنۇم يېڭىسارىي
(ھ. 1306– 1379/ م. 1888 – 1959)
شەيخنىڭ تولۇق ئىسمى ئىمىن تۇرسۇن مۇھەممەد بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئەسلىدە ئەھلى ئىلىملەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان بالا ئىدى. ئۇستازلىرى ئۇنىڭ خىزمەت قىلىش جەريانىدىكى تىرەنلىكى ۋە زەكىيلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىلىم ئۆگەتمەكچى بولۇپ شاگىرتلىرىنىڭ ئارىسىغا قوشىۋالغان. ئۇ شۇندىن باشلاپ ئۇستازىدىن ھەرقايسى پەنلەردىن ئاز – ئازدىن بىلىم ئېلىشقا باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىم – مەرىپەت ئىگىلەشتىكى قابىلىيىتى ۋە تالانتىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇستازىدىن قەشقەرگە بېرىپ ئوقۇش ھەققىدە ئىجازەت سورىغان. ئۇ قەشقەرگە كېلىپ تېرىشىپ ئوقۇپ بىلىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھىجرىيە 1333 (م. 1915)- يىلى كېرەكلىك «ئىجازە»لەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، كىندىكى قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى يېڭىسارغا قايتىپ كەلگەن.
ئۇ ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇ – ئوقۇتۇش، ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلىم – مەرىپەت بۇلاقلىرىنىڭ زىلال سۇلىرىدىن قاندۇرۇپ ئىچۈرۈش، ئىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇتۇش ئىدى. ئۇنىڭ ئىلىم بۇلىقىغا كەلگەن ھەرقانداق كىشىگە ئۇنىڭ مەرھەمىتى ۋە رەھىم – شەپقىتىدىن تولۇق نېسىۋە بار ئىدى. چۈنكى، شەيخ ئىمىن ئەئلەم ئاخۇنۇم ئىلىم ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن نۇرغۇن يىل ئەجىر قىلغان ئىدى. بەزىلەر ئۇنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىر قەدەر مۇپەسسەل يېزىلغان تەفسىرىنى دەرسلىك قىلىپ ئون نەچچە قېتىم تۈگەتكەن، شۇنىڭدەك، ئالتە ھەدىس توپلاملىرىنى ۋە ئۇندىن باشقا مۆتىۋەر كىتابلارنى، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات، مىراس قاتارلىقلارغا ئائىت كىتابلارنى، يەنە ھەنەفىي مەزھەب فىقھ كىتابلىرىنى دەرسلىك قىلغان دەيدۇ.
ئۇ ھىجرىيە 1369 (م. 1950) – يىلى يېڭىسارنىڭ شەرئى سوت مەھكىمەسى رەئىسىنىڭ ياردەمچىسىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. 1379 (م. 1959) – يىلى ۋاپات بولغان. 10 يىلغا يېقىن ۋاقتىنى يېتەكچى سالاھىيىتىدە ئىلاھىي شەرىئەتكە خىزمەت قىلىشقا سەرپ قىلغان.
ئاللاھ تائالا مەرھۇمغا رەھمەت قىلغاي، ئۇنىڭغا ئەڭ كاتتا ئەجىرلەرنى ئاتا قىلغاي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ ئەلقەسىيدە ئەسساۋىييە في ئىلمەي ئەلئەرۇز ۋە ئەلقافىيە/ شرح القصيدة الساوية في…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە ئەلۋەجىيھىييە في ئەلئاسار ئەلئۇلۋىييە/ الرسالة العلائية الوجيهية في الآثار العلوية…