پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھەقلىرى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھەقلىرى

شەيخ سەئىد قەھتانىي

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھەقلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ بولۇپ، تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن:

بىرىنچى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇ زات ئېلىپ كەلگەن قۇرئان ۋە دىن ئەھكاملىرىغىمۇ ئىشىنىش

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىز نازىل قىلغان نۇرغا (يەنى، قۇرئانغا) ئىمان ئېيتىڭلار! ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر﴾(64/«تەغابۇن»: 9)؛ ﴿ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار!﴾(7/«ئەئراف»: 158)، ﴿ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار! ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر﴾(57/«ھەدىد»: 28)؛ ﴿كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن (ئۇ كاپىردۇر)، شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق﴾(48/«فەتىھ»: 13).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ﻣﻪﻥ پۈتۈن ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﮪ ﻳﻮﻕ، ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﮕﻪ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ، ﺯﺍﻛﺎﺗﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ئۇرۇشۇشقا ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﺪﯗﻡ»(1).

رەسۇلۇللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش بولسا ئۇ زاتنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى پۈتكۈل ئىنس – جىنلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە، ئۇ زات ئېلىپ كەلگەن بارلىق دىن ئەھكاملىرىغا ۋە دېگەن سۆزلىرىگە ھەقىقىي ئىشىنىپ چىن قەلبىدىن تەستىقلاش دېگەنلىكتۇر، شۇنداقلا تىلدا ئۇ زاتنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن بىرگە قەلبتە ئىشىنىپ تەستىقلاش بىر – بىرىگە ئۇيغۇنلىشىشى لازىمدۇر. دېمەك، قەلبتە ئىشىنىپ تەستىقلاش بىلەن تىلدا گۇۋاھلىق بېرىش ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن دىن ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن رەسۇلۇللاھقا ھەقىقىي يوسۇندا ئىمان ئېيتقان بولىدۇ.

ئىككىنچى: رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇ زاتقا ئاسىي بولۇشتىن ھەزەر ئەيلەش

رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۇ زات ئېلىپ كەلگەن دىن ئەھكاملىرىغا ئىمان ئېيتىش ۋاجىب بولغانىكەن، ئۇ زاتقا ئىتائەت قىلىشمۇ ۋاجىبتۇر. چۈنكى، ئىتائەت قىلىشمۇ رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن ئەھكاملار قاتارىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار!﴾(8/«ئەنفال»: 20)، ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار!﴾(59/«ھەشر»: 7)، ﴿پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن﴾(24/«نۇر»: 23)، ﴿كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر. كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ ۋە خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 13 – 14).

 ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلسا، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ»(2). يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ. لېكىن، رەت قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، — دېگەندە، ساھابەلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! كىممۇ رەت قىلسۇن؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنىڭغا جاۋابەن:

— ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ. ماڭا ئاسىيلىق قىلغان كىشى جەننەتكە كىرىشنى رەت قىلغان كىشىدۇر، — دېگەن(3).

ئۈچىنچى: رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش ۋە بارلىق ئىشلاردا ئۇ زاتنى نەمۇنىلىك ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ھىدايىتىگە ئاۋاز قوشۇش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار! ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرىدۇ، ئاللاھ ناھايىتىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 31)، ﴿توغرا يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭغا (يەنى، پەيغەمبەرگە) ئەگىشىڭلار!﴾(7/«ئەئراف»: 157). شۇنداق بولغانىكەن، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئاسىي بولۇشتىن ۋە قارشى تۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەپ، ئۇ كۆرسەتكەن ۋە يېتەكلىگەن يولدا مېڭىشىمىز ۋاجىبتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس»(4).

تۆتىنچى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئاتا – ئانىسى، بالا چاقىسى، ئائىلىسى ۋە بارلىق كىشىلەردىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلار، تاپقان پۇل – ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار! ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 24). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ، ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ بەكرەك ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭمىگۈچە مۇئمىن ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ»(5).

ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئۇ زات بىلەن جەننەتتە بىللە بولۇشتىن ئىبارەت كاتتا مۇكاپات ۋە شەرەپكە نائىل بولىدىغانلىقى كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قىيامەت كۈنى توغرۇلۇق سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:

— سەن ئۇ كۈن ئۈچۈن نېمە تەييارلىدىڭ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ كىشى:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ناماز، روزا ۋە سەدىقىدىن چوڭراق تەييارلىق قىلمىغان بولساممۇ، لېكىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا جاۋابەن:

— ئۇنداقتا، سەن ئەلۋەتتە ياخشى كۆرگەنلىرىڭ بىلەن بىللە بولىسەن، — دېگەن ئىدى(6).

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھقا:

— ئى رەسۇلۇللاھ! سىلى ماڭا جېنىمدىن باشقا بارچە نەرسىدىن سۆيۈملۈكرەك، — دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:

— جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەن ھەتتا ساڭا شۇ جېنىڭدىنمۇ بەكرەك سۆيۈملۈك بولۇشۇم كېرەك! — دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلى ماڭا ھازىر ئۆز جېنىمدىنمۇ سۆيۈملۈكرەك، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:

— ئەمدى بولدى، ئى ئۆمەر! — دېگەنىدى(7).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﺋﯜﭺ ﺧﯩﺴﻠﻪﺕ ﺑﺎﺭكى، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎيسىبىر ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﺗﯧﭙﯩﻠﺴﺎ، ئۇ كىشى ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﮪﺎﻻﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﻴﺪﯗ: ﺋﺎﻟﻼﮪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﻰ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ؛ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ؛ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺵ»(8).

دېمەك، يۇقىرىدا ئېيتىلغان شۇ ئەھۋاللارنى ئاللاھ تائالا كىمگە مۇۋەپپەق قىلسا، ئەنە شۇ كىشى شەكسىز ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىغان ۋە ئىماننىڭ ھەقىقىي ھالاۋىتىنى تاپقان بولىدۇ – دە، ئىتائەت قىلىشتىن ھۇزۇر – ھالاۋەت ۋە خۇشاللىق ھېس قىلىپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش يولىدا ھەرقانداق قىيىنچىلىق، جاپا – مۇشەققەتلەرنى كۆتۈرەلەيدۇ ۋە يېڭەلەيدۇ ھەم شۇنداقلا پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەرىئىتىگە ئۇيغۇن بولغان يولدىلا ماڭىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنىڭ كائىناتقا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلىشىگە رازى بولۇپ تاللىغان ۋە ئۇنى ياخشى كۆرگەن. شۇڭا، كىمكى ئۇ زاتنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرسە، تۆۋەندىكى بېيىتتا ئېيتىلغىنىدەك، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا بەجانىدىللىق بىلەن ئىتائەت قىلىدۇ.

سۆيدۈم دېدىڭ ئەمما، ئاسىي بولدۇڭ ئىلاھقا،

قەسەم بولسۇن ئۆمرۈم بىلەن بۇ بىدئەتتۇر قىياستا.

گەر بولسىدى سۆيگۈڭ دىلدىن قىلماسمىدىڭ ئىتائەت،

ئاشىق ھەر ۋاق مەشۇقىغا تائەت بىلەن بولار بەند.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىپادىلىرى ئۇ زاتنى ھەر ئىشتا ئۆزىگە ياخشى ئۈلگە قىلىپ، سۈننىتىگە ئەگىشىپ، چەكلىگەن نەرسىلىرىدىن يىراق تۇرۇپ، مەيلى غۇربەتچىلىك ياكى كەڭتاشاچىلىقتا بولسۇن، مەيلى قىيىنچىلىق ياكى ئاسانچىلىقتا بولسۇن، ئۇنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي يوسۇندا ئەگىشىش بىلەن نامايان بولىدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى، كىمكى بىرەر نەرسىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ھەم ئۇنىڭ تەسىرى گەۋدىلىك شەكىللىنىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ ئاشۇ ياخشى كۆرگەن نەرسىسىگە چىن بولمىغان بولىدۇ ۋە قۇرۇق دەۋاگەر سانىلىدۇ.

شەك – شۈبھىسىزكى، سەمىمىيەتمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرگەنلىكنىڭ تۈرتكىلىك نامايەندىسىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دىن دېگەن سەمىمىيەتتۇر» دېۋىدى، ساھابەلەر: «كىم ئۈچۈن؟» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا جاۋابەن: «ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ كىتابى، پەيغەمبىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئاممىسى ئۈچۈن» دېگەنىدى(9). بۇ يەردىكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۈچۈن بولغان سەمىمىيەتتىن مەقسەت: ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ تەستىقلاپ، ئۇ بۇيرۇغان نەرسىلەردە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، چەكلىگەن نەرسىلىرىدىن ساقلىنىش؛ ئۇنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش، ھاياتىدا بولسۇن ياكى ماماتىدا بولسۇن، ئۇنى ھەر ۋاقىت ھىمايە قىلىش؛ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ھەم ئۇنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلاپ تارقىتىش بىلەن سۈننىتىنى تىرىلدۈرۈش؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ مىسلىسىز كاتتا ئېسىل پەزىلەت ۋە گۈزەل ئەدەب – ئەخلاقلىرى بىلەن زىننەتلىنىش… دېگەنلىكتۇر.

بەشىنچى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھۆرمەتلەش، ئۇلۇغلاش ۋە ئۇ زاتقا ياردەم بېرىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى، پەيغەمبەرنى) ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن (بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق)﴾(48/«فەتىھ»: 9)، ﴿ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئالدىدا (ھېچبىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(49/«ھۇجۇرات»: 1)، ﴿ئى مۇئمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرنى خۇددى بىر – بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار!﴾(24/«نۇر»: 24).

ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ھۆرمەتلەش ئۇ زاتنى خۇددى ھايات ۋاقتىدا ھۆرمەتلەپ ئۇلۇغلىغاندەك كامىل بولۇشى زۆرۈردۇر. بۇ رەسۇلۇللاھتىن كېيىنمۇ ئۇ زاتنىڭ ھەدىسلىرىنى بايان قىلىپ تۇرۇش، سۈننەتلىرىگە ئەگىشىش، ئۇ زاتنىڭ ھاياتىنى، تارىخىنى، ئىسىم – سۈپەت، پەزىلەتلىرىنى ياخشى بىلىپ ئىگىلەش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنى باشقىلارغىمۇ ئۆگىتىش، يەتكۈزۈش، باشقىلارنى ئۇنىڭ ھەق يولىغا چاقىرىش بىلەن دىننى يەتكۈزۈشتە ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ياردەمدە، ھەمدەمدە بولۇش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ.

ئالتىنچى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دائىم دۇرۇد ئوقۇپ يوللاش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۇئمىنلەر! سىلەرمۇ پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلەڭلار﴾(33/«ئەھزاب»: 56).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا بىر دۇرۇد يوللىغان كىشىگە ئاللاھ تائالا ئون رەھمەت قىلىدۇ»(10)، «ئۆيلىرىڭلارنى قەبرىگاھ قىلىۋالماڭلار، مېنىڭ قەبرەمنىمۇ تەخت كەبى ھەشەمەت بىلەن ئۇلۇغلاپ بايرام قىلىۋالماڭلار، بەلكى ماڭا دۇرۇد يوللاڭلار! ھەقىقەتەن سىلەر يوللىغان دۇرۇدلار ماڭا خۇددى مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بار ھالىتىمدىكىدەك يېتىپ تۇرىدۇ»(11)، «مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنغان يەردە ماڭا دۇرۇد يوللىمىغان كىشى (ھەقىقىي) بېخىلدۇر»(12)، «بىر قەۋم بىر مەجلىستە ئولتۇرۇپ، ئۇ مەجلىستە نە ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنمىسا، نە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە دۇرۇد يوللانمىسا ئۇ قەۋمگە ھالاكەت بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خاھلىسا ئۇلارنى ئازابلايدۇ، خاھلىسا مەغپىرەت قىلىدۇ»(13)، «مەن تىلغا ئېلىنغان چاغدا ماڭا دۇرۇد يوللىمىغان كىشى خار بولسۇن!»(14).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللىنىدىغان ئورۇنلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ توغرۇلۇق ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ « جەلائۇل ئەفھام (جَلَاءُ الأَفْهَامِ فِي الصَّلَاةِ وَالسَّلَامِ عَلَى خَيْرِ الأَنَامِ)» دېگەن كىتابىدا قىرىق بىر ئورۇننى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: مەسجىدكە كىرگەن ۋە چىققان ۋاقىتتا، ئەزاندىن كېيىن، قىيامدا تۇرغاندا، دۇئا ۋە نامازدىكى تەشەھھۇدتا، مېيت نامىزىدا، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئوقۇلىدىغان زىكىرلەردە، جۈمە كۈنىدە، قەۋم بىر سورۇنغا يىغىلىپ تارقاپ كېتىشتىن ئىلگىرى قىلىنىدىغان دۇئادا، جۈمە خۇتبىسى كەبى خۇتبىلاردا، ئىككى ھېيت نامىزىدىكى تەكبىرلەر ئارىسىدا، دۇئايى قۇنۇتتا، ئۇ زاتنىڭ ئىسىم – شەرىپىنى يازغاندا، ئۇ زاتنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا، سەفا – مەرۋىدە، غەم – قايغۇ ۋە قاتتىقچىلىقلارغا قېلىپ مەغپىرەت تەلەپ قىلغان چاغدا، گۇناھ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا كەففارەت بولۇشىنى نىيەت قىلىپ ئوقۇلىدىغان دۇئالاردا ۋە باشقا ئورۇنلاردا.

ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللاشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە تۆۋەندىكى ھەدىستىن باشقا ھەدىس كەلتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەلۋەتتە، ئاڭلىغانلار ئۈچۈن بۇ بىر ھەدىسنىڭ ئۆزى يېتەرلىك بولاتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇد يوللىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون قېتىم رەھمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئون خاتالىقىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ ھەم شۇنداقلا ئۇنى ئون دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»(15).

يەتتىنچى: ھۆكۈم – دەۋا ئىشلىرىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بويسۇنۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەرقانداق ھۆكمىگە رازى بولۇش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار! ئەگەر سىلەر بىرەر شەيئىدە ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 59)، ﴿(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 65). دېمەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىنمۇ ھەرقانداق ھۆكۈم – دەۋا ئىشلىرىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ۋە شەرىئىتى بويىچە ھەل قىلىش، بىرتەرەپ قىلىش لازىمدۇر.

سەككىزىنچى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ئۇلۇغلىۋەتمەستىن ھەم مەرتىۋىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەستىن ئوتتۇراھال يول تۇتۇش

ئۇ زات ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئۇ زات پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى، ئۇ زات ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئۈممەتلەرنىڭ داھىيسى، ئۇ زات ۋەدە قىلىنغان كاتتا مەرتىۋەنىڭ، ھەۋزى كەۋسەرنىڭ ساھىبى، لېكىن ئۇ زات ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن شۇ كاتتا پەزىلەتلەر بىلەن بىرگە ئۆزى ۋە ئۆزىدىن باشقىلارغا ئاللاھنىڭ خاھلىغىنىدىن باشقا پايدا ياكى زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر ئىنساندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد! سەندىن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى تەلەپ قىلغۇچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ‹مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار› دېمەيمەن، مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن، سىلەرگە مەن ئۆزۈمنى بىر پەرىشتە دېمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن›»﴾(6/«ئەنئام»: 50)، ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ خاھلىمىسا، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش ياكى زىياننى ئۆزۈمدىن دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، ئۆزۈمگە نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان – زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم. مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن»﴾(7/«ئەئراف»: 188)، ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە پايدا زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھلا قادىر بولالايدۇ)». ئېيتقىنكى: «(ئەگەر مەن ئاللاھقا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن»﴾(72/«جىن»: 21 – 22).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ۋاپات تاپتى، ئەمما ئۇنىڭ دىنى تاكى قىيامەتكە قەدەر داۋاملاشقۇچىدۇر، ئۈزلۈكسىز شانلىق دەۋران سۈرگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆلۈمنىڭ ھەممىگە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە پەيغەمبىرىگە (جۈملىدىن بارچە ئۈممەتكە) خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: ﴿سەنمۇ، ئۇلارمۇ ۋاپات تاپىسىلەر (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر)﴾(39/«زۇمەر»: 30).

بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ ئىبادەت قىلىش ۋە چوقۇنۇش پەقەت ۋە پەقەت ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان يەككە – يېگانە ئۇلۇغ ئاللاھقىلا لايىقتۇر! ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى، يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن»﴾(6/«ئەنئام»: 162 – 163).

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابەلىرىگە بولسۇن!

مەنبە: «حُقُوقُ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَلَى أُمَّتِهِ» – من كتاب: «وداع الرسول لأمته دروس، وصايا، وعبرٌ، وعظات» للشيخ/ سعيد بن علي بن وهف القحطاني http://www.saaid.net/mohamed/18.htm

 تەرجىمىدە: گۈلسۈم ئەرشىدىن.

—————————
1. «مۇسلىم»: 21 – ھەدىس.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»: 2957 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»: 1835 – ھەدىس.
3. «بۇخارىي»: 7280 – ھەدىس.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»: 5063 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»: 1401 – ھەدىس.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»: 15 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»: 44 – ھەدىس.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»: 3688 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»: 2639 – ھەدىس.
7. «بۇخارىي»: 6632 – ھەدىس.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»: 16 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»: 43 – ھەدىس.
9. «مۇسلىم»: 55 – ھەدىس.
10. «مۇسلىم»: 408 – ھەدىس.
11. «ئەبۇ داۋۇد»: 2042 – ھەدىس؛ «ئەھمەد»: 8790 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
12. «تىرمىزىي»: 3546 – ھەدىس؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
13. «تىرمىزىي»: 3380 – ھەدىس؛ «ئەھمەد»: 9583 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
14. «تىرمىزىي»: 3545 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
15. «نەسائىي»: 1297 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: