Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ھاجىلار قۇربانلىق قىلىشى كېرەكمۇ؟

ئۇنىڭ ئادەتتىكى قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىب ئەمەس

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھاجىلار ھەج ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان تەقدىردە، ئادەتتىكى قۇربانلىقنى ھەم قىلىشى كېرەكمۇ؟ ياكى ھەجنىڭ قۇربانلىقى ئادەتتىكى قۇربانلىققىمۇ ھېساب بولامدۇ؟ ئەگەر ئەر ھەجگە كېتىپ، ئايالى ۋە بالىۋاقىلىرى يۇرتىدا قالغان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم قۇربانلىق قىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئىسلامدا ھەج ئۈچ تۈرلۈكتۇر:

1. «ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ (التَّمَتُّعُ)»: يەنى ھەج ئايلىرىدا ئالدى بىلەن ئۆمرەگە ئېھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېھرامدىن چىقىپ كۈتۈپ تۇرۇپ، ھەج كۈنلىرى كەلگەندە شۇ يىلقى ھەجگە قايتا ئېھرام باغلاپ ھەج قىلىشتۇر؛

2. «ھەج قىران (الْقِرَانُ)»: يەنى ھەج ئايلىرىدا ئۆمرىگە ئېھرام باغلاپ، ھەجنى شۇ بىر ئېھرام بىلەن بىللە قىلىشتۇر. شۇنىڭغا ھەم دىققەت قىلىش كېرەككى، بىرقىسىم ھەدىس ۋە سەلەفلەرنىڭ بايانلىرىدا «ھەج قىران» يەنە «ھەج تەمەتتۇﺋ» دەپمۇ ئىپادىلەنگەن. چۈنكى، «ھەج قىران» ۋە «ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ» شەكىلەن ئازراق ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىككىلىسى بىر قېتىمدا ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىراقلا ئادا قىلىشتىن بەھرىمەن بولۇشتۇر؛

3. «ھەج ئىفراد (الإِفْرَادُ)»: يەككە ھەج يەنى ھەج ئايلىرىدا پەقەت ھەجگىلا ئېھرام باغلاپ ئۆمرە قىلماي يالغۇز ھەجلا قىلىشتۇر.

«ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ» ياكى «ھەج قىران» قىلىشنى نىيەت قىلىپ ھەرەمگە سەپەر قىلغان ھەربىر كىشى مەيلى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەرەمدە قۇربان ھېيت كۈنى ئۆزىگە ئايرىم «ھەدىيە قۇربانلىق» قان قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. «ھەدىيە قۇربانلىق» دېگىنىمىز: ھەرەمگە ھەدىيە قىلىنىپ قۇربانلىق قىلىنىدىغان چارۋىنىڭ ئىسمى بولۇپ، تۆۋىنى بىر قويدۇر. ناۋادا ئىقتىسادىي يار بەرمىگەنلىكتىن ياكى باشقا سەۋەبتىن قۇربانلىق قىلىدىغان چارۋا مال تاپالماي قالسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ ئۈچ كۈن روزىنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى 10 كۈنى ئىچىدە تۇتۇۋالسا دۇرۇس بولىدۇ. تۇتۇپ بولۇش بەلگىلەنگەن ۋاقتىنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئەرەفات كۈنىدۇر. قالغان يەتتە كۈننى ھەج پائالىيەتلىرىدىن بىكار بولۇپ، مىنادىن مەككەگە (يەنە بىر قاراشتا يۇرتىغا) قايتقاندىن كېيىن تۇتىدۇ.

ئاللا تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿… ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) مۇقىم ئولتۇرمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 196).

يۇقىرىقىسى بۇ خىل ھەج قىلىدىغانلار ئۈچۈن ۋاجىب بولغان «ھەدىيە قۇربانلىق»ى بولۇپ، ئۇلار خاھلىسا، بۇنىڭغا قوشۇپ نەپلە «ھەدىيە قۇربانلىق» قىلىشى مۇستەھەب بولىدۇ. نەپلە ھەدىيە قۇربانلىقى دېگەن «ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ» ياكى «قىران ھەج» قىلغان كىشىنىڭ ۋاجىب بولغان قۇربانلىقىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن زىيادە قىلغان قۇربانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىقى «ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ» ياكى «ھەج قىران» قىلىشنى نىيەت قىلىپ ھەرەمگە سەپەر قىلغان كىشى ھەدىيە قۇربانلىق قىلىدىغان، ھېيت نامىزى ئوقۇمايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئادەتتىكى قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىب ئەمەس، چۈنكى رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ﯞﯨﺪﺍﻟﯩﺸﯩﺶ ﮪﻪﺟﯩﺪﻩ(1) ھەدىيە قۇربانلىقتىن باشقا ئادەتتىكى قۇربانلىق قىلمىغان. يەنە كېلىپ، مۇساپىرغا قۇربانلىق ۋاجىب ئەمەس. ئائىلىسى بىلەن بىللە ھەجگە بارغۇچىنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقتىن باشقا ئادەتتىكى قۇربانلىق قىلىشىغا قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلار بار. «جائىز» دېگەنلەرمۇ، «مۇستەھەب» دېگەنلەرمۇ، «سۈننەت» دېگەنلەرمۇ، ھەتتا ئەكسىچە، «سۈننەتكە خىلاپ» دېگەنلەرمۇ بار. ئەمما، ئائىلىسىنى ئېلىپ بارمىغان بولسا، ئائىلىسىنىڭ يۇرتتا قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر(2).

نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ئادەتتىكى قۇربانلىقتا كىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بىر قوي يېتەرلىك بولاتتى. مەزكۇر ئىككى خىل ھەجدىكى ۋاجىب بولغان «ھەدىيە قۇربانلىق» ھەربىر ھاجىغا ئايرىم – ئايرىم ۋاجىب بولغان قان قىلىش بولغاچقا، ھەر ھاجى ئۆزىگە ئايرىم، ھەجدىكى ئايالىغا ئايرىم، ئانىسىغا ئايرىم… قان قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. ھەجگە بارغان ئەر ھەدىيە قۇربانلىقنى قىلغىنىدا، ئۇنى ئادەتتىكى قۇربانلىققا ھېسابلىۋەتكىلى بولمىغاچقا، يۇرتتىكى ئايالى ۋە بالىۋاقىلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.

بۇنىڭ ئەكسىچە، مەككەدە مۇقىم تۇرىدىغان كىشىگە ياكى ھەج ئىفراد قىلىشنى نىيەت قىلغانلارغا ھەج ئۈچۈن قىلىنىدىغان بۇ «ھەدىيە قۇربانلىق» ۋاجىب ئەمەس. لېكىن، ھەجگە بارمىغانلار يۇرتلىرىدا قىلىدىغان ئادەتتىكى قۇربانلىق ئۇلارغىمۇ ۋاجىب.

يىغىپ ئېيتقاندا، «ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ» ياكى «ھەج قىران»غا بارغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن (ئادەتتىكى) قۇربانلىق قىلمايدۇ. يۇرتىدا قالغان بالىۋاقىلىرى ئايرىم قۇربانلىق قىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 7. 1

————————————————
1. «ۋىدالىشىش ھەجى / ھەججەتۇل ۋىدا (حَجَّةُ الْوَدَاعِ)»: ھىجرەتنىڭ 6 – يىلى ھەج پەرز قىلىنىپ، تۆت يىلدىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ ئاي مۇقەددەم ئادا قىلغان تۇنجى ۋە ئاخىرقى ھەج ئىبادىتىدۇر. بۇ ھىجرەتنىڭ 10 – / مىلادىيە 632 – يىلى ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ھەج قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەجىدە مۇسۇلمانلار بىلەن ۋىدالاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەج «ۋىدالىشىش ھەجى» دەپ ئاتالغان. بۇ ھەجدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلام شەرىئىتى ھەققىدە توختىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە مۇسۇلمانلارغا دىن ئىشلىرىدىن تەلىم بەرگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دىننى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىغا ئاۋۋال ئاللاھنى، ئاندىن مۇسۇلمانلارنى گۇۋاھ قىلغان. شۇ جۈمە كۈنى ئەرافاتتىكى چاغدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇنۇ ئايەت نازىل بولغان: ﴿بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم﴾(5/«مائىدە»: 3). ھەجدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچ ئاي ياشىغان ۋە ئۇ ئايلاردا ھالال – ھارامغا ئالاقىدار ھۆكۈم ۋەھيى قىلىنمىغان.
2. ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1 – توم، 550 – بەت؛ ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2 – توم، 225 – بەت؛ سەرەخسىي، «ئەلمەبسۇت»، 12 – توم، 13 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8 – توم، 383- بەت؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7 – توم، 272 – بەت؛ نەفراۋىي: «ئەلفەۋاكىھۇددەۋەنىي»، 2 – توم، 843 – بەت؛ زەبىيدىي: «ئەلجەۋھەرەتۇننەييىرە»، 2 – توم، 282 – بەت؛ ئىبنى  قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3 – توم، 220 – بەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version