«ئايال كىشىنىڭ دىنى كەمتۈك، ئەقلى چولتا» دېيىش راستىنلا ئايال زاتىنى كەمسىتكەنلىكمۇ؟

«ئايال كىشىنىڭ دىنى كەمتۈك، ئەقلى چولتا» دېيىش راستىنلا ئايال زاتىنى كەمسىتكەنلىكمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «ئايال كىشىنىڭ دىنى كەمتۈك، ئەقلى چولتا» دېگەن مەنىدىكى ھەدىسلەرنى قانداق چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ؟ بەزى دىن دۈشمەنلىرى بۇنى «ئىسلام دىنى ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈشكە چاقىرىدۇ» دېگەن باتىل قارىشىغا دەستەك قىلىۋالىدىكەن، «بۇلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىمىزدە توغرا چۈشەنچە بولۇشى كېرەك» دەپ ئويلاپ، چۈشىنىۋالاي دېگەنىدىم. رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، مەزكۇر ھەدىس شەرىف سەھىھلىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ھەدىس بولۇپ، ئۇنى ئىمام بۇخارىي، ئىمام مۇسلىم ۋە باشقا ئىماملار ئۆز سەھىھ ھەدىسلەر توپلاملىرىدا ﺋﻪﺑﯘ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺋﻪﻟﺨﯘﺩﺭﯨﻲ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘم قاتارلىق بىرقانچىلىغان ساھابەلەردىن رىۋايەت قىلغاندۇر. مەسىلەن، («سەھىھۇلبۇخارىي»، 304 -، 1462 – ۋە «سەھىھۇ مۇسلىم»، 79 -، 80 – ھەدىسلەردە) ﺋﻪﺑﯘ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺋﻪﻟﺨﯘﺩﺭﯨﻲ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮪﯧﻴﺘﺘﺎ ــ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻭﺯﻯ ﮪﯧﻴﺘﺘﺎ ــ ھېيتگاھقا ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ:

ــ ﺋﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﻰ! ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﻪﮪﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ــ ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ (دىن بىرى):

ــ نېچۈن، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى؟! ــ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

ــ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻻ ﻗﺎرﻏﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ياخشىلىقلىرىغا ﺗﺎﻧﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭۇﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ، ﺩﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺘﯜﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ، ــ ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﺘﯜكلۈكى ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ــ دېگەنىدى، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

ــ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ:

ــ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ، ــ ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

ــ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﯩﺪىندۇر. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ، شۇنداق ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! ــ ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ:

ــ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ــ ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

ــ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯩﻜﯩﺪىندۇر، ــ ﺩﯦﺪﻯ».

مەزكۇر ھەدىس شەرىفتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنىڭ ئاياللاردىن بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە بۇنىڭ چارىسىنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘما رىۋايەت قىلغان ھەدىس («سەھىھۇ مۇسلىم»، 79) تە «ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ئىستىغفار ئېيتىڭلار!» دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن، ھەدىستە دوزاخ ئەھلى ئىچىدە ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان. دەرۋەقە، دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاياللاردىن بولىدىغانلىقى ھەرگىزمۇ جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەرلەردىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ(1). مۇھەققىق ئالىملار جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىنىمۇ ئاياللارنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، جەننەتتە ھەربىر جەننەتىي ئەرنىڭ ھۆر پەرىلىرىدىن باشقا يەنە ئىنسانلاردىن ئىككىدىن ئايالى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس («مۇسلىم»، 2834) مۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنىڭ دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىشىگە «تولا قارغاش» بىلەن «نېئمەتتىن تانغاقلىق»ىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، دەرۋەقە مەزكۇر ئىككى يامان خىسلەت ئەرلەردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە بار بولسىمۇ، ئاياللاردا ئېغىرراقتۇر. چۈنكى، ئاياللار يارىتىلىش ئېتىبارى بىلەن ئاجىز بولغاچقا، كۆپرەك تىلىغا كۈچەيدۇ. كۆپ تىللاش ئورۇنسىز قارغاشقا ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە گۇناھى ئۆزىگە قايتىپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ تىلغا كۈچەش كۆپىنچە ئەھۋالدا ئەرنىڭ ياخشىلىقىدىن تېنىشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئائىلە بىخەتەرلىكى ۋە ئۆي ئىچى ھۇزۇرىغا چوڭ تەسىرى بولغاچقا، ياخشىلىقتىن تېنىشنىڭ ئۆزى چوڭ گۇناھ ھېسابلانغان. قارغاشنى كىچىك گۇناھ دېسەكمۇ، ئۇنىڭ كۆپ سادىر بولۇشى ئۇنى چوڭ گۇناھقا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ «ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەبىئىتى مۇشۇنداق» دېگەنلىك ئەمەس، ئەلبەتتە. چۈنكى، نۇرغۇن ئاياللار باركى تەقۋادارلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئاچچىقى كەلگەندىمۇ تىلىغا ئىگە بولالايدۇ. شۇڭلاشقا ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئىككى يامان ئىللەت ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن، ھېچبىر ئايال زاتى قۇتۇلالمايدىغان ئىش ئەمەس. ئۇنداق بولمىسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئورنى قالمايتتى. لېكىن، شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، ئادەتتە ئەرنىڭ كۆپ ياخشىلىقىنى كۆرگەن تۇرۇپمۇ، بىرەر خاتالىقىنى تۇتۇۋالسا، ئەردىن ھېچقانداق ياخشىلىق كۆرمىگەندەكلا ئەرنىمۇ، ئۆزىنىمۇ قارغاپ كېتىدىغان ئاياللار ئۇچراپ تۇرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مانا مۇشۇ خىلدىكى قىلمىشتىن ئاياللارنى ئاگاھلاندۇرغان، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش شەكسىزكى، ئائىلىنى قوغداش ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر.

ھەدىستىكى «ئەقىلنىڭ قىسقىلىقى» ھەرگىزمۇ ئاياللارنى كەمسىتىش بولماستىن، بەلكى ئاياللاردىكى پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىك، جېدەل – ماجىرادا ئاسان ئۆزىنى تۇتالماسلىق ۋە ھېسسىياتىغا بېرىلىپ كېتىش كەبى تەبىئىتىگە ئالاقىدار دېيىشكە بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇنىڭ ۋەجىنى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر ۋە ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار! بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 282) دېگەن ئايەتىگە مۇۋاپىق ھالدا «ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقى ئەرلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ يېرىمىغا تەڭ بولۇشى» دەپ ئىزاھلىغان. دېمەك، بۇ يەردىكى ئەقلى قىسقىلىق پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىنى ئەستە تۇتۇشتىكى كەمچىللىك بولۇپ، بۇ مۇتلەق ياكى يارىتىلىشتىكى قۇسۇر بولماستىن، نىسبىي قۇسۇردۇر. ئەلبەتتە بۇ خىل سۈپەتلەش جىمى ئاياللارغا بېرىلگەن ھۆكۈم ئەمەس، بەلكى كۆپىنچىسىگە بېرىلگەن ھۆكۈمدۇر. شۇڭلاشقا «ھەرقانداق ئايال زاتىدا تېپىلىدۇ» دېگىلى بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىنى ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپرەك ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىغا يۇقىرىقى ئايەت يېتەرلىك دەلىل بولۇش بىلەن بىرگە، ھەيز، تۇغۇت، بالا ئېمىتىش قاتارلىقلارنىڭ ئۇنتۇشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى زامانىۋى نېرۋا تەتقىقاتىدىمۇ ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەتتۇر. ئەلبەتتە ئاياللارنىڭ ئىچىدە زېرەكلىك ۋە بىلىمدە نۇرغۇن ئەرلەرنى بېسىپ چۈشىدىغانلىرى، ھەتتا قول ئاستىدا بىرمۇنچە ئەرلەر پەرمانبەردارلىق قىلىدىغانلىرىمۇ يوق ئەمەس. ئۇنتۇشقا ئالاقىدار بۇ قىسمەن ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئاياللاردىكى ئەيىبلىنىدىغان نۇقتا بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئاياللىق تەبىئىتىدىكى مۇكەممەللىكتۇر. چۈنكى، ئۇلار ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىدا ئەرلەر بىلەن تەڭ بولسا ئىدى، ھېسسىيات تەرەپتىن ئاجىز بولاتتى – دە، بۇ ئۇلارنىڭ ئاياللىق تەبىئىتىنى زىدىلەيتتى ۋە بىر پۈتۈن ھاياتلىق مۇۋازىنىتى ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتەتتى(2).

گۇۋاھلىق مەسىلىسىدە شۇنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەرقانداق ئەرنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئىككى ئايالنىڭ گۇۋاھلىقىغا باراۋەر قىلمىغان. چۈنكى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، كىشىلەرنىڭ ئەقلىي سەۋىيەسى بىر دەرىجىدە بولمايدۇ. گاھىدا گۇۋاھلىقى ئەسلا قوبۇل قىلىنمايدىغان نۇرغۇن ئەرلەر بار تۇرۇپمۇ پەقەت بىر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۇۋاھلىق ئوبيېكتىگە قاراپ ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقى ئەرلەرنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، ئاياللار ئېنىق بىلىپ تەپسىلاتىنى ئەستە تۇتقانلىقىدا شەك قىلىنمايدىغان تۇغۇت، ئېمىلداشلىق ۋە ئاياللارغا خاس مەسىلىلەردە يالغۇز بىر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقىمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمما، ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوغرىلىق ۋەقەلىكلىرىدەك قورقۇپ ئۆزىنى قاچۇرغانلىق تۈپەيلى تەپسىلاتىنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان ئەھۋاللاردا ياكى كۆرۈنۈشنىڭ پاجىئەلىك بولۇشى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللاردا، ياكى ئاياللار ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىغان سودا – مۇئامىلە ۋە قەرز مەسىلىلىرىدە ئۇنداق ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، قۇرئاندىكى مەزكۇر ئايەتنىڭ ئىشارەتلىرىدىن مەلۇم بولىدۇكى، ئايال كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدىغان بەزىبىر ئەھۋاللاردا ئاياللار ئەسلىتىپ ياردەم قىلىدىغانلارغا موھتاجدۇر. بۇنىڭدىن ئەرلەرنىڭ ئەقلى بىلەن ئاياللارنىڭ ئەقلىنىڭ ئومۇمەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەش مۇمكىن بولسىمۇ، ئەقلىي جەھەتتىن ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئومۇمەن ئۈستۈنلۈكى چىقمايدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «دىننىڭ كەمتۈكلىكى»نى «ئاياللار ھەيز كۆرگەن چاغلىرىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، «بۇ ئېنىق ئىش. چۈنكى، ‹دىن›، ‹ئىمان› ۋە ‹ئىسلام› مەنىداش سۆزلەر بولۇپ، تائەت – ئىبادەتلەرمۇ ‹ئىمان› ۋە ‹دىن› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، كۆپىنچە ھاللاردا، تائەت – ئىبادەتلىرى كۆپ بولغانلارنىڭ دىنى ۋە ئىمانى زىيادىرەك، تائەت – ئىبادەتلىرى كەم بولغانلارنىڭ دىنى ۋە ئىمانى سۇسراق بولىدۇ. تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ئۆزۈرسىز قىلمىسا گۇناھكار بولسا، ۋاجىب بولمىغان ئەھۋاللاردا گۇناھكار بولمايدۇ. بەزىدە (شەرئىي) ئۆزرە سەۋەبلىك تائەت – ئىبادەت قىلماسلىققىمۇ بۇيرۇلىدۇ، ھەتتا ھەيزدار ھالەتتە روزا تۇتۇش ۋە ناماز ئوقۇش ھارامدۇر»(3).

دېمەك، دىننىڭ كەمتۈكلۈكى ھەيز ۋە نىپاسدارلىق تۈپەيلى جىمى تائەت – ئىبادەتلەرنى ئەرلەر بىلەن تەڭ قىلالماسلىق جەھەتتىن بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ ئاياللار ئۆز خاھىشىچە بېكىتىۋالالايدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بۇ رېئاللىققا ئىشارە قىلغان ۋە بۇنىڭ ئورنىنى زىكىر – ئىستىغفار ۋە سەدىقە بىلەن، پاك بولغاندا كۆپلەپ تائەت – ئىبادەت قىلىۋېلىش بىلەن تولدۇرۇشقا چاقىرغان. شۇڭا، بۇ ھەدىستە بەزى دەۋر خاۋارىجلىرى ۋە دىن دۈشمەنلىرى چالۋاقىغاندەك «ئاياللارنى كەمسىتىش» بولماستىن، ئەمەلىي ئەھۋالنى سۈپەتلەپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا يول كۆرسىتىش بولغان(4).

رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللارنى: «ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭۇﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ» دەپ سۈپەتلىشى ئەمەلىيەتتە ئاياللارنى ماختاش بولۇپ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىك ۋە ھېسسىياتچانلىقتا ئەرلەرنىڭ ئەقلىگە تەسىر قىلىش كۈچى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر.

يۇقىرىقلاردىن ئايدىڭلىشىدۇكى، مەزكۇر ھەدىستىن ھەرگىزمۇ ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش پۇرىقى چىقمايدۇ. دېمەك، ھەدىسكە قاراپلا «ئاياللار ئەقىل – ئىدراكتا ئەرلەردىن تۆۋەن» دېگەن مەزمۇننى يەكۈنلىۋېلىش ئاياللارغا ناھەقچىلىق قىلىش بولۇپلا قالماي، ئىسلام دىنىغىمۇ ناھەقچىلىق ۋە تۆھمەت قىلىشتۇر. ھالبۇكى، ئاياللار يارىتىلىش ئېتىبارى بىلەن تۇرمۇشتىكى كۆپىنچە ئىشلىرىدا ئەقلىنىڭ ئورنىغا ھېسسىياتىغا تايىنىدۇ. بۇ ئاياللاردىكى ئالاھىدە سۈپەت بولۇپ، ئايال كىشى مۇبادا ئەقلىگە كۆپرەك تايىنىدىغان بولسا ئىدى، بالا بېقىپ پەرزەنت تەربىيەلىشى قىيىن بولاتتى. بۇ ئالاھىدىلىكسىز دۇنيانىڭ ھالى قانداق بولۇر؟! بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.

يەنە بىرى، مەزكۇر ھەدىسكە تايىنىپ «ئاياللار دىندا ئەرلەردىن تۆۋەن» دېگەن مەزمۇننى يەكۈنلىۋېلىش كالتە پەملىك ۋە يەڭگىلتەكلىك بولىدۇ. دەرۋەقە، ھەدىسكە ئالدىراپ يۈزەكىلا قارىغان كىشىنىڭ كاللىسىغا دەرھال «ئايال كىشى دېگەننىڭ ئەسلىدىلا دىنى كەمتۈك بولىدىكەن ئەمەسمۇ!» دېگەندەك ئوي كەلسىمۇ، سالماق تۇرۇپ ئىنساپ بىلەن مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ بەزى ۋاقىتلارنى ئەرلەردەك ناماز ۋە روزا بىلەن ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقى دەل ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس شەرئىي ئۆزرىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىما قىلىنغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، ھەدىسنىڭ مەقسىدى ئاياللارنى ئەقلى كوتا، دىنى كەمتۈك ياكى ئازدۇرغۇچى بولغانلىقتىن ئەيىبلەش ياكى تاپا – مالامەت قىلىش بولماستىن، بەلكى ئۇلارنى سەدىقە – ئېھسان قىلىشقا تەرغىب قىلىشتۇر. ئۇنداق بولمىغاندا ئىدى، قارىماققا سەلبىي كۆرۈنگەن بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەربىرىگە ئايال زاتىنىڭ فىترىتى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ بىردىن ئورۇنلۇق جاۋاب بېرىلمىگەن بولاتتى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 6. 27

———————————————–
1. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6 – توم، 325 – بەت.
2. دوكتور مۇھەممەد فەرىد زەريوھ: «المعارضات الفكرية المعاصرة لأحاديث الصحيحين»، 3 – توم، 1617 – بەت.
3. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 1 – توم، 176 – بەت.
4. نەشرگە تەييارلىنىۋاتقان «‹سەھىھۇلبۇخارىي›نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»دىن ئېلىندى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ