نومۇس ۋە شەرەپ بىلەن قىلىنغان قەسەمنىڭ ھۆكمى

نومۇس ۋە شەرەپ بىلەن قىلىنغان قەسەمنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئورنى ياكى سوت مەھكىمىسى ۋە باشقا ئورۇنلاردا «بەرگەن گۇۋاھلىقىمىزنىڭ ياكى بېجىرگەن ئىشىمىزنىڭ راست ۋە توغرا ئىكەنلىكى» ھەققىدە بىزدىن تەلەپ قىلىنغان «نومۇس ۋە شەرەپ» بىلەن قەسەم قىلىش شەرىئەت چەكلىگەن قەسەم دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟ كىرسە شۇنداق قەسەم بېرىپ قالغان كىشىگە قانداق كەففارەت ياكى جازا كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

قەسەم ئىچىشتىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ بىر نەرسىنى قىلىش – قىلماسلىق ئىرادىسىنى ياكى سۆزىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلەش مەقسەت قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق جىكىلىگەن: «كىمكى قەسەم قىلماقچى بولسا، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن»(1). يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى ئاللاھتىن غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، شىرك كەلتۈرگەن (ياكى كاپىر بولغان) بولىدۇ» دېگەن(2). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاتا – بوۋاڭلار بىلەن قەسەم ئىچمەڭلار» دېگەن(3). ئاتا – ئانىدىن باشقا، تۇز، ئۆمۈر، شەرەپ… قاتارلىق ھەممە نەرسە مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ كىشىلەر نەزەرىدە مەلۇم ھۆرمىتى بولسىمۇ، ھەقىقىي ۋە مۇتلەق ئۇلۇغلۇق ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر. يەنە قەسەم دېگەن ئۇلۇغلاش بولۇپ، بۇ خىل ئۇلۇغلاش بىلەن ئىبادەت قىلىش پەقەت ئاللاھقىلا بولىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھمۇ: «ھەممىدىن ۋاز كەچكەن ھالدا، ساپ تەۋھىد ۋە ئىخلاس ئاساسىدا، پەقەت ئاللاھ بىلەنلا قەسەم قىلىنىدۇ» دېگەن(4).

شۇڭا، قەسەمنى ئاللاھ تائالا ياكى ئۇ زاتنىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىدىن باشقا نەرسە بىلەن قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ. «ئاللاھ بىلەن قەسەم، ۋەللاھى، بىللاھى، ئەزبىرايى خۇدا، خۇدا ھەققى، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەم، رەببىم بىلەن قەسەم، خالىق بىلەن قەسەم، پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم…» دېگەندەك ئاللاھ تائالا ۋە ئۇ زاتنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن قىلىنغان ئەنت – قەسەملەر توغرا ۋە ئۆلچەملىك قەسەم ھېسابلىنىدۇ.

«نومۇس ۋە شەرەپ» بىلەن قەسەم قىلىش شەرىئەت چەكلىگەن قەسەم دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، كىمكى بىلمەي ياكى مەجبۇر شۇنداق قەسەم قىلىپ سالغان بولسا، كەلىمەئى شاھادەت ئېيتىش بىلەن تەۋبە قىلىپ، ئىستىغپار ئېيتىشى كېرەك. لېكىن، بۇ شەرىئەت ئېتىبارغا ئالىدىغان قەسەم ھېسابلانمىغاچقا، ئۇنىڭغا ئادەتتىكى قەسەمنىڭكىدەك كەففارەت كەلمەيدۇ.

جامائەت گۇۋاھلىقى ياكى نوتەر، سوت مەھكىمىسى تەلەپ قىلىدىغان «يەمىنلىك تەرجىمان» دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان ھوقۇقلۇق ئورگان ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر شەرت قوشقان شەكىلدىكى «قەسەم» بىلەنلا كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولسا، مەۋجۇد دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش بولمىسا، لېكىن شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ رەسمىيەت بېجىرىش ۋە ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق تەرجىمانغا ئېھتىياجى بار بولسا، بۇ ئېھتىياجنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە قامداشقا تۇرۇشلۇق دۆلەت تەلەپ قىلغان دىپلوم ۋە سەۋىيەگە ئىگە كىشىلەر چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلمىغان ھالدا، قەلبىدە رەت قىلىپ تۇرۇپ، ئاغزىدا تەلەپپۇز قىلىپ «قەسەم» قىلسا گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى، (مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)(2/«بەقەرە»: 225)

بۇ تۈرلۈك قەسەمگە كەففارەت كەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى ئالىملىرىمىز مۇنداق ئىزاھلىغان: «چۈنكى، قەسەم شېپى كەلتۈرۈلگەن شەيئىنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلۇغلاشقا پەقەت ئاللاھ تائالاغىنە لايىقتۇر. ھەقىقەتەن كىشىلەر ئادەتلەنگەن ئاللاھتىن غەيرى بىلەن قەسەم قىلىشنى شەرىئەت رەت قىلغان. ئاللاھتىن غەيرى بىلەن قەسەم ئىچىش دۇرۇس بولمىغانىكەن، ئۇ قەسەم ھېسابلانمايدۇ ۋە ئۇنداق قەسەم ئىچكەن كىشىگە (ئادەتتىكى) كەففارەت كەلمەيدۇ»(5).

دېمەك، بۇ تۈرلۈك ناتوغرا قەسەمنىڭ ئادەتتىكى قەسەمنىڭكىدەك كەففارەتى يوق، بەلكى ئۇنىڭ كەففارەتى مۇنۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك، كەلىمەئى شاھادەت ئېيتىش بىلەن تەۋبە قىلىشتۇر: «كىمكى قەسەم قىلىپ قەسىمىدە: ‹لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەم› دەپ سالسا، ئارقىدىنلا ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق) دەۋەتسۇن»(6).

ئىمام نەۋەۋىي قەسەم قىلغۇچىنىڭ قەلبىدىكى نىيىتىگە قاراپ بۇ خىل قەسەمنىڭ ھۆكمىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مۇبادا ئاللاھتىن غەيرى بىلەن قەسەم قىلغۇچى ئۇ نەرسىنى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغ دەپ ئېتىقاد قىلسا، كاپىر بولۇپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹كىمكى ئاللاھتىن غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، كاپىر بولۇپ كېتىدۇ› دېگەن ھەدىسىنىمۇ مۇشۇنداق چۈشىنىش كېرەك. چىن دىلىدىن مەقسەت قىلماستىن تىلى يۈگۈرۈپ كەتكەن بولسا، مەكروھ بولمايدۇ، بەلكى بۇ ئىناۋەتسىز قەسەمدۇر»(7).

«پۈتۈن مۇقەددەس بىلىدىغان نەرسىلىرىم بىلەن قەسەم قىلىمەن» دەپ قەسەم قىلغان ئەھۋالدا، مۇسۇلماننىڭ مۇقەددەس بىلىدىغان نەرسىلىرى ئېنىقلا «ئاللاھ»، «قۇرئان»، «كەئبە» قاتارلىقلاردۇر. «قۇرئان» ياكى «قۇرئاننىڭ ھەققى – ھۆرمىتى»، «كەئبە» ياكى «كەئبەنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى» قاتارلىق ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىلىدىغان بىر قىسىم ئۇلۇغ شەيئىلەردە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. توغرىسى، مەجبۇر بولمىغان ئەھۋالدا بۇلار بىلەن قەسەم ئىچمەسلىك كېرەك. ئەگەر مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن قەسەم ئىچسە ھېچقىسى يوق. ھەتتا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ يۇقىرىقىلار بىلەن ئىچىلگەن قەسەم كۈچكە ئىگە قەسەمدۇر، مۇبادا بۇ قەسەمدە تۇرمىغان ئەھۋالدا كەففارەت بېرىۋېتىش كېرەك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 3. 12

نۇمۇس ۋە شەرەپ بىلەن قىلىنغان قەسەمنىڭ ھۆكمى  PDF نۇسخىسى

———————————————————————————————————-
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2679 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1646 – ھەدىس. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
2. «ئەبۇ داۋۇد»، 3253 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 1535 – ھەدىس. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 3836 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1646 – ھەدىس. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
4. كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 6 – توم، 222 – بەت.
5. ئەلمۇسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 4 – توم، 55 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 6 – توم، 221 – بەت.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6107 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1647 – ھەدىس. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
7. «رەۋزەتۇتتالىبىن»، 11 – توم، 6 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ