رەھمان ۋە رەھىم بۈيۈك ئاللاھ

رەھمان ۋە رەھىم بۈيۈك ئاللاھ

د. شەرىف فەۋزى سۇلتان

ئاللاھ تائالانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدا ئۇشبۇ ئىككى ئىسىمنىڭ شانى بەك ئۇلۇغ، ئورنى ناھايىتى بۈيۈكتۇر. ئەگەر بىراۋ بىزدىن: «ئاللاھ قانداق زاتتۇر؟» دەپ سورىسا، «ئول ئاللاھ رەھماندۇر، رەھىمدۇر» دەپ جاۋاب بەرسەك يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتۇركى: ﴿ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر﴾(59/«ھەشر»: 22)، ﴿سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 163). ئاللاھ ئەززە جەللە يەنە بۈيۈك كىتابى «قۇرئان كەرىم» ھەققىدە: ﴿(بۇ) ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (ۋەھيىدۇر)﴾(41/«فۇسسىلەت»: 2) دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿«ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار (ھەممىسى ياخشىدۇر). چۈنكى، ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگىن﴾(17/«ئىسرا»: 110).

بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ مەئناسى ۋە ئىككىسىنىڭ پەرقى

بۇ ئىككى ئىسىم «رەھمەت» دېگەن سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ھەممىسىلا «سىلىق بولۇش، مۇلايىم بولۇش، كۆيۈنۈش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن، «رەھمان» سۆزى «رەھىم»گە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر مەئناغا ئىگىدۇر. بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ پەرقى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى: ھەقىقەتەن «رەھمان» دۇنيادا ھەممە مەخلۇقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭرى رەھمەت ئىگىسى دېگەنلىكتۇر، مەسىلەن «رەھمان تائالانىڭ رەھمىتى دۇنيادا مۇئمىن ياكى كافىر، ئىتائەتمەن ياكى ئاسىي – گۇناھكار ھەممىسىگە ئورتاقتۇر» دېسەك توغرا بولىدۇ. دېمەك، قانداقلىكى مەخلۇق بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى، پەزلى ۋە ئېھسانى يېتىدۇ. لېكىن، ئاللاھنىڭ «رەھىم» سۈپىتىگە كەلسەك، ئاخىرەتتە پەقەت مۇئمىنلەرگىلا رەھىم قىلغۇچى دېگەنلىكتۇر: ﴿وَكَانَ بِالْمُؤْمِنٖينَ رَحِيْمًا )ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر(﴾(33/«ئەھزاب»: 43).

ئىككىنچى: «رەھمان» ئاللاھ تائالانىڭ زاتىي سۈپىتىگە دالالەت قىلىدۇ. لېكىن، «رەھىم» بولسا فىئلىي سۈپىتىگە دالالەت قىلىدىغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى بەندىلىرىدىن خاھلىغان كىشىگە يەتكۈزىدۇ.

ئۈچىنچى: «رەھمان» ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خاس ئىسىم بولۇپ، باشقا ھەرقانداق كىشىنى بۇ ئىسىم بىلەن ئاتاش دۇرۇست بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسلەمە بىن سۇمامە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنى «راھمانۇل يەمامە (يەمامەنىڭ رەھمانى)» دەپ ئاتىغان چاغدا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يالغانچىلىق تونىنى كىيدۈرۈپ «مۇسەيلەمەتۇلكەززاب» (يەنى «ئۇچىغا چىققان يالغانچى مۇسەيلەمە») دېگەن ۋە ئۇ ئۇشبۇ بەختسىز نام بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەتكەن ئىدى. لېكىن، «رەھىم» دېگەن نام بىلەن بىر كىشىنى ئاتاش جائىزدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭرىلىكى

ھەقتائالا: ﴿مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر﴾(7/«ئەئراف»: 156) دېگەن، شۇنداقلا يەنە ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى ۋە قورشاپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەرنىڭ دەيدىغان سۆزلىرى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئۇنى چۆرىدەپ تۇرغان پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمد ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۇئمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ (ئۇلار ئېيتىدۇ): «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»﴾(40/«غافىر»: 7). ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى﴾(6/«ئەنئام»: 54). ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كەرەملىك ئاللاھ مەرھەمەت ۋە ئېھسان يۈزىسىدىن رەھمەت قىلىشنى ئۆزىگە ۋاجىپ قىلغاندۇر»([1]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ 100 ئۈلۈش رەھمىتى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر ئۈلۈش رەھمەتنى جىنلار، ئىنسانلار، ئۇچار قۇشلار ۋە ھاشاراتلار ئارىسىغا چۈشۈردى. ئاشۇ بىر ئۈلۈش رەھمەتنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇلار ئۆزئارا مېھرىبانلىق قىلىشىدۇ، رەھىم قىلىشىدۇ ۋە يىرتقۇچمۇ بالىسىغا مېھرىبانلىق قىلىدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «ھەتتا ئاتمۇ ئۆز بالىسىنى دەسسىۋەتمەسلىك ئۈچۈن تۇۋىقىنى كۆتۈرۈۋالىدۇ. ئاللاھ تائالا 99 ئۈلۈش رەھمەتنى كېيىنگە قالدۇرغان بولۇپ، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىگە رەھىم قىلىدۇ»([2]).

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا بىرنەچچە ئەسىر ئېلىپ كېلىندى. شۇ ۋاقىتتا ئەسىرلەر ئىچىدىكى بىر ئايال مېڭىپ يۈرۈپ، ئەسىرلەر ئارىسىدىن بىر كىچىك بالىنى تاپتى ۋە ئۇنى باغرىغا بېسىپ ئېمىتتى. رەسۇلۇللاھ:

— قاراڭلار! بۇ ئايال ئۆز بالىسىنى ئوتقا تاشلارمۇ؟ — دېگەنىدى، بىز:

— ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنداق قىلمايدۇ، — دېدۇق. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ:

— ئاللاھ ئۆز بەندىلىرىگە بۇ ئايالنىڭ ئۆز بالىسىغا بولغان مېھرىبانلىقىدىنمۇ ئارتۇق مېھرىباندۇر، — دېدى»([3]).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ پىرئەۋننى (سۇغا) غەرق قىلغاندا، ئۇ: ﴿ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن﴾(10/يۇنۇس: 90) دېگەنىدى. (ماڭا) جىبرىل ئەلەيھىسسالام دېدىكى: ئى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم!) ئەگەر مېنى، مەن دېڭىزدىكى لايدىن ئېلىپ، ئۇنى پىرئەۋننىڭ ئاغزىغا ‹ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى يېتىپ قالمىسۇن› دەپ تىققان چېغىمدا كۆرگەن بولساڭ قانداق بولاتتىڭ؟!»([4])

دىققەت:

شۇنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى نېئمەت جەھەتتە ھەممە نەرسىگە ئورتاق بولۇپ، بۇ رەھمەت ياخشى كىشىگىمۇ، ناچار كىشىگىمۇ، مۇسۇلمانغىمۇ، كاپىرغىمۇ ئومۇمىيدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممە ئادەم كېچە – كۈندۈر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرىدۇ. بۇ ئومۇمىي رەھمەت بولۇپ، ئۇ ئەھۋاللار فانىي دۇنيادىلا شۇنداقتۇر. ئەمما، ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىش ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈشكە خاس بولغان رەھمىتى پەقەتلا مۇئمىنلەر ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفۇردىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن﴾(7/«ئەئراف»: 156).

بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەگەر سەن گۇناھ – مەئسىيەت ۋە ھارام ئىشلارغا چۆكۈپ كەتكەن بىرقىسىم كىشىلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ھالال – ھارامنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن: «نېمە ئۈچۈن ناماز ئوقۇمايسەن؟» «نېمە ئۈچۈن ئاتا – ئاناڭنى قاقشىتىسەن؟» «نېمە ئۈچۈن تىلىڭنى غەيۋەت – شىكايەت، سۇخەنچىلىك، يالغانچىلىق، ئاللاھ بارىدا ئىلىمسىز گەپ قىلىش ۋە پۈچەك ئىشلارغا ئارىلىشىۋېلىش قاتارلىق ھارام ئىشلاردىن ساقلىمايسەن؟» ۋە يەنە «نېمە ئۈچۈن كۆزۈڭنى ھارامدىن ساقلىمايسەن؟»… دېگەندەك ئۈگۈت – نەسىھەتلەرنى قىلساڭ، پەرۋاسىزلىقىنى، مەئسىيەتلەرگە يەڭگىلتەكلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. بەلكى يەنە مەسخىرە قىلغاندەك: «بۇ دېگەن كىچىك گۇناھلار، شەرىئەتنىڭ شېخى تولا، رەببىمىز ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچى، رەھىم قىلغۇچى زاتتۇر، رەببىمىزنىڭ رەھمىتى كەڭرىدۇر» دېگەندەك ئىرجاﺋ (سالاچى) سۆزلىرىنى ئاڭلايسەن. ئۇ ئىنسانلار ئاللاھنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئويلانسۇن: ﴿مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفۇردىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن﴾(7/«ئەئراف»: 156)، ﴿كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 123)، ﴿(ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ (مۇئمىن) بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن. مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر﴾(15/«ھىجر»: 49، 50).

ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نامايەندىلىرى

بىرىنچى: ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سۆزلىگەن تۇنجى كەلىمە «رەھمەت» كەلىمىسىدۇر

بۇ ھەقتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئادەم (ئەلەيھىسسالام) گە روھنى پۈۋلەپ، روھ بېشىغا كەلگەندە چۈشكۈرۈپ: ‹ئەلھەمدۇلىللاھى راببىلئالەمىن› دېگەنىدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹يەرھەمۇكەللاھ (يەنى ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن)› دېدى»([5]).

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە پەيغەمبەر ئەۋەتكەنلىكى

يەنى بىزلەر نادان، ئازغۇن ۋە ھەقنى كۆرمەيدىغان كور ئىدۇق. ئول ئاللاھ بىزگە ئىلىم ئۆگەتتى، توغرا يولنى ۋە ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىنى بىلدۈردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 107). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن لەنەت قىلغۇچى قىلىپ ئەۋەتىلمىدىم، پەقەت رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلدىم»([6]).

يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن رەھمەتتۇرمەن ۋە ھىدايەتكە سەۋەب بولغۇچىمەن (يەنى ئاللاھ مېنى كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشلىرى ئۈچۈن سەۋەب قىلدى)»([7]).

ئۈچىنچى: قۇرئاننى نازىل قىلغانلىقى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق﴾(16/«نەھل»: 89). يەنە: ﴿ئەلىف، لام، مىم. بۇ ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. (ئۇ) (تەئدىل ئەركان بىلەن) ناماز ئوقۇيدىغان، (ئاللاھنىڭ رىزاسىنى تىلەش يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن) زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر﴾(31/«لوقمان»: 1 – 3) ۋە ﴿ئېيتقىنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان (مال – دۇنيالىرىدىن) ياخشىدۇر﴾(10/«يۇنۇس»: 58) دېگەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ پەزلى ئىسلامدۇر، رەھمىتى قۇرئاندۇر»([8]).

ئى قېرىندىشىم! ئويلانغىن! بىز ئاللاھنىڭ پەزلىدىن قانچىلىك غەپلەتتە قاپتىمىز، رەھمىتىدىن قانچىلىك يىراقلاپ كېتىپتىمىز؟!

تۆتىنچى: كېچە – كۈندۈزنى يارىتىپ بەرگەنلىكى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىپ) ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىندۇر﴾(28/«قەسەس»: 73).

بەشىنچى: شاماللارنى ئەۋەتكەنلىكى ۋە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەنلىكى

بۇ ئىككى رەھمەت بولسا رىزىق تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىدۇر. ئۇنىڭ پايدا – مەنپەئەتى ئەڭ كۆپ شۇنداقلا بارچىگە ئومۇمىيدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر﴾(42/«شۇرا»: 28) ۋە ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ؟! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر﴾(30/«رۇم»: 50).

ئالتىنچى: بىزنى ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى

بۇنداق قىلىشى بىزنىڭ (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ئالدىدا كۆزگە ئىلغۇسىز، ئەرزىمەس ئەمەللىرىمىزنى چوڭ ساناپ قېلىپ) مەغرۇرلىنىپ كېتىپ، ئاللاھقا لايىق بولمىغان رەۋىشتە مۇئامىلە قىلىپ قالماسلىقىمىز، ئاندىن بۇ ئارقىلىق ھالاك بولۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 30).

يەتتىنچى: دۇنيانى بىزگە غەش كۆرسەتكەنلىكى

بۇمۇ بىزنىڭ دۇنياغا بېرىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىخۇدلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ۋە مەڭگۈلۈك نېئمەت دىيارى بولمىش ئاخىرەتنى تەلەپ قىلىشىمىز ئۈچۈندۇر. ئاللاھ پۈتۈن نۇقسانلاردىن پاكتۇر. ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، ئول ئاللاھ بىزگە كۆپ بېرىش ئۈچۈن بىزدىن بەزى نەرسىلەرنى چەكلەپ قويدى ۋە بىزنىڭ سىھھەت – سالامەتلىكمىز ئۈچۈن بىزنى سىنىدى.

سەككىزىنچى: مەخلۇقاتلارنى بىر – بىرىگە موھتاج قىلغانلىقى

بۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پايدا – مەنپەئەتلەرنىڭ يۈرۈشۈپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار بىر – بىرىدىن بىھاجەت بولسا ئىدى، ئۆزئارا نەپ مىزانى ۋە ھاياتلىق زەنجىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. ئاللاھ پۈتۈن نۇقسانلاردىن پاكتۇركى، ئول زات كىشىلەرنىڭ بەزىسىنى باي، بەزىسىنى پېقىر، بەزىسىنى ئەزىز، بەزىسىنى خار، بەزىسىنى كۈچلۈك، بەزىسىنى ئاجىز، يەنە بەزىسىنى باشلىق، بەزىسىنى ئاددىي پۇقرا قىلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەببىگە موھتاج قىلدى، ئاندىن ھەممىسىگە رەھمىتىنى ئومۇمىي قىلدى.

توققۇزىنچى: بىزگە بىلمىگەن نەرسىلىرىمىزنى ئۆگەتكەنلىكى

يەنى بىزگە دىنىي ۋە دۇنيالىق پايدا – مەنپەئەتلىرىمىزنى ئۆگەتتى. ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿مېھرىبان ئاللاھ قۇرئاننى تەلىم بەردى (ئۇنى ھىپزى قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى). ئىنساننى ياراتتى. ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن) سۆزلەشنى ئۆگەتتى﴾(55/«ئەرراھمان»: 1 – 4).

ئونىنچى: يامان ئىش قىلغۇچىغا ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقى

بۇ ھەقتە نامى ئۈستۈن ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر﴾(25/«فۇرقان»: 70).

ئون بىرىنچى: ئاسىي، گۇناھكارلارنى ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىپ ئۆزى تەرەپكە قايتىۋېلىشى ئۈچۈن، جازالاشنى كېچىكتۈرگەنلىكى

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى ۋە لېكىن ئاللاھ ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ جازا بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(35/«فاتىر»: 45).

ئون ئىككىنچى: بەندىلىرىنى ئۆز رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە بۇيرۇغانلىقى

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خاھلىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(39/«زۇمەر»: 53). لېكىن، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلىشقا ۋە ئۆزى تەرەپكە قايتىشقا چاقىردى: ﴿سىلەرگە ئازاب كېلىپ ياردەمگە ئېرىشەلمەي قېلىشىڭلاردىن بۇرۇن، پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار!﴾(39/«زۇمەر»: 54).

ئون ئۈچىنچى: مۇئمىن بەندىلىرىگە جەننەتنى تەييارلىغانلىقى

بىر ھەدىستە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ھېچكىم ئەمەلى بىلەن جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، — دېگەنىدى، ساھابىلەر:

— سىلىمۇ شۇنداقمۇ؟ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! — دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مەنمۇ شۇنداق، لېكىن ئاللاھ تائالا مېنى ئۆز رەھمىتى ۋە ئۆز پەزلى دائىرىسىگە ئالغان، — دېدى([9]).

دېمەك، ئى قېرىندىشىم! ئەمەللىرىڭىزنى شەرىئەتكە ھەرقانچە ئۇيغۇن ھالەتتە (كۆپ ۋە سۈپەتلىك) قىلسىڭىزمۇ، ئۇ ئەمەللەر ئاللاھنىڭ سىزگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە ھەرگىزمۇ باراۋەر بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ تائالا ئاسمان – زېمىن ئەھلىنى جازالىغان بولسا، (ئەلۋەتتە) جازالايتتى، ھالبۇكى ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر. ئەگەر ئۇلارغا رەھىم قىلغان بولسا، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇلار ئۈچۈن ئەمەللىرىدىن ياخشىدۇر (يەنى مەخلۇقاتلار ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە ئىبادەت قىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ، شۇڭا ئاللاھنىڭ جازالىشى ئادىللىقتۇر. ساۋاب بېرىشى ۋە رەھىم قىلىشى ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر)»([10]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «جەننەت بىلەن دوزاخ مۇنازىرىلىشىپ قالدى. دوزاخ: ‹ماڭا زومىگەرلەر ۋە مۇتەكەببۇرلار كىرىدۇ› دېدى. جەننەت: ‹ماڭا ئاجىزلار ۋە مىسكىنلەر كىرىدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا جەننەتكە: ‹سەن مېنىڭ رەھمىتىمسەن، مەن سەن ئارقىلىق خاھلىغان كىشىلەرگە رەھىم قىلىمەن› دېدى ۋە دوزاخقا: ‹سەن بولساڭ مېنىڭ ئازابىمسەن، سەن ئارقىلىق بەندىلىرىمدىن خاھلىغان كىشىلەرنى ئازابلايمەن› دېدى»([11]).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى:

ئۇ زەمزەم ئىبنى جەۋس ئەليەمامىيگە:

— سەن ھەرگىز بىر كىشىگە: «ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلمايدۇ ياكى ئاللاھ سېنى مەڭگۈ جەننەتكە كىرگۈزمەيدۇ دېمىگىن» — دېگەنىدى، ئۇ كىشى:

— ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! ھەقىقەتەن بىزنىڭ بىرەرىمىز غەزەپلىنىپ قالسا، ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا ۋە بۇرادىرىگە مانا مۇشۇنداق دەپ سالىدۇ، — دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى:

— ئۇنداق گەپلەرنى قىلمىغىن! چۈنكى، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشى بار بولۇپ، بىرى بەك ئىبادەتگۇي ئىدى، يەنە بىرى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى (گۇناھ ئىشلارنى قىلغۇچى) ئىدى. بۇ ئىككىسى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، ئىبادەتگۇي كىشى دوستىنى ئاسىي – گۇناھكار دەپ قارايتتى ۋە ‹ئى بۇرادەر! گۇناھتىن قول ئۈزگىن!› دېسە، دوستى: ‹مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئەزبىرايى، سەن ماڭا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتىلدىڭمۇ؟› دەيتتى. كۈنلەر ئۆتۈپ بىر كۈنى ئىبادەتگۇي كىشى دوستىنى مەئسىيەت ئۈستىدە كۆرۈپ: ‹ۋادەرىخا! گۇناھتىن قول ئۈزسەڭ بولماسمۇ!› دېگەنىدى، دوستى: ‹مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئەزبىرايى، سەن ماڭا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتىلدىڭمۇ؟› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبادەتگۇي دوست: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلمايدۇ ياكى سېنى جەننەتكە كىرگۈزمەيدۇ› دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئۇ ئىككىسىگە (ئۆلۈم) پەرىشتىسىنى ئەۋەتكەنىدى، پەرىشتە ئۇلارنىڭ روھلىرىنى قەبز قىلدى. ئاندىن (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا جەم بولۇشتىلەر. ئاللاھ گۇناھكار بەندىگە: ‹بارغىن! رەھمىتىم بىلەن جەننەتكە كىرگىن!› دېدى. يەنە بىرسىگە: ‹سەن ئىلكىمدىكى نەرسىلەرنىڭ دەپتەردارىمىدىڭ!؟ ئۇنى دوزاخقا ئېلىپ بېرىڭلار!› دېدى». پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «ئەبۇلقاسىمنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇ شۇنداق بىر سۆزنى دېدىكى، بۇ سۆز ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى يوق قىلىۋەتتى›»([12]).

ئى قېرىندىشىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەققىدە نېمىنى دەڭ، نېمىنىلا تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ئول رەھمەت ئۇ خىيال ۋە تەسەۋۋۇرلاردىن ئۈستۈندۇر. ئەقىل كۆزى بىلەن كائىناتقا نەزەر تاشلىساڭ، بەئەينى يەرشارىنىڭ كۆپكۆك دېڭىز سۈيى بىلەن، بىپايان سامانىڭ ئوكسىگېن بىلەن توشۇپ كەتكىنىدەك، بارچە ئالەمنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن تولۇپ تاشقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ تائالا راست ئېيتقاندۇر: ﴿پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى (يەنى پۇل – ماللىرى) دىن ياخشىدۇر﴾(43/«زۇخرۇف»: 32).

سىناققا مۇبتەلا بولغان، ئازاب چەككەن ۋە تۈرمىگە كىرىپ قالغانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى نەدە؟

خوش، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىز ئاغزىمىزدا سۆزلەپ، خىيالىمىزدا تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ ئۈستۈن بولسا، ئۇنداقتا قەھر قىلىنغان ۋە قاتتىق ئازاب – ئوقۇبەت تارتقانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى قېنى؟ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ۋە كۆيۈپ كېتىۋاتقانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى قېنى؟ بىر ئۆمۈر قۇللۇقتا ياشاپ، شۇ پېتى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى قېنى؟ تەرەپ – تەرەپتىن بالا – مۇسىبەت چىرمىۋالغانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى قېنى؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.

جاۋاب شۇكى:

بەزىدە بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ناھايىتى ئۈستۈن، ئالىي بىر ماقامى بولىدۇ. لېكىن، بۇ ماقامغا ئەمەلى بىلەن يېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئۇنى شۇ ماقامغا يەتكۈزىدىغان بالا – مۇسىبەتنى تەقدىر قىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەممىدىن بەك سىنىلىدىغان كىشىلەر پەيغەمبەرلەر، ئۇندىن كېيىن قالغانلار مەرتىۋىسى بويىچە بولىدۇ. كىشى ئىمانىغا لايىق دەرىجىدە سىنىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ئىمانى چىڭ بولسا، بالامۇ قاتتىق بولىدۇ. ئىمانى سۇس بولسا، بالامۇ يەڭگىل بولىدۇ. كىشىگە بالايى – ئاپەت داۋاملىق كېلىۋېرىپ، ئاخىرى بالايى – ئاپەت ئۇ كىشىنى گۇناھسىز ھالغا كەلتۈرىدۇ»([13]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىگە بېرىلىدىغان بالايىئاپەت (مۇسىبەت) قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋابمۇ شۇنچە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بىرەر قەۋمنى ياخشى كۆرسە، تۈرلۈك بالالار بىلەن ئۇلارنى سىنايدۇ»([14]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئافىيەت ئەھلى بالا – مۇسىبەتلەرگە يولۇققانلارغا ساۋاب بېرىلگەن چاغدا، دۇنيادىكى چاغدا تېرىلىرىنىڭ قايچىلار بىلەن كېسىلىپ كەتكەن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىپ كېتىدۇ»([15]).

يۇقىرىقىلاردىن خۇلاسىلەيمىزكى، سىناق – ئىمتىھانلار ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ ياسىن ئائىلىسىدىكى مۇئمىن كىشى ھەققىدە دېگەن سۆزىنى ئويلاپ باقايلى! ئۇ قەۋمىگە مۇنداق دېگەنىدى: ﴿مەن ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، ئەگەر مېھرىبان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان – زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەﻓﺌ قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ﴾(36/«ياسىن»: 23).

بۇ سالىھ كىشى نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرى ئىچىدىن «الرَّحْمَنُ (يەنى مېھرىبان)» دېگەن ئىسىمنى تاللىدى؟ مېھرىبان ئاللاھ مۇئمىن بەندىلىرىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزەمدۇ؟ بۇ ئايەتتىكى ئىنچىكە نۇقتا شۇكى، زىيان – زەخمەت مېھرىبان ئاللاھ تەرەپتىن كەلسە، بۇ يەنە شەك – شۈبھىسىز ئول ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە لۇتفىنى كەلتۈرىدۇ ۋە شۇنداقلا زاھىرى زەرەردەك كۆرۈنگەن ئىش ھەقىقەتتە مۇئمىن ئۈچۈن رەھمەت ۋە ياخشىلىق بولىدۇ. چۈنكى، مېھرىبان ئاللاھتىن پەقەتلا رەھمەت، مېھرىبانلىق ۋە ياخشىلىق سادىر بولىدۇ: ﴿چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن﴾(5/«نىساﺋ»: 19).

ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «شۇنى بىلىش كېرەككى، ‹رەھمەت› دېگەن بەندىگە ئۇنىڭ نەپسى يامان كۆرسىمۇ پايدا – مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزۈشنى تەقەززا قىلىدىغان سۈپەتتۇر. مانا بۇ ھەقىقىي رەھىم قىلىشتۇر. دېمەك، ساڭا ئەڭ رەھىمدىل كىشى ساڭا پايدا يەتكۈزۈش ۋە زىيانلارنى دەﻓﺌ قىلىشتا قاتتىق تەگكەن كىشىدۇر. مىسالى، دادىنىڭ بالىسىنى ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىشقا زورلىشى ۋە بۇ بارىدا ئۇنى ئۇرۇشى ۋە ئەدەپلىشى ئۇنىڭ ئۆز بالىسىغا رەھىم قىلغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. قاچانكى، دادا بۇ نۇقتىغا سەل قارايدىكەن، گەرچە بالىسىغا كۆيۈنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ، ئۇ يېتەرلىك بولمىغان كۆيۈنۈشتۇر. بۇ خۇددى ئانىنىڭ كۆيۈنگىنىگە ئوخشاش قارىغۇلارچە كۆيۈنۈش ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زات ئاللاھنىڭ بىر بەندىسىگە تۈرلۈك مۇسىبەتلەرنى مۇسەللەت قىلىشىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكلىرىدىندۇر. چۈنكى، بەندىگە مەنپەئەتلىك بولغىنىنى ئەڭ ئوبدان بىلگۈچى يېگانە ئاللاھتۇر. شۇڭا، ئاللاھنىڭ سىناق – ئىمتىھانلىرى ۋە بەندىنى كۆپلىگەن ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىدىن چەكلەپ قويۇشى ئول بەندىگە رەھمەت قىلغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. لېكىن، بەندە نادانلىقى ۋە زالالىتى تۈپەيلى بۇ سىناقلار بىلەن رەببىگە تۆھمەت قىلىدۇ ۋە ياخشىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ»([16]).

ئەتراپىڭغا قاراپ باققىن!

نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار باركى، كۆپ سىناقلارغا مۇبتەلا بولىدۇ. بەزىلەر بۇ سىناقلاردىن قورقىدۇ، ھەزەر ئەيلەيدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن قاتتىق تەشۋىشكە چۈشىدۇ، ۋايسايدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ سىناقلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. راست سۆزلىگۈچى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئاللاھ بۇيرۇغانغا ئالدىراڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 216).

قانچىلىغان ئىنسانلار باركى، باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ قاتتىق ئىزدىنىدۇ – يۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنى ئىزدىگەن بايلىقىغا يەتكۈزمەيدۇ. خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىسىنى خۇددى سىلەر ئاراڭلاردىكى كېسەل كىشىنى (ئۇنىڭغا زىيان قىلىشىدىن) قورقۇپ، (بەزى) يېمەك – ئىچمەكلەرنى (بەرمەي) ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ (ھىمايە قىلىدۇ). ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ»([17]) دەپ بىزگە خەۋەر بەرگەندەكتۇر.

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ھەقلىرى (بىزنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمان، رەھىم سۈپەتلىرىگە قارىتا مەجبۇرىيەتلىرىمىز)

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى قولغا كەلتۈرىدىغان سەۋەبلەرنى قىلىشىمىز ئول ئاللاھنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئالتۇن – كۈمۈش توپلاۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ، بۇ سۆزلەرنى كۆپ ئېيتقىن: ئى ئاللاھ! سەندىن سورايمەنكى، دىنىڭدا مۇستەھكەم تۇرغايمەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بارچە خەيرلىرى ئۈزرە چىڭ ئىرادە باغلىغايمەن، سەندىن رەھمىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسىلەرنى ۋە مەغفىرىتىڭگە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنى سورايمەن. سەندىن نېئمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، ساڭا گۈزەل ئىبادەت قىلىشقا (مۇۋەپپەق قىلىشىڭنى) سورايمەن. سەندىن ساغلام قەلب ۋە راست سۆزلەيدىغان تىل سورايمەن. سەندىن سەن بىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ياخشىسىنى سورايمەن. سەن بىلەن سەن بىلگەن نەرسىلەرنىڭ يامىنىدىن پاناھ تىلەيمەن ۋە سەندىن سەن بىلگەن نەرسىلەردىن مەغفىرەت تىلەيمەن، ھەقىقەتەن سەن غەيبلەرنى بىلگۈچى زاتتۇرسەن»([18]).

ھەدىستە كەلگەن «مُوْجِبَاتِ رَحْمَتِكَ» بولسا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھاسىل بولىدىغان بارلىق سۆز، ئىش – ھەرىكەت ۋە سۈپەتلەردۇر ياكى بەندە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن سەۋەبلەردۇر.

ئۇنداقتا، بۇ سەۋەبلەر قايسىلار؟

بىرىنچى: ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش

بەندە ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا قانچىلىك كۆپ ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە شۇنچە كۆپ لايىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار!»(3/«ئال ئىمران»: 132) ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار!﴾(24/«نۇر»: 56) ﴿ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ روشەن مۇرادقا يېتىشتۇر﴾(45/«جاسىيە»: 30).

ئىككىنچى: ئېھسان قىلىش (تائەت – ئىبادەتلەرنى گۈزەل، ياخشى قىلىش)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿شۈبھىسىزكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر﴾(7/«ئەئراف»: 56). بۇ ئايەتتە «ياخشىلىق قىلغۇچى» دېگەن سۆز «ئېھسان» لەۋزى بىلەن كەلگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ئىشنى ياخشىلىق بىلەن قىلىشنى بەلگىلىدى. قاچانكى جىنايەتچىلەرنى ئۆلتۈرسەڭلار، قىينىماي ئۆلتۈرۈڭلار! قاچانكى مال بوغۇزلىساڭلار، قىينىماي بوغۇزلاڭلار! سىلەردىن بىرىڭلار مال (بوغۇزلىماقچى بولسا) ئۆلتۈرىدىغان پىچاقنى بىلەپ ئىتتىك قىلسۇن، ئۆلتۈرىدىغان مالنى قىينىمىسۇن!»([19])

ئۈچىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟﴾(27/«نەمل»: 46)

تۆتىنچى: «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش

قۇرئان ئەڭ چوڭ رەھمەت بولۇپ، رەھمان تائالا ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىگە رەھمەت قىلغاندۇر. شۇڭا، بۇ رەھمەتنى قوبۇل قىلغان كىشى ئەڭ ياخشى سوۋغاتنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ ۋە ئەڭ بۈيۈك ئارزۇ – ئىستەككە ئېرىشكەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار!﴾(6/«ئەنئام»: 154) ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار!)﴾(7/«ئەئراف»: 204)

بەشىنچى: مەخلۇقاتقا رەھىم قىلىش

بەندىنىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتقا رەھىمدىل بولۇشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەبلەر قاتارىدىندۇر. مەسىلەن، بەزىدە شۇنداق رەھىمدىل، چوڭ – كىچىك ھەممىگە باغرى يۇمشاق، ھەتتاكى ئۇۋىسىدىكى چۈمۈلىگە، قوندىقىدىكى قۇشقىمۇ رەھىم قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرىمىز. مانا بۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بولغان قەلبنىڭ ئىگىسىدۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇكى: «مۇئمىنلەر ئۆزئارا دوستلىشىش، كۆيۈنۈش ۋە يار – يۆلەك بولۇشتا مىسالى بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەندىن بىرەر ئەزا ئاغرىسا، پۈتۈن بەدەندىن ئۇيقۇ قېچىپ ۋە قىزىپ بىئارام بولىدۇ»([20]).

يەنە بىر ھەدىستە كېلىشىچە، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھ تائالا پەقەت رەھىمدىل كىشىگىلا رەھمەت قىلىدۇ، — دېگەنىدى، ساھابىلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ھەممىمىز رەھىم قىلىمىزغۇ! — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— بۇ بىرىڭلارنىڭ ئۆز دوست – بۇرادەرلىرىگىلا رەھىم قىلىشى ئەمەس، بەلكى ھەممە ئىنسانلارغا رەھىم قىلىشتۇر، — دېدى»([21]).

دېمەك، ئىسلام دىنى بىزنى بۇيرۇغان رەھىم قىلىش بىر، ئىككى ئادەمگىلا خاس رەھىم قىلىش ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەملەرگە، بارچە نەرسىلەرگە ئومۇمىي رەھىم قىلىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رەھىم قىلغۇچىلارغا رەھىمدىل ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ. زېمىندىكىلەرگە رەھىم قىلىڭلار، شۇندىلا ئاسماندىكىلەر (پەرىشتىلەر) سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ»([22]).

پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «زېمىندىكىلەرگە رەھىم قىلىڭلار» دېگەن سۆزىنى ئويلانساق، بۇ بۇيرۇقنىڭ ياخشى ئىنسانلارنىمۇ، يامان ئىنسانلارنىمۇ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىمۇ، ھەتتاكى ئۇچارقۇشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن رەھىم قىلغۇچىلارغىلا رەھىم قىلىدۇ»([23])، «رەھىم قىلىڭلار، رەھىم قىلىنىسىلەر. كەچۈرۈڭلار، كەچۈرۈلىسىلەر»([24]) ۋە «ئاللاھ تائالا قەلبىگە ئىنسانلارغا رەھىم قىلىشنى سالمىغان كىشى خاراب بولدى ۋە زىيان تارتتى»([25]) دېگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى مەلۇم بىر جايغا چۈشكۈن قىلغانىدى، بىر كىشى (ئۇ جايدا) بىر قۇشنىڭ تۇخۇمىنى ئېلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قۇش كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلەمنىڭ ئۈستىدە قانات قاققىلى تۇردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قايسىڭلار بۇنىڭ تۇخۇمىنى ئېلىۋالدى؟ — دېگەنىدى، ھېلىقى كىشى:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنىڭ تۇخۇمىنى مەن ئالدىم، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇ قۇشقا رەھىم قىلىپ تۇخۇمىنى جايىغا قويۇپ قويغىن، — دېدى»([26]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «قويغىمۇ رەھىم قىلساڭ، ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلىدۇ»([27])، «كىمكى بوغۇزلايدىغان مالغىمۇ رەھىم قىلسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا رەھىم قىلىدۇ»([28]).

ئەگەر ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ساڭا رەھىم قىلىشىنى ئارزۇ قىلساڭ، ئۇنداقتا ئۆزۈڭگە ۋە باشقىلارغا رەھىمدىل بولغىن. جاھىللارغا ئىلمىڭ بىلەن، پەسلەرگە يۈز – ئابرۇيۇڭ بىلەن، پېقىرلارغا مېلىڭ بىلەن، كىچىكلەرگە شەپقىتىڭ بىلەن، چوڭلارغا ھۆرمىتىڭ بىلەن، ئاسىي – گۇناھكارغا چىرايلىق دەئۋىتىڭ بىلەن رەھىم قىلغىن، شۇندىلا ئاللاھ ساڭا مەيلى پاراغەتتە بولسۇن، مەيلى قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭدا بولسۇن رەھىم قىلىدۇ.

رەھىمدىل بولمىقىڭ ۋاجىپ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بىرى بولسا ئاسىي – گۇناھكارلاردۇر. ئۇلارغا قايتا – قايتا ۋەز – نەسىھەت قىلىش بىلەن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىش ئارقىلىق ۋە ئۇلارغا ھاقارەتلەش نەزەرىدە ئەمەس، بەلكى رەھمەت نەزەرىدە قاراش ئارقىلىق رەھىم قىلغىن. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى ياخشى تونۇمىغانلىقى ۋە زىيان – ئازاب كەلتۈرگۈچى ئىشلارغا كۆپ جۈرئەت قىلىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن شەپقەت قىلىنىشقا بەك لايىق كىشىلەردۇر. ئى قېرىندىشىم! دائىما بىر ياشنىڭ قىسسەسىنى ئەسلەپ تۇرغىن! ئۇ ياش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىرىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا زىنا قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا» دېگەندە، ساھابىلەر ئۇنىڭغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولغان ۋە: «ئاغزىڭنى يۇم! ئاغزىڭنى يۇم!» دېگەنىدى.

رەھىمدىل زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىگە قاراپ باقايلى!

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «يېقىن كەلگىن» دېدى. يېقىن كەلگەندىن كېيىن، «شۇ (زىنا) نى ئاناڭغا راۋا كۆرەمسەن، قىزىڭغا راۋا كۆرەمسەن؟ ئىگىچە – سىڭلىڭغا راۋا كۆرەمسەن، ھاممىلىرىڭغا راۋا كۆرەمسەن؟» دېدى. ياش ھەربىر سوئالغا بىردەك: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، راۋا كۆرمەيمەن، ئاللاھ مېنى پۈتۈن يامانلىقلاردىن ساقلىسۇن!» دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «خالايىقمۇ ئۇنى راۋا كۆرمەيدۇ» دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قولىنى ئۇ ياشقا (يەنى بېشىغا ياكى كۆكسىگە) قويۇپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ، ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغىن! قەلبىنى پاك قىلغىن! ئەۋرىتىنى ھارامدىن يىراق قىلغىن!» دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ياش (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن) ھېچنەرسىگە (يەنى بۇ ھاراملارغا) تەلمۈرمىدى»([29]).

كۆردۇقكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ياشقا رەھىمدىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى، ئەسلا قوپال تەگمىدى. بەلكى ئەقىل بىلەن، ھۆججەت بىلەن قايىل قىلدى. ئاندىن يەنە رەھىم قىلىپ، ئۇنىڭغا خەيرلىك دۇئالارنى قىلدى. ئاللاھنىڭ دۇرۇد ۋە سالاملىرى بۇ رەھمەت پەيغەمبىرىگە بولسۇن! بىز ئاسىي – گۇناھكارلار ئاللاھنىڭ يولىغا دەئۋەت قىلىنىشقا ۋە خەيرلىك دۇئا قىلىنىشقا نېمىدېگەن ئېھتىياجلىق – ھە!

ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنىدى: «ھەقىقەتەن (بەزى) ئىنسانلار سىناققا مۇبتەلا بولغۇچىدۇر، (بەزىلىرى) سالامەت قالغۇچىدۇر. شۇڭا، سىناققا يولۇققانلارغا رەھىم قىلىڭلار! ئافىيەت نېئمىتىگە قارىتا ئاللاھقا ھەمد ئېيتىڭلار!»([30])

ئالتىنچى: سىلە – رەھىم قىلىش

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلە – رەھىم ‹رەھمان› دىن شاخلىنىپ چىققاندۇر، ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ‹كىمكى سىلە – رەھىم قىلسا، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن، كىمكى سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭغا رەھىم قىلمايمەن›»([31]).

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دېدىكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ‹مەن رەھماندۇرمەن، سىلە – رەھىمنى ياراتتىم ۋە ئۇنىڭغا ئىسىمىمدىن بىر ئىسىمنى خاس قىلدىم. شۇڭا، كىمكى سىلە – رەھىم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن، كىمكى سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭغا رەھىم قىلمايمەن›»([32]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «جەننەت ئەھلى ئۈچ تۈرلۈكتۇر: (بىرىنچىسى) ئادىل، خالايىققا ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىنغان پادىشاھ، (ئىككىنچىسى) يېقىن تۇققانلىرىغا ۋە جىمى مۇسۇلمانلارغا رەھىمدىل، باغرى يۇمشاق كىشى ۋە (ئۈچىنچىسى) ئائىلە، بالا – چاقىلىرى بولسىمۇ ھارامدىن يىراق تۇرىدىغان، كىشىلەردىن بىرنەرسە سورىمايدىغان پاك كىشىدۇر»([33]).

رەھىم قىلىنىشقا ئەڭ ھەقلىق كىشىلەر سۆيۈملۈك ئاتا – ئانىلاردۇر. كىمكى ئۇ ئاتا – ئانىسىغا رەھىم قىلسا ۋە ھۆرمەتلىسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلىدۇ؛ كىمكى ئۇلارنى رەنجىتسە ۋە خارلىسا، ئاللاھ ئۇنى پەرىشان ۋە خار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن﴾(17/«ئىسرا»: 24).

يەتتىنچى: بالا – قازاغا سەبر قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان – زەخمەتلەرگە) سەبر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغفىرەتى ۋە رەھمەتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 155 – 157).

بالا – قازاغا سەبر قىلغان ۋە مۇسىبەت يەتكەندە، ﴿بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز﴾(2/«بەقەرە»: 156) دېگۈچىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ھەقتائالا ئۇنىڭغا يوقىتىپ قويغىنىدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلىدۇ. (رەسۇلۇللاھنىڭ خانىملىرىدىن) ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹بىرەر بەندە قانداقلا بىر مۇسىبەت كەلمىسۇن، ”بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، ئى ئاللاھ! مۇسىبىتىمدە ماڭا ساۋاب ئاتا قىلغىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلغىن“ دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مۇسىبىتىدە ساۋاب ئاتا قىلىپ، ئۇ يوقاتقان نەرسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. – ئۇممۇ سەلەمە مۇنداق دەيدۇ – ئەبۇ سەلەمە ۋاپات بولغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە دېگەنىدىم، ئاللاھ ماڭا ئەبۇ سەلەمەدىنمۇ ياخشىراق بولغان زات رەسۇلۇللاھنى بەردى»([34]).

سەككىزىنچى: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بەندە داۋاملىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپلا تۇرىدىكەن، ئاللاھ تائالا جىبرىلغا: ‹شەكسىزكى، پالانى بەندەم مېنى رازى قىلىشنى تىلەۋاتىدۇ، ئاگاھ بولغىنكى، مەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلدىم› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىبرىل: ‹ئاللاھ پالانىغا رەھمەت قىلدى› دەيدۇ. بۇ سۆزنى ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى ۋە ئەرشنىڭ ئەتراپىدىكى پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى ئېيتىدۇ. ھەتتا يەتتە ئاسمان ئەھلىمۇ ئېيتىدۇ، ئاندىن بۇ سۆز ئۇ كىشى ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىدۇ»([35]).

توققۇزىنچى: جامائەتنى لازىم تۇتۇش

يەنى مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ياخشى ھەمراھلارنى لازىم تۇتۇش كېرەك. چۈنكى، ئۇلارغا يېقىن بولۇش ياخشىلىق ئېلىپ كەلسە، ئۇلاردىن ئايرىلىش زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار سەن غەپلەتتە قالساڭ ئەسلىتىپ تۇرىدۇ، بىلمىگەن نەرسىلىرىڭنى ئۆگىتىدۇ ۋە مۇسىبەتكە يولۇقساڭ تەسەللىي بېرىدۇ.

يەنە «جامائەت»تىن مەقسەت بۆلۈنمە، تالاش – تارتىش، ۋە ئايرىمچىلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار (دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر، پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾(11/«ھۇد»: 118، 119).

نەبى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جامائەت رەھمەتتۇر، ئايرىمچىلىق ئازابتۇر»([36]).

ئونىنچى: كېسەل يوقلاش

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى كېسەل كىشىنى يوقلاش ئۈچۈن بارسا، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە كىرگەن بولىدۇ، كېسەلنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا، رەھمەتكە چۆككەن بولىدۇ»([37]).

ئون بىرىنچى: ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە گۇناھ – مەئسىيەتتىن يىراق تۇرۇش

ئاللاھ تائالا (ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى ۋە ئەرشنى چۆرىدەپ تۇرغۇچى پەرشتىلەردىن نەقىل قىلىپ) مۇنداق دېگەن: ﴿پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر﴾(40/«غافىر»: 9).

ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ساقلىنىش ۋە يىراق تۇرۇش ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالامىتى ۋە شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل قىلىدىغان ئىشلاردىندۇر. «مەئسىيەتلەردىن ساقلىنىش»نىڭ مەنىسى بولسا پەقەت گۇناھ ئىشلارغا يولۇقماسلىق دېگەنلىكتۇر. ناۋادا گۇناھ قىلىپ قالسا، تەۋبە قىلىشقا ئالدىراش كېرەك. بۇ ئىككى ئەھۋال بىلەنلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مانا بۇ رەھمەتتۇر.

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتنى ﴿بۇ چوڭ بەختتۇر﴾ دەپ تاماملىدى. «چوڭ بەخت» بولسا مەئسىيەتلەردىن، ئۇنىڭ ئەھلىدىن ۋە سەۋەبلىرىدىن يىراق بولۇشتۇر.

ئون ئىككىنچى: تىلنى مۇھاپىزەت قىلىش

تىلنى مۇھاپىزەت قىلماسلىق ئەڭ خەتەرلىك گۇناھلارنىڭ قاتارىدىندۇر.

بۇ دېگىنىمىز تىلنى يالغان، بەدگۇمان سۆزلەردىن، بوھتان – ئىفتىرا، پىتنە – ئىغۋا، سۇخەن – چېقىم، غەيۋەت – شىكايەتلەردىن، ئىلىمسىز تۇرۇپ شەرىئەت نامىدا سۆز قىلىش، مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلىشىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلاردىن مۇھاپىزەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ياخشى گەپ قىلىپ، (ياخشىلىققا) مۇۋەپپەق بولغان ياكى يامان گەپتىن سۈكۈت قىلىپ، سالامەت قالغان كىشىگە رەھمەت قىلسۇن»([38]).

ئون ئۈچىنچى: ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلەردىن خالاس بولۇش

بۇ قىيامەت كۈنى كىشىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئېلىنىپ ياكى گەدىنىگە يامان ئەمەللەر يۈكلىنىپ مۇئامىلە قىلىنىشىدىن ئىلگىرى، ھەق ئىگىلىرىگە ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ھەقلىرىنى بېرىپ رازى قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قېرىندىشىنىڭ جېنى ياكى مېلى بارىدا بىر ھەق قەرزى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئېلىپ كېتىلىدىغان، ئەگەر ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، بېرىقىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇنىڭ گۇناھلىرى قاتارىغا قويۇلىدىغان كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى قېرىندىشىنى رازى قىلىۋەتكەن بەندىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن»([39]).

ئون تۆتىنچى: ئېلىم – بېرىم ۋە باشقا مۇئامىلىلەردە كەڭ قورساق بولۇش

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ساتقاندا كەڭ قورساق بولغان، سېتىۋالغاندا كەڭ قورساق بولغان، ئادا قىلغاندا كەڭ قورساق بولغان ۋە قەرزىنى سۈيلىگەندە كەڭ قورساق بولغان كىشىگە رەھمەت قىلسۇن»([40]).

ئون بەشىنچى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى يەتكۈزۈش

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئېسىدە قالدۇرۇپ، ئۇنى باشقىلارغا ئاڭلىغىنى بويىچە ئەينەن يەتكۈزگەن ئادەمگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ھەدىس سەۋىيەسى تۆۋەنلەر ھەدىسنى ئۆزلىرىدىن سەۋىيەسى يۇقىرىلارغا يەتكۈزۈشى مۇمكىن»([41]).

ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش (ئەمرىمەئرۇپ – نەھىيمۇنكەر) دىننىڭ يادروسى ۋە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ يەلكىسىگە يۈكلەپ ئەۋەتكەن مۇھىم ۋەزىپىدۇر. ئەگەر بۇ مۇھىم ۋەزىپە تاشلىنىپ قالسا، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزى ئۆچىدۇ، دىيانەت سۇسلىشىدۇ، ئازغۇنلۇق يامرايدۇ، بىلىمسىزلىك ئەۋج ئالىدۇ، جەمئىيەت بۇزۇقچىلىققا تولۇپ كېتىدۇ، يۇرت – شەھەرلەر خاراب ۋە ئاۋام – خەلق زەبۇن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھالاك بولغانلىقىنى پەقەت قىيامەت كۈنىلا ھېس قىلىدۇ.

ئون ئالتىنچى: كۈچىنىڭ يېتىشىچە مەسجىدتە ئولتۇرۇش

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن مەسجىدلەردە ئولتۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا جامائەتلەر بار بولۇپ، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ سۆھبەتداشلىرىدۇر. ئەگەر ئۇ جامائەت يوقاپ كەتسە، پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئىزدەيدۇ، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلايدۇ، بىرەر ھاجىتى بولسا ياردەم قىلىدۇ»([42]). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «مەسجىدتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ھالى ئۈچ تۈرلۈك بولۇر: يا ياخشى بۇرادەردىن پايدىلىنۇر، يا ھېكمەتلىك گەپ ئىشىتۇر ۋەياكى (پەرىشتىلەرنىڭ) رەھمەت دۇئاسىغا نائىل بولۇر»([43]).

ئون يەتتىنچى: ئىلىم سورۇنلىرى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر جامائە كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيگە يىغىلىپ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلسا ۋە ئۆزئارا ئۆگەنسە، ئۇلارغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك يۈزلىنىدۇ، ئۇلارنى (ئاللاھ تائالانىڭ) رەھمەت پەرىشتىلىرى ئورىۋالىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدىكىلەرگە ئۇلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ»([44]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار شۇنداق جامائەتكى، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغۇچى بەختسىز بولمايدۇ»([45]).

ئون سەككىزىنچى: تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كېچىسى قوپۇپ تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغان، ئاندىن ئايالىنى نامازغا ئويغاتقان، ئەگەر قوپقىلى ئۇنىمىسا، يۈزىگە سۇ چېچىپ ئويغاتقان ئەرگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. يەنە كېچىسى قوپۇپ ناماز ئوقۇغان، ئاندىن ئېرىنى نامازغا ئويغاتقان، ئەگەر قوپقىلى ئۇنىمىسا، يۈزىگە سۇ چېچىپ ئويغاتقان ئايالغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن»([46]).

ئون توققۇزىنچى: ئاللاھ تائالادىن قورقۇش

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن بىر كىشى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مال – دۇنيا بەرگەن ۋە مېلىغا بەرىكەت بەرگەن ئىدى. ئۇ ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا بالىلىرىغا:

— مەن سىلەرگە قانداق دادا بولدۇم؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— ياخشى دادا بولدۇڭ، — دېدى.

— شەكسىزكى، مەن قەتئىي ياخشى ئىش قىلىپ باقمىدىم. شۇڭا، ئۆلۈپ كەتسەم، مېنى كۆيدۈرۈڭلار ئاندىن مېنى سوقۇڭلار، ئاندىن بوران چىققان كۈنى مېنى (كۈلۈمنى) سورۇۋېتىڭلار، — دېدى. بالىلىرى شۇنداق قىلدى. ئاندىن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇنىڭ كۈلىنى يىغىپ

— بۇنداق قىلىشىڭغا نېمە تۈرتكە بولدى؟! — دېگەنىدى، ئۇ كىشى:

— سېنىڭدىن قورقۇش تۈرتكە بولدى، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنى رەھمىتى بىلەن كۈتۈۋالدى»([47]).

يىگىرمىنچى: داۋاملىق كۆپ ھەمد ئېيتىش

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى ‹الحمد لله كثيرا (يەنى كۆپ ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر)› دېسە، پەرىشتە بۇ كەلىمەنى يېزىشنى چوڭ بىلىپ، ئۇنىڭ ھەققىدە رەببىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: ‹ئۇ كەلىمەنى بەندەم دېگىنى بويىچە”كۆپ“ يېزىڭلار› دەيدۇ»([48]).

يىگىرمە بىرىنچى: دۇئا قىلىش

كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ۋە رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى بىلسە، ئۇ رەھمەتنى تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋابقا تېخىمۇ كۆپ ئىشتىياق باغلايدۇ ۋە كەسكىن ئىرادە بىلەن جانابى ئاللاھتىن ھاجەتلىرىنى سورايدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: ‹سىزنى مەن سىزگە تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى ئاڭلاشتىن نېمە توسۇپ قويىدۇ؟ ئەتىگەن ۋە كەچتە: ”ئى ھەمىشە تىرىك تۇرغۇچى، ئى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭشاپ بەرگىن، مېنى ئۆزۈمگە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ تاشلاپ قويمىغىن“ دەڭ› دېگەن»([49]).

قۇرئاندا مۇئمىنلەرنىڭ دۇئاسى مۇنداق كەلگەن: ﴿پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن﴾(3/«ئال ئىمران»: 8).

«رەھمان، رەھىم»دىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ بەندىنىڭ روھىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى

بىرىنچى: ياخشى كۆرۈش

نەپسلەر ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلارنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ يارىتىلغاندۇر. شۇنداق ئىكەن، ئىنسان قانداقمۇ ئۆزىگە رەھمەت – ياخشىلىقلىرىنى ياغدۇرغان ۋە ئۆزىگە ئانىسىدىنمۇ بەكرەك رەھىمدىل (مېھرىبان) زاتنى ياخشى كۆرمىسۇن؟!

ئىككىنچى: ئۈمىد قىلىش

كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى بىلسە، ئاللاھقا ئېسىلىدۇ ۋە ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىدۇ. ھەمماد ئىبنى سەلەمە رەھىمەھۇللاھ سۇفيان سەۋرىي رەھىمەھۇللاھنىڭ يېنىغا كىرگەندە، سۇفيان:

— ئاللاھ ماڭا ئوخشاشلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دەپ قاراملا؟ — دېگەن. ھەمماد:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ماڭا مەندىن ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى بىلەن ئاتا – ئانامنىڭ ھېساب ئېلىشىنىڭ ئارىسىدا ئىختىيارلىق بېرىلىپ قالسا، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشىنى كېچىكتۈرگەن بولاتتىم، چۈنكى ئاللاھ ماڭا ئاتا – ئانامدىنمۇ بەكرەك رەھىمدىل زاتتۇر، — دېگەنىكەن.

ئۈچىنچى: ھايا قىلىش

نەپسلەر ئۆزىگە كۆپ ياخشىلىق قىلغان ۋە كۆپ پەزل – مەرھەمەت قىلغان كىشىلەردىن ھايا قىلىدىغان قىلىپ يارىتىلغاندۇر. بەندىنىڭ بۇ خىل ھايا قىلىشىغا ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ تائالادىنمۇ ھەقلىقراق بىرەرى بارمۇ؟! دېمەك، مۇئمىن ئۆزىنى ياراتقان ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ھايا قىلىدۇ، ئەگەر بىلمەي گۇناھ قىلىپ قالسا، ياراتقۇچى ئاللاھتىن تېخىمۇ بەك ھايا قىلىدۇ.

ئەسۋەد ئىبنى يەزىد رەھىمەھۇللاھ كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان ۋە كۆپ روزا تۇتىدىغان زات ئىدى. ئۇ زات سەكراتقا چۈشكەندە يىغلىدى، شۇندا ئۇنىڭغا:

— نېمىگە قايغۇرۇۋاتىلا؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ:

— نېمە ئۈچۈن قايغۇرماي؟! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ناۋادا ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشەلىسەممۇ، قىلمىش – ئەتمىشلىرىم تۈپەيلى ئۇ زاتتىن ھايا قىلىش گ مېنى ئەلبەتتە غەمگە سالغان بولاتتى، — دېگەنىكەن.

ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! مېنى، ئاتا – ئانامنى، ئۇستازلىرىمنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى رەھمىتىڭگە ئېرىشكۈچىلەردىن قىلغىن! ئامىن.

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ الرحمن الرحيم جل جلاله https://www.alukah.net/

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات

—————————————
([1]) «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 3 – توم، 262 – بەت.
([2]) «مۇسلىم»، 2752 – ھەدىس.
([3]) «بۇخارىي»، 5999 – ھەدىس.
([4]) «تىرمىزىي»، 3107 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
([5]) «مەۋارىدۇززەمئان ئىلە زەۋائىدى ئىبنى ھىببان»، 2081 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([6]) «مۇسلىم»، 2502 – ھەدىس.
([7]) «مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە»، 31782 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئىسسەغىر ۋەزىيادەتۇھۇ»، 2345 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
([8]) سۇيۇتىي: «ئەددۇررۇلمەنسۇر فىتتەفسىر بىلمەئسۇر»، 4 – توم، 367 – بەت.
([9]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5673 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2818 – ھەدىس.
([10]) «ئەبۇ داۋۇد»، 4699 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 77 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([11]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 4850 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2846 – ھەدىس.
([12]) «ئەبۇ داۋۇد»، 4901 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 8292 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «شۇنى بىلگىنكى، ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان پايدىسى بولمىغان ھەرقانداق گەپتىن تىلىنى ساقلىشى كېرەك. قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. بەزىدە قىلىش دۇرۇس بولىدىغان سۆزلەرمۇ ھارام ياكى مەكرۇھقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش شۇنداق ياخشى ئىشكى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە توغرا كەلمەيدۇ». («رىيازۇسسالىھىن»، 1 – توم، 427 – بەت) — ت.
([13]) «تىرمىزىي»، 2398 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 1494 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([14]) «مەۋسۇئەتۇسسۇننەتىننەبەۋىييە»، 10951 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([15]) «تىرمىزىي»، 2402 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
([16]) «ئىغاسەتۇللەھفان»، 2 – توم، 174 – بەت.
([17]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23622 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» دېگەن.
([18]) تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، 7135 – ھەدىس. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»: 3228 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
([19]) «مۇسلىم»، 1955 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 1409 – ھەدىس.
([20]) «بۇخارىي»، 6011 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2586 – ھەدىس.
([21]) «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا ئەلمەۋسىلىي»، 4258 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([22]) «ئەبۇ داۋۇد»، 4941 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 1924 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 6494 – ھەدىس.
([23]) «بۇخارىي»، 1284 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 923 – ھەدىس.
([24]) بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇلمۇفرەد»، 380 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 6541 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 897 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
([25]) ئىبنى ئەساكىر: «تارىخۇ دىمەشق»، 2470 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
([26]) بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇلمۇفرەد»، 382 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([27]) بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇلمۇفرەد»، 373 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([28]) بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇلمۇفرەد»، 381 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
([29]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22211 – ھەدىس؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، 7679 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([30]) ئىمام مالىك: «مۇۋەتتا»، 976 – ھەدىس.
([31]) «بۇخارىي»، 5989 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2555 – ھەدىس.
([32]) «ئەبۇ داۋۇد»، 1694 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 443 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([33]) «مۇسلىم»، 2865 – ھەدىس.
([34]) «مۇسلىم»، 918 – ھەدىس.
([35]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22401 – ھەدىس.
([36]) ئىبنى ئەبى ئاسىم: «ئەسسۇننە»، 895 – ھەدىس.
([37]) بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇلمۇفرەد»، 522 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([38]) ئىبنۇلمۇبارەك: «ئەززۇھدۇ ۋەررەقائىق»، 380 – ھەدىس. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 855 – ھەدىس) «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك، لېكىن ھەدىس مۇرسەل» دېگەن.
([39]) «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 7362 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
([40]) «بۇخارىي»، 2076 – ھەدىس.
([41]) «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 68 – ھەدىس. بۇ «ئىسنادى ھەسەن» ھەدىستۇر.
([42]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 9424 – ھەدىس.
([43]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 9425 – ھەدىس. بۇ ئىككى ھەدىسنى ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
([44]) «مۇسلىم»، 2699 – ھەدىس.
([45]) «بۇخارىي»، 6408 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2689 – ھەدىس.
([46]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 7410 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 1307 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([47]) «بۇخارىي»، 3478 – ھەدىس.
([48]) «سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 1577 – ھەدىس. بۇ «ھەسەن لىغەيرىھى» ھەدىس.
([49]) نەسائىي: «ئەمەلۇليەۋمى ۋەللەيلە»، 570 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.