«قار بوۋاي» ياساشنىڭ ھۆكمى

«قار بوۋاي» ياساشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بالىلارنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ «قار بوۋاي» شەكلىدە قاردىن ئىنسان ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ھەيكىلىنى ياسىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئۇلۇغلاش ياكى چوقۇنۇش مەقسىتىدە ھەيكەل ياساش، ئۇنداق ھەيكەللەرنى سېتىش ۋە ئۆيدە ساقلاش بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە چوڭ گۇناھلار قاتارىغا كىرىدىغان شېرىك ئىشتۇر. بۇلارنىڭ ھارام قىلىنىشى تەۋھىد ئەقىدىسىنى ھىمايە قىلىش، بۇتپەرەستلەرگە ئوخشاپ قالماسلىق بولۇپ، پەقەتلا ئىسلام ئەقىدىسىگە، ئەخلاقىغا زىت كەلمەيدىغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا رۇخسەت قىلىنغان.

«قار بوۋاي» ياساشمۇ بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئويۇنلارنىڭ بىرى. بۇ ئويۇنلارنىڭ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇئەييەن پايدىسى بار. شۇڭا، مەيلى پۈتۈن ئەزالىرى تولۇق، ئېغىز – بۇرۇن، قاش – كۆزلىرى جايىدا، بارماقلىرىمۇ كام قالمىغان ھالەتتە تىرىك ئىنسانغا پۈتۈنلەي ئوخشاپ قالسىمۇ، بالىلار ئويۇنچۇقى دائىرىسىگە كىرگەنلىكتىن ھۆكمى جائىزدۇر. بالىلار ئۈچۈن چوڭلار ياساپ بەرسىمۇ، بىرلىكتە ياسىسىمۇ ئوخشاشلا جائىز. بۇنىڭ جائىزلىقى سەھىھ ھەدىسلەردىكى ئېنىق كۆرسەتمىلەرگە تايانغاندۇر.

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا قورچاقلارنى ئوينايتتىم. ئۇ (زات) بەزىدە ماڭا كىچىك ئاداشلىرىمنى ئەكېلىپ بېرەتتى، ئاداشلىرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئەيمىنىپ مۆكۈۋېلىشاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ مەن بىلەن ئوينىشىنى ياقتۇرغاچقا، ئۇلار مەن بىلەن ئوينايتتى» دەيدۇ(1).

يەنە بىر رىۋايەتتە كېلىشىچە، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئائىشەگە قورچاقلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

— ئى ئائىشە! بۇ نېمە؟ — دەپ سورىغاندا، ئۇ:

— قورچاق قىزلىرىم، — دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قورچاقلار ئارىسىدىكى رەخت قاناتلىق ئاتنى كۆرۈپ:

— ئۇنداقتا بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ نېمە؟ — دەپ سورىغان ئىدى. ئۇ:

— ئۇ ئات، — دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— ئاتنىڭ ئۈستىدىكىلەرچۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ:

— قاناتلار، — دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— ئاتنىڭمۇ قانىتى بولامدۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ:

— داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ قاناتلىق ئاتلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟ — دېدى. بۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك ئېزىق چىشلىرى كۆرۈنگۈدەك دەرىجىدە كۈلۈپ كەتتى(2).

ئىمام شەۋكانىي: «بۇ ھەدىستە كىچىك بالىلارنى ھەيكەل ۋە قورچاقلارنى ئوينىغىلى قويۇشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە دەلىل بار» دەيدۇ(3). قازى ئىياز: «كىچىك قىزلارنىڭ قورچاق ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندۇر» دېگەن(4).

شۇڭا، بالىلارنىڭ «قار بوۋاي» ياسىشى ياكى ھەرخىل ئويۇنچۇقلارنى ئوينىشىنى چەكلەنگەن ئىشلار قاتارىدىن ساناش ياكى چوڭ گۇناھ دەپ كىشىلەرنى قورقۇتۇش ياكى جىددىي مەسىلىلەر قاتارىدا ساناش ئورۇنسىزدۇر.

يەنە بالىلارغا «قار بوۋاي» ياساپ بەرگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي سىمالىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە يات كۈلتۈرلەرنىڭ «قار بوۋاي»لىرىغا تەقلىت قىلىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش مۇناسىپ.

ئادەتتە چوڭلار ئۈچۈن ياسىلىدىغان، لېكىن ئۇلۇغلانمايدىغان، يېرىم ياكى باشسىز، ياكى مۇھىم ئەزالىرى يوق، يۈزى تۈپتۈز «قار بوۋاي» ياساشمۇ جائىز بولۇپ، بۇ قارانچۇققا ئوخشاشلا ھەيكەل ھېسابلانمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 1. 25

———————————————————————
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6130 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2440 – ھەدىس.
2. «ئەبۇ داۋۇد»، 4932 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 8950 – ھەدىس. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 129 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
3. شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 6 – توم، 260 – بەت.
4. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 14 – توم، 82 – بەت؛ بۇ ھەقتە ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي كەڭ توختالغان. قاراڭ: «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» (ئۇيغۇرچە)، ئىستانبۇل، 2022، 157 – 177 – بەتلەر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ