Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

جۈمە كۈنىنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى ۋە خۇتبە ئوقۇش قائىدىلىرى

جۈمە كۈنىنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى

قايسىسى ئەۋزەل؟ جۈمە كۈنىمۇ ياكى ئەرەفات كۈنىمۇ؟

جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى ھەدىسلەردىن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﺑﯩﺰ (ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ) ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯩﺰ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ (ئەھلى كىتابلارغا) ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. جۈمە ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ جۈمە نامىزى ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯟﯨﺪﻯ، ﺋﺎﻟﻼﮪ بىزنى ئۇنىڭغا ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻨﻰ ئۇﻟﯘﻏﻼﺷﺘﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻳﻪﮪﯘﺩىيلەﺭ ﺋﻪﺗﯩﻨﻰ (شەنبىنى)، ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ ﺋﯚﮔﯜن (يەكشەنبە) نى ئۇﻟﯘﻏﻼﻳﺪﯗ»(1).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇياش چىققانلىكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى جۈمە كۈنىدۇر. شۇ كۈنى ئادەم (ئەلەيھىسسالام) يارىتىلدى، شۇ كۈنى جەننەتكە كىرگۈزۈلدى ۋە شۇ كۈنى جەننەتتىن چىقىرىلدى. قىيامەتمۇ جۈمە كۈنى بولىدۇ»(2).

تۇنجى جۈمە

ئەسئەد ئىبنى زۇرارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنە مۇنەۋۋەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرەت قىلىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئەنسارلار جامائىتى بىلەن قارا تاشلىق بىر سايدا تۇنجى بولۇپ جۈمە نامىزى ئوقۇغان ئىدى.

ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندىن كېيىن، سالىم ئىبنى ئەۋف جەمەتىنىڭ ئىچىدە تۇرغاندا جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى، بەتنۇلۋادىيدىكى مەسجىدتە بۇ نامازنى ئوقۇدى. بۇ بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەدە پەيغەمبەر مەسجىدىنى سېلىشتىن ئىلگىرى ئوقۇغان تۇنجى جۈمە نامىزى ئىدى.

قايسىسى ئەۋزەل؟ جۈمە كۈنىمۇ ياكى ئەرەفات كۈنىمۇ؟

توغرىسى شۇكى: جۈمە كۈنى بىر ھەپتە ئىچىدىكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر، ئەرەفات كۈنى ۋە قۇربانلىق كۈنى بولسا بىر يىل ئىچىدىكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. قەدر كېچىسى ۋە جۈمە كېچىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر.

جۈمە كۈنىنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى

بىرىنچى ئۆزگىچىلىك: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنى بامدات نامىزىدا سۈرە «سەجدە» بىلەن سۈرە «ئىنسان»نى ئوقۇيتتى؛

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى: بۇ ئىككى سۈرە جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. يەنى بۇ سۈرىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشى، ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىشى ۋە مەھشەر مەيدانىغا يىغىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۈرىلەرنى ئوقۇغاندا ئۈممەتكە ئەنە شۇ ئەھۋاللار ئەسلىتىلىپ، تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى ئۆزگىچىلىك: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ماڭا جۈمە كۈنى ۋە جۈمە كېچىسى كۆپ دۇرۇد ئېيتىڭلار» دېگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كۈننىڭ كۈندۈزى ۋە كېچىسىدە پەيغەمبىرىمىزگە كۆپ دۇرۇد ئېيتىشىمىز مۇستەھەپتۇر؛

ئۈچىنچى ئۆزگىچىلىك: جۈمە نامىزى ئىسلامدىكى ئەڭ تەكىتلەنگەن پەرزلەرنىڭ قاتارىدىندۇر، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ يىغىلىشلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر؛

تۆتىنچى ئۆزگىچىلىك: ئۇشبۇ كۈندە غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇلغان. بۇ بەكمۇ تەكىتلەنگەن ئەمەلدۇر؛

بەشىنچى ئۆزگىچىلىك: بۇ كۈندە خۇش پۇراق ئىشلىتىشكە بۇيرۇلغان بولۇپ، جۈمە كۈنى خۇش پۇراق ئىشلىتىش ھەپتىنىڭ باشقا كۈنلىرىدە خۇش پۇراق ئىشلەتكەندىن ئەۋزەلدۇر؛

ئالتىنچى ئۆزگىچىلىك: بۇ كۈندە مىسۋاك ئىشلىتىشمۇ ھەم باشقا كۈنلەردە مىسۋاك ئىشلەتكەندىن ئەۋزەلدۇر؛

يەتتىنچى ئۆزگىچىلىك: نامازغا بالدۇر بېرىش؛

سەككىزىنچى ئۆزگىچىلىك: ئىمام مۇنبەرگە چىققۇچە ناماز ئوقۇش، زىكىر ئېيتىش ۋە قۇرئان ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولۇش؛

توققۇزىنچى ئۆزگىچىلىك: خۇتبەنى ئاڭلىيالىغۇدەك ھالەتتە بولسا، جىم تۇرۇپ خۇتبە ئاڭلاش ۋاجىپتۇر؛

ئونىنچى ئۆزگىچىلىك: بۇ كۈندە سۈرە «كەھف»نى ئوقۇش؛

ئون بىرىنچى ئۆزگىچىلىك: ئىمام شافىئىي ۋە بىرقىسىم ئوخشاش قاراشتىكى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، جۈمە كۈنى كۈن تىكلەشكەندە ناماز ئوقۇش مەكرۇھ ئەمەستۇر.

ئون ئىككىنچى ئۆزگىچىلىك: جۈمە نامىزىدا سۈرە «جۈمە» بىلەن سۈرە «مۇنافىقۇن»نى ياكى سۈرە «ئەئلا» بىلەن سۈرە «غاشىيە»نى ئوقۇش؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»دا كەلگەندەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە نامىزىدا بۇ سۈرىلەرنى ئوقۇيتتى. «سەھىھۇ مۇسلىم»دا يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە نامىزىدا سۈرە «جۈمە» بىلەن سۈرە «غاشىيە»نى ئوقۇيتتى، دەپ كەلگەن.

ئون ئۈچىنچى ئۆزگىچىلىك: ئۇ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كېلىدىغان ھېيت كۈنىدۇر؛

ئون تۆتىنچى ئۆزگىچىلىك: ئۇ كۈنى ئەر كىشى ئۈچۈن كۈچى يەتكەن مىقداردا ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشى مۇستەھەپتۇر؛

ئون بەشىنچى ئۆزگىچىلىك: ئۇ كۈنى مەسجىدكە ئىسرىق سېلىش مۇستەھەپتۇر؛

سەئىد ئىبنى مەنسۇر نۇئەيم ئىبنى ئابدۇللاھ مۇجمىردىن رىۋايەت قىلىشىچە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نۇئەيمنى ھەر جۈمە كۈنى چىڭقى چۈش مەزگىلىدە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەر مەسجىدىدە ئىسرىق سېلىشقا بۇيرۇيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ساھابە نۇئەيم ئەلمۇجمىر (يەنى ئىسرىق سالغۇچى) دەپ ئاتالغاندۇر.

ئون ئالتىنچى ئۆزگىچىلىك: جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن، ئۇشبۇ نامازنى ئوقۇشى ۋاجىپ بولغان بىر كىشىنىڭ بۇ نامازنى ئادا قىلماي تۇرۇپ سەپەر قىلىشى جائىز بولمايدۇ. لېكىن، جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىشتىن ئىلگىرى سەپەر قىلىش ھەققىدە مەزھەپلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار باردۇر.

ئون يەتتىنچى ئۆزگىچىلىك: جۈمە نامىزىغا پىيادە ماڭغان كىشى ئۈچۈن ھەر بىر قەدىمىگە بىر يىل روزا تۇتۇپ، قىيامدا تۇرغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ؛

ئەۋس سەقەفىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «كىمكى جۈمە كۈنى ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ، غۇسلى تاھارەت ئېلىپ، (جۈمە نامىزى ئۈچۈن) ئۆيىدىن بالدۇر چىقىپ باشتا بارسا، مىنمەي پىيادە مېڭىپ كەلسە، ئاندىن ئىمامغا يېقىن ئولتۇرۇپ، ھېچبىر نەرسە ئوينىماي، خۇتبىنى تىڭشىسا، ئۇنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر يىل كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ناماز ئوقۇغاننىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ»(3).

ئون سەككىزىنچى ئۆزگىچىلىك: بۇ كۈن، خاتالىقلارنى كەففارەت قىلىش كۈنىدۇر؛

سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا:

ــ جۈمە كۈنىنىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ــ دېگەنىدى، مەن:

ــ ئۇ، ئاللاھ ئاتاڭلارنى جەﻣﯩﺌ قىلغان (يەنى ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنى ھەمھال قىلغان) كۈندۇر، ــ دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ مەن جۈمە كۈنىنىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بىر كىشى ناھايىتى ياخشى پاكىزلانسا، ئاندىن جۈمە نامىزىغا كېلىپ، ئىمام نامازنى ئوقۇپ بولغانغا قەدەر سۈكۈت قىلىپ ساقلاپ تۇرسا، ئۇ كىشى ناھەق قان تۆكۈشتىن يىراق بولسىلا، ئۇنىڭ بۇ ئەمىلى شۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمەنىڭ ئارىلىقىدىكى گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ، ــ دېدى(4).

ئون توققۇزىنچى ئۆزگىچىلىك: دوزاخ ھەر كۈنى قىزدۇرۇلىدۇ، پەقەتلا جۈمە كۈنى ئۇنداق بولمايدۇ؛

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جەھەننەم جۈمە كۈنىدىن باشقا چاغلاردا قىزدۇرۇلىدۇ»(5).

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر! بىزچە بۇنىڭ سىرى شۇكى، ئول جۈمە كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزەلى ئېرۇر، بۇ كۈندە جەھەننەمنىڭ قىزدۇرۇلماسلىقىنىڭ بائىسى تائەت – ئىبادەت، دۇئا – تىلەك ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا – مۇناجاتلارنىڭ ناھايىتى كۆپ بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇشبۇ ھەدىسنىڭ زاھىرىدىن مەئلۇمكى، جەھەننەم بىز فانىي دۇنيادىكى چاغدىمۇ قىزىتىلىپ تۇرىدۇ ۋە جۈمە كۈنىدىن باشقا ھەر كۈنى يالقۇنجاپ تۇرىدۇ. ئەمما، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئازابى ھەرگىزمۇ سۇسلاپ قالمايدۇ ۋە ئىچىدىكىلەرگە يەڭگىللىتىلمەيدۇ».

يىگىرمىنچى ئۆزگىچىلىك: جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر ۋاقىت باردۇر؛

ئۇ سائەتتە بەندە ئاللاھ تائالادىن نېمىنى سورىسا، شۇنى بېرىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جۈمە كۈنىدە بىر ۋاقىت بار، مۇسۇلمان ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە شۇ ۋاقىتقا توغرا كېلىپ، ئۇلۇغ ئاللاھدىن بىرەر نەرسە سورىسىلا، ئاللاھ ئۇنىڭ سورىغىنىنى بەرمەي قويمايدۇ»(6).

ئالىملار مەزكۇر دۇئا ئىجابەت ۋاقتىنىڭ زادى قايسى ۋاقىت ئىكەنلىكىدە ئون بىر خىل ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان بولۇپ، بۇ قاراشلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىككىسى سەھىھ ھەدىسلەرگە تايانغاندۇر، مەزكۇر ئىككى قاراشتىنمۇ بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈكرەكتۇر.

ئۇ ئىككى قاراش تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچىسى: بۇ ۋاقىت ئىمام مۇنبەردە ئولتۇرغاندىن تارتىپ تاكى ناماز ئوقۇلۇپ بولغانغا قەدەركى ۋاقىتتۇر. ئەبۇ بۇردە ئىبنى ئەبى مۇسا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنىڭغا:

ــ سەن داداڭنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟ ــ دېگەندە، ئۇ:

ــ مەن دادامنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۇ ئىمام مۇنبەردە ئولتۇرغاندىن تارتىپ ناماز ئوقۇلۇپ بولغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتۇر»(7) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمەن، ــ دېدى.

ئىككىنچىسى: ئۇ ئەسىر نامىزىدىن كېيىنكى ۋاقىتتۇر. بۇ بولسا ئەڭ كۈچلۈك قاراشتۇر. بۇ قاراشنىڭ دەلىلى: ئەبۇ سەئىد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە ــ ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي ــ ئىككىيلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جۈمە كۈنىدە بىر ۋاقىت بار بولۇپ، مۇسۇلمان بەندە ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالادىن بىرەر ياخشىلىقنى سورىغان ھالەتتە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى بەرمەي قويمايدۇ، ئۇ ۋاقىت ئەسىردىن كېيىندۇر»(8).

بۇ قاراش كۆپلىگەن سەلەفلەرنىڭ قارىشىدۇر، كۆپىنچە ھەدىسلەرمۇ مەزكۇر قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتنى «ناماز ۋاقتىدۇر» دېگەن قاراش (يەنى يۇقىرىقى بىرىنچى قاراش مەزكۇر قاراشتىن) كېيىنكى رەتتە تۇرىدۇ.

يىگىرمە بىرىنچى ئۆزگىچىلىك: يەنە بۇ كۈندە خۇتبە ئوقۇلىدىغان بولۇپ، ئول خۇتبىنىڭ مەقسىتى ئاللاھ تائالانى مەدھىيەلەش، ئۇلۇغلاش؛ ئۇ زاتنىڭ يەككە – يېگانەلىكىگە، ئەلچىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق رىسالەت ئۈزرە ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش؛ بەندىلەرگە ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى ئەسلىتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئازابىدىن ۋە جازاسىدىن ئاگاھلاندۇرۇش؛ ئاللاھنىڭ زاتىغا ۋە جەننىتىگە يېقىنلاشتۇرغۇچى ئەمەللەر بىلەن ئۆگۈت بېرىش، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ قەھرۇ غەزىپىگە ۋە جەھەننەمىگە دۇچار قىلغۇچى ئىشلاردىن توسۇشتىن ئىبارەتتۇر.

يىگىرمە ئىككىنچى ئۆزگىچىلىك: جۈمە كۈنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كېلىدىغان ھېيت كۈنىدۇر. خۇددى قۇربان ھېيت كۈنىدە ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋە قۇربانلىق قىلىش كەبى ئىبادەتلەر بولغىنىدەك، جۈمە كۈنىدىمۇ جۈمە نامىزى ئوقۇلىدۇ، بۇ كۈننىڭ قۇربانلىقى بولسا ھەقتائالانىڭ نەزدىدە مەسجىدكە بالدۇر بېرىش بولۇپ، بۇ دەل قۇربانلىقنىڭ ئورنىدىدۇر. شۇڭا، بۇ كۈندە مەسجىدكە بالدۇر بارغۇچى ناماز ئوقۇش بىلەن قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىبادەتنى جەملەشتۈرگەن بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى جۈمە كۈنى جۇنۇپلۇقتىن غۇسۇل قىلغاندەك غۇسۇل قىلىپ جۈمەگە دەسلەپكى سائەتتە بارسا، ئۇ بىر تۆگە سەدىقە قىلغاندەك بولۇر؛ كىمكى ئىككىنچى سائەتتە بارسا، ئۇ بىر كالا سەدىقە قىلغاندەك بولۇر؛ كىمكى ئۈچىنچى سائەتتە بارسا، ئۇ مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار سەدىقە قىلغاندەك بولۇر؛ كىمكى تۆتىنچى سائەتتە بارسا، ئۇ بىر مېكىيان سەدىقە قىلغاندەك بولۇر؛ كىمكى بەشىنچى سائەتتە بارسا، ئۇ بىر تۇخۇم سەدىقە قىلغاندەك بولۇر؛ ئىمام خۇتبىگە چىققان چاغدا پەرىشتىلەر تەييار بولۇپ، خۇتبە ئاڭلايدۇ»(9).

فەقىھلەر بۇ ۋاقىتلار ھەققىدىمۇ ئىككى خىل قاراشتا بولغان:

بىرىنچىسى: بۇ ۋاقىتلار كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدىن باشلىنىدۇ. بۇ ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ۋە يەنە بىر قىسىم فەقىھلەرنىڭ قارىشىدۇر.

ئىككىنچىسى: بۇ (ھەدىستە دېيىلگەن) چىڭقى چۈشتىن كېيىنكى ئالتىنچى سائەتنىڭ جۈزئىلىرىدۇر (يەنى بۇ ۋاقىتلار چىڭقى چۈشتىن كېيىن باشلىنىدۇ) بۇ ئىمام مالىك ۋە بەزى شافىئىي فەقىھلەرنىڭ قارىشىدۇر.

يىگىرمە ئۈچىنچى ئۆزگىچىلىك: جۈمە كۈنىدە سەدىقە قىلىشنىڭ ساۋابى باشقا كۈنلەردە سەدىقە قىلغاندىن ئارتۇقتۇر. ھەپتىنىڭ باشقا كۈنلىرىگە نىسبەتەن جۈمە كۈنى سەدىقە قىلىش بەئەينى باشقا ئايلارغا نىسبەتەن رامىزان ئېيىدا سەدىقە قىلغانغا ئوخشاشتۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇتبە ئوقۇشتىكى كۆرسەتمىلىرى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە ئوقۇسا ئىككى كۆزى قىزارغان ھالدا، جاراڭلىق ئاۋازدا گويا (ئەتە) ئەتىگەن ياكى (بۈگۈن) ئاخشاملىققا يېتىپ كېلىدىغان زەربىدار بىر دۈشمەندىن ئاگاھلاندۇرۇۋاتقاندەك ھالەتتە سۆزلەيتتى ۋە يەنە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى يېقىن قىلىپ تۇرۇپ: «مەن ئەۋەتىلدىم، ھالبۇكى قىيامەت بۇ ئىككىسىگە ئوخشاشتۇر»(10) دەيتتى؛

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبىلىرىدە ئەۋۋەلا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ۋە كەلىمەئى شاھادەت ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، «أما بعد(11) (يەنى سۆزىمىزگە كەلسەك)» دەيتتى؛

خۇتبىنى قىسقا، نامازنى ئۇزۇن ئوقۇيتتى، زىكىرنى كۆپ ئېيتاتتى، چوڭقۇر مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەلىمىلەرنى سۆزلەيتتى ۋە: «ھەقىقەتەن بىر كىشىنىڭ (جۈمە) نامىزىنىڭ ئۇزۇن، خۇتبىسىنىڭ قىسقا بولۇشى ئۇنىڭ دىننى چۈشەنگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر»(12) دەيتتى؛

رەسۇلى ئەكرەم خۇتبىسىدە ئەسھابىلىرىغا ئىسلامنىڭ قائىدە ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئۆگىتەتتى، گېزى كەلگەندە ئۇلارغا ئەمر – مەرۇپ ۋە نەھىي مۇنكەر (ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش) دە بولاتتى. بەئەينى ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا مەسجىدكە كىرگەن كىشىنى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشقا ئەمر قىلىپ، جامائەتنىڭ ئارىسىدىن ئاتلاپ ئۆتكەن كىشىنى قىلغان قىلىقىدىن نەھىي ئەيلەپ، دەرھال جايىدا ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندەك؛

ئەگەر بىرەر ئېھتىياج تۇغۇلۇپ قالسا خۇتبىنى توختىتاتتى ياكى بىرەر ساھابە سوئال سورىسا جاۋاب بېرەتتى – دە، يەنە خۇتبىنى داۋاملاشتۇراتتى؛

بەزىدە مەلۇم ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن مۇنبەردىن چۈشەتتى ئاندىن قايتا چىقىپ خۇتبىنى داۋاملاشتۇراتتى، خۇددى ھەسەن ۋە ھۈسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى دەپ مۇنبەردىن چۈشۈپ، ئۇ ئىككىسىنى ئالغاندىن كېيىن، قايتا مۇنبەرگە چىقىپ خۇتبىنى داۋاملاشتۇرغاندەك؛

خۇتبە سۆزلەۋېتىپ «ئى پالانى كەلگىن! ئى پالانى ئولتۇرغىن! ئى پالانى ناماز ئوقۇغىن!» دەپ مەلۇم بىر كىشىلەرگە نىدا قىلاتتى؛

خۇتبە سۆزلەۋېتىپ، مۆرىتى كەلگەندە ساھابىلىرىگە ئەمر قىلاتتى. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كەمبەغەل، ھاجەتمەن بىرەرسىنى كۆرسە، جامائەتنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇيتتى ۋە قىزىقتۇراتتى؛

خۇتبە ئەسناسىدا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلسا ۋە دۇئا قىلسا، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلاتتى؛

ئەگەر قەھەتچىلىك مەزگىلى بولسا، خۇتبە ئەسناسىدا يامغۇر تىلەيتتى؛

جۈمە كۈنى جامائەت يىغىلىپ بولغۇچە ساقلايتتى. ئۇلار يىغىلغاندىن كېيىن مەسجىدكە كىرگەندە جامائەتكە سالام بېرەتتى. مۇنبەرگە چىققاندا، قىبلىگە ئەمەس، جامائەتكە يۈزلىنەتتى ۋە يەنە سالام بېرەتتى، ئاندىن ئولتۇراتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىلال ئەزان ئېيتاتتى. ئەزان تۈگىگەندە، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە سۆزلەيتتى.

قولىدا قىلىچ ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى تۇتمايتتى، بەلكى مۇنبەر ياسىلىشتىن ئىلگىرى ياغا ياكى ھاسسىغا تايىناتتى.

ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە سۆزلەيتتى، ئاندىن بىرئاز ئولتۇرۇۋالاتتى، ئاندىن يەنە ئۆرە تۇرۇپ ئىككىنچى خۇتبىنى سۆزلەيتتى. ئىككىنچى خۇتبىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازغا تەكبىر ئېيتاتتى.

جامائەتنى ئۆزىگە يېقىن ۋە جىمجىت ئولتۇرۇشقا بۇيرۇيتتى. شۇنداقلا «بىر كىشى يېنىدىكى ھەمراھىغا ‹جىم ئولتۇرغىن› دېسە، بىھۇدە ئىش قىلغان بولىدۇ»(13) دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى ۋە يەنە «كىمكى بىھۇدە ئىش قىلسا، ئۇنىڭ جۈمەسى يوق بولىدۇ»(14) دېگەنىدى.

بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەزان توۋلاپ بولغاندا، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبىنى باشلايتتى. ئەلۋەتتە ھېچبىر كىشى (جۈمەدىن ئىلگىرى) ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇمايتتى. بىر قېتىملا ئەزان ئېيتىلاتتى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۈمە نامىزى ھېيت نامىزىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سۈننەت ناماز يوقتۇر. بۇ ئالىملار ئېيتقان ئىككى قاراشنىڭ بەكرەك سەھىھىدۇر. ھەدىسلەرمۇ بۇ قاراشقا دالالەت قىلىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيىگە كىرىپ جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇيتتى. باشقىلارنى بولسا جۈمە نامىزىدىن كېيىن تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇشقا بۇيرۇغان ئىدى.

پەزىلەتلىك شەيخ ئەبۇلئابباس ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمەنىڭ سۈننىتىنى مەسجىدتە ئوقۇسا، تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى، ئەگەر ئۆيىدە ئوقۇسا، ئىككى رەكئەت ئوقۇيتتى. ھەدىسلەر بۇ نۇقتىغا دالالەت قىلىدۇ. ‹سەھىھۇ مۇسلىم›دە كېلىشىچە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ‹بىرىڭلار جۈمە نامىزىنى ئوقۇسا، ئۇنىڭدىن كېيىن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن›(15). ‹سەھىھەين›دە كەلگەن رىۋايەتتە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى».

 

ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھىمەھۇللاھنىڭ «زادۇلمەئاد» ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىلدى.

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات

———————————-

1. «بۇخارىي»، 876 – ھەدىس.
2. «مۇسلىم»، 854 – ھەدىس.
3. «ئەبۇ داۋۇد»، 345 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. نەسائىي: «ئەسسۈنەنۇلكۇبرا»، 1725 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23718 – ھەدىس.
5. «ئەبۇ داۋۇد»، 1083 – ھەدىس.
6. «بۇخارىي»، 935 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 852 – ھەدىس.
7. «مۇسلىم»، 853 – ھەدىس.
8. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 7688 – ھەدىس.
9. «بۇخارىي»، 881 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 850 – ھەدىس.
10. «بۇخارىي»، 5301 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 868 – ھەدىس. يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى بىلەن قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى ئارىلىقى دۇنيا يارىتىلغان چاغدىن بۇيان ئۆتكەن زامانغا نىسبەتەن ئىككى بارماق ئارىلىقىغا ئوخشاش ئازغىنە قالدى دېمەكچى بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى قىيامەتنىڭ يېقىنلىقىنى، تېز كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئارىلىقتا باشقا پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. قاراڭ: قۇرتۇبىي: «ئەلمۇفھىم»، 7 – توم، 167 – بەت؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 3 – توم، 247 – بەت؛ «ئۇمدەتۇلقارىي»، 7 – توم، 424 – بەت.
11. «بۇخارىي»، 922 – ھەدىس.
12. «مۇسلىم»، 869 – ھەدىس.
13. «بۇخارىي»، 934 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 851 – ھەدىس.
14. « مۇسلىم»، 869 – ھەدىس.
15. «مۇسلىم»، 881 – ھەدىس.

Please follow and like us:
Exit mobile version