ئاتالغۇلارنىڭ پىكىرگە ۋە ھەرىكەتكە بولغان تەسىرى كۈنىمىزدىكى ئاتالغۇلاردىن ئۆرنەكلەر

ئاتالغۇلارنىڭ پىكىرگە ۋە ھەرىكەتكە بولغان تەسىرى

(كۈنىمىزدىكى ئاتالغۇلاردىن ئۆرنەكلەر)

ساغلام پىكىر ۋە توغرا يۆنىلىشتىكى ھەرىكەت ئالدى بىلەن ئىشلىتىدىغان تىلغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاتالغۇنى بېكىتىش، چۈشىنىش ۋە ئۇنى مۇناسىپ سىياقتا لايىقىدا ئىشلىتىش سۈزۈك ۋە ئىلمىي ئاساستا بولمىغاندا، ئاتالغۇ تەتۈر ئۆرۈلۈپ، غەرەزلىك شەخس ۋە تەرەپلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئەزھەردە «ئىسلام ۋە ئەرەب تەتقىقاتى فاكۇلتېتى»دا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم (3 – يىللىق بولسا كېرەك) «ئىسلام پەلسەپەسى» دەرسلىكىدە مۇسۇلمان پەيلاسوپلارنىڭ مەشھۇرلىرىدىن «ئەرەبلەرنىڭ پەيلاسوپى» دەپ نام ئالغان تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى ئەبۇ يۈسۈف ئەلكىندىي (Al-Kindi، ھ. 185 – 252 / م. 801 – 867)، ئارىستوتىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز دەپ ئاتالغان ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ نەسىر ئەلفارابىي (ھ. 258 – 339 / م. 872 – 950) ۋە شەيخ / رەئىس ئىبنى سىنا (ھ. 370 – 428 / م. 980 – 1037) لارنىڭ پەلسەپەلىرىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدىن تارتىپ يادىمدا قالغىنى ئەلفارابىي ۋە ئىبنى سىنا قاتارلىق مۇسۇلمان پەيلاسوپلار تۈركىستان – ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەسلى ئەرەب ئەمەسلەردىن بولسىمۇ، لېكىن يەئقۇب ئەلكىندىي ئەرەبلەردىن بولۇپ، كېلىپ چىقىشى جەنۇبىي ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ قەدىم قەبىلىلىرىدىن بىرى بولغان قاھتان ئەرەبلىرىدىن كېلىپ چىققان، ئاتا – بوۋىلىرى كىند رايونىنى ئۇزۇن زامان باشقۇرغان، ئېسىلزادە نەسەبلىك، تېگى ساپ ئەرەبلەردىن ئىدى. ئۇ ئابباسىي خەلىفەسى مەئمۇن (ھ. 198 – 218 / م. 813 – 833) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خەلىفە ئەلمۇئتەسىم (ھ. 218 – 227 / م. 833 – 842) لەرنىڭ ھۇزۇرىدا كاتتا مەرتىۋىگە ئېرىشكەن ئاتاقلىق تەرجىمان ئىدى. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولغاچ ئەلكىندىينىڭ پەلسەپە ۋە ئىلمىكالام ساھەسىدىكى باشقا تەسىرلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ پېقىرغا ئەڭ تەسىر قىلغان ۋە مۇھىم قاراشلىرىدىن بىرىگە ئۆتمەكچىمەن. نەزەرىمدە ئەلكىندىينىڭ ھەقىقەتەن ۋاقتى ئۆتمەس قاراشلىرىدىن بىرى بولغان «ئۇقۇملارنى بېكىتىش» مەسىلىسى ھازىرمۇ ناھايىتى روشەن ئېسىمدە. شۇڭا، ھەم قاچانىكى بىرەر ئۇقۇم مالىمانچىلىقىنى ئۇچراتسام، دەرھال ئەلكىندىي ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاھىدە تەكىتلەشلىرى خاتىرە ئەينىكىمدە ئەكس ئېتىشكە باشلايدۇ.

ئەلكىندىي ئاتالغۇلارنى تەرىپلەش ھەققىدە «رسالة في حدود الأشياء ورسومها» نامىدا بىر رىسالە/بىتىك يازغان بولۇپ، مەزكۇر رىسالە ئۇنىڭ تىل ۋە پەلسەپە ساھەسىدىكى مەرتىۋە ۋە قابىلىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ تەرجىمە ھەرىكىتى يېڭى باشلانغان چاغلاردا ئەرەب تىلىغا پىششىقلىقى، تەرجىمىدىكى ئىستىدادى ۋە تەجرىبىسىگە تايانغان ھالدا «پەلسەپەدىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە ئۇقۇملارنى بېكىتىش» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە كەلىمەلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئۇقۇم دائىرىلىرىنى بېكىتىۋېلىشقا چاقىرغان.

دەرۋەقە، كۈنىمىزدىكى سۆھبەت، مۇنازىرە، تەتقىقات ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماسلىقىنىڭ ئۈستىگە ئۈستەك چېچىلاڭغۇلۇق ھالىتىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ (سەمىمىيەتسىزلىكتىن باشقا) ئەڭ چوڭىمۇ دەل ئۇقۇم مالىمانچىلىقى ۋە ئاتالغۇ كاشىلىسىدۇر.

مەسىلەن، «پىتنە» ئاتالغۇسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەسلىدە دىنىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە «سىناق» مەناسىدا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى نېئمەتلىرى ياكى مۇسىبەتلىرى ئارقىلىق سىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. توغرا يولدىن توسۇلۇش، كۇپۇر ۋە شىرككە (شېرىك خاتا تەلەپپۇزدۇر) زورلىنىش، گۇناھ – مەئسىيەتكە، نىپاققا كىرىپ قېلىش، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىۋالماسلىق… قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ھالبۇكى كۈنىمىزدە «پىتنە»نى پەقەت ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىۋالالماي قالغان ئەھۋالغىلا قارىتىۋېلىپ، بىراۋ ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىپ بېرىپ، كۇپۇرغا، دەلىل – پاكىتلىق ھالدا نىپاققا، خىيانەتكە ۋە شىرككە قارشى تۇرسىمۇ يەنىلا ئۇنى «پىتنە» دەپ ئاتىۋالماقتىمىز ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنى ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىۋالالماي قالغاندەك كۆرسىتىمىز.

«ئۇلۇس» ئاتالغۇسىنىڭ ئۇقۇمى بېكىتىلىپ، ئېزىپ ئىچۈرۈلسىمۇ يەنىلا ئۇنى باشقا مەنىدە چۈشىنىۋېلىپ، دەتالاش قىلىۋېرىمىز. «ئۈممەت» ئاتالغۇسىمۇ ھەم شۇنداق، ئۆزىنى ئۈممەتتىن سانايدىغان، ئاغزىدىن ئۈممەت كەلىمىسى چۈشمەيدىغان خېلى – خېلى ئادەملەرنىڭمۇ كاللىسىدا ئۈممەتنىڭ ھەقىقىي ئۇقۇمى ۋە تەلەپ – تەقەززاسى توغرۇلۇق چۈشەنچىلەر دېگەندەك ئېنىق ئەمەس.

«داموللام» ئاتالغۇسىغا ئوخشاش ئىلمى سالاھىيەت ۋە پەزىلەتكە دالالەت قىلىدىغان ئاتالغۇمۇ كۈنىمىزدە ئەڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچراۋاتقان، خۇنۈكلەشتۈرۈلۈشكە دۇچ كېلىۋاتقان ئاتالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. «داموللام» ئاتالغۇسى ئەسلىدە بۇخاراغا ئوخشاش ئىلىم مەركەزلىرىدە ياكى كېيىنچە خانلىق مەدرىسەدە ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش باسقۇچىنى تاماملىغان، مول بىلىملىك، يېتۈك ئالىملارغا ئۇستازلىرى ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى ۋە ياكى ئىسلامىيەتكە قوشقان زور تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئوتۇغات/ئۇنۋان ئىدى. ھازىر بولسا، ھەركىم ئۆزىنى ياكى ئەتراپىدىكىلەرنى ئۆزىچىلا «داموللام» ئاتىۋېلىپ بىر – بىرىنى جامائەت ئالدىدا كۆتۈرۈپ نام قازىنىشنىڭ، نوپۇز تىكلەشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىدىغان، بۇ ئالاھىدە ئىلمىي ئۇنۋاننى ھەركىم ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا ئىلتىپات قىلىۋېرىدىغان ئەھۋال ئومۇملاشتى. ھەتتا بەزى ئورۇنلار ئۆز ئادەملىرىنى «داموللام قىلىپ ياساپ» چىقىدىغان بولدى. بۇمۇ ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ھەسسە قوشقانلىق، ئەلبەتتە.

بۇنداق ياساپ چىقىلغان «داموللام»لارنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئەڭ ئۆرنەك ۋەكىللىرىدىن بىرى شۈبھىسىزكى، مەشھۇر قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ سابىق ئىمام خەتىبى جۈمە تاھىر بولۇپ، جۈمە تاھىرغا سابىق قەشقەر شەھرى شەھەر باشلىقى شى داگاڭ شۇجى داموللام ئۇنۋانى بەرگەنىكەن. توردىكى بىر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇرۇندىن جۈمە قاراجىم دەپ تونۇلغان بۇ مەرھۇم ھېلىقى ئۇنۋانغا مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن، ئالىمادىس بىردە يېرىم كىشىلەر «قارىم»، «قاراجىم» دەپ خىتاب قىلىپ قالغۇدەك بولسا «داموللام دېمىدىڭ» دەپ خاپا بولاتتىكەن. ئەلبەتتە بۇنداق مىساللارنى كۆپەيتىش مۇمكىن، دېمەك ياساپ چىقىلغان «دامولام»لارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئۆز ئوتۇغاتى بويىچە خىتاب قىلىنمىسا رەنجىيدىكەن.

ئاخىرىقى پەيتلەردە مودا بولغان ئاتالغۇلاردىن بىرى بولسا «سىياسىي ئىسلام» ئاتالغۇسى بولۇپ، مەزكۇر خاتا ئاتالغۇنى دەسلەپتە دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىش تەرەپتارى بولغان غەرب سېكولارىزمچىلىرى ئىجاد قىلغان بولۇپ، كېيىنرەك مۇسۇلمانلارمۇ ئۇقۇمىغا دىققەت قىلماستىن بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىدىغان بولدى. بۇ خاتادۇر. سەۋەبى، بۇ ئاتالغۇ «سىياسىي بولمىغان ئىسلام»مۇ بار دېگەندەك چۈشەنچە بېرىپ قويىدۇ. مۇبادا «سىياسىي ئىسلام» سەت كۆرسىتىلىۋەرسە، خۇددى سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغان «ئىلمان ئىسلام» توغرىدەك كۆرۈنۈشى ئېنىق.

بۇرۇن بىرسى غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز «ئىلمان ئىسلام»غا ئوخشايدىغان «مۆتىدىل ئىسلام» دېگەن ئاتالغۇنى بازارغا سالغان ۋاقتىدا، پېقىر ئېتىراز بىلدۈرۈپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ خاتالىقىنى، توغرىسىنىڭ «ئوتتۇراھال ئىسلام» ئىكەنلىكىنى قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەلىل، ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىدىن مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ باققان بولساممۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىپ تۇرىۋەرگەنىدى. بەلكىم ھەقىقەت ئاچچىق كېلىپ قەستەن كاجلىق قىلىۋاتسا كېرەك، بوپتۇ، مىللىي تېبابەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان «ئىسسىق، سوغۇق، مۆتىدىل»گە سېلىۋالغاندۇر، بەرىبىر «ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار» دېگەنىدىم.

مۇھاجىرەتتە كۈنىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالغۇلارنىڭ بىرى «دەۋا» ئاتالغۇسىدۇر. بۇ ئاتالغۇنى بەزىلەر توغرا ھالدا «دەۋا» دەپ يازسا ۋە «دەۋا» دەپ تەلەپپۇز قىلسا، يەنە بەزىلەر «شىپا» مەنىسىدە چۈشىنىلىش ئېھتىماللىقى بار ھالەتتە، خۇددى تۈركىيە تۈركچىسىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە «داۋا» دەپ يازىدۇ ياكى تەلەپپۇز قىلىدۇ. تەلەپپۇزدىكى پەرق بەئەينى دەرەخ ئاچىمىقى ياكى ئاچال يول مەنىسىدىكى «ئاچا» بىلەن ھەدە – سىڭىل سۆزىدىكى «ھەدە» دېگەن مەنىدە كېلىدىغان «ئاچا/(ئا:چا)» دېگەن سۆزگە ئوخشاش ئىككى خىل ئوقۇلۇشى مۇمكىن.

ھالبۇكى «داۋا: ئەرەبچە (الدواء، چاغاتايچىسى دەۋاﺋ) ئىسىم؛ ① كېسەلنى ساقايتىش چارىسى، دورا – دەرمەك: ئاغرىقنىڭ سەۋەبىنى بىلمىگۈچە، داۋاسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ② پايدىلىق ۋاسىتە، شىپا: ساپ ھاۋا – تەنگە داۋا (ماقال) ③ كۆچمە مەنىدە. ئامال، ئىلاج، چارە: كۆيۈك داۋاسى. ئىشق داۋاسى(1).

دەۋا: ئەرەبچە (الدعوى، چاغاتايچىسى دەئۋا) ئىسىم؛ ① ئۆز ئىگىلىكىدىكى مال – مۈلۈك، ھەق تەلەپنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن قويۇلغان تەلەپ؛ ئەرز: ئوغرى – دەۋانىڭ ئۇرۇقى، چېچەن – دەۋانىڭ قۇيرۇقى (ماقال). ② تەپتىش ئورگانلىرى، سوت مەھكىمىسى ۋە ھەق تەلەپ ئەنزىلىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلار، جىنايى ئىشلار ئەنزىلىرىدىكى ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئەنزىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى؛ ③ باشقىلارنى ئەيىبلەپ، قارىلاپ قىلىنغان شىكايەت، ئەرز(2)؛ شۇنداقلا دەۋا – دەستۇرغا ئالاقىدار دەۋاگەر، دەۋالاشقۇچى، دەۋا ھۆددىگىرى دېگەندەك نۇرغۇن ئاتالغۇلار بار.

دېمەك، ھەر ئىككىسى ئەرەبچىدىن كىرگەن بۇ ئىككى كەلىمە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىدا تامامەن باشقا – باشقا ئۇقۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ «دەۋا» ياكى «داۋا»، قانداق ئوقۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەسىل مەسىلە مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ سىياسىي ساھەدىكى ھەقىقىي ئۇقۇمى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىلگەن، «دەۋا»نى چۈشەنمەيدىغانلار تەرىپىدىن مەسئۇلىيەتسىزلەرچە ئىزاھلىنىپ شاكاللاشتۇرۇلغان، ئۇقۇم دائىرىسى ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولۇپ، ھەركىم ئۆز كاللىسىدا ئۆز ئالدىغا مەنا بېرىدىغان خاھلىسا سوزۇپ، خاھلىسا قىسقارتىۋالىدىغان، مىللىي مۇجادەلەگە (مۇجادەلە سۆزىمۇ لۇغىتىمىزدىن قىرقىۋېتىلگەن سۆزلەرنىڭ بىرى)، مىللىي غايىگە توغرا كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، سىياسىيلىققا چېتىشلىق ھەرىكەتلا بولسا ئۇنىڭغا «دەۋا» ياكى «داۋا» فورمىسىنى كىيگۈزۈپ كېتىۋېرىدىغان بولۇپ قالدى. ئاتالغۇمۇ ئەسلىدىكى سۈزۈك مەنىسىنى يوقىتىپ سازاڭ قۇرۇتتەك ئېلاستىكىلىق بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلدى.

ئەسلىدىلا ساغلام ئۇقۇم بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى يولىدا جىھادنىڭ ھەر تۈرلۈكىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى مىللىي بۇرج بىلىشنى كۆرسىتىدىغان، مىللەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك غايىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلايدىغان، ئىستىقلال ۋە ئىستىقبالغا قارىتا ئاداققى نىشانىنى ئىپادىلەيدىغان «مىللىي دەۋا» ياكى قىسقارتىپ «دەۋا» دەپ ئومۇملاشقان بۇ ئاتالغۇ كۈنىمىزدە ھەر توپلۇق ئۆز ئىچىدە پائالىيەتلىرىنىڭ خاراكتېرى نېمە بولۇپ كەتسۇن، مىللىي غايە، پرىنسىپ ۋە سىياسىي نىشانغا توغرا كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، پەرقلىق مەزمۇنلار ئاساسىدا ئىشلىتىۋېرىش مودا بولدى. ھەتتا مىللىي ئىرادىگە ئۇيغۇن يول تۇتقانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى «پىتنە»؛ ئەسىل پىتنىنىڭ ئۇۋۇسىغا ئايلىنىپ كەتكەن، قىلىۋاتقانلىرىدىن نە مىللىي غايىنى، نە مۇستەقىللىق ئىدېئولوگىيەسىنى ئەسلا تاپقىلى بولمايدىغانلارنىڭ پائالىيەتلىرى، قىلىۋاتقان سەتچىلىكلىرى، ھەتتا خىتتاي بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالىشىشلىرىمۇ قارا – قويۇق ھالدا «دەۋا» دېيىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇقۇملارنى ئەسىل بېكىتىلىشى بويىچە ئىشلىتىش ياكى ئۇنى يېڭىلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش تۈگۈل، ئۇنىڭ ئىچىنى ئەخلەت – چاۋار تولدۇرۇپ بازارغا سېلىش، ھەر مەزھەپتىن بىر دىن ئىجاد قىلغانغا ئوخشاش ھەر تەشكىلات ياكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە ئايرىم «دەۋا» ئاتالغۇسى ۋە تەبىرلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۆلچەمسىز رەۋىشتە قوللىنىلىشى، ھەر پائالىيەتچىنىڭ ئۆزى بېكىتىۋالغان مەنىلىرى بويىچە تۈزۈۋالغان «دەۋا» ئۇقۇمىنى قوغداشنى ۋەزىپە قىلىپ، ئاتالغۇ مالىمانچىلىقى پەيدا قىلىشى قاتارلىقلار خەلقنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇشىغا، ئۆزئارا ئۇقۇشماسلىققا سەۋەب بولۇشتىن باشقىغا خىزمەت قىلمايدۇ.

ئوپئوچۇق ھالدا مىللىي كۈرەشنىڭ ئوبرازىغا قارا داغ سۈركەيدىغان ئىشلارنىڭ ئانچىكى ئىشلاردەك كۆرۈلۈشى، مەسىلىگە ئالىم – ئۆلىمالارغىچە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ئىككىلىنىشى، قانداق ھۆكۈم قىلىشتا گاڭگىرىشى قاتارلىقلارنىمۇ كاللىدىكى ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇنىڭ كۈچى يوق، مەزمۇنى پۈچەك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ئۆتكەندە بىر ئۆلىما «دەۋا» كەلىمەسىنى تەرىپلەپ، ئىزاھلىساق بولاتتى دېگەندە، ئۇ قېرىندىشىمغا مۇنداق دېگەنىدىم: تەرىپلىسەك بولىدۇ. لېكىن، تەرىپلەشكە موھتاج بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاۋۋال ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز لازىم، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى تەرىپلەشكە موھتاج بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكى بىزنىڭ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بىزگە بېكىتىپ بەرگەن ئاتالغۇلارغا سۇسلۇق قىلىشىمىز، ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەندە ئەجدادلىرىمىزدىن بىرى ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان قۇرئانىي ئاتالغۇلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، يۇقىرىقىدەك «دەۋا» ئاتالغۇسىغا ئوخشاش ئىچى بوشىتىلغان، قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىلگەن ئاتالغۇلارنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىۋېرىشىمىز بولىۋاتىدۇ. «جىھاد»(3)قا ئوخشاش مۇددىئاسى ئېنىق ئاتالغۇلارنى تاشلاپ مەزمۇنىنى جارى قىلىشنى تەرك قىلىپ، ھە دىسە مۇجمەللەشتۈرۈۋېتىلگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىۋالىمىز. تاشلىنىپ قېلىۋاتقان ئاتالغۇلارنى مۇجمەللەشتۈرۈۋېتىلگەن ئاتالغۇلارنىڭ مەزمۇنىدىن سۈزۈپ ئالالماي قىينىلىپ قايتىدىن تەرىپلىسەك بولاتتى، دەپ ئاۋارە بولۇشقا باشلايمىز. بەزىدە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە قاراپ ئويلاپ قالىمەن: ئەجەبا، قۇرئانىي ئاتالغۇلاردىن ئۆلىمالارمۇ قاچقىلى تۇردىمۇ؟ ئەجەب جىھادنى چۈشەندۈرۈڭ دېسە، جىھاد قورال بىلەنلا بولمايدۇ، قەلەم بىلەن، ئىقتىساد بىلەن… دەپ چۈشەندۈرۈپ كېتىمىز. ئۇنداقتا قورالسىز ئاشۇ خىل جىھادنى نېمە ئۈچۈن جىھاد دەپ ئاتىمايمىز؟ ياكى دىنىي ئاتالغۇدىن قاچىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىراق ئاتىلىشى بولغان «مىللىي كۈرەش» ياكى ئاتىلىرىمىز چاغاتايچىدە ئىشلەتكەن غازات قىلىش، كۈرەش قىلىشنى چەتكە قاقمايدىغان «مىللىي قۇرتۇلۇش كۈرىشى» دەپ ئىشلىتەيلى. ياكى بىز تۇرۇۋاتقان تۈركىيەچە ئىشلىتىشىمىز كېرەك دېيىلسە، مىللىي مۇجادەلە دېيىلسىمۇ، ياكى قىسقارتىپ مەزمۇن مۇجمەللەشتۈرۈپ ئولتۇرماي، ئېنىق قىلىپ «مىللىي كۈرەش» دەپ ئىشلەتسەك بولىۋېرىدۇ. لېكىن، ھە دېگەندە «دەۋا/ داۋا» ئاتالغۇسىنى تۇتۇقلۇق، مۇجمەللىككە تولدۇرۇپ، مەقسەت قىلىنىۋاتقان كۈرەش ۋە جىھادنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىشىنىڭ سىياسىي نىشاننى ئېنىقسىزلاشتۇرۇشقا، خەلقنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇشقا، ئۆزئارا ئۇقۇشماسلىققا سەۋەبچى بولۇشى ئېنىق.

«قۇرئان كەرىم» ئاتالغۇنى ئۆز خاھىشلىرى بويىچە ئىزاھلايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سۆز ئويۇنى ئوينىشىنى ۋە قەستەن گۇڭگالىق، تۇتۇقلۇق پەيدا قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. جۈملىدىن «نىساء» سۈرىسىدە يەھۇدىيلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان:

﴿يەھۇدىيلەرنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ﴾(4/«نىساء»: 46)

مۇئمىنلەرگىمۇ باشقىچە ئېھتىماللىق، تۇتۇقلۇق پەيدا قىلىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە شۇنداق ئەمر قىلغان:

﴿ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار، (سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 104).

ئۇنداق بولىدىكەن، مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ ئۆلىمالىرى باشلامچىلىق قىلغان ئاساستا كەڭ مۇسۇلمانلار جامائەسى مۇسۇلمانچىلىققا ئۇيغۇن ۋە كۈرەشكە مۇناسىپ، دەل جايىدىكى سۆزنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداق بولمىغاندا، ھەق بىلەن باتىلنى ئارىلاشتۇرۇشقا يوچۇق ئېچىلىشى، نۇرغۇنلىغان سەمىمىيەتسىزلىكلەرنىڭ ئۈستى بېشىنىڭ يېپىق ھالىتىدە كېتىۋىرىشى تۇرغانلا گەپ. ئەگەر بىرەر «ئۆلىما» چىقىپ جىھاد كەلىمەسىنىڭ ئورنىغا «داۋا» كەلىمەسىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭغا جىھاد مەنىسىدە ئېنىقلىما بېرىپ قالسا، ھازىر «داۋا» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىۋاتقانلار تېخىمۇ بەھۇزۇر ئىشلىتەلىشى مۇمكىن. ئۇنداق قىلىدىغانلار بولسا، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ مۇشۇ سۆزىنى ئوقۇپ بەرمەي بولمايدۇ: ﴿ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرماڭلار! ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار!﴾ (2/«بەقەرە»: 42).

ئەپسۇسكى، مۇشۇ تەرىقىدە ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولغان، ئۇقۇمى ئېنىق بولۇشقا تېگىشلىك ئاتالغۇلار كۆپ. ئۇندىن باشقا يەنە ئىسلام دۈشمەنلىرى مۇسۇلمان خەلقلەرنى قايمۇقتۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەيدا قىلغان «ئىسلام بانكىلىرى»، «ئىسلامىي پايچەك»، «ئىسلامىي زايوم»، «ئىسلامىي فورېكس».. قاتارلىق نۇرغۇن ئاتالغۇر بار. بۇ خۇددى: «ئىسلامىي جازانە، ئىسلامىي پاھىشىخانا»، «ئىسلامىي ھاراق»، «چىڭجېن جۇروۋ (ھالال چوشقا گۆشى)» دېگەندەكلا ئۆز ئىچىدە بىر – بىرىگە زىت (پارادوكسلۇق) ئاتالغۇ.

«قۇرئانچىلار» ئاتالغۇسىمۇ ھەدىس ئىنكارچىلىرىغا چىرايلىق قويۇلۇپ قالغاندەك تۈس بېرىدۇ. گەرچە ھەربىر مۇسۇلمان قۇرئانچى بولسىمۇ، ئەسلىدە قۇرئاننىڭ ئۆزىگىمۇ ئىشەنمەيدىغان ھەدىس ئىنكارچىلىرى بولمىش زامانە خاۋارىجلىرى «ھەدىسنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ قۇرئاننىلا تۇتىمىز» دېگەن بولغاچقا، شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ خىل تەتۈر ئاتاش خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويماقتا.

خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى «تاجاۋۇزچى» دەپ ئاتاشتىن قاچىدىغان چاغدا «زالىم» ئاتالغۇسىدىن مەدەت ئىزدەش، رادىكاللىق، دېموكراتىيە، مەدەنىيەت، تەرەققىيات، تېرورىزم، ئەقىل، زىيالىي… قاتارلىق نۇرغۇن ئاتالغۇلاردا بەزىلىرىنى جايىنى تىپىپ ئىشلەتمەسلىك، يەنە بەزىلىرىدە  ئۇقۇم ئېنىق بولماسلىق كاشىلىسى مەۋجۇد.

ھەتتا ساپ دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ ئۇقۇملىرىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئېنىق ئەمەس. «مۇنۇ ئىشنى قىلىش ھارام» دېسە، يەنە گۇناھ بولامدۇ دەپ سورايدىغانلار، «مۇنۇ ئىشنى قىلىش مۇستەھەب» دېسە، يەنە قىلسا گۇناھ بولمايدىغاندۇ دەپ سورايدىغانلارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ.

جازانىنى «ئۆسۈم» ياكى «پايدا» ۋە يا «فائىز» دەپ ئاتىۋېلىشتىن نەقەدەر خەتەرلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقى كەسپىنىڭ ئەھلى بولغان ئىلىم ئىگىلىرىگە مەلۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراقنى باشقا ئىسىملار بىلەن ئاتىۋېلىپ ئىچىدىغانلارنى ئاللاھ يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى، يەنى ئۇلارنى ئۇشبۇ ئۆتكۈنچى دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا خار ۋە زەبۇنلۇققا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىر ھەدىسىدە ئېيتقان.

بەلكىم بەزىلەر: «نېمە دەپ ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەسىل مۇھىمى ئاشۇ ئاتالغۇنىڭ مەزمۇنىدۇر» دېيىشى مۇمكىن. توغرا! مەزمۇن بىلەن ئۇقۇمنى ئېنىق ئىپادىلىسە، ئاتالغۇدا چوڭ چاتاق يوق. ئەمما، ئالاقىدار ئاتالغۇ كۆزلەنگەن ئۇقۇمنى ئېنىق ئىپادىلىمىسە ئىككىتەيىنلىك، تۇتۇقلۇق بولسا، بۇنداق ئاتالغۇلارنى قارىسىغا ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ساغلام ئۇقۇملارنى سۇسلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلىدىغان دەرىجىدە چەكتىن ئاشقان بولسا، مۇمكىنقەدەر بۇنداق ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەسلىك، ئورنىغا ساپ ۋە سۈزۈك ئاتالغۇ ئىشلىتىش زۆرۈر بولىدۇ.

كېسىپ ئېيتالايدىغىنىمىز ئۇقۇملارنى بېكىتىش ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق شەرتى بولۇپلا قالماي، ھەرقانداق سۆھبەت، مۇنازىرە ۋە جىھادىمىزنىڭ، ئىستىقلال مۇجادەلەمىزنىڭ توغرا يۆنىلىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈنمۇ شەرتتۇر. شۇڭا ئىشلىتىۋاتقان ئاتالغۇلارنىڭ ئۇقۇمىنى ۋە ئېنىقلىمىسىنى سۈزۈكلەشتۈرەيلى! ئاتالغۇلارنى غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز ھالدا قالايمىقانلاشتۇرۇپ ياكى باشقا مەنىلەردە ئىشلىتىپ ئاتالغۇلارغىمۇ، ئېنىقسىزلىقنىڭ دەردىنى بىھۇدە تارتىدىغان ئەزىز خەلقىمىزگىمۇ، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن سورىلىدىغان ئۆزىمىزگىمۇ زۇلۇم سالمايلى! بولمىسا، ئورۇنسىز ئىختىلاپ، جىدەللەر پاتقىقىغا پېتىپ ئازغىشىپلا ئۆتكەندىن سىرت، ئاللاھ تائالا ئاقىۋەتلىرىنى مۇنۇ ئايىتىدە بايان قىلغانلار قاتارىدىن قىلىپ قويۇشى يىراق ئەمەس: ﴿زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى (يەنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق﴾ (2/«بەقەرە»: 59).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2021. 6. 27

———————————————–
1. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (د – ف)، 1992، 33 – بەتلەر.
2. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (د – ف)، 1992، 84 – 85 – بەتلەر.
3. جىھاد: غازات، دىن يولىدا جەڭ قىلىش، دىن يولىدىكى جەڭ، سوقۇش دەپ تەبىر بېرىلگەن. خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 2016 – يىل، 234 – بەت. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (ت – خ)، 1991، 615 – بەتتە ئۆز نۆۋىتىدە جىھاد كەلىمەسىگە ئورۇن بېرىلمىگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ