Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئالتۇن كانلىرىنىڭ زاكىتى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئالتۇن كانلىرىنىڭ زاكىتى قايسى ئۆلچەمدە بېرىلىدۇ؟ زاكات ئايرىشتا يەر ئىجارىسى، ئىشچىلارنىڭ مائاشى ۋە ئالتۇن قېزىش، چايقاش ئۈچۈن قىلىنغان چىقىملار قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ كان ئۈچۈن سالغان سەرمايە (ئۈسكۈنە ۋە نەق مەبلەغ) نىڭ زاكىتىچۇ؟ زاكات يىلدا بىر قېتىم بېرىلەمدۇ ياكى ھەر كۈن ياكى ئايدا چىققان ئالتۇنغا ئۇدۇللۇق بېرىلەمدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭىزنى سورايمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ،

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

زېمىندىن ياكى دېڭىزدىن ئالتۇن – كۈمۈش، ياكى تۆمۈر، ياكى قوغۇشۇن، ياكى مىس قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنلەر ۋە بايلىقلار چىقىرىلسا، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئايرىش كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ: (ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار… )(بەقەرە، 267) دېگەن ئايىتى كاندىن چىقىرىلغان ئالتۇنغىمۇ مۇئەييەن ئۆلچەم ئاستىدا زاكات پەرز بولىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ، چۈنكى ئايەتتىكى «بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر» دېگەن جۈملىدىكى ئومۇملۇق كاندىن چىقىرىلغان ئالتۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە ئاللاھ تائالانىڭ: ( (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى… )(تەۋبە، 103) دېگەن ئايىتىدىكى «ماللىرى» دېگەن كەلىمىمۇ كانلاردىن چىقىرىلغان ئالتۇننى ۋە ھەرقانداق ھالال مال – مۈلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۆلىمالار كانلاردىن چىقىرىلغان مەدەنلەرگە زاكات كېلىدىغانلىقىدا بىردەك قاراشتا. ئىمام نەۋەۋىي (ھ. 631 – 676 / م. 1233 – 1277): «مەدەنگە زاكات ۋاجىب بولىدىغانلىقىدا پۈتۈن ئۈممەت بىرلىككە كەلگەندۇر» دېگەن(1).

كانلاردىن چىقىرىلغان مەدەنلەرگە قايسى مىقداردا زاكات ئايرىلىدۇ؟

ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قېزىلما بايلىققا بەشدىن بىر (زاكات) كېلىدۇ» دېگەن(2). بۇ ھەدىستىكى «قېزىلما بايلىق» ئىبارىسى قېزىۋېلىنغان دەفىنە مال – مۈلۈكنىمۇ، كاندىن چىقىرىلغان ئالتۇن – كۈمۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ دەفىنە بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدا ۋە ئۇنىڭغا بەشدىن بىر (⅕ ياكى 20%) زاكات ئايرىش كېرەكلىكىدە ئىتتىپاق بولسىمۇ، كان بايلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. كانچى زاكات ئايرىشتا تۆۋەندىكى ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تاللاپ ئىش تۇتسا بولىدۇ:

1. ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا كان بايلىقلىرىمۇ دەفىنە بايلىقلارغا ئوخشاشلا بۇ ھەدىسنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بەشدىن بىر (⅕ ياكى 20%) زاكات ئايرىش كېرەك بولىدۇ. بىر يىل ئۆتۈشى ياكى «نىساب» (زاكات پەرز بولۇش ئۆلچىمى) قا يېتىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئاز بولسۇن – كۆپ بولسۇن قازغان كۈنى ئايرىيدۇ(3).

بۇ قاراشقا ئاساسەن، ھەر كۈنى (ياكى قولاي بولمىسا ھەر ھەپتە ياكى ھەر ئايدا) قېزىلغان ئالتۇن قىممىتىدىن چىقىم ۋە خىراجەتلەرنى چىقىرىۋېتىپ قالغىنىغا بەشدىن بىر (⅕ ياكى 20%) زاكات ئايرىش كېرەك.

بۇنى ئەمەلىي ئۆرنەكتە مۇنداق تەتبىقلايمىز:

شۇ كۈنلۈك (ياكى ھەپتىلىك ياكى ئايلىق) قېزىپ ئېلىنغان ئالتۇن 1 كىلو؛ بازار قىممىتى $50000
قېزىش، چايقاش، تاسقاش، ئىجارە، باج، ئىشچىلار مائاشى، يېقىلغۇ، رېمونت ۋە باشقا چىقىملار (چىقىرىۋېتىلىدۇ) $40000
قېزىلغان ئالتۇننىڭ قالدۇق ساپ قىممىتى $10000
زاكات مىقدارى بەشدىن بىر (⅕ ياكى 20%) $2000

 2. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا دەفىنە بايلىقلىرىغا بەشدىن بىر (⅕  ياكى 20%) بويىچە زاكات ئايرىش كېرەك. بىر يىل ئۆتۈشى ياكى مەلۇم ئۆلچەمگە يېتىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئاز بولسۇن – كۆپ بولسۇن كولىغان كۈنى ئايرىيدۇ.

ئەمما، كان بايلىقلىرى پەرقلىق. كان بايلىقلىرى (مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ بىر قىسمى ئالتۇن – كۈمۈشنىلا كۆزدە تۇتىدۇ) غا قازغان كۈنى (ياكى ھەپتىدە ياكى ئايدا) ھەر قېتىمدا قىرىقتىن بىر (2.5%) مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ(4). بىر يىل ئۆتۈشى شەرت ئەمەس، لېكىن ھەر قېتىم (كۈن ياكى ھەپتە ياكى ئاي) دا قېزىلغان ئالتۇن – كۈمۈش 85 گرام ئالتۇن ئۆلچىمىگە يېتىشى شەرت. 85 گرام ئالتۇنغا يەتمىسە ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ. بەلكى ئۇنىڭغا يىل ئاخىرىدا قولىدىكى ئىقتىساد قاتارىدا قىرىقتىن بىر (2.5%) مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ.

بۇنى ئەمەلىي ئۆرنەكتە مۇنداق تەتبىقلايمىز:

شۇ كۈنلۈك (ياكى ھەپتىلىك ياكى ئايلىق) قېزىپ ئېلىنغان ئالتۇن 1 كىلو؛ بازار قىممىتى $50000
قېزىش، چايقاش، تاسقاش، ئىجارە، باج، ئىشچىلار مائاشى، يېقىلغۇ، رېمونت ۋە باشقا چىقىملار (چىقىرىۋېتىلىدۇ) $40000
قېزىلغان ئالتۇننىڭ قالدۇق ساپ قىممىتى (85 گرام ئالتۇنغا يەتمىسە ئۇنىڭغا قېزىلغان چاغدا كان بايلىقلىرى قاتارىدا زاكات كەلمەيدۇ) $10000
زاكات مىقدارى: قىرىقتىن بىر (2.5%) $250

 

يۇقىرىدا جەمئىي قېزىلغان ئالتۇننىڭ «نىساب» (زاكات پەرز بولۇش ئۆلچىمى = 85 گرام) قا يەتكەن – يەتمىگەنلىكىگە قاراپ زاكات ئايرىش ۋاقتى شۇ كۈن ياكى شۇ ھەپتە ياكى شۇ ئاي دېيىلدى. نىساب يەنى 85 گرام ئۆلچىمىگە يەتكەن – يەتمىگەنلىكىنى بېكىتىشتە بىر قېتىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ ئارقىمۇئارقا، توختىماي قېزىش مۇددىتى ئاساس قىلىنىدۇ. ئىشچىلارنى ياكى ئۈسكۈنىلەرنى ئارام ئالدۇرۇش سائەتلىرى ياكى ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئىش توختىتىش «بىر قېتىم»نى ئۈزۈپ قويمايدۇ. قېزىش ئىشى قاچانكى توختىسا، توختىغان چاغدا قېزىپ ئېلىنىپ بولغان جەمئىي ئالتۇن 85 گرامدىن ئاشقان بولسا ئاندىن زاكات ئايرىيدۇ(5). مەسىلەن، بىر كاندا بەلگىلىك ئىش سائەتلىرى دائىرىسىدە بىر ھەپتە توختىماي قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ھەپتە ئاخىرىدا بىر كۈن دەم ئالىدىغان بولسا، شۇ بىر ھەپتە ئىچىدە قازغان ئالتۇن 85 گرامدىن ئاشسا، زاكىتى ئايرىلىدۇ. بىر كۈن قېزىپ ئىككىنچى كۈنى دەم ئېلىش قارا قىلىنسا ۋە شۇ كۈنلۈك قېزىلغان ئالتۇن جەمئىي 85 گرامغا يەتسە يەنە زاكىتىنى ئايرىيدۇ. بىر ئاي توختىماي قېزىپ ئاندىن بىرەر كۈن توختىسا شۇ بىر ئاينىڭ ھەممىسى بىر قېتىم ھېسابلىنىدۇ. يەنى ھەر بىرقېتىم مۇددىتىدە بىر ھېساب قىلىپ، زاكات ئۆلچىمىگە يەتكەن -يەتمىگەنلىكىگە قارىسا بولىدۇ.

كان بايلىقلىرىدا بىر يىل ئۆلچەم قىلىنماسلىقنىڭ سەۋەبى، بىر يىل پۇلنىڭ ئايلىنىپ ئاۋۇشى ئۈچۈن بېكىتىلگەن بولۇپ، كان بايلىقلىرى زىرائەت ۋە مېۋە ھوسۇللىرىغا ئوخشاش بىراقلا قولغا كىرىدۇ. شۇڭا بىر يىل ئۆتۈشى شەرت قىلىنمايدۇ.

يۇقىرىقى ھەر ئىككى ئۇسۇلدا زاكات ئايرىغان كان ئىگىسى (شەخس ياكى شىركەت) گە تەۋە ماشىنا، ئۈسكۈنە، سايمان، ئىجارە زېمىن، ئامبار ۋە مەنىۋىي ھوقۇقلار كانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ – سېتىپ تىجارەت قىلىش مەقسىتى بولمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ زاكىتىنى بېرىشى كېرەك ئەمەس(6). ئەمما نەق سەرمايە پۇل بولسا ئۇنىڭغا ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ھەر يىل (354 ياكى 355 كۈن) دا بىر قېتىم قىرىقتىن بىر (2.5%) مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ.

بەزى ئالىملار قېزىلغان بايلىق كۆپ، چىقىم ئاز بولغان ئەھۋالدا 20% دېگەن قاراش بويىچە، قېزىلغان بايلىق ئاز، چىقىم كۆپ بولۇپ كەتكەن ئەھۋالدا 2.5% دېگەن قاراش بويىچە ئىش تۇتۇشنى توغرا تاپقان. بۇمۇ بۇ ھەقتە كەلگەن (يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن ئالتۇن – كۈمۈشتە قىرىقتىن بىرنى ئايرىش ھەققىدىكى) ھەدىسلەرنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ چۈشىنىش ۋە ئالتۇن – كۆمۈش ۋە زىرائەت ھوسۇللىرىدىن ئايرىيدىغان مىقدارغا قىياسەن ئېيتىلغان قاراشتۇر(7). مېنىڭچە ھازىرقى كان چىقىملىرى خېلى يۇقىرى بولغاچقا، قېزىلغان بايلىققا 2.5% دېگەن قاراش بويىچە زاكات ئايرىش مۇۋاپىق.

دېمەك كان شىركىتى ياكى كان ئىگىسى يۇقىرىقى ئىككى قاراشنىڭ مەيلى قايسىنى تاللىمىسۇن، قولىدىكى نەق پۇللارغا (ۋە بولسا تىجارەت تاۋارلىرىغا) يىلدا بىر قېتىم بېرىدىغان زاكاتتىن سىرت، ھەر قېتىم ئالتۇن قازغان چاغدا ئايرىم زاكات ئايرىيدۇ. يەنى يىلدا 10 قېتىم ئالتۇن قازسا، 10 قېتىم زاكات ئايرىيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2021. 4. 27

 

———————————————————————————————————————————-
1. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6 – توم، 75 – بەت؛ ھافىز ئىراقىي «تارھۇتتەسرىب»، 6 – توم، 75 – بەت؛ ئەلقەرافىي: « ئەززەخىيرە»، 3 – توم، 64 – بەت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2355 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1710 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
3. «ئەلئىختىيار»، 1 – توم، 124 – بەت؛ «ئەلبەھرۇررائىق»، 2 – توم، 255 – بەت؛ «ئەلئىنايە»، 3 – توم، 146 – بەت.
4. ئىبنى ئابدۇبەر: «ئەلكافىي»، 1 – توم، 296 – بەت؛ ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6 – توم، 75 – 92 – بەتلەر؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3 – توم، 50 – بەت؛ يۈسۈف قەرەداۋىي: «فىقھۇززاكات»، 1 – توم، 439 – بەت.
5. يۈسۈف قەرەداۋىي: «فىقھۇززاكات»، 1 – توم، 446 – بەت؛ «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 35. 898 – بەتلەر.
6. ئالىملار ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆي، دۇكان، كىراغا سالىدىغان ماشىنا ۋە باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى، تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى «كىرىمىدىن پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر» دەپ ئايرىم تۈرگە ئايرىيدۇ. بۇلارنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىش مەسىلىسىدە بىر قىسىم ئالىملار ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتى باھالىنىپ پۈتۈن قىممىتىگە كىرىمى بىلەن قوشۇپ %2.5 مىقداردا زاكات بېرىدۇ، دەپ قارىغان. كۆپچىلىك ئالىملار شۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتىگە زاكات كەلمەيدۇ، تاپقان پۇلغا، كىرگەن كىرىمگە زاكات كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز يۇقىرىدا شۇ قاراشنى تاللىدۇق. «دۇنيا زاكات شەرئىي ھەيئىتى»مۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتقاندۇر. قاراڭ: «دۇنيا زاكات شەرئىي ھەيئىتى» 1997 – يىلى كۇۋەيتتە ئېچىلغان «ھازىرقى زامان زاكات مەسىلىلىرى»، 7 – قۇرۇلتاي قارارلىرى ۋە پەتۋالىرى.
7. رافىئىي: «ئەلئەزىز (ئەششەرھۇل كەبىر)»، 6 – توم، 89 – بەت؛ يۈسۈف قەرەداۋىي: «فىقھۇززاكات»، 1 – توم، 446 – بەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version