Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

سۇ كىرىپ كەتكەن قەبرنى يۆتكەش توغرىسىدا

سۇ كىرىپ كەتكەن قەبرنى يۆتكەش توغرىسىدا

سۇ كىرىپ كەتكەن قەبرنى يۆتكەش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! دادام تۈگەپ كەتكىلى بىر يېرىم يىل بولغان ئىدى. بۇ يىل ھۆل – يېغىن سەۋەبىدىن دادامنىڭ قەبرىسىگە سۇ كىرىپ كېتىپتۇ. باشقا قەبر ئورنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى. قانداق قىلساق ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق. يۆتكىسەك ياخشىمۇ ياكى يۆتكىمىسەك ياخشىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مۇسۇلماننىڭ ھەققى – ھۆرمىتى رىئايە قىلىش كېرەك بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى كەئبەدىنمۇ ئۇلۇغدۇر. مۇسۇلماننىڭ بۇ ھەققى – ھۆرمىتى ھايات ۋاقتىدا بولغىنىدەك، ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىدۇ. شۇڭا، ھايات بولسۇن ياكى مېيىت بولسۇن، مۇسۇلماننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش، ئىززەتلەش لازىم.

ئەلبەتتە، قەبرنى ئېچىپ، مېيىتنى يۆتكەش مۇسۇلماننىڭ ھەققى – ھۆرمىتىگە دەخل يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغاچقا، زۆرۈر ئەھۋال بولمىسا قەبرنى ئېچىشقا، جەسەتنى يۆتكەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

قەبرنى سۇ بېسىپ كەتكەن ياكى قەبرگە مەينەت سۇلار ئېقىپ كىرىپ كەتكەن، ياكى يىرتقۇچلار كولاپ مېيىتنى يەپ كېتىدىغان، ياكى قەبرنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا، مېيىتنى باشقا بىر قەبرگە يۆتكەش، مېيىتنى قوغداش ۋە مېيىتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش جەھەتتىن زۆرۈر بولغاچقا، بۇ ئەھۋالدا قەبرنى ئېچىپ باشقا يەرگە يۆتكەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ مېيىتكە پايدىلىق ئىشتۇر.

ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن:

— مېيىتنى قەبرىسىدىن چىقىرىپ باشقا قەبرگە يۆتكىسە بولامدۇ؟ — دەپ سورالغاندا، ئۇ:

— ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بىر نەرسە بولسا يۆتكىۋەتسە بولىدۇ، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبرىسىمۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قەبرىسىمۇ يۆتكىۋېتىلگەن، — دەپ جاۋاب بەرگەن.(1)

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە: «ئېھتىياج بولمىسا قەبرنى ئېچىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، قەدىمكى قەبردە مېيىتكە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بىرەر ئەھۋال بولسا، بەزى ساھابەلەردىن ئاشۇنداق ئەھۋاللاردا رىۋايەت قىلىنغاندەك قەبرنى ئاچسا بولىدۇ» دېگەن.(2)

ساھابەلەرنىڭ قىلغانلىرى مۇنداق: ئەتاﺋ رىۋايەت قىلىدۇكى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇھۇد غازىتى يېقىنلىشىپ قالغاندا ئاتام مېنى كېچىسى چاقىرىپ: ‹مەن بۇ ئۇرۇشتا ئۆزۈمنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن ئەڭ بۇرۇن شېھىد بولارمەنمىكىن، دەپ قارايمەن، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقا ماڭا سەندىنمۇ ئەزىزراق بىرەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمەيمەن. مېنىڭ قەرزلىرىم بار، ئۇنى ئادا قىلغىن، قىز قېرىنداشلىرىڭدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىڭنى ۋەسىيەت قىلىمەن› دەپ تاپىلىدى. تاڭ ئاتقۇزغىنىمزدا، تۇنجى بولۇپ قەتل قىلىنغان كىشى ئاتام بولدى. يەنە بىر كىشى ئۇنىڭ بىلەن بىر قەبرىگە قويۇلدى، كېيىن ئاتامنى باشقا بىرەيلەن بىلەن بىللە قويۇپ قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىماي، ئالتە ئايدىن كېيىن ئۇنى چىقىرىپ قارىسام، قۇلىقىنىڭ ئازراق ئۆزگەرگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دەپنە قىلىنغان كۈندىكىدەكلا تۇرۇپتۇ».(3)

ئىمام بۇخارىي بۇنى «دەپنە قىلىنىپ بولغان مېيىتنى بىرەر ئىش تۈپەيلىدىن گۆردىن ۋە ئىچ گۆردىن چىقىرىشقا بولامدۇ؟» دېگەن بابتا بايان قىلغان.

ئەبۇتتەيياھ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندە، مەسجىد سېلىشقا بۇيرۇپ:

— ئى نەججار جەمەتى! بېغىڭلارنى ماڭا باھا قويۇپ سېتىپ بېرىڭلار! — دېگەنىدى، ئۇلار:

— بىز ئۇنىڭ پۇلىنى ئاللاھتىنلا تەلەپ قىلىمىز، — دېدىلەر. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ بۇيرۇپ مۇشرىكلارنىڭ قەبرىلىرىنى چىقارغۇزۇۋەتتى، خارابىلىقنى تۈزلەتكۈزدى، خورما دەرەخلىرىنى كەسكۈزدى، ئۇلار بۇ دەرەخلەرنى مەسجىدنىڭ قىبلە تەرىپىگە قاتار تىزىپ قويدى».(4) ئىمام ئىبنى ھەجەر: «بۇ ھەدىستىن ئىگىلىكىدىكى قەبرنى ھەدىيە قىلىپ بېرىۋېتىش ۋە سېتىۋېتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ جائىزلىقى چىقىدۇ…» دەيدۇ.(5)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، كۆڭلۈڭلار خاتىرجەم بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، مېيىتنى باشقا سۇ كىرىپ كەتمەيدىغان ياكى سۇ تېشىپ چىقمايدىغان بىخەتەر يەرگە يۆتكىۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 5 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2011، 8 – فېۋرال

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 125 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/194.
2. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 24/303.
[^[3]: «بۇخارىي»، (1351).
4. «بۇخارىي»، (1868).
5. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/526.

Please follow and like us:
Exit mobile version