زىيالىي دوستلارغا ئىسلامدىن چۈشەنچە بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى

زىيالىي دوستلارغا ئىسلامدىن چۈشەنچە بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەتراپىمدا ھەقىقىي، ساغلام ئېتىقاد بىلەن ياشاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان بىرقانچە زىيالىي ۋە ستودېنتلار بار ئىدى. ئۇلار مەندىن ئىسلام ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى سوراشقان ئىدى. مەن بۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە دەسلەپكى چۈشەنچە بەردىم. ئېتىقاد، ئېتىقادنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئىسلام، مۇسۇلمان، ساغلام تەپەككۇر ۋە ئىلىم – پەن. لېكىن، بۇ قېرىنداشلار تۇغۇلۇشىدىن باشلاپ ئائىلە، ئەتراپتىكى مۇھىت، مەكتەپ ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى ئاتېئىزم، ماتېرىيالىزم بىلەن تويۇنغان تۈرلۈك ماتېرىياللار دۆۋىسى ئىچىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، شەيئىلەرنى كۆزىتىش نۇقتىسى جەھەتتە پۈتۈنلەي ئەقلىيلىككە مۇراجىئەت قىلاتتى. شۇڭا، دەۋەت جەھەتتە بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم. بۇ خىل قاتلامدىكى كىشىلەرگە دەسلەپكى چۈشەنچە بېرىشتە ئەڭ ئۈنۈملۈك، شۇنداقلا ئىلمىي بولغان ئۇسۇلغا موھتاجمەن. بۇ جەھەتتە تەجرىبە ۋە مول ئىلىمگە ئىگە ئۇستازلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ، بۇ قېرىنداشلارنى يېتەكلەش جەھەتتە خالىس مەسلىھەت بېرىشنى سەمىمىي ئۆتۈنىمەن. ئىشىنىمەنكى، بۇ قېرىنداشلار ھەقىقىي ئىسلام يولىدا ياشاشتىن ئىبارەت ئىلاھىي نېمەتكە نائىل بولالىسا، ئۇلار چوقۇم ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۈلگە بولغىدەك ساغلام ئېتىقادلىق، ساپ ئىمانلىق دەۋەتچىلەردىن بولار ئىدى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىسلامغا دەۋەت قىلىش – ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، ئىسلام دەۋىتى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىدۇر.

جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى توغرىغا دەۋەت قىلىپ تۇرۇشقا، يامانلىقتىن توسۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان، بۇنىڭ بىلەن ئۈممىتىمىزنى ئەڭ ئەۋزەل ئۈممەت بولۇش شەرىپىگە نائىل قىلغان.

﴿سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان، ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر ﴾(3/«ئال ئىمران»: 110).

بىر كىشىنىڭ ھىدايىتىگە سەۋەب بولۇش ئىنتايىن كاتتا ئىش.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر غازىتىدا ھەزرىتى ئەلىگە: «بېرىپ ئۇلارنىڭ مەيدانىغا چۈشكەنگە قەدەر تەمكىن بولغىن، ئاندىن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئىسلامدا ۋاجىب بولغان ئاللاھنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى سۆزلەپ بەرگىن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالانىڭ سەن ئارقىلىق بىر ئادەمنى ھىدايەت قىلغىنى، سەن ئۈچۈن سېنىڭ قىزىل تۆگەڭ بولغىنىدىن ياخشىدۇر» دېگەن.(1)

ئەمدى ئىسلام دىنىمىز ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىكى تەبىئىتىگە زىت بولمىغاچقا، ئىلىم بىلەن ئەقىلگە تاقاشمىغاچقا، بۇلغانمىغان ئىنسانىي ساپ تەبىئەت بىلەن ساپ ئەقىلگە خىتاب قىلغاندا دەۋەت ئۈنۈم بېرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەسلەپتە ئىسلام دەۋىتىنى باشلىغاندىمۇ، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشىغان مەككەدىكى ئۆز دەۋرىنىڭ بىلىملىكلىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئالدىن قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

ھازىرقى دەۋردە ئوقۇغانلار ھەمدە زىيالىيلار تۈرلۈك ئېقىملارنىڭ، ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېتىلىدىغان بولغاچقا، دەۋەتچىنىڭ ۋەزىپىسى بىرقەدەر ئېغىر ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ.

تۆۋەندە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن بىرقانچە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلىمىز:

1. سۆيگۈ، مېھىر – شەپقەت. دەۋەتچى بۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ دەۋەت قىلماقچى بولغانلارنى قېرىنداشلارچە سۆيسە، ئۇلارغا مېھىر – شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلالىسا، ئۇلارمۇ دەۋەتچىنى سۆيسە، ئۇلار تەبىئىي ھالدا ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دەۋەتچى ئالدى بىلەن دەۋەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئۇلارغا سەمىمىي قېرىنداش بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى زۆرۈر. سۆيگۈ بولماي نەپرەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەھۋالدا، بىر دۆۋە ئەقلىي ۋە ئىلمىي دەلىل – پاكىتلار كەلتۈرۈلسىمۇ تەسىرى بولماي قالىدۇ.

2. ئەقلىي پاكىت ۋە ئىلمىي دەلىل. ساغلام ئەقىل پاكىت ئالدىدا قانائەتلىنىدۇ، ئۆزئارا سۆيگۈ ۋۇجۇدقا چىقمىغان ئەھۋاللاردىمۇ، بەزىدە ئەقىل قانائەتلىنىپ قالسا، مايىللىق بولىدۇ. سۆيگۈ بىلەن ئەقلىي قانائەت بىرلىشىپ قالسا، نەتىجە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى قايىل بولغۇدەك دەلىل – پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

3. ئەمەلىي ئۆرنەك بولۇش. بۇ دەۋەتنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. دەۋەتچى ئۆزى ياخشى ئۈلگە بولغان ئەھۋالدا ئاندىن باشقىلار قانائەت تاپىدۇ، سۆيىدۇ، ئەگىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دەۋەتچى ياخشى ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشى، ئەمەلىيىتى سۆزىگە ماسلىشىشى، دېگەنلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەلدە كۆرسىتىشى ئىنتايىن زۆرۈر. شۇنداق بولغاندىلا باشقىلار ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، بەلكى بۇنداق ياخشى ئۈلگە بولۇش ئارتۇقچە ئەقلىي پاكىت، دەلىل سۈرۈشتە قىلماسلىققا سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشلارنى دەپ يۈرىسىلەر؟ ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشلارنى دەپ يۈرۈشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆچ كۆرۈلىدىغانلىق جەھەتتىن ئەڭ ئېغىردۇر﴾(3/«ساف»: 2، 3).

سۆيگۈ بىلەن ئەقلىي قانائەت ئۈستىگە ياخشى ئۆرنەك قوشۇلسا، نەتىجە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

4. دەۋەتچى ئىمانى ساغلام، روھىي مەنىۋىيىتى باي، پۈتۈن ئىشلىرىدا ئىمان ۋە ئىخلاسنىڭ ئەسىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان، ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىدىغان، باشقا ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغان، پەرزلەرنىمۇ، نەپلىلەرنىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدىغان، داۋاملىق ئاللاھنى زىكىر قىلىپ، كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى، دەۋەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش دېگەن گەپدانلىق، زۇۋاندارازلىق، جامائەت سورۇنلىرىدا جاراڭلىق نۇتۇق سۆزلەش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن بولىدۇ. كۆپىنچە دەۋەتچىلەر بۇ تەرەپكە سەل قارىغاچقا، تەشۋىقاتى قۇرۇق تەبلىغدىن ئىبارەت بولۇپ ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

5. دەۋەتچى كەڭ قورساق، ئاسان ئاچچىقلىنىپ قالمايدىغان، تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋرچان بولۇشى، تەمەخور بولماسلىقى كېرەك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ كافىرلارنىڭ، مۇناپىقلارنىڭ، نادانلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغان، ئەپۇ قىلغان.

6. ئالدى بىلەن ئەقىدە ۋە تەۋھىد بىلەن ئۇل سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئاندىن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئادا قىلىش، بۇ جەھەتتە ئەڭ مۇھىمنى ئالدىن ئورۇندا قويۇش. بۇ ھەقتە ئاللاھنىڭ بارلىقى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېھتىياجى، ئىسلام بىلەن باشقا دىن ۋە ئېتىقادلارنى سېلىشتۇرۇش، ئىسلامنىڭ ئەۋزەللىكىنى، ھەقلىقىنى ئىسپاتلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم.

7. تائەت – ئىبادەتلەرنى بىللە قىلىش. بىللە ناماز ئوقۇش، بىللە ئىپتار قىلىش، بىللە تاراۋىھ نامىزى ئوقۇش. تائەت – ئىبادەتلەردىن ھۇزۇر ھېس قىلىدىغان، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيدىغان شەكىلدە توغرا ئادا قىلىشنى ئۆگىتىش.

8. بىلىمسىز تەبلىغچىلەرنىڭ سۈپەتسىز ۋەز – تەبلىغلىرىدىن، ئاپتورى نامەلۇم، سۈپەتسىز تەرجىمە ئەسەرلەردىن پايدىلانماي، ئىمام غەززالىي، ئىمام ئىبنۇلقەييىملاردەك مۇتەپەككۇر، مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىش. يەنە ھازىرقى زامان ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇلغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى، غەرب ئەللىرىدىكى مۇسۇلمان يازغۇچىلارنىڭ ئىمان، ئىسلام ۋە مەدەنىيەت توغرىسىدىكى قىممەتلىك ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىش.

9. ئاساس ياكى تارماق مەسىلىلەردە قۇرۇق جېدەل، تالاش – تارتىشلاردىن يىراق تۇرۇش. تەقۋادار، ئەخلاقلىق ئەھلى ئىلىملەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت قىلىش.

10. ئاللاھ تائالادىن ھىدايەت ۋە تەۋپىق تىلەپ تۇرۇش. چۈنكى، ئاللاھ ئۆزى ھىدايەت قىلغۇچى زاتتۇر، ئۇ خاھلىغان كىشىنى ھىدايەتكە باشلايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 15 – شەئبان / م. 2011، 16 – ئىيۇل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 119 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————-
1. «بۇخارىي»، (4210).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ