رامازان بىلەن ۋىدالىشىشىڭىز

رامازان بىلەن ۋىدالىشىشىڭىز

رامازان ئاخىرقى كۈنلىرىگە يېتىپ كەلگەندە، مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىگە پەند – نەسىھەت ئۇلاشتۇرغان بولىدۇ. خۇددى كوتا ئۆمرىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولمىش ئۇشبۇ ئاي تېزلا ئاخىرلاشقاندەك، قالغان ئۆمرىمىزمۇ پاتلا ئىنتىھا تاپىدۇ. ئاشۇ ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر خۇشال بولسا، بەزىلەر نادامەت چېكىدۇ ۋە قىلغان پۇشايمىنى مەنپەئەت قىلمايدۇ. شۇڭا، مۇبارەك رامازان ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ياكى ئۆمرىنىڭ ئىنتىھاسىدا (ياخشى ئەمەل ۋە تەۋبە قىلىش ئارقىلىق) خۇشال بولغان كىشى ئاللاھ رىزالىقىدىن ئىبارەت مۇكاپات بىلەن غەلىبە قىلغان بولىدۇ.

بىز بىلەن ۋىدالاشقان رامازان خۇددى ئاخىرلاشقان ئۆمۈرگە ئوخشايدۇ. ئەگەر كىشى رامازان ئېيىدا ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلسا، رامازاننىڭ ھەققى – ھۆرمىتىگە رىئايە قىلسا ۋە بار كۈچى بىلەن تائەت – ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە تىرىشسا، بۇنداق كىشى غەلىبە قىلىپ، مۇناسىب مۇكاپاتلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى ئەلى([1])دىن كەلگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى تېنى ساق ھالدا رامازان ئېيىغا ئۇلاشسا، كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ، كۆز ۋە پۈتۈن ئەزالىرىنى ھارامدىن ساقلاپ قالسا، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ناماز جۇمۇئەگە بالدۇر بارسا، بۇنداق كىشى روزا تۇتۇپ ئەجرىنى مۇكەممەل بىر شەكىلدە قولغا كەلتۈرگەن ۋە قەدر كېچىسىگە نائىل بولۇشقا تىرىشقان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولىدۇ»([2]).

بۇنداق كىشىلەرگە يارىشىدىغىنى رامازان ئېيىغا ئېرىشكەنلىكىگە سۆيۈنۈش ۋە ئىبادەتلەرگە بېرىلىپ، چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك ئېتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن شۇ ئۆمۈر كۈنلىرى ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمد ئېيتىشتۇر. بۇ ھەمد ۋە شۈكۈرنىڭ ئۆزىمۇ تائەتتۇر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ۋە جەھەننەمدىن قۇتۇلۇشقا ۋەسىلە بولىدىغان ھەرقانداق ئىش رامازان روزىسىنى تۇتۇش ۋە كېچىلىك قىيامىغا باغلىق بولۇپ، ئاللاھ رامازان ئېيىنى ئاخىرلاشتۇرغان كىشىنى تەكبىر ئېيتىشقا ۋە شۈكۈر ئېيتىشقا بۇيرىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامازان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خاھلايدۇ﴾(بەقەرە: 185).

ئاللاھنىڭ رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇشقا، قىيامدا تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا، ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتا بەندىلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە ۋە ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىپ جەھەننەمدىن ئازات قىلغانلىقىغا شۈكۈر ئېيتىش ئۇ زاتنى ھەر ۋاقىت ئەسلەش، ئىبادەتلەرنى مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئادا قىلىشقا تىرىشىش ۋە ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقۇش بىلەن بولىدۇ.

شۇنداقلا رامازان ئېيىنى تاماملاپ، مەزكۇر ئايدا بەندىلەرنى تائەت – ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈنۈش ۋە ھېيت تەنتەنىسى قىلىشتىن ئىبارەت باشقا بىر شۈكۈر ھەم باردۇر. بۇ بولسا راھمان تائالانىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى ھەرقانداق ئۆزگەرتىش ۋە بۇرمىلاشنى قوبۇل قىلمايدىغان «قۇرئان كەرىم»گە مۇۋاپىق قىلغان ئىلاھىي نېئمىتىدۇر. ئىمام قۇرتۇبىي: ﴿سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلۇشۇڭلارنى﴾(بەقەرە: 185) دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرنى ناسارالارنىڭ ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەن روزىنى ئۆزگەرتىپ ئېزىپ كەتكەن يولىدىن توغرا يولغا ھىدايەت قىلدى»([3]).

ئەگەر بىر كىشى رامازان روزىسىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب تەلەپ قىلغان ھالدا تۇتسا، كېچىلىرى نەفلە ئىبادەتلەرنى قىلسا ۋە قەدر كېچىسىدە قىيامدا تۇرسا، بۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن كىچىك گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ھەدىستە ۋەدە قىلىندى. بۇ بولسا كىچىك ساناپ بولمايدىغان بىر مۇكاپاتتۇر. كىچىك گۇناھلار كۆپەيگەنسېرى چوڭ گۇناھلارغا ئايلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىچىك سانالغان گۇناھلاردىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىچىك گۇناھلار بىر ئىنساندا توپلىنىپ ئاخىرى ئۇنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ»([4]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزغا: «كىچىك گۇناھلاردىن ساقلىنىڭ. چۈنكى، ئۇلارنىمۇ خاتىرلەپ تۇرغۈچى پەرىشتىلەر بار»([5]) دېگەن.

لېكىن، چوڭ گۇناھلار ئىنساننىڭ ھەقىقىي تەۋبە قىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى بىلەنلا مەغپىرەت قىلىنىدۇ. رامازاننىڭ ئاخىرلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەختلىك كىشىلەرگە ئاللاھ ئىنئام قىلغان مۇكاپاتنىڭ، يەنى جەھەننەمدىن ئازاد قىلىنىشنىڭ پەزىلىتى مانا مۇشۇنىڭدا. بۇ ئازاد قىلىش چوڭ گۇناھلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاڭا نائىل بولغان كىشى بولسا ھېيت تەنتەنىسى قىلىشقا لايىقتۇر، مەھرۇم قالغان كىشى بولسا ماتەم تۇتسا ئورۇنلۇقتۇر. بۇ ئازاد قىلىنىش ۋە مەغپىرەت قىلىنىش بولسا ئىسلامدىكى ئىككى ھېيتنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھېكمەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىمام ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، رامازان ئاخىرلاشقان كۈن ئۈممەت ئۈچۈن بىر ھېيتتۇر. چۈنكى، ئۇ كۈندە روزا تۇتقانلاردىن چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر جەھەننەمدىن ئازاد قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ كۈندە گۇناھكارلار ياخشىلارغا قېتىلىدۇ. بۇ كۈن چوڭ ھېيت ھېسابلىنىدىغان قۇربان ھېيت ئەييامىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، قۇربان ھېيتتىن ئىلگىرى ئەرەفە كۈنى باركى، ئۇ كۈندە باشقا ھەرقانداق كۈندىكىدەك كۆپ كىشى جەھەننەمدىن ئازاد قىلىنىدۇ. ئۇ ئىككى كۈندە جەھەننەمدىن ئازاد قىلىنغان كىشى ئۈچۈن بۇ كۈنلەر مۇبارەك ھېيت كۈنىدۇر.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«ھېيت كۈنىدە مالائىكىلەر يەر يۈزىگە چۈشۈپ يول بويلىرىدا تۇرىدۇ. ئىنسان ۋە جىندىن باشقا مەخلۇقاتلار ئاڭلىيالايدىغان بىر ئاۋازدا:

ــ ئى ئۈممەتى مۇھەممەد! نېئمەتلىرى مول ۋە مەغپىرىتى كەڭرى بولغان رەببىڭلارنىڭ رەھمىتىگە كېلىڭلار! ــ دەيدۇ.

ئۇلار ھېيتگاهقا كەلگەن ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا مالائىكىلەرگە:

ــ خىزمەتچى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان ۋاقىتتا مۇكاپاتى نېمىدۇر؟ ــ دەپ سورايدۇ. مالائىكىلەر:

ــ ئىش ھەققىنى تولۇق ئېلىشىدۇر ئەي رەببىمىز، ــ دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ:

ــ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن ئۆز رىزا ۋە مەغپىرىتىمنى بەندىلىرىمنىڭ تۇتقان روزا ۋە ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ مۇكاپاتى قىلدىم. مەغپىرەت قىلىنغان ھالەتتە قايتىڭلار، ــ دەيدۇ».

ئىمام بەيھەقىي([6]) رىۋايىتىدە قوشۇمچە مۇنداق كېلىدۇ: «ئاللاھ تائالا: ‹ئەي بەندىلىرىم! ئۆز ئىززىتىم ۋە ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن قەسەمكى، بۈگۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن مەندىن نېمىنى تىلىسەڭلار ئۇنى سىلەرگە بېرىمەن› دەيدۇ»([7]).

ئەي روزىدار قېرىندىشىم! رامازان ئېيىنىڭ ئەجىرلىرىنى زايە قىلىۋەتمەڭ. ئۆمرىڭىزنىڭ پۇرسىتى بولغان بۇ ئاينى قولدىن بېرىپ قويماڭ. رامازان ئېيىدىن كېيىنكى شەۋۋال ئېيىدا ھەم ئالتە كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆمۈر بويى روزا تۇتقانلار قاتارىدا بەختكە ئېرىشىڭ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رامازان روزىسىنى (تولۇق) تۇتۇپ شەۋۋالدا ئالتە كۈن قوشۇپ روزا تۇتسا، ئۆمۈرۋايەت روزا تۇتقان ھېسابلىنىدۇ»([8]).

دېمەك، رامازان روزىسىغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن قوشۇپ تۇتقان روزا بىر يىل روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر. مۇشۇ تەرىقىدە شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق پۈتۈن ئۆمرىڭىزنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزگەن بولىسىز. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بەخت بولسا رەھمەت ۋە مەغپىرەت كۈنى بولمىش ھېيت كۈنىنىڭ كېلىشى بىلەن خۇشال ھالەتتە رامازان ئېيىنى ئۇزاتقان كىشىگە تېگىشلىكتۇر. ئەمما، ئىتائەت ئېيى بولغان رامازان ئېيىنى كەتكۈزۈپ قويغان كىشى بولسا زايە قىلغان ۋە كەتكۈزۈپ قويغان پۇرسەتنى قايتۇرۇۋېلىش غېمىدە بولغاي. ئۇنىڭ غەم – قايغۇغا چۆكۈشى، مۇبارەك ئاينى ياخشى كۈتۈۋالماي ۋىدالاشقانلىقىنىڭ تەۋبىسى بولغاي!

ھەسەن بەسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا رامازان ئېيىنى ئۆز رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىدىغان بىر ئاي قىلدى. بەزى كىشىلەر مۇسابىقىدە ئالدىغا ئۆتۈپ غەلىبە قىلسا، يەنە بەزىلەر كەينىدە قېلىپ مەغلۇپ بولىدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلار پايدا ئالىدىغان ۋە يامان ئەمەللەرنى قىلغۇچىلار زىيان تارتىدىغان ئۇشبۇ كۈنلەردە كۈلۈپ – ئويناپ يۈرىدىغان كىشىگە ئەجەبلىنىمەن»([9]).

رامازان ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەللىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىپ تەبرىكلىنىشكە لايىق كىشى كىم؟ ئۇندىن مەھرۇم قېلىپ تەزىيەگە لايىق بولغان كىشى كىم؟ ئەي ئەمەللىرى قوبۇل قىلىنغان مۇبارەك ئىنسان! سىزگە مۇبارەك بولسۇن! ئەي ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتىن مەھرۇم قالغان قېرىندىشىم! ئاللاھ سىزنىڭ نۇقسانلىرىڭىزنى تولۇقلاپ بەرسۇن، ئامىن!

ئەي قېرىندىشىم! رامازان ئېيىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قايغۇرۇش ھەرگىزمۇ رامازان ئېيىنىڭ نېئمەتلىرىدىن مەھرۇم قېلىش سەۋەبلىك زىيان تارتىشتىن كېلىپ چىققان قورقۇنچ بىلەن بىر ئەمەس. غەلىبە قىلغۇچىلار بولسا رەھمەت ئېيى بولمىش رامازاندىن ساناقلىق كۈنلىرىنى كەتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن قايغۇرىدۇ. بۇ تۈردىكى قايغۇرۇش كىشىگە ئارزۇ ۋە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ تۈر قايغۇرۇش كەتكۈزۈپ قويغان ئەمەللەرگە قارىتا پۇشايماننى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا قارىتا ئىشتىياقنى پەيدا قىلىدۇ. ھەر ۋاقىت مۇئمىن ئۈچۈن لازىم بولغىنى قانچىلىك تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلسۇن ئاللاھتىن قورقۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿سەدىقە بېرىدىغان ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەر. ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلاردۇر، ياخشى ئىشلارنى (باشقىلارنىڭ) ئالدىدا قىلىشقا تىرىشقۇچىلاردۇر﴾(مۇئمىنۇن: 60 – 61).

ئى ئاللاھ! بىزگە رامازان ئايلىرىنى تەكرار نېسىپ قىلغىن. شۇ ئايلاردا ساڭا ئىتائەت قىلماقنى نېسىپ قىلغىن. دەرگاھىڭدا رازى قىلىنغۇچىلاردىن بولۇشىمىز ئۈچۈن، بىزلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىتائەتلىك يىللارغا ئۇلاشتۇرغىن. بىزنىڭ نامازلىرىمىزنى، روزىلىرىمىزنى ۋە ئوقۇغان «قۇرئان»لىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن! … ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

——————————————
([1]) ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلئەلەۋىي ئەلھاشىمىي (محمَّدُ بنُ عَلِيِّ بنِ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيِّ بنِ أَبِي طَالِبٍ الْعَلَوِيُّ الْهَاشِمِيُّ، ھ. 57 – 114 / م. 677 – 733) ــ ئانىسى ھەزرىتى ھەسەننىڭ قىزى فاتىمە، ئاتىسى ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ ئوغلى ئەلىدۇر. «باقىر» (ئىلىمنى تىتىۋەتكۈچى) دەپ نام ئالغان كاتتا ئالىم ۋە زاھىد. كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئەۋزائىي ۋە زۇھرىيلار ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. شىئەلەرنىڭ بىر پىرقىسى بولمىش رافىزىيلار ئېتىقادىدا 5 – ئىمام دەپ قارالغان زات. ــ ت.
([2]) ئىبنى ئەبىددۇنيا: «رامازاننىڭ پەزىلەتلىرى»، 21 – ھەدىس.
([3]) «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 1 – توم، 187 – بەت.
([4]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 3818 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
([5]) «ئىبنى ماجە»، 4243- ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([6]) ئىمام ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇسا ئەلخۇسرەۋجىردىي ئەلخۇراسانىي ئەلبەيھەقىي (أَحْمَدُ بنُ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيِّ بنِ مُوْسَى الخُسْرَوْجِرديُّ الخُرَاسَانِيُّ البَيْهَقِيُّ، ھ. 384 – 458 / م. 994 – 1066) ــ كاتتا مۇھەددىس، شافىئىي فەقىھ. ئەسەرلىرى: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، «شۇئەبۇل ئىمان»، «مەئرىفەتۇسسۈنەن»، «ئەلبەئسۇ ۋەننۇشۇر»، «مەناقىبۇل ئىمام شافىئىي» ۋە باشقىلار. ــ ت.
([7]) بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، 3421 – ھەدىس. سەنەدى زەئىف.
([8]) «مۇسلىم»، 1164 – ھەدىس.
([9]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 74 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ