Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

رامازاندىكى تەۋبىڭىز

رامازاندىكى تەۋبىڭىز

رامازاندىكى تەۋبىڭىز

روزا ئېيىنىڭ «رامازان» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى ئۇشبۇ ئايدا گۇناھلارنىڭ كۆيۈپ كېتىدىغانلىقىدىندۇر. چۈنكى، «رامازان» كەلىمىسى ئەرەبچە «رَمَضَ (رامازا / رامادا)» پېئىلىنىڭ ئىسىمداش شەكلى بولۇپ، «كۆيۈپ كەتمەك» دېگەن مەنىدىدۇر. بۇ پېئىلدىن «رَمَضَاء» سۆزى تۈرلىنىپ چىقىدۇ، مەنىسى: «كۆيدۈرۈلگەن نەرسىنىڭ قالدۇقلىرى» دېمەكتۇر. ئىمام قۇرتۇبىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھ: «‹رامازان› دەپ ئاتالدى، چۈنكى بۇ ئاي گۇناھلارنى سالىھ ئەمەللەر بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىدۇ» دەيدۇ([1]).

مۇشۇ ئارتۇقچىلىق بولغاچقا بۇ ئاي روزا تۇتۇش ئېيى بولغان. ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب تەلەپ قىلغان ھالەتتە روزا تۇتۇشنىڭ ئۆزىلا گۇناھلارنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «كىمكى رامازاندا چىن ئىشىنىش بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»([2]) دېگەن. گۇناھلارنىڭ كۆيۈشى رامازان ئېيىدا ھەقىقىي ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا قىيامدا تۇرۇش بىلەن تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى رامازاندا چىن ئىشىنىش بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»([3]) دېگەن. تەكىتلەش كېرەككى، گۇناھلارنىڭ تۈگەل كۆيۈشى (كەچۈرۈم قىلىنىشى) ئۈچۈن قەدر كېچىسىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئۇرغۇلىغان: «كىمكى قەدر كېچىسى چىن ئىشىنىش بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»([4]).

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى رامازاننىڭ روزىسى، قىياملىرى ۋە قەدر كېچىسىنىڭ قىيامى چوڭ گۇناھلاردىن باشقا ئىلگىرى قىلغان كىچىك گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بەندە چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغانلا بولسا، بەش ۋاقىت ناماز نامازدىن نامازغىچە، جۇمۇئە نامىزى بىر جۇمۇئەدىن يەنە بىر جۇمۇئە نامىزىغىچە، رامازان بىر رامازاندىن يەنە بىر رامازانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى گۇناھلارنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ»([5]).

مادامىكى، رامازاندا روزا تۇتۇش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن گۇناھلار كۆيۈپ كېتىدۇ، ئەلبەتتە بىر بەندە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئى مۇئمىنلەر ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار!﴾(تەھرىم: 8) دېگەن بۇيرۇقىغا ئاۋاز قوشۇپ، پۈتۈن گۇناھلىرىدىن سەمىمىي ۋە ھەقىقىي تەۋبە قىلىش بىلەن چوڭ – كىچىك، ئىلگىرى ۋە كېيىن قىلىپ قويغان پۈتۈن گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، گۇناھلارنى كۆيدۈرگۈچى ئەمەللىرىنى كۆپەيتەلىشى مۇمكىن. بۇنى روياپقا چىقىرىش، بار بولسا باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلىش، كەچمىشتە قىلغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىش ۋە كەلگۈسىدە ئۇ گۇناھلارنى قىلماسلىققا بەل باغلاش بىلەن بولىدۇ.

ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «دەپتۇرلەركىم، ئەننەسۇھ (النصوح / سەمىمىي تەۋبە) بەجايىكى ‹(سېغىلغان) سۈتنى ھايۋاننىڭ يېلىنىغا قايتۇرۇش مۇمكىن بولمىغاندەك، تەۋبىدىن كېيىن گۇناھقا قەتئىي قايتماسلىقتۇر›. قەتادە([6]): ‹ئەننەسۇھ: راستچىل، سەمىمىي دېمەكتۇر› دېگەن. ھەسەن بەسرىي: ‹ئەننەسۇھ: ئىلگىرى ياخشى كۆرگەن شۇ گۇناھىنى ئەمدى قاتتىق يامان كۆرۈشتۇر ۋە شۇ گۇناھىنى ئەسلىگەن ۋاقىتتا مەغپىرەت تىلەشتۇر› دېگەن. سەئد ئىبنى جۇبەير([7]): ‹سەمىمىي تەۋبە قوبۇل قىلىنغان بىر تەۋبىدۇر. تەۋبىدە ئۈچ شەرت تېپىلمىسا قوبۇل قىلىنمايدۇ:

1.    قوبۇل قىلىنماسلىقتىن قورقۇش؛

2.    قوبۇل قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىش؛

3.    تائەت – ئىبادەتكە ئاشىق (ھېرىسمەن) بولۇش› دېگەن»([8]).

¯ سەمىمىي تەۋبە كۆپ ئىستىغفار ئېيتىش بىلەن مۇھاپىزەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتاتتى ۋە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بىر كۈندە 70 قېتىمدىن كۆپرەك ئاللاھقا تەۋبە قىلىمەن ۋە مەغپىرەت تىلەيمەن»([9]) دەيتتى. ئىستغفار تائەت – ئەمەللەرنى زايە بولۇپ كېتىشتىن قوغدايدۇ ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سالىھ ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى تاماملىغۇچى قىلىپ بەلگىلەندى. ناماز، ھەج، كېچىدىكى قىيام ۋە مەجلىسلەر ئىستىغفار بىلەن تاماملىنىدۇ. ئەگەر مەجلىس زىكىر – تەسبىھ، ئاللاھنى ئەسلەش مەجلىسى بولسا، ئىستىغفار مىسالى ئاڭا مۆھۈردۇر. مۇبادا ئويۇن – تاماشا سورۇنى بولسا، ئىستىغفار ئاڭا بىر كەففارەتتۇر.

شۇنىڭدەك رامازان روزىسىنىڭ ئىستىغفار بىلەن تاماملىنىشى ئەڭ مۇناسىبتۇر. ئۆز زامانىسىدا ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز شەھەر – شەھەرلەرگە رامازاننى سەدىقە ۋە ئىستىغفار بىلەن تاماملاشقا بۇيرۇپ مەكتۇپ يازغان.

شۈبھىسىزكى، پىتىر سەدىقىسى روزا تۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئارتۇقچە گەپ، بىمەنە سۆزلەردىن تازىلىغۇچىدۇر، ئىستىغفار بولسا ئاشۇ ئارتۇقچە گەپ – سۆز ۋە بىھۇدە ئىش – ھەرىكەتلەر بائىس نۇقسان يەتكەن روزىنىڭ كەملىرىنى تولۇقلايدۇ([10]).

يۇقىرىدىكى تېمىلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى قەدر كېچىسى ئاللاھ تائالادىن ئەپۇ تىلەشكە بۇيرىغانلىقى زىكىر قىلىندى. دېمەك، ئەپۇ تىلەشنىڭ ئۆزى ئىستىغفاردۇر.

ئەي روزىدار قېرىندىشىم! ئەگەر ئاينىڭ بېشىدا بولسىڭىز، راستچىل تەۋبىگە ئالدىراڭ. ئەگەر ئاينىڭ ئاخىرىدا بولسىڭىز، گەردىنىڭىزدىن گۇناھلارنىڭ كىرلىرىنى يۇيغۇچى ۋە مەئسىيەتنىڭ ئىزلىرىنى يوق قىلغۇچى سەمىمىي تەۋبىنى غەنىيمەت بىلىڭ. ئاينىڭ بەزىبىر قىسمى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قېلىپ قالغىنىنى قاچۇرۇپ قويماڭ، ھەلەكچىلىكلەر سىزنى سەمىمىي تەۋبىدىن مەشغۇل قىلىپ قويمىسۇن!

ئىبنى رەجەب رەھمەتۇللاھى ئەلەيھ ئۇشبۇ ئاينىڭ بىر قىسمىنى زايە قىلىۋېتىپمۇ قالغان قىسمىغا يەنە داۋاملىق سەل قارىغان كىشىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇشبۇ رامازان ئېيىدا ھەردائىم پۇرسەتلەر باردۇر. بۇ ئاينىڭ قالغان كۈنلىرىدە ئىبادەتگۇيلار ئۈچۈن ھۇزۇر بەخش ئېتىلۇر. ئاللاھنىڭ كىتابى تېخىمۇ كۆپ تىلاۋەت قىلىنىپ، تىڭشىلۇر. ئەگەر بۇ كىتاب تاغنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن بولسا ئىدى، شۇ تاغنىڭ پارە – پارە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن بولاتتىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىزدە نە قورقىدىغان قەلب، نە ياش تۆكىدىغان كۆز، نە ئۆز پايدىمىز ئۈچۈن گۇناھلاردىن قوغدالغان روزا، نە شاپائەت ئۈمىدىدە قىيامدا تۇرۇش بار، بەلكى تەقۋالىقتىن يوقسۇل، تاشلاندۇق خارابە زېمىنغا ئوخشاش گۇناھلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ھەقىقەتنى كۆرەلمەيدىغان ۋە ئاڭلىيالمايدىغان قەلبلەرلا بار. ۋائەجەب، «قۇرئان كەرىم» قانچە قېتىملاپ تەكرار – تەكرار تىلاۋەت قىلىندى، ھالبۇكى بۇ قەلب گويا تاشتىنمۇ قاتتىق – ھە؟! قانچىلىغان رامازان ئايلىرى ئۆتتى، لېكىن بىزنىڭ ھالىمىز يەنىلا بەئەينى شەقاۋەت ئەھلىنىڭ ھالى ئەمەسمۇ؟! بىز نەدە، ئاللاھنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئاۋاز قوشقان قەۋم نەدە؟ بىز نەدە، ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغاندا قەلبلىرى تىترەپ كەتكەن ۋە ئاللاھقا تەۋبە قىلغان قەۋم نەدە؟»([11]) بەرھەق، رامازاندىن كېيىن گۇناھلارغا قايتماسلىق ئۈچۈن، بۇ ئاينى راستچىل تەۋبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرايلى!

يەھيا ئىبنى مۇئاز([12]) مۇنداق دەيدۇ: «ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسى ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇسى بولمىغان، تىلى بىلەن مەغپىرىتىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇپ، قەلبى مەئسىيەتكە باغلانغان ۋە رامازان ئېيىدىن كېيىن مەئسىيەتكە، يازۇققا قايتىشقا ئىرادە باغلاپ، شۇ گۇناھقا قايتقان كىشى ئاللاھنى تونۇغان ھېسابلانمايدۇ. بۇ كىشىنىڭ روزىسى رەت قىلىنىدۇ. قوبۇل ئىشىكلىرى بۇ كىشىنىڭ يۈزىگە تاقاقتۇر»([13]).

كەئب([14]) مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رامازان روزىسىنى تۇتقان ھالدا رامازاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشنى ئويلىسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى رەت قىلىنىدۇ. كىمكى روزا تۇتقان ھالدا كۆڭلىدە رامازاندىن كېيىنمۇ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلماسلىقنى نىيەت قىلغان بولسا، ھېسابسىز ۋە سوئال – سوراقسىز جەننەتكە كىرىپ كېتىدۇ»([15]).

شۈبھىسىزكى، رامازان ئەپۇ – مەغپىرەتنىڭ ئاچقۇچلىرىنى يېنىدا ئېلىپ كېلىدۇ. كىمكى ئۇ ئاچقۇچلارنى تاپشۇرۇپ ئالسا، مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىسە، ئۇ ئالدانغۇچىدۇر شۇنداقلا ئەھدىنى بۇزغۇچى ۋە مەغپىرەت ئېيىدا بېرىلگەن ئىلاھىي كەچۈرۈم رەھمەتلىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆز نەپسى ھەققىدە بوشاڭلىق قىلغۇچىدۇر.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «رامازان ئېيىغا كىرىپ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنمىغان كىشىنىڭ بۇرنى توپىغا سۈرتۈلگەي»([16]) دېگەن. بۇ رەسۇلۇللاھ تامانىدىن رامازان ئېيىدا قولغا كەلتۈرۈلگۈسى ئۇشبۇ پۇرسەتلەرنى غەنىيمەت بىلمەي، بوشاڭلىق قىلغان كىشىگە بىر بەددۇئادۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا رامازان ئېيىغا ئۇلاشقان بەندىسىگە پۇرسەت ئاتا قىلدى. كىشى شەيتانلار زەنجىرلەنگەن، شەھۋەت ئوتلىرى روزا تۇتۇش ۋە ھاۋايى – ھەۋەستىن ئۆزىنى تارتىش بىلەن ئۆچۈرۈلگەن، پۈتۈن كۈچ – مادار ئەقىل – ھوشىنىڭ ھاكىمىيىتىگە مەركەزلەشكەن، ئاسىي ئۈچۈن ھېچبىر ئۆزۈر قالمىغان ئۇشبۇ ئايغا ئۇلىشىپ تۇرۇپ، بۇ ئايدىن قانداقمۇ تەۋبىسىز چىقىپ كېتەلىسۇن؟! بېشى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت ۋە ئاخىرى جەھەننەمدىن ئازادىيەت بولغان ئۇشبۇ مۇبارەك ئايغا مۇشەررەپ بولغان بىر بەندە ئۈچۈن قايسى ئۆزۈر باردۇر؟!

بىر كېچىسى مىڭ ئايلىق تائەت – ئىبادەتكە تەڭ ئىبادەت ئېيىدا، تائەت – ئىبادەتسىز ئۆتكەن كىشى ئۈچۈن قايسى ئۆزۈر باردۇر؟!

«ئەي ياخشىلىقنى ئىزدىگۈچى، يۈزلەن! ئەي يامانلىقنى ئىزدىگۈچى، ئۆزۈڭنى يىغ!» دېيىلىدىغان بىر ئايدا قايسى ئۆزۈر باردۇر؟!

شۈبھىسىزكى بۇ، تۇمان ۋە غەپلەتكە تولغان ئېغىر گۇناھ، كۆرۈنمەس كىشەن – زەنجىر ۋە ئورۇنسىز ھەلەكچىلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تولدۇرۇۋالغۇسىز كېچىكتۈرۈش ۋە ئاقىۋىتى خەيرسىز ئارزۇ – ئارماننى زىيادە كۆپ قىلىشتۇر!

ئى ئاللاھ! بىزنى سالامەت قىلغىن! ئۆزۈڭ رىزايىڭغا مۇۋاپىق شەكىلدە تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن! بىزلەرنى زاتىڭغا ئاسىيلىقتىن ئۇزاق قىلغىن! بىزلەرگە ئەھۋاللىرىمىزنى ياخشىلاپ بېرىدىغان ۋە ئۆمۈرلىرىمىزنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرىدىغان سەمىمىي بىر تەۋبىنى ئاتا قىلغىن!… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

————————————
([1]) «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 2 – توم، 291 – بەت.
([2]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 38 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 760 – ھەدىس.
([3]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 37 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 759 – ھەدىس.
([4]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1901 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 760 – ھەدىس.
([5]) «مۇسلىم»، 233 – ھەدىس.
([6]) ئەبۇلخەتتاب قەتادە ئىبنى دىئامە ئەسسەدۇسىي ئەلبەسرىي (قَتَادَةُ بنُ دِعَامَةَ السَّدُوْسِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. 61 – 118 / م. 680 – 736) ــ تابىئىن، كاتتا مۇفەسسىر، فەقىھ، تىلشۇناس ۋە نەسەبشۇناس. تۇغما ئەما ئىدى. ــ ت.
([7]) ئەبۇ مۇھەممەد سەئىد ئىبنى جۇبەير ئىبنى ھىشام ئەلۋالىبىي ئەلكۇفىي (سَعِيْدُ بنُ جُبَيْرِ بنِ هِشَامٍ الوَالِبِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 46 – 95 / م. 665 – 714) ــ ئازادگەردە تابىئىن. ھەدىس ۋە تەفسىر ھەققىدىكى رىۋايەتلىرى بىلەن تونۇلغان كاتتا زات. «ئۇمەۋىيلەر ھۆكۈمرانلىقى»غا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن زالىم ھەججاج تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغان. ــ ت.
([8]) «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 28 – توم، 168 – بەت.
([9]) «بۇخارىي»، 6307 – ھەدىس.
([10]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 79 – بەت.
([11]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 51 – بەت.
([12]) ئەبۇ زەكەرىيا يەھيا ئىبنى مۇئاز ئەررازىي (يَحْيَى بنُ مُعَاذٍ الرَّازِيُّ، ھ. ؟ – 258 / م. ؟ – 872) ــ تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن بولۇپ، ئىبادەتگۇي، زاھىد، تەبلىغچى، ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن مەشھۇر، «كىتابۇل مۇرىدىن» ۋە ۋە «جەۋاھىرۇتتەسەۋۋۇف» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر. ــ ت.
([13]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 80 – بەت.
([14]) ئەبۇ ئىسھاق كەئب ئىبنى ماﺗﯩﺌ ئەلھىميەرىي ئەليەمانىي (كَعْبُ بنُ مَاتِعٍ الحِمْيَرِيُّ اليَمَانِيُّ، ھ. بۇرۇن 72 – ھ. 32 / م. 551 – 652) ــ «كەئبۇل ئەھبار» دەپ تونۇلغان كاتتا ئالىم. ئەسلىدە يەھۇدىي بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خىلاپىتىدە مۇسۇلمان بولغان ۋە يەمەندىن خەلىفە ئۆمەر زامانىدا مەدىنىگە كېلىپ ساھابەلەردىن ئىلىم ئالغان. تابىئىن. رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى سەھىھتۇر. ــ ت.
([15]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 81 – بەت.
([16]) «ئىبنى خۇزەيمە»، 1888 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 5922 – ھەدىس. سەنەدى ھەسەن.

Please follow and like us:
Exit mobile version