Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

رامازاندىكى ئۆمرە ئىبادىتىڭىز

رامازاندىكى ئۆمرە ئىبادىتىڭىز

رامازاندىكى ئۆمرە ئىبادىتىڭىز

ئاللاھ تائالانىڭ ئۇشبۇ ئاينى روزا، ناماز، كېچىلىك قىيام، زاكات، ئاللاھ يولىدا پۇل خەجلەش، ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىش، سەبر قىلىش، شۈكۈر ئېيتىش، زىكىر ۋە «قۇرئان» تىلاۋىتى، ھەتتا ھەج ئىبادەتلىرىگە ئوخشاش، كۆپلىگەن ئىبادەتلەر ئۈچۈن بىر پەسىل قىلىشى رامازان ئېيىنىڭ ئاجايىباتلىرىدىندۇر.

ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ ئايدا ھەج ئىبادىتى ئۈچۈنمۇ بىر ئۈلۈش ئايرىغان بولۇپ، رامازان ئېيىدا كىچىك ھەج (ئۆمرە) بىلەن بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىش شەرىئەت تەرىپىدىن تەرغىب قىلىنغان يوللۇق بىر ئىبادەت ۋە بەسلىشىلىدىغان سالىھ بىر ئەمەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن سەھىھ بىر رىۋايەتتە، ئەنسارلاردىن بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەجنى قاچۇرۇپ قويغانلىقىدىن نادامەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: «رامازان كەلگەندە بېرىپ ئۆمرە قىلىڭ، چۈنكى رامازاندىكى ئۆمرە ھەجگە باراۋەردۇر» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «مەن بىلەن بىللە ھەج قىلغانغا باراۋەردۇر»([1]) دېدى.

بۇ ئۆمرە ساۋاب جەھەتتە ھەجگە باراۋەر بولسىمۇ، بارچە ئۈممەتنىڭ ئىجمائسى بىلەن پەرز ھەجنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. لېكىن، بۇ ھەدىس رامازاندا ئۆمرە قىلىشنىڭ ساۋابىنىڭ كاتتىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىبنۇل ئەرەبىي([2]) شۇنداق دەيدۇ: «ئۆمرە ھەققىدە كەلگەن بۇ ھەدىس سەھىھدۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ فەزل ۋە نېئمىتىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئۆمرە رامازاننىڭ ئۇنىڭغا قوشۇلۇشى بىلەن ھەجنىڭ ساۋابىغا يېتەلەيدۇ»([3]). ئىبنۇل جەۋزىي رەھمەتۇللاھ ئەلەيھ مۇنداق دەيدۇ: «رامازاندا ئەمەللەرنىڭ ساۋابى قەلبنىڭ ھۇزۇرى ۋە نىيەتنىڭ خالىس بولۇشى بىلەن زىيادە بولغاندەك، ۋاقىتنىڭ شەرىپىنىڭ زىيادە بولۇشى بىلەنمۇ زىيادە بولىدۇ»([4]). ئىبنى ھەجەر([5]) رەھمەتۇللاھى ئەلەيھ دىنىمىزدا كەڭرى بولغان نەرسىنى تارايتىپ، رامازاندىكى ئۆمرە ئۈچۈن بولغان بۇ پەزىلەت «ئاشۇ ئايالغا خاس ئىدى» دېگەن كىشىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پەزىلەتنىڭ پۈتۈن ئۈممەتكە ئومۇمىي ئىكەنلىكى كۈچلۈكتۇر»([6]). رامازاندا ئۆمرە قىلىشتىن ئىبارەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن بۇ كۆرسەتمە رامازان ئېيىدىكى ياخشىلىققا ئالدىراش خۇسۇسىدا يوللۇق بولغان بەسلىشىش سۈپىتىدە كەلدى.

¯ ئەي روزىدار قېرىندىشىم! ئەي ئۆمرە قىلغۇچى قېرىندىشىم! تەسەۋۋۇر قىلىڭ، سىز ئاشۇ كىچىك ھەجنىڭ شوئارلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا سىز! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجىدە ئۇ زاتقا ھەمراھ بولغاننىڭ ئەجرىگە ئېرىشىپ، غالىبلاردىن بولغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ! سىز ئۆزىڭىزنى كەئبىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە تاۋاپ قىلىۋاتقان، سافا – مەرۋەدە ئۇ زاتنىڭ ئارقىسىدىن سەئيى قىلىۋاتقان، رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇۋاتقان، مۇلتەزەم([7])دە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن يەردە تۇرغانلىقىڭىزنى ۋە مۇبارەك قوللىرىدىن زەمزەم سۈيىدىن قېنىپ – قېنىپ ئىچكەنلىكىڭىزنى خىيال قىلىپ بېقىڭ. بۇلار سىزنى كەۋسەر سۈيىدىن ئىچىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلغۇسى!

¯ ئەي روزىدار ئۆمرە قىلغۇچى قېرىندىشىم! بۇ تەسەۋۋۇرنى كۆپلەپ قىلىڭ. بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مۇكاپات بارمۇ؟ شۇنداق… سىز رامازاندا ئۆمرە قىلىش بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەج قىلىشنىڭ ساۋابىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، خاھ رامازان ئېيىدا، خاھ باشقا ۋاقىتلاردا ئۆمرە قىلىش بىلەن ئەۋۋەلا ئاللاھ تائالانىڭ بەيتىگە (ئۆيىگە) كەلگەن مېھمىنى بولىسىز.

ئاللاھ تائالاغا ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك ئېيىدا ئۇ زاتنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلگەن كىشىنى نېمە كۈتۈپ تۇرىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار ئاللاھ ئۈچۈن كەلگەن بىر ئۆمەكتۇر. ئۇلار دۇئا قىلسا، ئاللاھ ئىجابەت قىلىدۇ. مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ»([8]).

زامان سۈپىتىدە رامازان ئېيىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن دەرىجىلەر يەتتە يۈز ھەسسىگە قەدەر ھەسسىلىنىدىغان بولسا، ماكان سۈپىتىدە مەككە مۇكەررەمە ياكى مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن نامازلار ھەسسە – ھەسسىلىنىپ كېتىدۇ. رەسۇلۇللاھ دەيدۇ: «مېنىڭ مەسجىدىمدە ئوقۇلغان بىر رەكئەت ناماز مەسجىدى ھەرەمنىڭ سىرتىدىكى باشقا مەسجىدلەردە ئوقۇلغان مىڭ رەكئەت نامازدىن ئەۋزەلدۇر. مەسجىدى ھەرەمدە ئوقۇلغان بىر رەكئەت ناماز باشقا مەسجىدلەردە ئوقۇلغان يۈزمىڭ رەكئەت نامازدىن ئەۋزەلدۇر»([9]). شۇڭا، زامان ۋە ماكاندىكى بۇ قاتمۇقات، ھەسسىمۇھەسسە پەزىلەتلەرنى غەنىيمەت بىلىڭ!

رامازان ئېيىدا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا كۆپ ئۆمرە قىلىش ئالاھىدە پەزىلەتكە ئىگىدۇر. بۇ يولدا سەرپ قىلىنغان پۇل – ماللارنى كۆپ سانىماڭ، كەمبەغەللىشىپ قېلىشتىن قورقماڭ! دەرھەقىقەت، مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئارقىمۇئارقا قىلىڭلار! چۈنكى بۇ ئىككىسى (يەنى ھەج بىلەن ئۆمرە) نامراتلىقنى، گۇناھ ـ مەئسىيەتلەرنى خۇددى كۆرۈك تۆمۈر، ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرنىڭ داتلىرىنى يوق قىلغاندەك يوق قىلىدۇ. مەقبۇل بولغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى پەقەتلا جەننەتتۇر»([10]) دېگەن.

رامازان ئېيىدا بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئىبادەت سۈپىتىدە بەيتۇللاھنى كۆپ تاۋاپ قىلىڭ، تاۋاپ بولسا گەپ قىلىش جائىز بولغان ئالاھىدە بىر نامازدۇر، تاۋاپتا ھەر قەدەمدە بىر گۇناھ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. دەرۋەقە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بۇ بەيتۇللاھنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلسا ۋە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا، بىر قۇل ئازات قىلغاندەك ئەجىرگە ئېرشىدۇ. ئالغان ھەربىر قەدىمى بىلەن ئاللاھ تائالا بىر گۇناھنى ئۆچۈرۈپ، بىر ياخشىلىق يازىدۇ»([11]).

«كۆپ ئۆمرە قىلىش مۇستەھەپتۇر» دېگەنلىك بەزى ئادەملەرگە ئوخشاش رامازاندا «ھەر كۈن بىر ئۆمرە قىلساڭ بولىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس. بۇنداق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ۋە ئۇ زاتتىن كېيىن ئۆتكەن ساھابەلەرنىڭ يولىغا خىلاپ ئىشتۇر.

ئەۋۋەلقى ھەدىستە كەلگەندەك تاۋاپنى كۆپ قىلىش ئۆمرە قىلىشقا كۇپايىدۇر. چۈنكى، تاۋاپنىڭ ئۆزى نامازدۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتقاندەك: «بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىش ناماز ئوقۇشقا ئوخشايدۇ. لېكىن، تاۋاپتا گەپ قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا تاۋاپ قىلغاندا خەيرىلىك سۆز بولسا قىلىڭلار، بولمىسا بىھۇدە سۆز قىلماڭلار!»([12]).

رامازاننىڭ 27 – كېچسى ئاتايىن ئۆمرە قىلىشنىڭ ھېچقانداق بىر دەلىل – ئاساسى يوقتۇر. بۇ كېچە قىلىدىغان ئەڭ مۇناسىب ئىشىمىز ناماز، دۇئا ۋە ئاللاھقا يالۋۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولۇشىمىزدۇر. قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى شۇ كېچىدە ئۆمرە قىلىش ئەمەس، بەلكى قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئادا تاپىدۇ. مۇبادا خالايىق ئۇشبۇ قەدر كېچىسىدە ئىبادەتنى تەرك ئېتىپ ئۆمرە قىلىش بىلەن مەشغۇل بولسا ئىدى، شۇ مۇبارەك كېچىدە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەسجىدى ھەرەمگە ئىچىدىن ۋە تېشىدىن كەلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئىنسانلار سىغماي قالاتتى.

ئى ئاللاھ! سەن بىزدىن قوبۇل قىلغىن! سەن ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە ھەممىنى بىلگۈچىسەن، ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھىرىبانسەن… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

————————————–
([1]) «مۇسلىم»، 1256 – ھەدىس.
([2]) ئىبنۇل ئەرەبىي ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلئەندەلۇسىي (ابْنُ العَرَبِيِّ أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ عَبْدِ اللهِ الأَنْدَلُسِيُّ، ھ. 468 – 543 / م. 1076 – 1148) ــ «قازى ئەبۇبەكرى ئىبنۇل ئەرەبىي» دەپ تونۇلغان. مالىكىي مەزھىبىدىكى مۇجتەھىد ئالىملاردىن. «ئەھكامۇل قۇرئان»، «ئەلئاۋاسىم مىنەلقەۋاسىم» ۋە «ئەمەدۇل ئەقسا» قاتارلىق ئەسەرلىرى مەشھۇردۇر. ــ ت.
([3]) ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇل بارىي»، 3 – توم، 604 – بەت.
([4]) ئىبنى ھەجەر: يۇقىرىقى مەنبە.
([5]) ھافىز شىھابۇددىن ئەبۇلفەزل ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (شِهَابُ الدِّيْنِ أَحْمَدُ بنُ عَلِيِّ بنِ حَجَرٍ العَسقَلانِيُّ، ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) ــ ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس، كاتتا شافىئىي فەقىھ ۋە تارىخچى. «فەتھۇل بارىي»، «بۇلۇغۇل مەرام»، «تەھزىبۇتتەھزىب»، «ئەددۇرەرۇل كامىنە» ۋە «ئەتتەلخىسۇل ھەبىر» قاتارلىق كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى. ــ ت.
([6]) ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇل بارىي»، 3 – توم، 605 – بەت.
([7]) مۇلتەزەم (الْمُلْتَزَمُ): چاپلىشىپ دۇئا قىلىنىدىغان جاي دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەسجىدۇل ھەرەمدە ھەجەرۇل ئەسۋەد بىلەن كەئبىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئارىلىقىدىكى تۆت گەز كېلىدىغان دۇئاگاھتۇر. بۇ جايغا مەيدىسىنى، يۈزىنى، ئىككى بىلىكىنى ۋە ئىككى ئالقىنىنى يېيىپ چاپلاپ دۇئا قىلىش مۇستەھەبتۇر. ــ ت.
([8]) «ئىبنى ماجە»، 2892 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن.
([9]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 14735 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 1406 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([10]) «تىرمىزىي»، 810 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 2630 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([11]) تىرمىزىي: («سۈنەن»، 959 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 6380 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
([12]) «تىرمىزىي»، 960 – ھەدىس. ئالبانىي: («ئىرۋائۇل غەلىل»، 1102 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:
Exit mobile version