رامازاندىكى سەبرىڭىز

رامازاندىكى سەبرىڭىز

سەبر ئۆمۈرنىڭ پەزىلىتى ۋە زامانەنىڭ پەرز – تەقەززاسىدۇر. لېكىن، رامازان ئېيىدا سەبرنىڭ پەزىلىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ۋە ئۇ پەرز سۈپىتىدە تېخىمۇ تەكىتلىنىدۇ. چۈنكى، رامازان ئېيى ئىنسان ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن روزىنى بۇزغۇچى ئامىللاردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان سەبرنىڭ ئېيىدۇر. بۇ ئاي ئىتائەت قىلغۇچىلار ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ سەبر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە مۇستەھكەم تۇرىدىغان ئايدۇر، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئاللاھقا تەۋبە قىلىشتىن ۋە ئەزايى بەدەنلىرى ئىتائەتتىن ئېغىپ كەتمەيدۇ. سەبر ماختىلىدىغان سەبر ۋە ئەيىبلىنىدىغان سەبر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى تۈر سەبر ھەققىدە «قۇرئان كەرىم»دە توقسانغا يېقىن ئايەت كەلگەندۇر. ماختىلىدىغان سەبر بىرقانچە تۈرلۈك بولۇپ ئۇلار: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا سەبر قىلىش، ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن سەبر قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ تەقدىرلىرىگە سەبر قىلىش قاتارلىقلاردۇر. ھاراملاردىن ساقلىنىشتا سەبر قىلىش بىلەن بىرگە تائەت – ئىبادەتلەردە سەبر قىلىش، كۆپىنچە كىشىلەر «مانا مۇشۇلا سەبردۇر» دەپ ئويلايدىغان ئەلەملىك تەقدىرلەرگە سەبر قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر([1]). ئەلەملىك ئىشلاردا سەبر قىلىش بىلەن بىرگە نەپسكە ئىتائەت قىلماسلىق ۋە يازۇق – مەئسىيەتكە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، سەبر قىلىشنىڭ ھەممىسى روزا تۇتۇشقا مۇجەسسەملىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، رامازان ئېيى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنۇ سۆزىدە ئىپادىلىگىنىدەك «سەبر ئېيى» دەپ سۈپەتلىنىشكە ھەقلىقتۇر: «سەبر ئېيىدا ۋە قالغان ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇت، بۇ يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر»([2]).

رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش، قىيامدا تۇرۇش، «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش، زىكىر – تەسبىھ ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىشتىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە سەبر قىلىش، ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ نەپس ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش بىلەن بەدەن ۋە قەلبنىڭ گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەبر قىلىش، شۇنداقلا روزا تۈپەيلى ھاسىل بولىدىغان ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتەك ئىزتىراپلىق سىناقلارغا سەبر قىلىشلار باردۇر.

ئەيىبلىنىدىغان سەبرگە كەلسەك، ئۇ ئاللاھ غەزەپلىنىدىغان ۋە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدىغان ئىشلاردا «سەبر قىلىش»تۇر. بۇ خىل سەبر روزىنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرىنى ئۆچۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن روزىغا زىتتۇر.

بىز رامازاندا ئۆزىمىزنى تەييارلاشقا ۋە كۆندۈرۈشكە تېگىشلىك سەبر بولسا نەپسنى يورۇتقۇچى بىر چوغ ۋە بەدەندە جۇش ئۇرۇپ تۇرغۇچى بىر كۈچ – قۇۋۋەتتۇر. روزا تۇتۇشتا ئەڭ گۈزەل بولغىنى نەپسنىڭ سەبرنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىدە چېنىقىشى ۋە ئىنسانىي نەپسنىڭمۇ بۇ خىل چېنىقىشقا ئاۋاز قوشۇپ سەبر قىلىشى تەبىئىي بىر ھالەتكە ئايلانغانغا قەدەر داۋام قىلىشىدۇر.

سەبر قىلىش سەبرچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى تىلەشتىن ئۆزىنى پاك تۇتسا، ئاللاھ ئۇنى پاك قىلىدۇ، كىمكى (بەندىلەرگە) ئۆزىنى موھتاج قىلمىسا، ئاللاھ ئۇنى باي قىلىدۇ، كىمكى سەبر قىلىشقا تىرىشسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا سەبر ئاتا قىلىدۇ. ھېچكىمگە سەبردىنمۇ ياخشىراق ۋە ئازادىرەك ئېھسان بېرىلگەن ئەمەس»([3]).

بۇ دەۋردە سەبرگە بولغان ئېھتىياجىمىز بىزدىن ئىلگىرىكى دەۋردىكى ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبى كەڭرىچىلىك ۋە قىيىنچىلىقتىن ئىبارەت خىلمۇخىل سىناقلارنىڭ كۆپلەپ كېلىشىدىندۇر. بۇ خىل سىناقلار، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا، ئۇ زاتقا ئاسىيلىق قىلماسلىقتا، تەقدىر – قىسمەتلەرگە ۋە ئەلەملىك سىناقلارغا سەبر قىلىش قاتارلىق سەبرنىڭ ھەر ئۈچ تۈرىگە ئېھتىياجلىقتۇر. بىز ياشاۋاتقان بۇ كۈنلەر ــ ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلغا ئالغان سەبرنىڭ كۈنلىرىدۇر. «سىلەردىن كېيىن سەبرنىڭ كۈنلىرى كېلىدۇ. ئۇ كۈنلەردە سەبر قىلىش چوغنى تۇتقانغا ئوخشاشتۇر. ئۇ كۈنلەردە ئەمەل قىلغۇچىغا سىلەرگە ئوخشاش ئەمەل قىلغان ئەللىك كىشىنىڭ ئەجىر – مۇكاپاتى بېرىلىدۇ»([4]). مۇئمىن بۇ دەۋردە زاماننىڭ بالايىئاپەتلىرى، غۇربەتچىلىكنىڭ جەبر – جاپا ۋە مۇشەققەتلىرىگە قارشى تۇرالىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن ياردەم سورىغان ھالدا سەبرگە ھەسسىلەپ ئېھتىياجلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ چاغلار ھەققىدە: «ئىنسانلارغا شۇنداق بىر زامان كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دىنىدا سەبر قىلغۇچى بەئەينى ئالقىنىدا چوغنى تۇتقان كىشىگە ئوخشايدۇ» دېگەن([5]). مۇئمىن چوغنى تۇتۇشقا يەنى دىننىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تۇتۇپ مېڭىشقا ناماز ۋە روزىدىن ياردەم سوراش بىلەنلا قادىر بولالايدۇ. ﴿سەبر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلار (يەنى كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر﴾(بەقەرە: 45). بىز ياشاۋاتقان دەۋر بىزدىن سەبرچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە دۈشمەن بىزگە قارشى قوللىنىۋاتقان خىلمۇخىل توسالغۇ ۋە بالايىئاپەتلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر دەۋردۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا بۇنىڭغا قارشى سەبر قىلىشتىن باشقا بىر يول يوقتۇر: ﴿ئى مۇئمىنلەر! تائەت – ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەبر قىلىڭلار! دۈشمەنلەرگە زىيادە چىداملىق بولۇڭلار! (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار! مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار! (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار!)﴾(ئال ئىمران: 200) ﴿ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى (يەنى شەھىد بولۇشنى، ساۋابنى ۋە غەلىبىنى) ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىسىلەر﴾(نىسا: 104).

دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتا غەلىبىگە ئېرىشىش سەبرچانلىق ۋە چىدامچانلىقنىڭ پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋەتلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «غەلىبە سەبرچانلىق بىلەن بولىدۇ»([6]) دېگەن. سەبرچانلىق ھەرقانداق بىر تەييارلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋە ھەرقانداق بىر تەييارلىقتىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغان بىر تەييارلىقتۇر. چۈنكى، ئۇ نەپسىنىڭ تەييارلىقىدۇر. نەپسىنىڭ تەييارلىقى تەقۋالىق ۋە سەبرچانلىقنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان تەييارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى ۋە ئەڭ ئۇلۇغىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئېيتقىنكى، «ئى (ئاللاھنىڭ) مۇئمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار!)، پەقەت سەبر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ﴾(زۇمەر: 10). سەبر قەلبنى نۇرلاندۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن نەپسنىڭ تەييارلىقىدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەبر نۇردۇر»([7]) دەيدۇ. يەنى قۇياشنىڭ پاكىزلىغۇچى نۇرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرلۇق ھارارەتتىن ھاسىل بولغان نەرسە بىلەن قەلبنى نۇرلاندۇرىدۇ. ئاي ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئاي ھارارەتسىز نۇردۇر. شۈبھىسىزكى، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدە بۇ پەرقلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن: ﴿ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى﴾(يۇنۇس 5). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە سەبرچانلىقنىڭ «نۇر» دەپ سۈپەتلىنىشنىڭ سەۋەبى سەبرچانلىقتا نەپسنى ئارزۇ قىلغان نەرسىلەردىن چەكلەش بىلەن بىرلىكتە جەبر – جاپانىڭ ھارارەتلىرى ۋە كۈرەش قىلىشنىڭ مۇشەققەتلىرى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ سەبرنىڭ لۇغەتتىكى «چەكلەش، باغلاش» مەنىسىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.

 سەبر ئۆز نۇرى بىلەن روزىغا نۇرنىڭ ئۈستىگە نۇرنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رامازاندا ياخشىلىق ۋە ئەجىرلەر ھەسسىلىنىدۇ. روزىدىكى سەبرنىڭ ئالامىتى ئوچۇق – ئاشكارىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنۇ سۆزىدە ئىپادىلىگەندەك سەبر قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرلىرى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ: ﴿پەقەت سەبر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ﴾(زۇمەر 10). روزا تۇتۇشمۇ سەبرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭدىكى مۇكاپاتمۇ ھەددى – ھېسابسىز ھەسسىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسى قۇدسىيدا مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم بالىسىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈندۇر. ياخشىلىق ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە مۇكاپاتلاندۇرۇلىدۇ. پەقەت روزا مەن ئۈچۈندۇر. شەھۋىتىنى، يېمەك – ئىچمىكىنى مەن ئۈچۈن تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن»([8]). روزا سەۋەبىدىن نەپسنىڭ ۋە بەدەننىڭ ئىستەك – شەھۋەتلىرىنى تەرك ئېتىش بولسا، ئاللاھ تائالا مۇكاپاتىنى ئۆزىگە خاس قىلىۋالغان سەبرنىڭ ئۆزىدۇر. ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: روزا ئەجرى ھەسسىلىنىدىغان ئەمەللەردىن ئايرىۋېلىنىدۇ. چۈنكى، پۈتۈن ئەمەللەرنىڭ مۇكاپاتى ئوندىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە بولىدۇ، لېكىن روزىنىڭ مۇكاپاتىنىڭ ھەسسىلىنىشى چەكسىزدۇر. روزا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدىكى سەبرىنىڭ قاتارىدىندۇر: ﴿پەقەت سەبر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ﴾(زۇمەر 10).

ئى روزىسىدا سەبر قىلغۇچى، سەبر بىلەن روزا تۇتقۇچى قېرىندىشىم! سەبرنىڭ ئۇشبۇ دۇنيادىكى سوۋغىتىنى تاپشۇرۇپ ئالىسىز، ئۇ بولسىمۇ مىقدارىنى ئۆلچىگىلى، سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاخىرەتتىكى سوۋغىدىن ئىلگىرى خۇش بېشارەت ئېلىشىڭىزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھېچكىمگە سەبرىدىنمۇ ياخشىراق ۋە ئازادىرەك ئېھسان بېرىلگەن ئەمەس»([9]).

 سەبر قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە سىزگە ھەدىيە قىلىنىدىغان سەبرنىڭ دۇنيادىكى خۇش بېشارەتلىرىگە كەلسەك، ئۇلار:

¯ سىز بىۋاسىتە ئاللاھقا ئەۋەتكەن ئىتائەتلەرگە سەبر قىلىشىڭىزدا، گۇناھقا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن سەبر قىلىشىڭىزدا، ئەلەملىك تەقدىرىگە سەبر قىلىشىڭىزدا خۇش بېشارەتكە ئېرىشتىڭىز، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿(بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان – زەخمەتلەرگە) سەبر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر﴾(بەقەرە: 155 – 157). سىز بۇ سەبرىڭىز ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھنىڭ سىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكى سەۋەبلىك غەلىبىگە ئېرىشكەن بولىسىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿سەبر قىلىڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن سەبر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر﴾(ئەنفال: 46).

¯ سىز سەبرچانلىق بىلەن دۇنيادا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشكە، ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىشكە ۋەدە قىلىندىڭىز. دۇنيادىكى ئۈستۈنلۈككە كەلسەك، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەبر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىرقىسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالار قىلدۇق﴾(سەجدە: 24). ئاخىرەتتىكى نىجاتلىققا كەلسەك، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(سىلەردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەبر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى بۈگۈن مۇكاپاتلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(مۇئمىنۇن: 111).

 ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىتائىتىڭدە بىزگە سەبر ئاتا قىلغىن. بىزنى ساڭا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلىغىن. قورقۇنچ ۋە غەم – قايغۇغا ئۇچرىمايدىغان سەبر قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىلەن بىزنى رىزىقلاندۇرغىن… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

——————————————–
([1]) ئىبنۇلقەييىم: «ئۇددەتۇس سابىرىن»، 26 – بەت.
([2]) «نەسائىي»، 2408 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([3]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1469 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1053 – ھەدىس.
([4]) «تىرمىزىي»، 3058 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 4343 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 4014 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([5]) «تىرمىزىي»، 2260 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([6]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 2804 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([7]) «مۇسلىم»، 223 – ھەدىس.
([8]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 10178 – ھەدىس. 124.        شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
([9]) «بۇخارىي»، 1469 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ