Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ۋاكالىتەن ئىستىخارە سېلىش

ۋاكالىتەن ئىستىخارە سېلىش

ۋاكالىتەن ئىستىخارە سېلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىر ئىنىم بار ئىدى، يېقىندا ئۇنىڭ تويىنى قىلماقچى ئىدۇق، ئۇنىڭ ئىستىخارە سېلىپ ماڭماقچى بولغان يولىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە ئەڭ ياخشى يول ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىغۇدەك ھالىتى يوق. بىز (يەنى، ئاتا – ئانا، ئاكىلىرى قاتارلىقلار) ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئىستىخارە سالساق بولامدۇ؟ بولسا، نامازدىكى تەشەھھۇدتا ئوقۇيدىغان ئىستىخارە دۇئاسىنى ئاز – پاز ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىكەن، قانداق ئۆزگەرتىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىستىخارە سېلىش: «كىشى ئىككىلەنگەن بىر ياكى بىرقانچە ئىشتىن ئەڭ خەيرلىك بولغىنىغا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھتىن تىلەش»تۇر.

گەرچە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا باشقىلار ئۈچۈن ئىستىخارە سېلىپ قويۇشنىڭ جائىز ياكى جائىز ئەمەسلىكى ھەققىدە كۆزقاراش ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردا، سىلەر ئاتا – ئانا ۋە قېرىنداشلىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، ئاشۇ يىگىتنى ئۆيلەش مەسىلىسىدە ئىستىخارە سالساڭلار بولىدۇ. چۈنكى، سىلەر يەنى، ئاتا – ئانا، ئاكىلار ئاشۇ يىگىتنىڭ توي مەسىلىسىدە قايسى ئائىلىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىش ئۇنىڭغا ۋە سىلەرگە خەيرلىك ئىكەنلىكىدە باش قاتۇرۇۋاتىسىلەر. شۇڭا، سىلەرنى ۋاكالىتەن ئىستىخارە سالغۇچى دېمەي، ئۆزىگە ئىستىخارە سالغۇچى دېسەكمۇ بولىدۇ.

بۇنىڭغا بىنائەن، ئىستىخارە دۇئاسىنى مۇناسىپ شەكىلدە ئۆزگەرتىپ مۇنداق دېسەڭلار بولىدۇ: «ئى ئاللاھ! بىز سېنىڭ ئىلمىڭ بىلەن تاللاپ بېرىشىڭنى، ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن قۇدرەت ئاتا قىلىپ ياخشىراق ئىشنى قىلدۇرىشىڭنى ھەمدە بىزگە سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن بېرىشىڭنى سورايمىز. چۈنكى، سەن قادىرسەن، بىز قادىر ئەمەسمىز. سەن بىلىسەن، بىز بىلمەيمىز. سەن غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇرسەن. ئى ئاللاھ! ناۋادا سېنىڭ ئىلمىڭدە بۇ ئىش (يەنى، پالانىنى پوكۇنى قىزغا ئۆيلەش) بىزنىڭ ۋە پالانچىنىڭ دىنىمىز، تۇرمۇشىمىز ۋە ئىشىمىزنىڭ ئاقىۋىتىدە (ياكى ھازىرقى ۋە كېيىنكى ئىشلىرىمىزدا دېسىمۇ بولىدۇ) خەيرلىك بولسا، بىزگە ئۇنى توغرىلاپ بەرگىن. ناۋادا سېنىڭ ئىلمىڭدا بۇ ئىش بىزگە دىنىمىزدا، تۇرمۇشىمىزدا ۋە ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىدە (ياكى ھازىرقى ۋە كېيىنكى ئىشلىرىمىزدا دېسىمۇ بولىدۇ) يامانلىق بولىدىغان بولسا، بىزنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، ئۇنىمۇ بىزدىن نېرى قىلىپ، ئۇنى كاللىمىزدىن چىقىرىۋەتكىن، قەيەردە بولسا بولسۇن بىزگە خەيرلىكنى پۈتكىن، كېيىن بىزنى شۇ خەيرلىك ئىشنى قىلىشقا رازى قىلغىن».

ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازنىڭ ئىچىدە سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇسىمۇ، سالام بەرگەندىن كېيىن ئوقۇسىمۇ جائىزدۇر.

ياخشىسى ھەدىسنىڭ «ئاندىن» دېگەن لەۋزى بويىچە، ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازدىن كېيىن قىلىشتۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپىنچە كىشىلەر ئىستىخارە دۇئاسىنى يادا بىلمەيدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، كىشىلەر نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندا بىرەر قەغەزگە يېزىۋالغان ئىستىخارە دۇئاسىنى ئەينەن ئوقۇپ ئىستىخارە سالسا مۇۋاپىق، بولمىسا نامازدا ئىستىخارە دۇئاسىنى يادا ئوقۇيالماي، يا قەغەزگە قاراپ ئوقۇيالماي قالىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 24 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 27 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 114 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:
Exit mobile version