سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تاراۋىھ نامىزىنى تۆت رەكەت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان تەسبىھ، يەنى، «سۇبھانەل مەلىكىل قۇددۇس، سۇبھانە زىلمۇلكى ۋەلمەلەكۇت، سۇبھانە زىلئىززەتى ۋەلئەزەمەتى… »نى پۈتكۈل جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا ئۈچ قېتىم ئوقۇش بىدئەتمۇ ياكى توغرىمۇ؟ بۇنى ئوقۇغان ئەۋزەلمۇ ياكى ئوقۇمىغانمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
تاراۋىھ نامىزى ھەر تۆت رەكەتتە بىر ئارام ئېلىپ ئوقۇلىدۇ. تاراۋىھ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ ئارام ئېلىشتىن كەلگەن. بۇنداق ئارام ئېلىش مۇستەھەپ ئىشتۇر. بۇ ئارىلىقتا تەسبىھ ئېيتسىمۇ، يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇسىمۇ، قۇرئان ئوقۇسىمۇ، جىم ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ، چاي – پاي ئىچىپ دەم ئالسىمۇ بولىدۇ، ۋەز – نەسىھەت قىلسىمۇ، بىرەر كىتابتىن جامائەتكە ئوقۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. مەسجىدى ھەرەمدە بولسا، كەئبىنى تاۋاب قىلسىمۇ بولىدۇ.
سىز دېگەن تەسبىھ ئېيتىش ئۇسۇلىنى تۆت رەكەت تاراۋىھتىن كېيىن ئوقۇش سۈننەت دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنداق قىلغانلىقى بىزگە يېتىپ كەلمىگەن، لېكىن ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن شۇنداق تەسبىھ ئېيتىش توغرىسىدا ھەدىس كەلگەن.
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كېلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىتىر نامىزىدا «سەببىھىسمە رەببىكەل ئەئلە» ۋە «قۇل يا ئەييۇھەل كافىرون» ۋە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد»نى ئوقۇيتتى، سالام بەرگەندىن كېيىن: «سۈبھەنەل مەلىكۇل قۇددۇس» دەپ ئۈچ قېتىم دەيتتى، ئۈچىنچى قېتىمدا ئاۋازىنى سوزۇپ دەيتتى.()
يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «ئۈچىنچى قېتىمدا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سوزىدۇ» دەپ كەلگەن. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «رەببۇل مەلائىكەتى ۋەررۇھ» دېگەن ئىبارە زىيادە كەلگەن.()
بۇ ھەدىس ۋىتىردىن كېيىن مۇشۇنداق تەسبىھ ئېيتىشنىڭ سۈننەت، مۇستەھەپلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمما، تاراۋىھ نامىزىنىڭ ھەر تۆت رەكەت ئارىلىقىدا مۇشۇ ئىبارە بىلەن تەسبىھ ئېيتىشنىڭ ئۆزى بولسا سۈننەت ئەمەس، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى تاراۋىھنىڭ تۆت رەكەت ئارىلىقىدا دېمىگەن، شۇنداقلا بۇ، بىدئەتمۇ ئەمەس، بەلكى جائىز ھەم مۇستەھەپتۇر، چۈنكى تاراۋىھ نامىزىنىڭ ئارىلىقىدا بىز ھەرقانداق ئىبارە بىلەن تەسبىھ ياكى زىكىر قىلساق جائىز ھەم مۇستەھەپ بولاتتى، بۇ خىل شەكىلدە تەسبىھ ئېيتساقمۇ جائىز ھەم مۇستەھەپ بولىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى، بۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا زىكىر – تەسبىھ ئېيتىشقا بۇيرۇپ كەلگەن ئايەت – ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدۇ. لېكىن، بۇنى «سۈننەت» دەپ ئاتىۋالمىساقلا بولدى.
ئىمام كاسانى مۇنداق دەيدۇ: «تاراۋىھ نامىزىنىڭ مۇستەھەپلىرىدىن يەنە، ئىمام ھەر تۆت رەكەتنى ئوقۇپ بولغىنىدا تۆت رەكەت مىقدارى ئولتۇرۇپ تەسبىھ، تەھلىل، تەكبىر ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ئېيتىپ دۇئا قىلىدۇ. بەشىنچى تۆت رەكەتتىن كېيىنمۇ تۆت رەكەت مىقدارى كۈتۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ سەلەفلەردىن كەلگەن».()
سەلەفلىرىمىزدىن مەككە ئەھلى ھەر تۆت رەكەت تاراۋىھ نامىزى ئارىلىقىدا كەئبىنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلغان، مەدىنە ئەھلى بولسا، ھەر تۆت رەكەت تاراۋىھ نامىزى ئارىلىقىدا تۆت رەكەتتىن ناماز ئوقۇۋالغان، بۇلار ھەممىسى سەلەفنىڭ ئىشىدۇر.
دىيارىمىزدا مەككىدىكى ھەرەم مەسجىدى ياكى مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسجىدى بولمىغاندىن كېيىن، ساۋابى كۆپ ئىشلاردىن تەسبىھ ئېيتىشنى تاللىغان، تەسبىھ ئېيتىشنى يا ھەدىستە، ياكى سەلەفنىڭ بىرەر سۆزىدە چەكلىگەن يېرى يوق.
ئىمام ئەينى مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ھەرەم ئاھالىسى ئارىلىقتا ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى، مەككە ئاھالىسى ھەر تۆت رەكەت ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىشتا يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىۋالىدۇ. مەدىنە ئاھالىسى ئۇنىڭ ئورنىغا تۆت رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇۋالىدۇ. ھەر يۇرتنىڭ ئاھالىسى بۇ ئارىلىقتا تەسبىھ ئېيتامدۇ، تەھلىل ئېيتامدۇ ياكى جىم ئولتۇرۇپ ساقلامدۇ، ئىختىيارى».()
بۇ تەسبىھنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول ۋە ئېسىل، شۇڭا، بىز ئۆزىمىز پەيدا قىلغان تەسبىھ ئىبارىلىرىدىن ئەۋزەل دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ تەسبىھنى يۇقىرى ئاۋازدا دېسۇن ياكى كۆپچىلىك بىرلىكتە دېسۇن، ھەممىسى جائىز ئىش. چۈنكى، تەسبىھ ئېيتقاندا چوقۇم ئىچىڭدە دېيىشىڭ كېرەك ياكى يالغۇز دېيىشىڭ كېرەك دەيدىغان بىرەر چەكلىمە يوق.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن، ئاللاھنىڭ يوللاردا ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار زىكىر ئەھلىنى ئىزدىشىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا زىكرى ئېيتىۋاتقان بىرەر قەۋمنى ئۇچرىتىپ قالسا، بىر – بىرىنى:
– تېز بۇياققا كېلىڭلار! ئىزدىگىنىڭلار تېپىلدى، – دەپ چاقىرىشىپ، ئۇلارنى بىرىنچى ئاسمانغا قەدەر قاناتلىرى بىلەن ئورۇۋېلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلاردىن ئوبدان بىلىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇلاردىن:
– بەندىلىرىم نېمە دېيىشىۋاتىدۇ؟ – دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر:
– ئۇلار ساڭا تەسبىھ ئېيتىۋاتىدۇ، تەكبىر ئېيتىۋاتىدۇ، ھەمدۇ ئېيتىۋاتىدۇ، سېنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ، – دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
– ئۇلار مېنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟
– ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار سېنى كۆرۈپ باقمىغان.
– ناۋادا ئۇلار مېنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟
– ناۋادا ئۇلار سېنى كۆرگەن بولسا ساڭا تېخىمۇ قاتتىق ئىبادەت قىلغان بولاتتى، سېنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇلۇغلاپ، ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ساڭا تېخىمۇ كۆپ تەسبىھ ئېيتقان بولاتتى.
– ئۇنداقتا، ئۇلار مەندىن نېمە سورىشىۋاتىدۇ؟
– سەندىن جەننەتنى سورىشىۋاتىدۇ.
– ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟
– ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان.
– ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟
– ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولغان بولاتتى، تېخىمۇ قاتتىق تىلىگەن بولاتتى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق خۇشتار بولاتتى.
– ئۇنداقتا، ئۇلار نېمىدىن پاناھلىق تىلىشىۋاتىدۇ؟
– دوزاختىن.
– ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟
– ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان.
– ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟
– ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، دوزاختىن تېخىمۇ بەك قاچقان بولاتتى، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قاتتىق قورققان بولاتتى،
– ئۇنداق بولسا مەن سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، مەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتتىم. پەرىشتىلەردىن بىرى:
– ئۇلارنىڭ ئىچىدە (گۇناھكار) پالانىمۇ بار، ئۇ ئۇلاردىن ئەمەس، ئۇ بىر ئىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ قالغان، دەيدۇ. پەرۋەردىگار:
– ئۇلار بىر سورۇندا ئولتۇرغانلاردۇر، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغان كىشى ئۇلارنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن بەختسىزلىككە يولۇقمايدۇ، دەيدۇ.»()
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 7. 6
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 112 – نومۇرلۇق پەتۋا.
—————————–
«مسند أحمد»، 15390 – 15399 – ھەدىسلەر. «ئەبۇ داۋۇد»، 1430 – ھەدىس؛ «سنن النسائي»، 1429 – 1432 – ھەدىسلەر. «ئىسنادى ھەسەن». «البدر المنير»، 4/339.
«المعجم الأوسط»، للطبراني 8115 – ھەدىس؛ «سنن البيهقي الكبرى»، 3/40 – بەت. 4640 – ھەدىس؛ «سۇنەنى دارىقۇتنى»، 2/31.
«بدائع الصنائع»، 1/290.
«العناية شرح الهداية»، 2/237.
سەھىھەين: «بۇخارى»، 6408 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2689 – ھەدىس.