ئىددەت ئىچىدە نىكاھلىنىش ۋە نەپىقە ھەققىدە

ئىددەت ئىچىدە نىكاھلىنىش ۋە نەپىقە ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بىر ئايال ئىلگىرىكى يولدىشى تۈگەپ كېتىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن بىر ئەرگە ياتلىق بولغان ۋە بىر ئايدىن كېيىن بۇ ئەردىن رەجئى تالاق بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن.

بۇ ئايال «تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئاي» دەپ ھېسابلاپ ئىددەت تۇتقان ۋە سەككىز ئايدىن كېيىن باشقا بىر ئەر بىلەن نىكاھلانغان. ئەمما، بۇ ئايال ھەر تۆت ئايدا بىر قېتىم ئادەت كۆرىدىكەن. دېمەك، بۇ سەككىز ئاي جەريانىدا پەقەتلا ئىككى قېتىم ئادەت كۆرگەن.

ئەمدى بۇ ئىككىنچى قېتىم نىكاھلانغان ئادەمدىن ھەم بىر ئاي ئىچىدە ئاجراشقان… شۇ ۋاقىتتا بۇ ئايالنىڭ تۆت ئايدا بىر ئىددەت كۆرىدىغانلىقى ۋە ئىلگىرىكى ئېرىدىن ئاجراشقاندىن تارتىپ كېيىنكى ئەر بىلەن نىكاھلانغۇچە بولغان ئارىلىقتا پەقەت ئىككى قېتىم ئادەت كۆرگەنلىكى مەلۇم بولدى.

سوئال: مۇشۇ ئايالنىڭ نىكاھ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ ئىددەتنى قانداق تاماملايدۇ؟ ئەگەر كېيىنكى نىكاھى باتىل بولىدىغان بولسا، بۇ ئايالنىڭ كېيىنكى ئېرىدىن نەپىقە تەلەپ قىلىش ھەققى بولامدۇ – يوق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ،

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئېرى بار ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ باشقا بىر كىشى بىلەن نىكاھلىنىشى ھارامدۇر. ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايال ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى ئەر – ئاياللىقنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى سۈپىتىدە بەلگىلىگەن ۋە بۇيرۇغان ئىددەتنى تولۇق توشقۇزۇشى كېرەك. ئەگەر نىكاھلانسا نىكاھى باتىل (ئىناۋەتسىز) دۇر. ئىددەت مۇددىتى بولسا، ھامىلدار بولمىغان ۋە ھەيز كۆرىدىغان ئايالنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئاي ئەمەس، بەلكى ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقىيىشتۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق بايان قىلىدۇ:

﴿تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ﴾(بەقەرە: 228).

شۇڭا مەزكۇر ئايال ئالدىنقى ئەردىن ئاجرىشىپ، گەرچە سەككىز ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ پەقەت ئىككى ھەيز كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئىددىتى توشماي تۇرۇپ نىكاھلانغان بولىدۇ ۋە كېيىنكى نىكاھى باتىل نىكاھ ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر ئايالنىڭ ئەمدىكى ئىددىتىگە كەلسەك، بۇ ئايال ھەر تۆت ئايدا بىر ئادەت كۆرىدىغان بولسا، بۇرۇنقى ئەردىن ئايرىلىپ ئۈچ مەرتە ھەيز كۆرۈپ ساقايغۇچە تەخمىنەن 12 ئاي ئىددەت تۇتۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن، كېيىنكى نىكاھتىن ئالدىن پەقەتلا سەككىز ئاي ئىددەت تاماملانغان، يەنە تۆت ئەتراپىدا ئاي كەم قالغان. شۇڭلاشقا كېيىنكى ئەردىن ئايرىلغان ياكى تالاق قىلىنغان كۈندىن تارتىپ، بۇرۇن كەم قالغان ئاشۇ تۆت ئاينى تولۇقلاپ ئىددەت تۇتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى ئەرنىڭ ئىددىتى تاماملانغان بولىدۇ. ئاندىن كېيىنكى ئەرنىڭ ئىددىتىنى تۇتۇشقا باشلايدۇ. چۈنكى، بۇ نىكاھ گەرچە خاتا ئويلىۋېلىپ ياكى بىلمەي قىلىنغان ناتوغرا نىكاھ بولسىمۇ، كېيىنكى ئەر بىلەن بىللە بولغانلا بولسا چوقۇم ئىددەت تۇتۇلىدۇ. يەنى كېيىنكى ئەردىن ئاجرىغاندىن كېيىن، ئەۋۋەلا بۇرۇنقى ئەرنىڭ كەم قالغان تۆت ئاي ئىددىتىنى تاملاملايدۇ، ئاندىن كېيىن، يېڭى باشتىن 12 ئاي تولۇق ئىددەت تۇتىدۇ. نەتىجىدە جەمئىي 16 ئاي ئىددەت تۇتىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، ھەنەفىي فىقھىدا ئىككى ئىددەت كىرىشىپ كېتىدۇ ۋە كېيىنكى ئەردىن ئاجرىغاندا 3 ھەيزلا ئىددەت تۇتسا، بۇ ئىددەت ئىلگىرىكى ئەرنىڭ ئىددىتىنىڭ كېمىگىمۇ ھېساب بولىدۇ. بۇ قاراش بويىچە مەزكۇر ئايال 3 ھەيزدىن ساقايغۇچە ئىددەت تۇتسا ھەر ئىككى ئەرنىڭ ئىددىتى تاماملانغان بولىدۇ. لېكىن، مەن بۇ مەسىلىدە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئىش تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

چۈنكى، مەشھۇر تابىئىن سۇلايمان ئىبنى يەسار (ھ. 34 – 107 / م. 654 – 725) رىۋايەت قىلىدۇكى، تۇلەيھە ئەلئەسەدىييە ئىسىملىك بىر ئايال رەشىد ئەسسەقەفىي ئىسىملىك بىرىنىڭ ئەمرىدە ئىدى، رەشىد ئەسسەقەفىي تۇلەيھەنى تالاق قىلدى. تۇلەيھە ئىددىتى توشمايلا باشقا ئەرگە نىكاھلاندى. شۇنىڭ بىلەن خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ھ. بۇرۇن 40 – ھ. 23 / م. 583 – 644) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئايالنى ۋە كېيىنكى ئەرنى بىرقانچە دەررە ئۇرۇپ جازالىدى ۋە ئىككىسىنى ئايرىۋەتتى. ئاندىن خەلىفە ئۆمەر: «قايسىبىر ئايال ئىددىتى توشماي تۇرۇپ نىكاھلىنىدىكەن، تەگكەن ئېرى بىلەن بىللە بولمىغان بولسا، ئىككىسى ئايرىۋېتىلىپ ئىلگىرىكى ئەردىن كەم قالغان ئىددىتىنى تاماملايدۇ. ئىددەت تاماملانغاندىن كېيىن، خاھلىسا كېيىنكى ئەرگە تېگەلەيدۇ. ئەگەر ئىككىنچى ئەرگە تېگىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بولسا، ئىككىسى ئايرىۋېتىلىپ ئىلگىرىكى ئەردىن كەم قالغان ئىددىتىنى تاماملايدۇ. ئاندىن كېيىنكى ئەرنىڭ ئىددىتىنى تۇتىدۇ. ئىددىتى تاماملانغاندىن كېيىن، كېيىنكى ئەرگە مەڭگۈ تېگەلمەيدۇ» دېگەن(1).

يەنە تابىئىنلەردىن ئەتاﺋ (ھ. 27 – 114 / م. 648 – 732) رەھىمەھۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى ئايالىنى تالاق قىلغاندا ئايالى ئىددەت تۇتقان. ئىددىتى توشۇشقا ئاز قالغاندا بىر ئەرگە تەگكەن. بۇ ئىككىسى بۇنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلمىگەن ۋە بىر ياستۇققا باش قويغان. بۇ مەسىلە ھەزرىتى ئەلى (ھ. بۇرۇن 22 – ھ. 40 / م. 599 – 661) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سۇنۇلغاندا، ئۇ ئىككىسىنى ئايرىۋەتكەن ۋە ئايالنى ئىلگىرىكى ئىددىتىنى تاماملاشقا، ئاندىن كېيىن، يېڭىۋاشتىن كېيىنكى ئەردىن ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرۇغان. ئىككىنچى ئىددىتى توشقاندا، خاھلىسا ئۇ ئەرگە تەگسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان(2).

نەپىقە مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئايالنىڭ كېيىنكى ئەردىن نەپىقە تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ. بەلكى كەم قالغان ئىددىتى ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئېرىدىن نەپىقە ئېلىش ھەققى بولىدۇ. چۈنكى، نەپىقە دېگەن سەھىھ نىكاھتا ۋاجىب بولىدۇ. ناتوغرا ياكى شۈبھىلىك نىكاھتا، پەقەت ھامىلدار بولمىغان بولسىلا، نەپىقە ۋاجىب بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاقتۇر(3).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2021. 3. 24

———————————————
1. «ئەلمۇۋەتتا»، 1115 – ھەدىس؛ ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 5 – توم، 233 – بەت؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 15316 – ھەدىس. ئىبنۇلمۇلەققىن («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 8 – توم، 229 – بەت) ۋە ئالبانىيلار («ئەلئىرۋاﺋ»، 2125 – ھەدىس): «سەھىھ» دېگەن.
2. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 5 – توم، 233 – بەت؛ بەيھەقىي: «مەئرىفەتۇسسۈنەن»، 4904 – ھەدىس. ئىبنۇلمۇلەققىن («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 8 – توم، 230 – بەت) ۋە ئالبانىيلار («ئەلئىرۋاﺋ»، 2124 – ھەدىس): «سەھىھ» دېگەن.
3. «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 41 – توم، 60 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ