Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

سالامغا «ۋەبەرەكاتۇھۇ»دىن ئارتۇق سۆز قېتىش

سالامغا «ۋەبەرەكاتۇھۇ»دىن ئارتۇق سۆز قېتىش

سالامغا «ۋەبەرەكاتۇھۇ»دىن ئارتۇق سۆز قېتىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىركۈنى بىر قېرىندىشىمىز بىزگە: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ۋەلمەغفىرە» دەپ سالام قىلغان ئىدى، ئارىمىزدىكى بىر قېرىندىشىمىز: «ۋەبەرەكاتۇھۇ»نىڭ كەينىدىكى بىدئەت، ئۇنداق سالام قىلماڭلار دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئىزدەنسەك، تۈۋەندىكى ھەدىس ئۇچرىدى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بىر كىشى كىلىپ: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېدى، رەسۇلۇللاھ سالام قايتۇرۇپ: «بۇ كىشىگە ئون ياخشىلىق يېزىلدى» دېدى، ئۇ كىشى ئولتۇردى، ئاندىن يەنە بىر كىشى كىلىپ: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇپ: «بۇ كىشىگە 20 ياخشىلىق يېزىلدى» دېدى، ئاندىن يەنە بىر كىشى كىلىپ: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇپ: «بۇ كىشىگە 30 ياخشىلىق يېزىلدى» دېدى، ئاندىن يەنە تۆتىنچى بىر كىشى كىلىپ: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ۋەمەغفىرەتۇھۇ» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇپ: «بۇ كىشىگە 40 ياخشىلىق يېزىلدى، پەزىلەتلەر ئەنە شۇنداق بولىدۇ» دېدى. «ئەبۇ داۋۇد». ساھابەلەردىن بىرى رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر كىشى مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئۇچراشسا، ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ› دەپ سالام قىلسۇن» دېگەن. «تىرمىزى» سەھىھ. ئەمما، يۇقىرىدىكى ھەدىسنى زەئىف، دەلىل قىلىشقا بولمايدۇ، دېدى. بۇ ھەدىس راستتىنلا زەئىفمۇ؟ سالام قىلغاندا «ۋەبەرەكاتۇھۇ»نىڭ كەينىگە سۆز ئۇلاش بىدئەتمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سالاملىشىشنىڭ ئىجتىمائىي رولى ئىنتايىن چوڭ. ئاللاھ تائالا بىزگە سالام قىلىش قائىدىسىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەھكاملارنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئېنىق بايان قىلىپ بەرگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر تاكى ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر – بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشمىگۈچە كامىل ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر، سىلەرگە بىر – بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشكە سەۋەب بولىدىغان بىر ئىشنى دەپ بېرەيمۇ؟ ئاراڭلاردا سالاملىشىشنى قانات يايدۇرۇڭلار!».(1)

قۇرئان ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن سالام قىلىش قائىدىسى: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ياكى «سالامۇن ئەلەيكۇم»دىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭغا «ۋەرەھمەتۇللاھى» ۋە يەنە «ۋەبەرەكاتۇھۇ» قېتىلسا، تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاشۇ شەكلىدە،(2) بويىنى ئاتمىش گەز ئېگىزلىكتە ياراتتى. ئۇنى يارىتىپ بولۇپ ئۇنىڭغا: بېرىپ ئاۋۇ پەرىشتىلەرگە سالام بەرگىن ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىگە قۇلاق سالغىن. بۇ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ قوللىنىدىغان سالامدۇر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرگە: ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم› دېدى. پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن جاۋاب سالامىدا: ‹ئەسسەلامۇ ئەلەيكە ۋەرەھمەتۇللاھ› دەپ ‹ۋەرەھمەتۇللاھ› دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويدى. جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جەننەتكە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىدە بولۇپ كىرىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر ئادەملەر ھۆسنى – چىراي ۋە قەددى – قامەت جەھەتتىن چېكىنىپ كېلىۋاتىدۇ».(3)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بارلىق ھەدىسلەردە شۇنداق سالام قىلغان، ھەتتا قەبرىستاندىكى ئۆلۈكلەرگە سالام قىلغاندىمۇ: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئمىنلەر جامائەسى!» دەپ سالام قىلغان.(4)

نامازدا «ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىي ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ (سالام ساڭا، ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى ساڭا بولسۇن!)» دېيىشنى ئۆگەتكەن.(5)

دىنىمىزدا بۇ ھەقتىكى ھۆكۈم شۇكى، ئىككى مۇسۇلمان ئۇچراشقاندا بىرىنىڭ يەنە بىرىگە سالام بېرىشى مۇستەھەب، سالام قىلىنغان كىشىنىڭ سالام قىلغۇچىنىڭ سالىمىغا جاۋاب قايتۇرۇشى ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق كۆرسەتكەن: ﴿سىلەرگە سالام قىلىنغىنىدا، ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىقراق ياكى ئەينەن قايتۇرۇڭلار!﴾(4/«نىساﺋ»: 86)

بۇ ئايەتكە ئاساسەن، بىر كىشى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا: «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ» ياكى «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ» دەپ جاۋاب قايتۇرىمىز، «ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ» دەپ سالام قىلسا، ئۇنىڭغا: «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ» دەپ جاۋاب قايتۇرىمىز، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىقراق قايتۇرۇڭلار﴾ دېگەن ئەمرى شۇنداق جاۋاب قايتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ، «ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ» دەپ سالام قىلسا، ئۇنىڭغا يەنىلا: «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ» دەپ جاۋاب قايتۇرىمىز. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ياكى ئەينەن قايتۇرۇڭلار!﴾ دېگەن ئەمرىنىڭ تەقەززاسىدۇر.

دىنىمىز كۆرسەتكەن سالاملىشىش ئىبارىسى يۇقىرىقىدەك بولسا، ئۇنىڭغا «ۋەمەغفىرەتۇھۇ…» دېگەندەك باشقا ئىبارىلەرنى قېتىش سۈننەتكە خىلاپ. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم»دە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم»، ياكى «سالامۇن ئەلەيكۇم»، ياكى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ»، ياكى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ» دەپ كەلگەن. جاۋاب قايتۇرغاندىمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق جاۋاب قايتۇرۇش كەلمىگەن.

توغرا، سىز سوئالىڭىزدا بايان قىلغاندەك، ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «ۋەمەغفىرەتۇھۇ» دەپ كەلگەن. شۇنداقلا، ھەربىر زىيادە قىلىنغان سۆزگە ئون ساۋاب زىيادە بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، لېكىن بۇ ھەدىسنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ رىۋايەتىدە: «ۋەمەغفىرەتۇھۇ» دېگەن ئىبارە كەلمىگەنلىكى،(6) ئۇنىڭ باشقا بىر زەئىف رىۋايەتتە كەلگەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.(7)

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان مۇئاز ئىبنى ئەنەسنىڭ بۇ رىۋايەتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىس سەھىھ ھالەتتە ئىسپاتلانمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئۈچ ئىللەت بار. بىرى، ئۇ ئەبۇ مەرھۇم ئابدۇررەھىم ئىبنى مەيمۇن قىلغان رىۋايەت بولۇپ، ئۇنىڭ رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئىككىنچىسى، راۋىيلىرى ئىچىدىكى سەھل ئىبنى مۇئازمۇ شۇنداق كىشى. ئۈچىنچىسى، راۋىيلىرى ئىچىدىكى سەئىد ئىبنى ئەبى مەريەم رىۋايەت قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرمەي: ‹مەن ناﻓﯩﺌ ئىبنى زەيدتىن ئاڭلىدىم دەپ ئويلايمەن› دېگەن.»(8)

يەنە ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بەكلا زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ۋەبەرەكاتۇھۇ»غا «ۋەمەغفىرەتۇھۇ ۋەرىزۋانۇھۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى قېتىپ سالام قايتۇرغانلىقى كەلگەن.(9)

دېمەك، سەھىھ ھەدىسلەردە «ۋەبەرەكاتۇھۇ»دىن باشقا ئىبارە كەلمىگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساھابە – كىراملارنىڭ «ۋەبەرەكاتۇھۇ»دىن ئارتۇق سۆزلەر بىلەن سالام قىلىشنى يامان كۆرگەنلىكى سەھىھ ھالەتتە ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇنداق مەسىلىلەردە ساھابەلەر ھەرگىزمۇ ئۆز رايى بىلەن سۆز قىلمايدۇ.

مەسىلەن، ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «سالام ‹ۋەبەرەكاتۇھۇ› بىلەن تۈگەيدۇ» دېگەن.(10)

ئىمام مالىكنىڭ ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مەزكۇر ھەدىسنى ئىمام مالىكتىن رىۋايەت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ» دەپ بولدى قىلسۇن، چۈنكى سۈننەتكە ئەگىشىش ئەۋزەلدۇر.(11)

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇتقان يولى، سالامنى ‹ۋەبەرەكاتۇھۇ› دا ئاخىرلاشتۇرۇش» دېگەن.(12)

بۇ ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان سۆزدۇر. چۈنكى، ئاز بولسىمۇ سۈننەتكە مۇۋاپىق ئىش، سۈننەتكە زىت كۆپ ئىشتىن ئەۋزەلدۇر. بىز ھەرقانچە ياخشى سۆزلەرنى توپلىساقمۇ، يەنىلا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن مول مەزمۇنلۇق، يىغىنچاق ئىبارىلەرنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەيمىز. ئەلبەتتە، ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى ھەممە ياخشىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «سالام بەركەتنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئەڭ مۇكەممەللىشىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۈچ سۆز يامانلىقتىن ساقلىنىش، ياخشىلىققا ئېرىشىش ۋە بۇ ياخشىلىقنىڭ مۇقىم بولۇشى، كۆپ بولۇشى ۋە داۋام قىلىشى قاتارلىق بارلىق تىلەكلەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ مەنىسى يوق. بۇ سەۋەبتىن، مەشھۇر ئەسەردە: سالام ‹ۋەبەرەكاتۇھۇ› بىلەن تۈگەيدۇ، دەپ كەلگەن».(13)

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى ئۇنىڭغا:

— ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، – دەپ سالام قىلغاندا، ئۇ:

— بىزگە ئارتۇق نەرسە قويۇپ قويمىدى. ھەقىقەتەن، سالام ‹ۋەبەرەكاتۇھۇ› دا ئاخىرلاشقان، — دېگەن.(14)

يەھيا ئىبنى سەئىد رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ۋەلغادىيات ۋەررائىھات» دەپ سالام قىلغاندا، ئۇ، بۇ سالام قىلىش ئۇسۇلىنى يامان كۆرگەندەك قىلىپ: «ساڭا مىڭى بولسۇن» دېگەن.(15)

دېمەك، ھەزرىتى ئۇرۋە ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ ئارتۇق ئىبارە قېتىۋېلىشنى توغرا تاپمىغان ۋە يامان كۆرگەن.

﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن ئى ئەھلى بەيت!﴾(11/«ھۇد»: 73) دېگەن ئايەتمۇ بىرقانچە ساھابە – كىراملار تەرىپىدىن، سالامنى «ۋەبەرەكاتۇھۇ»دىن ئارتۇق قىلىشنىڭ مەكرۇھ بولىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىنغان.(16)

يۇقىرىقى دەلىللەر، «ۋەبەرەكاتۇھۇ»دىن ئارتۇق ئىبارىلەرنى قېتىپ سالام قىلىش ياكى قايتۇرۇشنىڭ سۈننەتكە خىلاپ، مەكرۇھ ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 15 – زۇلھەججە / م. 2011، 11 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 105 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «مۇسلىم»، (203).
2. يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشتىلا بويى ئاتمىش گەز قىلىپ ياراتقان. ئەمما، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى بولسا، ئابى مەنى، ئويۇل قان، بىر چىشلەم گۆشتىن ياراتقان ۋە بوۋاقلىق، سەبىيلىك … قاتارلىق بىر نەچچە باسقۇچتىن كېيىن چوڭ ئىنسان قىلغان. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 22/229.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6227)؛ «مۇسلىم»، (2841).
4. «مۇسلىم»، (249).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (831)؛ «مۇسلىم»، (402).
6. «ئەھمەد»، (19962)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (5195)؛ «تىرمىزىي»، (2689). تىرمىزىي «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
7. «ئەھمەد»، (19962)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (5196)؛ «تىرمىزىي»، (2689). ئىمام ئىبنى ھەجەر «زەئىف» دېگەن. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 11/6. ئالبانىيمۇ «زەئىف» دېگەن.
8. ئىبنۇلقەييىم : «زادۇلمەئاد»، 2/418.
9. ئىبنۇسسۈننىي: «عمل اليوم والليلة»، ( 235). ئىمام ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 11/6): «ئىبنۇسسۈننىي بەكلا زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان» دېگەن؛ ئالبانىيمۇ «زەئىف» دېگەن.
10. «مالىك»، (1721).
11. «مالىك»، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەسەن شەيبانىي رىۋايەتى (914).
12. ئىبنۇلقەييىم : «زادۇلمەئاد»، 2/417.
13. ئىبنۇلقەييىم: «بەدائىئۇل فەۋائىد»، 2/406.
14. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (9066).
15. «مالىك»، (1721).
16. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 12/102.

Please follow and like us:
Exit mobile version