ئاياللارنىڭ قارا كىيىنىشىنىڭ ھۆكمى

ئاياللارنىڭ قارا كىيىنىشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھىجابنىڭ شەرىئەتتىكى ئۆلچىمى قانداق؟ مەقسىدىچۇ؟ چوقۇم قاپقارا رەڭلىك كىيىم بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئاياللىرىمىز قاپقارا كىيىم كىيىپ سىرتقا چىقسا ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن، ئاياللارنىڭ كىيىمىنىڭ بىر شەرتى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق بولغاندىكىن بەك ئوچۇق رەڭلىك كىيىم كىيمەي سەل ئوچۇقراق، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان رەڭلەردىكى كىيىملەرنى كىيسە بولامدۇ؟ ئاللاھ سىزنى سالامەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ،

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا كىيىم – كېچەكلەرنى رىزىق قىلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ ئىسپاتلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ﴿ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى لىباسنى ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر﴾(ئەئراف: 26).

ئاللاھ تائالا كىيىمنىڭ زىننەتلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر قېتىم ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا زىننەتلىنىڭلار﴾(ئەئراف: 31). مۇپەسسىرلەر ئايەتتىكى «زىننەت» دېگەن سۆزنى «ئەۋرەتنى يۆگەيدىغان نەرسە» دەپ تەپسىرلىگەن. چۈنكى ئەۋرەتنى يۆگەش ئىنسان ئۈچۈن زىننەتتۇر.

يەنە بۇنىڭ بىر نېئمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ سىلەرگە ئىسسىقتىن (ۋە سوغۇقتىن) ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى (زىيان – زەخمەتتىن) ساقلايدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى تەييار قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى ئىتائەت قىلسۇن دەپ سىلەرگە ئەنە شۇنداق مۇكەممەل نېئمەتلەرنى بېرىدۇ﴾(نەھل: 81).

دېمەك، كىيىنىشتىن مەقسەت ئەۋرەتنى يۆگەش ئارقىلىق ياسىنىش ۋە ئىسسىق – سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىشتۇر.

مۇسلىمەلەرنىڭ كىيىمى شەرىئەتتىكى ھىجابىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. شەرئىي ئۆلچەم بولسا، ئەۋرەتنى يۆگەيدىغان بولۇشى، تار ياكى نېپىز بولماسلىقى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولماسلىقى ۋە ئەرەنچە ياكى كاپىرلارغا خاس كىيىم بولماسلىقىدۇر.

ھىجابنىڭ مەقسىتى ۋە ھېكمىتى بولسا، پەقەت قىز – ئاياللارنى قوغداشلا بولۇپ قالماي، ئەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جەمئىيەتنى قوغداشتۇر. يەنى ھىجاب ئارقىلىق زىنا – پاھىشە ۋە ئەخلاقسىزلىقتەك يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. چۈنكى، ھىجاب ئەۋرەتنى يۆگەش ئارقىلىق زىنا – پاھىشەگە ئېلىپ بارىدىغان يالىڭاچلىشىشنى ۋە ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتىن كېلىپ چىقىدىغان پىتنىنى توسىدۇ. قىز – ئاياللارنى ئۇلارغا يامان غەرەزدە ناشايان چاقچاق، پوخۇرلۇق، ھەتتا ئەمەلىي زىيانكەشلىك قىلىدىغانلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قوغدايدۇ. شەرم – ھايا ۋە ئىپپەت – نومۇسلۇق تاشقى قىياپەت بىلەن ئاياللارنىڭ ئىززىتىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئەينى دەمدە ئەرلەرنىمۇ قاراش ھارام بولغان مەھرەم ئەزالارغا خاھلاپ ياكى خاھلىماي قاراش، ۋەسۋەسە، شەھۋەتنى قوزغاش، بېرىپ – بېرىپ زىنا – پاھىشەگە چۈشۈپ قېلىشلاردىن قوغدايدۇ. دەرھەقىقەت ئىمام غەززالىي ئېيتقاندەك، كۆز –زىنانىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. شۇڭا، پۈتۈن بالايى – ئاپەتلەر نامەھرەمگە قاراشتىن پەيدا بولىدۇ(1). ھالبۇكى، ھىجاب ئەرلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى بولمىغۇر ئوي – خىياللاردىن خاتىرجەم قىلغاندەك، قىز – ئاياللارنىڭ كۆڭۈللىرىنىمۇ خاتىرجەم قىلىدۇ. شۇنداقلا قىز – ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا كىيىنىش ۋە يۈرۈش – تۇرۇشتا ئوخشاپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ، ئايال زاتىنىڭ ھايا ئاساسىغا قۇرۇلغان فىترىتىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جەمئىيەتنىمۇ تۈرلۈك ناشايان مۇناسىۋەتلەر، ھاياسىزلىق، توي قىلمىغان ياشلارنىلا ئەمەس، ئۆي – ئوچاقلىق كىشىلەرنىمۇ تاپتىن چىقىشقا ئۈندىگۈچى پاراكەندىچىلىكلەردىن قوغداپ، پىكىر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىنسانىيەت مەنپەئەتىگە كۈچ چىقىرىشقا يۈزلەندۈرىدۇ. دېمەك، ئاخىر ھېسابتا ھىجاب خۇددى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى چارە – تەدبىر بولۇپلا قالماي، دىننى قوغداش، ئىپپەت – نومۇس، ئەقىل – پىكىر، ئىنسان ۋە ئومۇمىي جەمئىيەتنى قوغداشتەك شەرىئەتنىڭ ئاساسىي مەقسەت – نىشانلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ھەقىقەتەن، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بەلگىلەشتىكى مەقسەت ئىمام شاتىبىي ئىخچام قىلىپ ئېيتقاندەك: «ئاللاھنىڭ بىئىختىيار بەندىسى بولغان ئىنساننىڭ، ئۆز نۆۋىتىدە ئىختىيارىي ھالدا ئاللاھقا بەندە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى نەپس – خاھىشىنىڭ رىغبەتلىرىدىن خالاس قىلىشتىن ئىبارەت»تۇر(2). ھىجاب مەسىلىسىدىمۇ ئاياللار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، نەپس – خاھىشىدىكى «ياسىنىپ جەزبىدار كۆرۈنۈش ۋە ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش» ھەۋىسىنى تاشلاش ئارقىلىق ئاللاھقا بەندە بولۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

شەرىئەتنىڭ ھىجابقا بۇيرۇشتىكى ھېكمەت ۋە مەقسەتلىرى يۇقىرىقىدەك بولغاچقا، دىنىمىز ھىجابقا ئومۇمىي ئۆلچەمنى بېكىتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەلۇم بىر رەڭدە ياكى مۇقىم پاسوندا بولۇشىنى بېكىتىۋەتمىگەن. ئۆلچەمگە چۈشكەن ھەرقانداق كىينىشنىڭ ئورتاق ئىسمى ھىجابتۇر. چۈنكى، ئىسلام دۇنياۋى ئەبەدىي دىندۇر. ئۇنىڭ شەرىئىتى تاكى قىيامەتكە قەدەر ھەرخىل جەمئىيەت ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەردە تەتبىقلىنىدۇ. شەرىئەت بېكىتكەن ئۆلچەمگە رىئايە قىلىنسىلا، ئاياللار خاھلىغان رەڭ ۋە تەرزدە كىيىنسە بولىدۇ. بۇ نۇقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەزۋاج مۇتاھھەرەلىرى ۋە قىزلىرى، مۇھاجىر ۋە ئەنسار ساھابە كىراملارنىڭ قىز – ئاياللىرى تەرىپىدىن ئەمەلىي تەتبىقلاشلىرىدا ئىنتايىن ئايدىڭ بولۇپ كەتكەن مەسىلىدۇر. يەنى ھىجابنىڭ قارا ياكى مەلۇم بىر رەڭدە بولۇشى شەرت ياكى ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئايال زاتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندۇر. بۇ خۇسۇستا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

ئەكسىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىم – كېچەك ھەققىدە ئەرلەرگە، شۇنداقلا ئاياللارغىمۇ ئاق رەڭنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمىلىرى بار. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاق كىيىملەرنى كىيىڭلار. چۈنكى، ئۇ كىيىملىرىڭلارنىڭ ياخشىراقلىرىدىندۇر. ئۆلۈكلىرىڭلارنى ئاقتا كېپەنلەڭلار»(3).

سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاق كىيىملەرنى كىيىڭلار! چۈنكى ئۇ بەك پاكىز ھەم تازىدۇر. ئۆلۈكلىرىڭلارنى ئۇنىڭدا كېپەنلەڭلار»(4).

بۇ ھەدىستىكى خىتاب ئەر، ئايال ھەممىسىگە ئومۇم بولۇپ، ئاق كىيىم ھەرقانداق رەڭدە بويالمىغانلىقى بىلەن بۇلغانمىغان فىترەتكە، كىر قونسا دەرھال مەلۇم بولىدىغانلىقى بىلەن پاكلىققا ئەڭ يېقىن بولغان، ھەر يەر ۋە ھەر دەۋردە ئاسان تېپىلىدىغان كىيىمدۇر. شۇڭا، ھاياتلارغىمۇ، مېيىتلەرگىمۇ مۇستەھەپتۇر.

قارا رەڭمۇ باشقا رەڭلەر بىلەن تەڭ دەرىجىدە جائىزدۇر. بەزى دىيانەتلىك ئاچا – سىڭىللىرىمىز: «سىرتقا چىققاندا قارا رەڭدە كىيىش كېرەك» دەپ قارىشى، باشقا رەڭدە كىيىنگەن دوستلىرىنى ئەيىبلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە قارا رەڭ ۋاجىپ ياكى شەرئىي نۇقتىدىن قارا رەڭ باشقا رەڭلەردىن مۇتلەق ئەۋزەل دەيدىغانغا پۇتتىرەپ تۇرغىدەك بىرەر شەرئىي دەلىلمۇ يوق. رەڭ جەھەتتە ئازادىچىلىك بار. شۇڭا، بۇنىڭغا كىرىشىۋېلىش ھاجەتسىز. كۆپ قىسىم ھەمشىرىلىرىمىز قارا رەڭنى ۋاجىپ دەپ قارىمىسىمۇ، ياسىنىشتىن ئەڭ يىراق دېگەن قاراش بىلەن قارا رەڭنى تاللىشى مۇمكىن، ساھابە ئاياللارنىڭ قارا كىيگەنلىكى ھەققىدە بەزى بايانلار كەلگەن:

ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھەدىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ: «﴿پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن﴾(ئەھزاب: 59) دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، ئەنسارلارنىڭ ئاياللىرى باشلىرىنى يۆگىگەن لېچەكلىرى بىلەن خۇددى بېشىغا قاغا قوندۇرۇۋالغاندەك ھالەتتە چىققان ئىدى» دېگەن(5).

بىر كۈنى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىرنەچچە ئايال بىلەن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندا، قۇرەيش ئاياللىرىنىڭ پەزل ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى تىلغا ئېلىندى. ھەزرىتى ئائىشە بۇنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: «توغرا، قۇرەيش ئاياللىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بارلىقىدا گەپ يوق. لېكىن، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئەنسارلارنىڭ ئاياللىرىدىنمۇ ئەۋزەلرەك، ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئىشىنىشتە ئۇلاردىنمۇ بەكرەك سەمىمىي ئاياللارنى كۆرمىدىم. ‹نۇر› سۈرىسىدىكى ﴿لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن﴾ دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، ئەرلەر ئاياللىرىغا ›نۇر‹ سۈرىسىدە ئاياللار ھەققىدە نازىل بولغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ بەرگەن. ھەربىر ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالى، قىزى، ئاچا – سىڭىللىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ئايەتلەرنى ئوقۇپ بەرگەندە، ئۇلاردىن بىرمۇ ئايال قېپقالماستىن، ھەممىسى ئاللاھ نازىل قىلغان «قۇرئان» ئايەتلىرىگە ئىشەنگەن ۋە ئەمەل قىلغان ھالدا دەرھال گۈللۈك كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا ئارتىۋالغان. ئەتىسىدىن تارتىپلا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا باشلىرىنى يۆگىگەن ھالدا خۇددى بېشىغا قاغا قوندۇرۇۋالغاندەك ھالەتتە تۇرىدىغان بولغان ئىدى»(6).

بۇ ھەدىسلەردىن ئۇلار ئورىنىۋالغان پۈركەنجىلەرنىڭ ۋە بېشىغا ئارتىۋالغان روماللارنىڭ قارا ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەمما، بۇ قارىدىن باشقىسى جائىز ئەمەس دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا كىيىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەنلىكى جەھەتتىن قارا رەڭنى كىيسە جائىزلىقىنى، باشقا رەڭنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتىكى مۇھاجىرە ۋە ئەنسارە ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تاللىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر بىر مۇسلىمە ئايال قارا رەڭنى تاللىسا، بۇ ئۇنىڭ تاللىشى ۋە بۇ تاللىشى ھۆرمەت قىلىنىشى، ئەيىبلەنمەسلىكى ۋە ئۇنى باشقا رەڭگە ئۆزگەرتىشكە زورلانماسلىقى لازىم.

لېكىن، مەلۇم جەمئىيەت ياكى دۆلەتلەردە قارا ياكى قىزىل، ياكى يېشىل رەڭ ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغان، ياكى يامان تەسىر بېرىدىغان، ۋە ياكى ناچار مۇئامىلىگە يولۇقتۇرىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقا رەڭلەر ئەۋزەل بولۇشى ئېنىق.

شۇڭا، ئاياللارنىڭ كىيىمى ئالاھىدە دىققەت قوزغىمايدىغان بولۇشى كېرەك دېگەن شەرتكە رىئايە قىلغان ئاساستا، رەڭ تاللاشتا ھەربىر شەھەر ياكى يۇرتنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە رىئايە قىلىش ئاقىلانە ئىشتۇر. قارا كىيمەيدىغان يۇرتتا قارا كىيىش ياكى ئاق كىيمەيدىغان يۇرتتا ئاق كىيىش دىققەت تارتىشى مۇمكىن. شۇڭا زىيانلىق بولمىغان ئەھۋالدا ئىسلام ئازادە قويۇۋەتكەن دائىرىنى تارايتىۋالماسلىق بىلەن بىللە، رۇخسەت قىلىنغان قارا رەڭگە ئېتىراز بىلدۈرۈشمۇ توغرا ئەمەس.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزچىل قارا كىيىش بۇنى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ۋاجىپ ياكى سۈننەتتەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.

يۇقىرىدا ئاق كىيىمنىڭ ئەر ۋە ئاياللارغا ئەۋزەل ئىكەنلىكى، باشقا رەڭلەرنىڭ جائىز ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى. ئەمدى باشقا رەڭلەرنىڭ جائىزلىقىنى تەكىتلەيدىغان ھەدىس ۋە ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى:

ئاق كىيىم ھەققىدە يۇقىرىدا بىر ھەدىس كەلتۈرگەن ئىدۇق، بۇ ھەقتە ساھەبەلەردىن ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا دىھيە ئەلكەلبىي ھەدىيە قىلغان قېلىن ئاق مىسىر رەختىدىن بىر پارچە بەرگەن ئىدى، مەن ئۇنى ئايالىمغا كىيىم قىلىپ بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن:

 – مىسىر رەختىنى نېمىشقا كىيمىدىڭ؟ – دەپ سورىۋىدى، مەن:

– يا رەسۇلۇللاھ مەن ئۇنى ئايالىمغا كىيىم قىلىپ بەردىم، – دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

– ئۇنى ئىچىگە ئىچ كۆڭلەك كىيىۋېلىشقا بۇيرۇغىن، ئۇستىخانلىرىنى مەلۇم قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن، – دېدى(7).

قىزىل كىيىم ھەققىدە تابىئىن ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھ، ئۆزىنىڭ ئەلقەمە ۋە ئەسۋەدلەر بىلەن بىللە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەنلىرىدە ئۇلارنى قىزىل يېپىنچىلاردا كۆرگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(8).

ئىبنى ئەبى مۇكلەيكە: «مەن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۇچىسىدا زەجىۋەدە (قىزغۇچ سېرىق) بويالغان كۆينەك بىلەن يېپىنچا كۆرگەنمەن» دېگەن(9).

ھەزىرىتى ئائىشە ئانىمىزنىڭ جىيەنى ئەلقاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېھراملىق ھالىتىدە زەجىۋەدە (قىزغۇچ سېرىق) بويالغان كىيىملەرنى كىيەتتى(10).

فاتىمە بىنتى ئەلمۇنزىر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېھراملىق ھالىتىدە زەجىۋەدە (قىزغۇچ سېرىق) بويالغان كىيىملەرنى كىيەتتى(11).

سەئىد ئىبنى جۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەزى ئاياللىرىنىڭ ئۇچىسىدا زەجىۋەدە (قىزغۇچ سېرىق) بويالغان كىيىم بار ھالىتىدە كەئبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن(12).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن زەجىۋەدە بويالغان قىزغۇچ كىيىملەرنى كىيىشنىڭ ھۆكمى سورالغاندا: «ئاياللار كىيسە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن(13).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئېھراملىق ئايال ئالتۇن – كۈمۈش زىبۇزىننەت، قارا ۋە قىزىل بويالغان كىيىم – كېچەك، شۇنداقلا ئۆتۈك كىيسە ھېچقىسى يوق» دەپ قارىغان(14).

ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئەيمەن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرسەم، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا بەش تەڭگىگە يارىغۇدەك ئاددىي بىر قىزغۇچ پاختا كۆينەك بار ئىكەن. ئۇ ماڭا: ‹بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ماۋۇ كېنىزىكىمگە قارا. ئۇ تېخى ئۆي ئىچىدە كىيىشتىنمۇ ھاكاۋۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر كۆينىكىم بار ئىدى، مەدىنەدە بىرەر ئايال تويىغا ياساندۇرىلىدىغان بولسىلا، ماڭا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ كۆينەكنى ئارىيەتكە ئالاتتى› دېدى»(15).

ئالىملاردا ئاياللار ئارىسىدا زەجىۋەدە (قىزغۇچ سېرىق) ۋە قىپقىزىل بويالغان كىيىمنى كىيىشىنىڭ جائىزلىقىدا پىكىر ئوخشىماسلىقى يوق(16).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنى ئېھرام باغلىغاندا پەلەي كىيىش، نىقاپ ئارتىش، زەپران ۋە باشقا خۇشپۇراق نەرسىلەر چېچىلغان كىيىملەرنى كىيىشتىن توستى. زەجىۋەدە قىزغۇچ سېرىق بويالغان، يىپەكتىن ئىشلەنگەن، زىننەتلەنگەن ھەرخىل كىيىملەردىن خاھلىغىنىنى كىيىشكە، شۇنداقلا تامبال، كۆينەك، ئۆتۈك قاتارلىقلارنى كىيىشكە رۇخسەت قىلدى»(17).

يېشىل كىيىم ھەققىدە ئىمام بۇخارىينىڭ بىر ھەدىسىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «رىفائە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى يېشىل رومال ئارتىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى» دېگەن(18).

ئىمام ئىبنى بەتتال مۇنداق دەيدۇ: «يېشىل كىيىم جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىمىدۇر. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ﴾( كەھف: 31) مانا بۇ يېشىل كىيىم كىيىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىشتا ۋە ئۇنىڭغا تەرغىب قىلىشتا يېتەرلىكتۇر»(19).

يوللۇق قارا كىيىم ھەققىدە ئىمام بۇخارىي رەھىمەھۇللاھ خالىد ئىبنى سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئۇممۇ خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بىر ۋاقىئەنى نەقىل قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىرنەچچە كىيىم كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك ۋە يول – يول قارا بىر كىيىم بار بولۇپ، رەسۇلۇللاھ: «بۇنى كىمگە كىيدۈرسەك بولار؟» دەيدۇ، سورۇندىكىلەر جىم تۇرۇشىدۇ، رەسۇلۇللاھ: «ماڭا خالىدنىڭ قىزىنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ خالىد رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۆز قولى بىلەن ھېلىقى يول – يول كىيىمنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويۇپ: «بۇ كىيىمنى كونىرىتىپ باشقىنى كىيگەيسىز!» دەيدۇ. ئۇ كىيىمدە يېشىل – ياكى سېرىق – سىزىق بار ئىكەندۇق، رەسۇلۇللاھ (ھەبەش تىلىدا): «ئى خالىدنىڭ قىزى! بۇ سەناھ!» دەيدۇ. «سەناھ» دېگەن ھەبەش تىلىدا: «چىرايلىق» دېگەن مەنىدىدۇر(20). بۇ ھەدىس قىز – ئاياللارنىڭ قارا ۋە سىزىقلىق قارا كىيىملەرنى كىيسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

خۇلاسە: ئاياللارنىڭ قاپقارا كىيىنىشى شەرت ياكى ۋاجىپ ئەمەس، خاھلىسا قارا رەڭدە ياكى دىققەت تارتمايدىغان باشقا رەڭلەردە كىيىنسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2021. 3. 14

————————————-
1. «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3 – توم، 102 – بەت.
2. «ئەلمۇۋافىقات»، 2 – توم، 168 – بەت.
3. «ئەبۇ داۋۇد»، 3878 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 5323 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3556 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
4. «تىرمىزىي»، 2810 – ھەدىس. تىرمىزىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. «نەسائىي»، 5322 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3557 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
5. «ئەبۇ داۋۇد»، 4101 – ھەدىس. ئالبانىي: («ھىجابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە»، 28 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
6. بۇنى ئىبنى ئەبى ھاتىم «نۇر سۈرىسى»نىڭ تەفسىرىدە (14406 – ھەدىس) رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ھەجەرمۇ («فەتھۇل بارىي»، 8 – توم، 490 – بەت) بايان قىلغان. ئالبانىي بۇ خىل جەرياننى: («غايەتۇل مەرام»، 483 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن.
7. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21834 – ھەدىس. ئالبانىي: («جىلبابۇل مەرئە»، 131 – بەت) «ھەسەن» دېگەن.
8. ئىبنى ئەبى شەيبە: «ئەلمۇسەننەف»، 25233 – ھەدىس. ئالبانىي: («جىلبابۇل مەرئە»، 121 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
9. ئىبنى ئەبى شەيبە: «ئەلمۇسەننەف»، 25235 – ھەدىس. ئالبانىي: («جىلبابۇل مەرئە»، 122 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
10. ئىبنى ئەبى شەيبە: «ئەلمۇسەننەف»، 25236 – ھەدىس. ئالبانىي: («جىلبابۇل مەرئە»، 122 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
11. ئىبنى ئەبى شەيبە: «ئەلمۇسەننەف»، 25239 – ھەدىس. ئالبانىي: («جىلبابۇل مەرئە»، 122 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
12. ئىبنى ئەبى شەيبە: «ئەلمۇسەننەف»، 25240 – ھەدىس. ئالبانىي: («جىلبابۇل مەرئە»، 123 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
13. ئىبنى ھەزم: ««ئەلمۇھەللا»، 2- توم، 389 – بەت.
14. «بۇخارىي»، «ئېھرام باغلىغۇچىنىڭ يەكتەك ۋە ئىزارلاردىن قانداق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىدىغانلىقى توغرىسىدا» دېگەن باب.
15. «بۇخارىي»، 2628 – ھەدىس؛
16. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 16 – توم، 123 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «شەرھۇل ئۇمدە»، 4 – توم، 370 – بەت.
17. «ئەبۇ داۋۇد»، 1827 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد »، 1603 – ھەدىس.) «ھەسەن ۋە سەھىھ» دېگەن.
18. «بۇخارىي»، 5825 – ھەدىس.
19. ئىبنى بەتتال: «شەرھى سەھىھۇل بۇخارىي»، 9 – توم، 102 – بەت.
20. «بۇخارىي»، 5823 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ