سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، قىز – ئوغۇللار توي قىلىشتىن بۇرۇن مۇھەببەتلەشسە بولامدۇ؟ ھازىرقى ياشلار مۇشۇ تەرەپتىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئىسلام دىنى سۆيگۈ – مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان دىندۇر، ھەربىر مۇئمىننىڭ ئىمانى سۆيگۈ – مۇھەببەتسىز مۇكەممەل بولالمايدۇ. سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭ ئىسلامدا كاتتا ئورنى بار. مەسىلەن، ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى سۆيىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى سۆيگەي»﴾(3/«ئال ئىمران»: 31).
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھېچكىم بىرەر كىشىنى ياخشى كۆرگەندە، ئۇنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا ياخشى كۆرمىگىچە، ئاللاھ ئۇنى كۇفۇردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئوتقا تاشلىنىش كۇفۇرغا قايتىشتىنمۇ سۆيۈملۈكرەك بولمىغىچە، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئۇ كىشى ئۈچۈن بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكرەك بولمىغىچە، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيالمايدۇ».(1)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىنسان (قىيامەت كۈنى) ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن بىللە بولىدۇ» دېگەن.(2)
دېمەك، ئىسلامدا مۇھەببەتنىڭ شۇنچە كاتتا ئورنى بار، ئاللاھنى سۆيۈش، كىتابىنى سۆيۈش، پەيغەمبىرىنى سۆيۈش، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى سۆيۈش، ئاتا – ئانا، ئەقرىبالارنى، ھەمراھىنى سۆيۈش، پەرزەنتلىرىنى سۆيۈش…
بىراق مۇھەببەت دېگەن سۆز ھازىر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، پەقەتلا يات قىز – ئوغۇللار ئوتتۇرىدىكى بىر بىرىگە قارىتا مايىللىق ياكى ياقتۇرۇپ قېلىش، ياكى ئەتراپتىكى كۆپىنچە ياشلار شۇنداق ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان، ئۇندىن كېيىنكى ھارام ئارىلىشىش ۋە مۇناسىۋەت قىلىشنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ قالدى. بۇلاردا ئادەتتە، پىداكارلىق، قۇربان بېرىش ۋە سەمىمىي بولۇشتەك سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭ بىرەر تەقەززاسىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقىقىي سۆيگۈ – مۇھەببەت نامىدا قىلىنغان بىر مەئسىيەت ياكى ھەقىقىي سۆيگۈ – مۇھەببەتكە قىلىنغان بىر ھاقارەتتۇر.
شەرئى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدا سۆيگۈ – مۇھەببەت ھارام دەيدىغان گەپ يوق. لېكىن، ئىسلام يول قويغان سۆيگۈ – مۇھەببەت دائىرىسى بار، ئۇنىڭ سىرتىدىكى سۆيگۈ – مۇھەببەت ھارام قىلىنغان دائىرە ھېسابلىنىدۇ.
ھالال ياكى مۇباھ بولغان سۆيگۈ – مۇھەببەت دېگىنىمىز، يىگىت ياكى قىز بىرسى بىلەن يۈرسەم بولاتتى دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ، بىرسىنى تېپىپ ياخشى كۆرىمەن دەپ ئارىلىشىپ يۈرۈش ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىرسىگە توساتتىن مايىللىق ھېس قىلىپ، ھەقىقىي ياقتۇرۇپ قېلىش ياكى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن ئىبارەت. بۇ ئىنساننىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس. شۇڭا، بۇنى گۇناھ دېگىلى بولمايدۇ.
بۇنىڭغا دۇچ كەلگەندە پاراڭلىشىپ، خەت يېزىپ ياكى تېلېفون قىلىپ يۈرمەي، ئائىلە تەرەپتىن ئەلچى ئەۋەتىپ، نىكاھ قىلىپ توي قىلىش كېرەك. رەت قىلىنسا ياكى توي قىلالمايدىغان بولسا، ئارىلىشىپ يۈرمەي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، ئىسلام ئەدەب – ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى كېرەك. كېيىنچە توي قىلىمىز دەپ ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
ھارام سۆيگۈ – مۇھەببەت دائىرىسى بولسا: قەلبىدە مايىللىق بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بىرىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ يۈرۈپ، توي قىلماستىن ئۇچرىشىپ، ئارىلىشىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت. بۇنداق ئارىلىشىشتا يۆگەشكە بۇيرۇلغان ئەۋرەتنى ئېچىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، خىلۋەت جايدا نامەھرەم بىلەن بىللە بولۇش، تۇتۇش ۋە سۆيۈشۈش ھەتتا زىنا قاتارلىق ھارام ئىشلار سادىر بولىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىنتايىن يامان.
ھېسسىيات ئەقىلدىن ئۈستۈن كېلىدىغان ياشلىق دەۋرىدە، شەرئى نىكاھتىن تاشقىرى ئىككى جىنس ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدۇ. نەتىجىدە، ئىسلام كۆرسەتمىسىگە رىئايە قىلمىغانلىقتىن مەيلى قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۆزىنىڭ ئىپپەت – نومۇسىنى ساقلىمايدۇ. ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە ئار – نومۇس كەلتۈرىدۇ.
بەزىدە زىنا سادىر قىلىپلا قالماي قورساقتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، جىنايەتنىڭ ئۈستىگە جىنايەت سادىر قىلىپ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە لايىق بولۇپ قالىدۇ.
دېمەك، ئىسلام دىنى ئىككى جىنس ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى رەتكە سېلىپ، ئۆزئارا تەقۋادارلىق ۋە ياخشىلىققا ھەمكارلىشىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى يولغا قويۇپ، يامان تەرەپكە تارتىدىغان بارلىق ئىشلارنى چەكلىۋەتكەن، پەقەت ساغلام بىر يولنىلا ئېچىپ ساغلام مۇناسىۋەتكە يول قويغان، ئۇ بولسىمۇ، شەرئى نىكاھ قىلىپ توي قىلىشتۇر.
شەرئى نىكاھ قىلماي تۇرۇپ ئۆزئارا مۇھەببەتلىشىش ئىسلام چەكلىگەن ئىشتۇر. چۈنكى، بۇ ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا ئېنىق خىلاپلىق قىلىش ۋە ھارامغا جۈرئەت قىلىشتىن ئىبارەت. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، ھارامغا تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن﴾(24/«نۇر»: 30)، ﴿يەنە مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، ھارامغا تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن ﴾(24/«نۇر»: 31).
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھېچبىر ئەر كىشى يات ئايال بىلەن مەھرىمى يېنىدا بولمىغان ئەھۋالدا، خالىي يەردە بىللە بولمىسۇن» دېگەن.(3) بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش دۇنيادا شەخس ۋە جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىش ئاخىرەتتىمۇ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق قىيامەت كۈنى ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئەرشى ئاستىدا سايىدىتىدۇ. ئۇلار: ئادىل پادىشاھ، پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن يىگىت، ئەس – يادى ھەمىشە مەسجىدلەرگە باغلانغان ئادەم، ئاللاھ ئۈچۈن بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، ئاللاھ ئۈچۈن بىر يەرگە كەلگەن، ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىلىشقان ئىككى كىشى، ئېسىل ۋە چىرايلىق بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، ئاللاھتىن قورقىمەن دەپ ئۇنى رەت قىلغان ئادەم، ئوڭ قولى بىلەن بەرگەن سەدىقىنى سول قولى بىلمەيدىغان دەرىجىدە مەخپىي بەرگەن ئادەم ۋە پىنھان جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلگەن ئادەم».(4)
بۇ ھەدىستە، ئاللاھنىڭ ئەرشى ئاستىدا سايىدايدىغان يەتتە كىشىنىڭ ئىككىنچىسىنى، ئادەم ياكى كىشى دېمەي «يىگىت» دېيىشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ياشلىق دەۋرىدە ھاۋايى – ھەۋەس، شەھۋەت ۋە بۇزۇقچىلىققا چىللايدىغان تۈرلۈك ئامىللار كۈچلۈك ھەم كۆپ بولىدۇ.(5)
ئەلبەتتە، مەزكۇر ھەدىستىكى «يىگىت» دېگەن سۆز يىگىت ۋە قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىزمۇ ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ياشلىق دەۋرىنى تائەت – ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ سايىدىتىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
ھەدىستىكى تۆتىنچى تۈردىكى كىشى: «ئاللاھ ئۈچۈن بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، ئاللاھ ئۈچۈن بىر يەرگە كەلگەن، ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىلىشقان ئىككى كىشى». بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى قىز، بىرى ئوغۇل بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ياخشى كۆرۈش بولغان ئەھۋالدا، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلماسلىق زۆرۈر.
ھەدىستىكى بەشىنچى تۈردىكى كىشى: «ئېسىل ۋە چىرايلىق بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، ئاللاھتىن قورقىمەن دەپ ئۇنى رەت قىلغان ئادەم».
بۇ خۇددى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا ئوخشايدۇ. ئەھۋال ئەكسىچە بولۇپ، كېلىشكەن بىر يىگىت زىناغا چاقىرسا، رەت قىلغان قىزمۇ ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ سايىدىتىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
ھازىرقى دەۋرىمىزدە كۆپىنچە ياشلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، توردىكى مۇناسىۋەت بولۇپ، قىز – ئوغۇللار QQ، ئۈندىدار، مەسىنجېر، ۋاتساپ، تېلىگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ۋە چايخانىلاردا كامىرالىق ياكى كامىراسىز ئۆزئارا پاراڭلىشىشتىن، گەپ – سۆزدە ناز – كەرەشمە ئىزھار قىلىپ ئالاقىلىشىشتىن ساقلىنىش بەكلا مۇھىم.
بىلىپ – بىلمەي ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ سالغان ئەھۋالدا، تەۋبە يولى ئوچۇقتۇر. بەندە ھەقىقىي تەۋبە قىلسا، ئاللاھ گۇناھلارنى كەچۈرۈۋېتىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 11 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 14 – ماي
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 99 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «بۇخارىي»، (6041).
2. «بۇخارىي»، (6168).
3. «بۇخارىي»، (5233).
4. «بۇخارىي»، (1423).
5. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 23/287.