ئىككى قول بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئاياللارنىڭ ئۆزئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى

ئىككى قول بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئاياللارنىڭ ئۆزئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىككى قول بىلەن كۆرۈشۈش بىدئەتمۇ؟ بىز ئىلگىرى ئەرلەر قول ئېلىشىپ كۆرۈشەتتۇق، ھازىر قىزﻻرمۇ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدىغان بولۇپتۇ. بۇنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ؟ بۇنداق قىلىش توغرىمۇ ياكى چەكلىنەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش سۈننەت ئىشلاردىن بولۇپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ گۇناھلارنىڭ يۇيۇلۇشى، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ كۈچىيىشى، شۇنداقلا كۆڭۈلگە خاتىرجەملىك پەيدا قىلىشىدەك پايدىلىرى بار.

ئىمام نەۋەۋىي: «بىلگىنكى، ئۇچراشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن سۈننەتتۇر» دېگەن.(1)

كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «مەسجىدكە كىرىپ قارىسام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بار ئىكەن، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ دەرھال ئورنىدىن قوپۇپ، يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، مېنى مۇبارەكلىدى».(2)

قەتادە ئېيتىدۇ: مەن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:

— قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدە بارمىدى؟ —، دېسەم، ئۇ:

—ھەئە، — ، دېدى.(3)

كۆرۈشكەندە ئىككى قول بىلەن كۆرۈشسىمۇ بولىدۇ. بۇ ھەقتە چەكلىمە يوق. تېخى ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى ئىككى قول بىلەن كۆرۈشۈشنى سۈننەت، دەپ قارىغان.

سەلەفلىرىمىزدىن ھەمماد ئىبنى زەيد ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك بىلەن ئىككى قولىنى تۇتۇپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن.(4)

ئىمام بۇخارىي «سەھىھۇلبۇخارىي»دا بۇ رىۋايەتنى سەنەدسىز كەلتۈرگەن بولسىمۇ، تارىخ كىتابىدا ئابدۇللاھ ئىبنى سەلەمە ئەلمۇرادىينىڭ تەرجىمىھالىدا سەنەدى بىلەن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «ماڭا يەھيا ۋە ئۇندىن باشقا ئۇستازلىرىم ئاتام ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى: مەن ھەمماد ئىبنى زەيدنى كۆرگەن. مەككەدە ئىبنۇل مۇبارەك ئۇنىڭ قېشىغا كەلگىنىدە، ئۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىككى قول بىلەن كۆرۈشتى».(5)

ئىمام بۇخارىي: «ئاتام ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەلمۇغىرە ئەلجۇئفىي، ئەبۇل ھەسەندۇر. ھەمماد ئىبنى زەيدنىڭ ئىبنۇل مۇبارەك بىلەن ئىككى قولى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ مالىكتىن ھەدىس ئاڭلىغان» دېگەن.(6)

يەنە ئىمام ئىبنى ھەجەرمۇ، ئىمام بۇخارىينىڭ ئاتىسىدىن قىلغان يۇقىرىقى رىۋايەتىنى سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان.(7)

ئىمام ئىبنى ھەجەر يەنە ئىمام بۇخارىينىڭ ئاتىسى ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىمنىڭ ئىمام مالىك بىلەن ھەممادتىن ھەدىس رىۋايەت قىلغانلىقىنى، ئىسمائىلدىن يەھيا ئىبنى جەئفەر ئەلبىيكەندىي ۋە ئىراقلىقلارنىڭ ھەدىس رىۋايەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.(8)

دېمەك، بۇ سەلەفلىرىمىزدىن ئىمام بۇخارىيغا قەدەر سەنەدى تۇتاشقان رىۋايەتتۇر.

تابىئىنلار ئىش – ھەرىكەتلىرى شەرىئەتتە دەلىللەر جۈملىسىدىن بولمىسىمۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا، تابىئىنلارنىڭ تۇتقان يولى ساھابە – كىراملاردىن كەلگەن بولىدۇ. ئىككى قول بىلەن كۆرۈشۈشتە، تابىئىنلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى رەت قىلىدىغان بىرەر ئېنىق كۆرسەتمە بولمىغانلىقىمۇ، «بىزگە ئۇلارنىڭ ئىجتىھادى ۋە رايى ئۆزىمىزنىڭ رايىمىزدىنمۇ سۆيۈملۈك» دېگەن سۆزگە ماس كېلىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى سەخبەرە ئەبۇ مەئمەر رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ماڭا تەشەھھۇد ئېيتىشنى قۇرئاندىكى سۈرىلەرنى ئۆگەتكەندەك ئۆگەتكەن.(9)

ئىمام بۇخارىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مەزكۇر ئەسەر(10) بىلەن ھەدىسنى «سەھىھۇلبۇخارىي»دىكى، «ئىجازەت سوراش» بۆلۈمىدە، «ئىككى قولنى تۇتۇش بابى»دا، ئىككى قولنى تۇتۇپ كۆرۈشۈشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن.

چۈنكى، ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە مەلۇم بولىدۇكى، ئىمام بۇخارىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىككى قول بىلەن كۆرۈشۈشتە ئاساس قىلغان ھەدىس، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بولۇپ، ئىمام بۇخارىي بۇ ھەدىسنى «سەھىھ»ىدە بىرقانچە ئورۇندا رىۋايەت قىلغان. بىرى، «قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش بابى»دا، يەنە بىرى، «ئىككى قولنى تۇتۇش بابى»دا. ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرى ھەدىس مەزمۇنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تۇرۇپ ھەدىس رىۋايەت قىلىدىغان بولغاچقا، بىر بابقا «قول ئېلىشىش» دەپ ئېنىق نام قويۇپ، ئىككى قولنى تىلغا ئالمىغان. يەنە بىر بابتا «ئىككى قولنى» تىلغا ئېلىپ كۆرۈشۈشنى تىلغا ئالمىغان. بەلكى «تۇتۇش»نى تىلغا ئالغان. بۇ ھەقىقەتەن ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرىنىڭ ھەدىسشۇناسلىقتىكى ئالاھىدە تالانتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە ئىمام بۇخارىي بۇ ھەدىسنى، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشكە ئېنىق ئىپادىلەشكە يېقىن شەكىلدە، ئىشارەت بىلەن دەلىل قىلغان.

ئىمام ئىبنى بەتتال «سەھىھۇلبۇخارىي شەرھى»دە: «قولنى تۇتۇش، ئالاھىدە قول ئېلىشىشتۇر. بۇ ئالىملارنىڭ نەزەرىدە مۇستەھەبتۇر» دېگەن.(11)

ئىمام مۇھەممەد ئەنۋەرشاھ كەشمىيرىي مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتە، سۈننەتنىڭ كامىل شەكلى ئىككى قول بىلەن بولسا، سۈننەت بىر قول بىلەنمۇ ئادا بولىدۇ. ئىمام بۇخارىي ‹قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش بابى› نىڭ ئارقىدىلا ‹ئىككى قولنى تۇتۇش› دەپ باب قويغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ‹ھەدىسكە ئەمەل قىلىمىز› دەپ دەۋا قىلىدىغانلار ئىككى قول بىلەن كۆرۈشۈشنى ئەيىبلىشىدۇ. ئىمام بۇخارىينىڭ نەزەرىدە، بۇ مەسىلىدە ‹سەھىھۇلبۇخارىي›دىكى ئېغىر شەرتىگە چۈشىدىغان بىرەر ھەدىس بولمىغاچقا، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەشەھھۇدتىكى ھەدىسىنى كەلتۈرۈپ، تۈرگە دەلىل بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا، جىنسقا دەلىل بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. چۈنكى، ئۇ ھەدىستىكى قول ئېلىشىش سالاملىشىشتا ئەمەس، ئۆگىتىشتە بولغان. بۇ ئىككىسى ئايرىم – ئايرىم ئىككى ئىش. ئىككى قول بىلەن كۆرۈشۈشكە ئايرىم دەلىلمۇ يوق ئەمەس، ئەلبەتتە. بۇ ھەقتە ئىمام بۇخارىي ئىككى ئەسەرنى بايان قىلغان. يەنە ئىمام بۇخارىينىڭ ‹ئەلئەدەبۇل مۇفرەد› دېگەن كىتابىدا مەرفۇ ھەدىسمۇ كەلگەن».(12)

ئىمام بۇخارىي «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»تە مۇنداق رىۋايەت قىلغان: ئابدۇراھمان ئىبنى رەزىن مۇنداق دېگەن: «بىز رەبزەدىن ئۆتكەن ئىدۇق، بىزگە: ‹مۇشۇ يەردە سەلەمە ئىبنى ئەكۋەﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار› دېيىلىۋىدى، مەن دەرھال ئۇنىڭ قېشىغا باردىم. بىز ئۇنىڭغا سالام قىلساق، ئۇ ئىككى قولىنى چىقىرىپ: ‹مەن مۇشۇ ئىككى قولۇم بىلەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بەيئەت قىلغان› دېدى. ئاندىن تۆگىنىڭ ئالىقىنىدەك يوغان ئالىقىنىنى چىقىرىۋىدى، بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۇ ئالىقاننى سۆيدۇق».(13)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئىككى قول بىلەن كۆرۈشسە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دىيارىمىزدا بەزى ئەھۋاللاردا ئىككى قول بىلەن كۆرۈشمىگەن تەقدىردە، ئەدەبسىزلىك قىلغان بولۇپ، كۆڭۈل ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

ئاياللارمۇ، ئۆزئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە ياخشى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىستە: «ئىككى مۇسۇلمان ئۇچرىشىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ئالىقانلىرى ئايرىلىپ بولغىچە ئۇلارغا مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېگەن.(14)

بۇ ھەدىستىكى «مۇسۇلمان» دېگەن سۆز، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ھەرقانداق مۇسۇلمانغا ئومۇمدۇر. ئەمما، ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ فىتنەگە سەۋەب بولىدۇ.

خۇلاسە: ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن، ئەرلەرنىڭ ئەرلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى، قول ئېلىشقاندا بىر ياكى ئىككى قول بىلەن كۆرۈشۈشى ئىسلام تەرغىب قىلغان سۈننەت ۋە ياخشى ئىشلار قاتارىدىندۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 8 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 12 – ئاپرېل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 96 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————————
1. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلئەزكار»، 1/209.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4418)؛ «مۇسلىم»، (2769).
3. «بۇخارىي»، (6263).
4. «بۇخارىي»: «ئىككى قولنى تۇتۇش توغرىسىدا» دېگەن باب.
5. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «تەھزىبۇتتەھزىب»، 1/240.
6. بۇخارىي: «ئەتتارىخۇل كەبىر»، 1/342.
7. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «تەغلىقۇتتەئلىق»، 5/129.
8. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «تەھزىبۇتتەھزىب»، 1/240.
9. «بۇخارىي»، (6265).
10. ئەسەر (الْأَثَرُ): ئەرەب تىلىدا: «ئىز، خەبەر، ئىلگىرىكىلەردىن قالغان سۆز ۋە قالدۇق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، كۆپچىلىك مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياكى ساھابەگە، ياكى تابىئىنغا نىسبەت بېرىلگەن سۆز ياكى پېئىل، ياكى تەقرىر، ياكى جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي سۈپەت قاتارلىقلار»دىن ئىبارەت. بۇ قاراشقا ئاساسەن بۇ ئاتالغۇ ھەدىسنىڭ «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ئۈچ تۈرىگە قوللىنىلىدۇ. خۇراسان فەقىھلىرىنىڭ ئىستىلاھىدا «ئەسەر» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقىلاردىن رىۋايەت قىلىنغاننى يەنى ساھابەگە ياكى تابىئىنغا نىسبەت بېرىلگەن «مەۋقۇف» بىلەن «مەقتۇﺋ»نى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغاننى يەنى «مەرفۇﺋ»نى ئۇلار «خەبەر» دەپ ئاتايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 18 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ دوكتور نۇرىددىن ئىتر: «مَنْهَجُ النَّقْدِ فِيْ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ»، 28 – بەت. «دارۇلفىكر نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1979.
11. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 11/56.
12. مۇھەممەد ئەنۋەرشاھ كەشمىيرىي: «فەيزۇلبارىي»، 6/204.
13. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (973). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن. راۋىيلاردىن ئابدۇراھمان ئىبنى رەزىن قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئازادگەردىسى بولۇپ، ئۇنى ئىمام دارەقۇتنىي ۋە ئىبنۇلجەۋزىيلار «نامەلۇم» دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئىبنى ھىببان قاتارلىقلار «ئىشەنچلىك» دەپ قارىغان. قاراڭ: ئىبنۇلجەۋزىي: «ئەززۇئەفاﺋ ۋەلمەترۇكىن»، (1868)؛ ئىبنى ھىببان: «ئەسسىقات»، (3955).
14. «ئەھمەد»، (18571)؛ تەبارانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (8076). ئالبانىي ئىمام ئەھمەد رىۋايەتىنى «ھەسەن»، ھەيسەمىي رىۋايەتىنى «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ