سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يەتتە كۈن بولغان چاغدا ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بىرەر مۆتىۋەر ياكى ئىلىم ئەھلىگە ئېغىزلاندۇرىدىغان بىر ئادەت بار ئىكەن. شۇ بوۋاق ئېغىزلاندۇرغان ئادەمنى تارتىدۇ دەپ قارايدىغان ئىش بار ئىكەن. خورما ياكى ياڭاق ياكى قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق نەرسىلەرنى چايناپ، زەمزەم بىلەن بوۋاققا يېگۈزۈپ، دۇئا قىلىپ قويىدىكەن. بۇ بىدئەت ئىشمۇ قانداق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن، تۇغۇلغان چاغدا بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرۇشنىڭ سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىكىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق. چۈنكى، بۇ ھەقتە كۆپ سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن.
ئەبۇ بۇردە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ بىر ئوغلۇم تۇغۇلغاندا، مەن ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدىم. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويدى. ئاندىن خورما چايناپ ئۇنىڭ تامىقىغا (ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئۈستۈنكى چىشتىن تارتىپ بوغۇزغىچە بولغان قىسمىغا) سۈرتۈپ ئېغىزلاندۇرۇپ، بەرىكەت تىلەپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى. ئۇ ئەبۇ مۇسانىڭ بالىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ئىدى.(1)
ئۇرۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئېغىزلاندۇرۇپ قويۇشى ئۈچۈن بىر بوۋاق كەلتۈرۈلگەن ئىدى، (ئۇنى قۇچىقىغا ئالغىنىدا) بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى. رەسۇلۇللاھ سۈيدۈكنىڭ ئۈستىگە سۇ تۆكۈۋەتتى.(2)
ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرگە ھامىلىدار بولغان چېغىدا مۇنداق دېدى: «تۇغۇش ۋاقتىم يېقىنلىشىپ قالغاندا مەككەدىن ھىجرەت قىلىپ چىقتىم. مەدىنەگە كېلىپ، قوبائغا چۈشۈپ يەڭگىدىم، ئاندىن بوۋاقنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ قۇچىقىغا قويدۇم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر تال خورما ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى چايناپ، بوۋاقنىڭ ئاغزىغا تۈكۈرۈپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئابدۇللاھنىڭ ئىچىگە دەسلەپ كىرگەن نەرسە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۈكۈرىكى بولغان ئىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ چاينىغان خورمىسىنى ئابدۇللاھنىڭ تامىقىغا سۈرتۈپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى. ئابدۇللاھ مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا نىسبەتەن ئىسلامدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تۇنجىسى ئىدى. شۇڭا، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا بەك خۇشال بولۇپ كەتتى. چۈنكى، مۇسۇلمانلارغا: ‹يەھۇدىلار سىلەرگە سېھىر قىلىپ قويدى. ئەمدى سىلەر پەرزەنت كۆرەلمەيسىلەر› دېيىلگەن ئىدى».(3)
ئەنەس ئىبنى سىرىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ تەلھەنىڭ بىر بالىسى ئاغرىپ قالغانىدى، ئەبۇ تەلھە سىرتقا چىقىپ كەتكىنىدە بالا ئۆلۈپ قالدى. ئەبۇ تەلھە قايتىپ كېلىپ: بالامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇممۇ سۇلەيم: ئۇ ئەڭ تىنچ ھالەتتە، دەپ قويۇپ ئۇنىڭغا كەچلىك تاماق ئەكەلگەن ئىدى، ئۇ كەچلىك تامىقىنى يېدى. ئاندىن ئايالى بىلەن بىللە بولدى، غۇسۇل قىلىپ ئىشىنى تۈگەتكەندە، ئايالى ئۇنىڭغا: بالىنى كۈمۈۋەتسىلە، دېدى، ئەبۇ تەلھە تاڭ ئاتقۇزۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بېرىپ رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى بايان قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «بۇ كېچە بىرگە بولدۇڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇ: «ھەئە» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ! ئىككىسىنىڭ بۇ كېچىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلغايلا» دەپ دۇئا قىلدى. كېيىن ئۇممۇ سۇلەيم ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ تەلھە ماڭا: «سەن بوۋاقنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارغىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوۋاقنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى، ئۇممۇ سۇلەيم ئۇنىڭ بىلەن بىرقانچە تال خورمىنى ئەۋەتكەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ: «ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر نەرسە بارمىكەن؟» دېۋىدى، سورۇندىكى ساھابەلەر: «ھەئە، بىر نەچچە تال خورمىسى بار ئىكەن» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ خورمىلارنى ئېلىپ چايناپ بوۋاقنىڭ ئاغزىغا سېلىپ، ئۇنى ئاشۇنىڭ بىلەن ئېغىزلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا «ئابدۇللاھ» دەپ ئىسىم قويدى.(4)
ئېغىزلاندۇرۇش ئۇسۇلى
ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك پەزىلەتلىك، سالىھ، ئالىم بىر كىشى بوۋاق تۇغۇلغان جايدا بولمىسا، ساھابە – كىراملار قىلغاندەك بوۋاقنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئاپىرىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت بوۋاقنىڭ قورسىقىغا دەسلەپ كىرىدىغىنى سالىھلارنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن چاينالغان نەرسە بولسۇنكى، بوۋاققا بەرىكەتلەر بولغاي. سالىھ كىشى (كېسەلدىن خالىي بولۇشى كېرەك) بىر تال خورمىنى ياكى خورما تېپىلمىغان ئەھۋالدا شۇنىڭغا ئوخشاش شېرىن بىر نەرسىنى چايناپ، ئۇنىڭ شىرىسىنى پاكىز بارمىقى بىلەن بوۋاقنىڭ تامىقىغا سۈرتۈپ ئوڭ – سولغا مىدىرلاتسا، شېرىن تەم ئېغىزنىڭ ھەممە يېرىگە بارىدۇ. بوۋاقنىڭ ئېغىزىنى بىردەم ئېچىپ تۇرسا، شېرىن نەرسىدىن ئازغىنە بىر قىسمى بوۋاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ قويىدۇ. سالىھ ئەر كىشى تېپىلمىسا، سالىھ ئايال كىشى ئېغىزلاندۇرسىمۇ بولىدۇ.
بوۋاقنى تېنى ساغلام، سالىھ، پەزىلەتلىك كىشىنىڭ ئېغىزلاندۇرۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم، چۈنكى ئېغىزلاندۇرغۇچىنىڭ تۈكۈرۈكى بوۋاقنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. بۇنىڭ تېببىي جەھەتتىن بوۋاققا نۇرغۇن پايدىسى بولغىنىدەك، بوۋاققا مىجەز ۋە تەبىئەت جەھەتتىنمۇ مەلۇم تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردىمۇ تولا ۋاتىلدايدىغان كىشىگە: «سېنى كىم ئېغىزلاندۇرغان بولغىيدى؟» دەيدىغان گەپ بار. ھازىرقى بەزى تەتقىقاتلاردا بوۋاققا تەسىر قىلىدىغانلىقى جەھەتتىن بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلارنىڭ قاتتىق جىددىيلەشكەن ياكى ناچار كەيپىياتتىكى چاغدا بالا ئېمىتمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنماقتا. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېغىزلاندۇرغان ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق ساھابەلەرمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك تۈكۈرۈكى، دۇئاسى بەرىكىتىدىن نۇرغۇنلىغان پەزىلەتلەرگە نائىل بولغان. شۇڭا، ئېغىزلاندۇرۇشنىڭ ئۆز ئورنىدا ئەھمىيەتلىك ئىش بولغىنىدەك، كىملەرنىڭ ئېغىزلاندۇرۇشى ۋە قانچىلىك ئىخلاس بىلەن ئېغىزلاندۇرۇشىمۇ مۇھىم.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 20 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 23 – ماي
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 94 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «بۇخارىي»، (5467).
2. «بۇخارىي»، (5468).
3. «بۇخارىي»، (5469).
4. «بۇخارىي»، (5470).