Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

«مەريەم ئوغلى مەسىھ ئاللاھتۇر» دېگەن شۈبھىگە رەددىيە

«مەريەم ئوغلى مەسىھ ئاللاھتۇر» دېگەن شۈبھىگە رەددىيە

«مەريەم ئوغلى مەسىھ ئاللاھتۇر» دېگەن شۈبھىگە رەددىيە

 بۇ شۈبھىنىڭ(1) مەزمۇنى:

مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ۋە ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلاردىن بىرى بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان ناسارالار ھەزرىتى ئىيسا توغرىسىدا چەكتىن ئېشىپ، ئۇنى ئاللاھ دەپ دەۋا قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ دەۋالىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. بەلكىم، ئۇلارنى بۇ خاتا چۈشەنچىگە ئېلىپ بارغان ئامىل ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ قولىدا مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، تۇغما كور ۋە بەرەس كېسەللىرىنى ساقايتىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئانىدىن ئاتىسىز تۇغۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش مۆجىزىلەر بولسا كېرەك. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ناسارالارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى ئازغۇن سۆزىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: {ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى}(تەۋبە: 30).

 

بۇ شۈبھىگە تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن رەددىيە(2) بېرىلىدۇ:

1. بۇ دەۋانىڭ ناسارالارنىڭ ئازغۇنلۇقىغا ئەڭ چوڭ دەلىللەردىن بىرىدۇر.

2. مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۆشۈكتىكى ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقى ۋە قىيامەت كۈنىمۇ بۇنىڭغا ئىقرار بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ يالغان توقۇغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەردىندۇر.

3. مەسىھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ، نورمال يەپ – ئىچەتتى، شۇڭا ئۇ قانداقمۇ ئىلاھ بولالىسۇن؟

4. ھېچكىم ئاللاھ تائالانى مەسىھ ئىيسانى، ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمنى ۋە يەر يۈزدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىشىدىن (ئۆلتۈرۈشىدىن) چەكلىيەلمەيدۇ.

5. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەستىقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ قولى بىلەن يۈز بەرگەن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانلىقى قۇرئاندا ئۇنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنغاندۇر.

6. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىش مۆجىزىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىگە ئوخشاش تۇرۇپ، ھېچكىم ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ دېمەيدۇ.

 

تەپسىلىيراق قىلىپ ئېيتقاندا:

1. بۇ دەۋا ناسارالارنىڭ ئازغۇنلۇقىغا دەلىلدۇر؛

بۇ دەۋا ناسارالار دەپ ئاتالغان ئەھلى كىتابنىڭ رەسۋالىقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەئقۇبىييە(3) پىرقىسى: «مەريەم ھەقىقەتەن ئىلاھ تۇغقان» دېسە، مۇلكانىييە(4) پىرقىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىيساغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ زاتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن» دېگەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن رەددىيە بەرگەن:

﴿ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھدىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ﴾(مائىدە: 72) .

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بۇ سۆزى بىلەن رەددىيە بەرگەن تۇرسا، ئۇلار ئۆزىنى خۇددى ئۆزلىرىگە ئوخشاشلا ئىنسان دەپ ئېتىراپ قىلغان بىر بەندىنى قانداقمۇ ئىلاھ دەپ دەۋا قىلسۇن؟! مانا بۇ ناسارالارنىڭ سۆزىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە كەسكىن دەلىلدۇر.

ئىيسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھنىڭ بىر بەندىسى بولۇپ، ئۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىمىغان. شۇڭا ئۇ بۆشۈكتىكى ۋاقتىدا ئەڭ ئالدى بىلەن: ﴿مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ئاللاھ ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ)﴾(مەريەم: 30) دېگەن. بۇ ئايەتتە ئىيسا ئەلەيھىسسالام: «مەن ئاللاھ» ياكى «مەن ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېمىگەن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

2. مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشى؛

ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە قىيامەت كۈنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ھەزىرىتى مەريەمنى ئىلاھ قىلىۋالغان كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىدا، گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا – ئىيسا ئەلەيھسىسالامنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ – ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن سوئال سورايدۇ: ﴿«ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىيسا ئېيتىدۇ: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا نامۇناسىب سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇمدۇر). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن. مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن﴾(مائىدە 117 -، 118).

 ئىبنى ئاشۇرنىڭ «ئەتتەھرىر ۋەتتەنۋىر» ناملىق تەپسىرىدە بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق مەزمۇنلار كەلگەن:

ئاللاھ تائالا ﴿ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟﴾ دېگەن سۆزىنى قىيامەت كۈنى دەيدۇ. بۇ يەھۇدىيلارنى ئەيىبلەپ بولغاندىن كېيىن ناسارالارنى ئەيىبلىشىنىڭ مۇقەددىمىسدە ئېيتىلىدۇ. ناسارالارنى ئەيىبلەش(نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر)دىن ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئاللاھ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «(قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىڭلاردا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولدۇڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سېنىڭ بىلگىنىڭگە سېلىشتۇرغاندا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن» دەيدۇ﴾(مائىدە: 107) دېگەن ئايىتىدىن باشلانغان ئايەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتتىكى (﴿ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! … دېدىڭمۇ؟﴾ دېگەن) سوئال بۇ ئايەتتىكى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە: «قانداق جاۋابقا ئىگە بولدۇڭلار؟» دېگەن سۆزىدىكى سوئالغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنداق دېمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن بۇ يەردە ناسارالاردىن كاپىر بولغانلارنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاش مەقسەت قىلىنغان. بۇنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتساق، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇنى دېمىگەن بولسا، ئۇنى ئىلاھ دېگۈچىلەرنىڭ ھېچقانداق ئۆزرىسى قالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ گەپ – سۆز ۋە تەلىملىرىگە ئەگەشكەنلىكىنى ئېيتقان. ناۋادا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇنى دېگەن بولسا، (ئەمەلىيەتتە بۇنداق دېمىگەن، ھەم ئەسلا دېمەيدۇ) «مېنى ۋە ئانامنى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار» دېگەن بولاتتى. شۇڭا بۇ ئايەتتە مۇشۇ شەكىلدە كەلگەن. (بۇ گەپنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام دېمىگەن، بەلكى بەزىلەر: «ئىيسا ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى ئىلاھ قىلىۋىلىڭلار» دېگەن، بۇنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا «سەن دېدىڭمۇ؟» دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دېمىگەنلىكىنى، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام نامىدىن توقۇۋالغانلىقىنى مەقسەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق كەلگەن بولسا كېرەك.)

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ﴿(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن﴾ دېگەن جاۋابى بىلەن ئاللاھ تائالانى ناسارالار ئېيتقان ئاشۇ نالايىق ئىشلاردىن پاكلىغان. ئاللاھنى پاكلاش ئۆزىنى پاكلاشتىن بۇرۇن بولىدىغان بولغاچقا، ئۆزىنى پاكلاشتىن بۇرۇن ئاللاھنى پاكلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى، ئاللاھ ناسارالار ئېيتقان ئاشۇ نالايىق ئىشلاردىن پاك بولغىنىدا، جەزمەنكى، ھېچكىمنى ئۇنداق ئىشلارغا بۇيرۇمايدۇ.

ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى پاكلاپ: ﴿ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن﴾ دېگەن. بۇ جۈملە يېڭىدىن باشلانغان جۈملە بولۇپ، يۇقىرىدا سورالغان سوئالنىڭ جاۋابىدۇر. بۇ جۈملە «مەن ئۇنى ئېيتمىدىم» دېگەن جۈملىگە قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك پاكلىغۇچىدۇر. چۈنكى، بۇ ئاشۇ سۆزنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك بولۇشىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. ﴿(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن﴾ دېگەن جۈملە جاۋاب جۈملىنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە كەلگەن.

ئاندىن ئۆزىنى تېخىمۇ پاكلاپ:﴿ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن﴾ دېگەن. بۇ جۈملىمۇ يېڭىدىن باشلانغان جۈملىدۇر. چۈنكى، بۇ جۈملە ئالدىدىكى جۈملىنىڭ مەزمۇنىنىڭ دەلىلى ۋە پاكىتىدۇر. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق دېمىگەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ دېمىگەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن… (5).

3. ئىيسا ئەلەيھىسسالام (ئاللاھ تەرىپىدىن) يارىتىلغان بىر بەندە بولۇپ، بىر نەرسىلەر يەپ – ئىچىدۇ؛

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆتكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان بەندىلەردىن بىرى ئىكەنلىكى، ئانىسىنىڭ راستچىل ئايال بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر نەرسە يەپ – ئىچىدىغانلىقى ۋە بىر نەرسە يەپ – ئىچىشكە موھتاج بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەتلا پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايال ئىدى، ئۇ ئىككىسى (باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا) بىر نەرسە يەپ – ئىچەتتى. بىزنىڭ ئۇلارغا (يەنى ناسارالارغا) بۇ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن﴾(مائىدە: 75)

ئەھۋال مانا مۇشۇنداق بولۇپ، بەدىنىنى ئۆرە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن يېمەك – ئىچمەككە موھتاج بولغۇچى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام) قانداقمۇ ئىلاھ بولالىسۇن؟! ھەقىقىي ئىلاھ دېگەن بارلىق نەرسىلەردىن بىھاجەت بولۇپ، ھېچنەرسىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان، ھېچنەرسىگە ئوخشىمايدىغان زاتتۇر.

4. مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تەقدىرلىرى ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە بولۇپ، ئاللاھ ئۆزى خاھلىغانچە قارار قىلىدۇ؛

ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مەريەم ئوغلى ئىيسانى، ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلماقچى بولسا، ھېچكىم ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە ئارىلىشالمايدۇ. ھېچكىم ئاللاھنى بۇنىڭدىن چەكلىيەلمەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق ھەقىقىي رەب يوق، ھېچقانداق مەبۇد (بەرھەق ئىبادەت قىلىنغۇچى) يوقتۇر. ناۋادا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ناسارالار بىلجىرلىغاندەك ئىلاھ بولىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ بۇ ئىشلارغا ئارىلىشالىغان، ئۆزىنى قوغدىيالىغان، ئۆزى ۋە ئانىسىغا يەتكۈسى زىيان – زەخمەتلەرنى قايتۇرالىغان بولاتتى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا مۇنداق دېگەن: ﴿مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا)نى ئاللاھتۇر دەۋالغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كافىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئىرادە قىلغان بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خاھلىغىنىنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر﴾(مائىدە: 17)

5. مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغاندۇر؛

«قۇرئان كەرىم»دە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى ئارقىلىق يۈز بەرگەن ئاشۇ مۆجىزىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەنلا بولغانلىقى، بۇلاردا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ قولى ئارقىلىق يۈز بەرگەنلىكىدىن باشقا ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق ئوچۇق بايان قىلىنىپ مۇنداق كەلگەن: ﴿شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار ھۇزۇرىدىن بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەر ئۈچۈن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن – دە، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇ مۆجىزىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار. مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان ھالدا كەلدىم، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن كەلدىم. مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر﴾ (ئال ئىمران: 49 – 51)

«قۇرئان كەرىم»دە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرگەن بۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنىڭ ھەربىرىنىڭ پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىن بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەربىرىدىن كېيىن تەپسىلىي ۋە ئېنىق ھالەتتە «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنغان. تېخىمۇ ئېھتىيات قىلغانلىقتىن سۆز ئاخىرلاشسىلا ئاخىرىدا «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنغان.

بۇ ئايەتلەرنىڭ ئاخىرىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»﴾ دېيىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بارلىق دىنلىرى ئاساسلانغان ئېتىقادنىڭ ھەقىقىتىنى ئېلان قىلغان. چۈنكى، ئۇ، ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن قولى ئارقىلىق يۈز بەرگەن مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈشكە ھېچقانداق قۇدرىتى يوق، شۇڭا ئۇ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەرەپتىن كەلتۈرگەن. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى ئالدى بىلەن ئاللاھقا تەقۋادار بولۇپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا ئاساسلانغان. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىلاھ بولماستىن، بەلكى (ئاللاھ تەرىپىدىن) يارىتىلغان بەندە بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭمۇ رەببى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، ئۇلارنى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا يۈزلىنىشكە چاقىرغان. … سۆزىنى ھەممىگە ئورتاق بولغان ھەقىقەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. چۈنكى، ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش توغرا يولدۇر، بۇنىڭدىن باشقىسى خاتا ۋە ناتوغرا يولدۇر(6).

6. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشى مۆجىزىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭكىگە ئوخشايدۇ؛

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىتى بايان قىلىپ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىيسانىڭ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقى ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) يارىتىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېۋىدى، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى﴾(ئال ئىمران: 59) دەيدۇ.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشى باشقا ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشىغا سېلىشتۇرۇلغاندا ئاجايىپ ئىش بولسا، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشىغا سېلىشتۇرۇلغاندا ھېچقانداق ئاجايىپلىقى قالمايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز يارىتىلىشى ۋە تۇغۇلۇشى سەۋەبلىك ئىيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىپ، دەتالاش قىلىۋاتقان، ئىيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا تۈرلۈك ئەپسانە ۋە يالغان – ياۋىداقلارنى توقۇۋاتقان ئەھلى كىتابلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇپراقتىن يارىتىلىپ، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن كەلىمىسى بىلەن تىرىك ئىنسانغا ئايلانغانلىقىنى ئىقرار قىلىدۇ-يۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا توقۇغاندەك ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا يالغان ياۋىداقلارنى توقۇمايدۇ… ئاتىسىز يارىتىلغان ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن كەلىمىسى بىلەن يارىتىلغىنىدەك ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھنىڭ شۇ سۆزى بىلەن يارىتىلغان بولسىمۇ، (ئىيسا ئەلەيھىسسالامدا ئىلاھلىق تەبىئىتى بار دەيدۇ-يۇ) ئادەم ئەلەيھىسسالامدا ئىلاھلىق تەبىئىتى بار، دېمەيدۇ. ئاللاھ نېمىنى خاھلىسا، شۇ بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە بۇ ھەقىقەت يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىتى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىتى ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ھەقىقىتى مانا مۇشۇنداق ئاددى ھالەتتە ئايدىڭ بولىدۇكى، ئىنسان ھەيران قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇتقا كەل» دېگەن سۆزى بىلەن يارىتىلىش قانۇنىيىتىگە ئوخشاش تۇرسىمۇ، قانداقسىگە بۇ ھەقتە دەتالاش بولغاندۇ؟ دەپ ئۆز – ئۆزىدىن سورىشى مۇمكىن. مانا بۇ ھېكمەتلىك قۇرئاننىڭ ھەتتا مۇرەككەپ مەسىلىلەردىمۇ ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇنىڭ تەبىئىتى كۆتۈرەلەيدىغان، ئەمەلىي بولغان، ئاددى مەنتىقە بىلەن خىتاب قىلىشىدىكى ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئۇسۇل بىلەن مۇرەككەپ مەسىلىلەرمۇ خۇددى ئاددى، ئوڭاي بىر ئىشتەك ھالەتكە كېلىدۇ(7).

 

خۇلاسە:

ناسارالارنىڭ ھەزرىتى مەسىھ ئىيسانى ئىلاھ دەۋېلىشى ئۇلارنىڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىگە ئەڭ چوڭ دەلىللەردىندۇر. چۈنكى، مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنىڭ كۈچلۈك دەلىللىرى بۇ قاراشنى تۈپتىن ئىنكار قىلىدۇ.

مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى بۆشۈكىدىكى ۋاقتىدا ئىقرار قىلغانلىقى ۋە قىيامەت كۈنىدىمۇ ئىقرار قىلىدىغانلىقى ھەم بۇ دەۋانى ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلىق سۈپەتلىرى بولغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان كىشى ئىلاھلىق ماقامىغا لايىق بولالمايدۇ.

مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ، بىر نەرسە يەپ – ئىچىدۇ. شۇڭا ئۇ قانداقمۇ ئىلاھ بولالىسۇن؟!

ھېچكىم ئاللاھنىڭ مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى، ئانىسى ھەزرىتى مەريەمنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنى ھالاك قىلىشىنى چەكلىيەلمەيدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ۋە پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ تەقدىرى يالغۇز ئاللاھنىڭلا ئىلكىدىدۇر.

 

مەنبە: http://bayanelislam.net/Suspicion.aspx?id=01 – 10 – 0006

تەرجىمىدە: مىسكىن قەلب


1. بۇ شۈبھىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەر: ﴿مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھتۇر دېگەن كىشىلەر (يەنى ناسارالارنىڭ بىر پىرقىسى) ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ (نىڭ ئىرادىسى) دىن بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خاھلىغىنىنى خەلق ئېتىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر﴾ («مائىدە» سۈرىسى، 17 – ئايەت).

﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىيسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى﴾ («مائىدە» سۈرىسى، 72 – ئايەت).
2. بۇ شۈبھىگە رەددىيە بېرىدىغان ئايەتلەر: يوقىرىدا بايان قىلىنغان «مائىدە» سۈرىسى، 17 – ئايەت بىلەن بىرگە ﴿بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ئاللاھ ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ)﴾ («مەريەم» سۈرىسى، 30 – ئايەت).

﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەم (ئەلەيھىسسالامنىڭ) نىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا – ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىيسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)﴾ («ئال ئىمران» سۈرىسى، 59 – ئايەت).

﴿«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر – بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىرخىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار﴾ («ئال ئىمران» سۈرىسى، 64 – ئايەت).
3. يەئقۇبىيلەر ناسارالاردىن بىر پىرقە بولۇپ، مىلادى 6 – ئەسىردە شامدا ياشىغان يەئقۇب بەرادەئىينىڭ ئەگەشگۈچىلىرىدۇر. بۇلار «(ئىيسادا) ئىلاھىي تەبىئەت بىلەن ئىنسانىي تەبىئەت بىرلىشىپ كەتكەن» دەپ قارايدۇ.
4. مۇلكانىيلەرمۇ ناسارالاردىن بىر پىرقە بولۇپ، روم پادىشاھىنىڭ ئەگەشگۈچىلىرىدۇر. بۇلار «ئاللاھ (دېگەن سۆز) ھەقىقەتەن ئۈچ مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىسمىدۇر، ھەقىقەتەن مەسىھ (ئىيسا)نىڭ ئىنسانىي تەبىئەت ۋە ئىلاھىي تەبىئەتتىن ئىبارەت ئىككى تەبىئىتى باردۇر» دەپ قارايدۇ.
5. مۇھەممەد تاھىر ئىبنى ئاشۇر: «ئەتتەھرىر ۋەتتەنۋىر»، تۇنىس سەھنۇن نەشرىياتى، 7 – توم 112 – 117 – بەتلەردىن مەزمۇننى ساقلىغان ئاساستا ئۆزگەرتىپ ئېلىندى. تەپسىردىكى بىر قىسىم گىرامماتىكىلىق جايلار ۋە شېئىرلار قىسقارتىلدى. – تەرجىماندىن.
6. سەييىد قۇتۇپ: «قۇرئان سايىسىدا»، شۇرۇق نەشرىياتى، 1987 – يىل 13 – باسمىسى، 1 – توم، 399 – 400 – بەتلەردىن مەزمۇنىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۆزگەرتىپ ئېلىندى.
7. سەييىد قۇتۇپ: «قۇرئان سايىسىدا»، شۇرۇق نەشرىياتى، 1987 – يىل 13 – باسمىسى، 1 – توم، 404 – 405 – بەتلەر.

Please follow and like us:
Exit mobile version