Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئۆلۈم ۋە گۈزەل خاتىمە

ئۆلۈم ۋە گۈزەل خاتىمە

ھەربىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر

بارلىق ھەمدۇسانالار ئاللاھقا خاستۇر.

ئۆلۈمگە ئالاقىدار مۇسۇلماننىڭ بىلىشى ۋاجىپ بولغان بىر قاتار مۇھىم ئىشلار بار بولۇپ، تۆۋەندە بۇنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى: ھەربىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر

بۇ چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك بولغان بىر ھەقىقەتتۇر، چۈنكى ھېچبىر كىشى مەيلى ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن، ساق – سالامەت بولسۇن ياكى كېسەل بولسۇن، باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن، بەرىبىر ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ) ﴾(ئال ئىمران: 185).

يەنە: ﴿ھەربىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾(ئەنكەبۇت: 57) دەيدۇ.

ۋە يەنە: ﴿ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز)﴾(ئەنبىيا: 35) دېگەندۇر.

ئەگەر دۇنيا بىرەر كىشى ئۈچۈن داۋاملىشىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا ئۇنى پەيغەمبەرلىرى ۋە يېقىن دوستلىرى ئۈچۈن داۋاملاشتۇرغان بولاتتى. قېنى ئاشۇ پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شەھىد – شۇھەدا، ساھابە ۋە تابىئىنلار؟! (ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن). ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام بولسا ئاخىر زاماندا تېتىيدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (ئىنسانلاردىن) ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇنىڭغا مۇيەسسەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ)﴾ (ئەنبىيا: 34).

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿سەن ھەقىقەتەن ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن ئۆلىدۇ﴾ (زۇمەر: 30) دېگەن.

ئىككىنچى: ئۆلۈمدىن قېچىش مۇمكىن ئەمەس

ئىنسان تەن ساقلىقى ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ، قەيەردە بولمىسۇن، ئۆلۈمدىن قېچىپ نەگىلا كەتمىسۇن، ئۆلۈم ھامىنى ئۇنى تاپىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ بارىدا: ﴿(ئى مۇھەممەد!) «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ، ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن﴾(جۇمۇئە: 8) دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿قەيەردە بولماڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ، سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ﴾(نىسا: 78).

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «يەنى قەيەردىلا بولۇڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائىتىدە بولۇڭلار. ئاللاھ تائالا سىلەرنى بۇيرۇغان ئىشلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. بىلىڭلاركى، ئۆلۈم شەك – شۈبھىسىزدۇر، ئۇنىڭدىن قېچىش مۇمكىن ئەمەستۇر ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغان بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئەڭ كاتتا مۇكاپاتلايدۇ ۋە قىلغان ئەمەلىدىنمۇ كۆپرەك ساۋاب بېرىدۇ». (تەپسىرى ئىبنى كەسىر: (6 / 291).

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەر ھەممىڭلار شەك – شۈبھىسىز ئۆلۈپ كېتىسىلەر، ھېچبىر كىشى ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، خۇددى ئاللاھ تائالا: ﴿زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ. ئۇلۇغ ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ﴾(رەھمان: 25، 26) دەپ ئېيتقاندەك». (تەپسىرى ئىبنى كەسىر: 2 / 360).

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۆلۈم سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ)، سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ﴾ (قاف: 19) دېگەن سۆزىنىڭ تەپسىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتتىكى ‹بِالْحَقِّ› دېگەن سۆزى ‹ئۆلۈم شەكسىز ھەقتۇر› دېگەنلىكتۇر. ھەدىستىمۇ مۇنداق كەلگەن: ‹ئۆلۈم ھەقتۇر، جەننەت ھەقتۇر، دوزاخ ھەقتۇر›(1). دېمەك، ئۆلۈمنىڭ سەكراتى شەك – شۈبھىسىز ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئىنسان ۋاپات بولىدىغان ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىشلارنى ۋە ۋەدە قىلىنغان ئىشلارنى ئەينەن كۆرىدۇ: ئەگەر ئۇ مۇئمىن بولسا، جەننەت بىلەن بېشارەت بېرىلىدۇ، ئەگەر كاپىر بولسا، دوزاخ بىلەن بېشارەت بېرىلىدۇ، ئاللاھ بىزنى دوزاختىن ساقلىسۇن.

ئۈچىنچى: ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇش كۆپ ياخشىلىقلارغا سەۋەب بولىدۇ

ھەقىقەتەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغانىدى. ئى قېرىندىشىم! سەن ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەپ تۇرۇشنىڭ ئۇ كىشىنى رەببىگە ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىش ۋە تۇيۇقسىز ئۆلۈم كېلىپ قېلىشتىن بۇرۇن ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىۋېلىشتەك كۆپ ياخشىلىقلارغا تۈرتكە قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟! ئۆلۈمنى ئۇنتۇش ۋە ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قېلىشنىڭ دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش، تەۋبىنى كېچىكتۈرۈش ۋە تائەت – ئىبادەتلەردىن سۇسلىشىپ قېلىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟!

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «لەززەتلەرنى ئۈزگۈچىنى (يەنى ئۆلۈمنى) كۆپ ئەسلەڭلار»(2) دېگەن.

يېرى كەلگەندە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەك كېرەككىم، ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇشتىن مەقسەت، دۇنيانىڭ لەززەت ۋە مەشغۇلاتلىرىغا بېرىلىپ كېتىشتىن توسۇپ، ئۆلۈمگە ۋە قەبرىگە تەييارلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەسلەشتۇر، ھەرگىزمۇ ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدا – مەنپەئەتلىرىدىن ئۈزۈپ قويىدىغان ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدە ئەمەللەر پايدىسىز دېگەنگە ئوخشىغان جەبەرىييە نەزەرىيەسىگە(3) ئېلىپ بارىدىغان سەلبىي ئەسلەش ئەمەس.

شەيخ ئەتىييە سالىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭدىن مەقسەت ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى كۆپ ئەسلەپ تۇرۇشۇڭدۇر، ھەرگىزمۇ دۇنيادىكى بىر كىشىلىك رولىڭنى يوقىتىپ قويۇشۇڭ ۋە زىنھار: ‹مەن بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىمەن! ئەمەل قىلىپ نېمە قىلىمەن!› دەپ بىلجىرلىشىڭ ئەمەستۇر. بەلكى سىلەر ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن قەلبىڭلاردا بۇ (ھەقىقەتنى) كۆپ ئەسلەپ تۇرۇڭلار، دېگەنلىكتۇر».

بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەپ تۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۈچ ئىش بىلەن ھۆرمەتلەيدۇ: تەۋبىگە ئالدىراش، قەلبتە قانائەت بولۇش ۋە ئىبادەتكە روھلۇق، تېتىك بولۇش. كىمكى ئۆلۈمنى ئەسلەشنى ئۇنتۇپ قالسا، ئۈچ ئىش بىلەن سىنىلىدۇ: تەۋبىنى كېچىكتۈرۈش، رازىمەنلىك يوق بولۇش ۋە ئىبادەتتە سۇسلىشىپ كېتىش».

شۇنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇشۇڭ تائەت – ئىبادەتلەرگە روھلۇق تۇرۇشۇڭغا ۋە گۇناھلارغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشىڭغا سەۋەبچى بولۇشى كېرەك. سېنىڭ ئۆلۈمدىن قورقۇشۇڭ نۇرغۇن غەم – ئەندىشىلەرگە ۋە ۋەسۋەسىلەرگە سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى، تائەت – ئىبادەتلەردىن سۇسلاشتۇرۇپ قويماسلىقى، شۇنداقلا بىرەر كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ۋە ئۆزۈڭنىڭ، ئائىلەڭنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشتىن توسۇپ قويماسلىقى كېرەك. بۇ شەكىلدە ئۆلۈمنى ئەسلەش ساڭا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ، بەلكى زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەپ تۇرۇش بىلەن بىرگە رەببىڭگە ياخشى ئويدا بولۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا قىلچىلىكمۇ زۇلۇم قىلمايدۇ، بەلكى ياخشى ئەمەللەرگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ، ئەپۇ قىلىدۇ، كەچۈرىدۇ ۋە خاتالىق ئۆتكۈزگەن بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى ۋە ئۆزى تەرەپكە قايتقانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا، ئى قېرىندىشىم! ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىشتىن ھەزەر ئەيلىگىن ۋە قەلبىڭدە ئاللاھ تائالادىن قورقۇش بىلەن رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشنى بىرلەشتۈرگىن! چۈنكى، (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش ۋە (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىش مۇئمىنگە نىسبەتەن قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشاش بولۇپ، بىرى يەنە بىرىدىن بىھاجەت بولالمايدۇ. مانا بۇ بارلىق پەيغەمبەرلەر، ئەۋلىيالار ۋە سالىھلەر (ئاللاھنىڭ دۇرۇد ۋە سالاملىرى ئۇلارغا بولسۇن) نىڭ ھالىتى ئىدى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىمىز) شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىكى، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى﴾(ئەنبىيا: 90).

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ﴾(سەجدە: 16) دېگەن.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿(ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار تەڭ بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىلا ئىبرەت ئالىدۇ»﴾(زۇمەر: 9).

شۇڭا، ئى قېرىندىشىم! ئۆزۈڭدىن «قاچان ئۆلۈپ كېتىمەن» دەپ سورىمىغىن، بەلكى قايسى ھالەتتە، يەنى ياخشىلىق ئۈستىدىمۇ ياكى يامانلىق ئۈستىدىمۇ؟ تائەت – ئىبادەت ئۈستىدىمۇ ياكى گۇناھ – مەئسىيەت ئۈستىدىمۇ؟ ئىمان – ئىسلام ئۈستىدىمۇ ياكى كۇپۇر ئۈستىدىمۇ؟ بۇ ھالەتلەرنىڭ قايسىسى ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىڭنى سورىغىن. ئىنساننىڭ قاچان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى ئۆلۈمنى دائىم ئەسلەپ، رەببىگە ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئۇچرىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «شۇڭا دەيمىزكى، سەن ئۆزۈڭدىن ‹قاچان ئۆلۈپ كېتىمەن›، ‹نەدە ئۆلۈپ كېتىمەن› دەپ سورىمىغىن. چۈنكى، بۇلار يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان سورىلىشى ھاجەتسىز ئىشلاردۇر. سەن دۇنيادا ھەر قانچە ئۇزۇن ياشىساڭمۇ، ئاقىۋەتتە يەنىلا بىر كۈن ياشىغاندەك ھېس قىلىسەن. بەلكى ھەقىقەت ئاللاھ تائالا:﴿ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ)﴾( نازىئارت: 46) دېگەندەكتۇر. لېكىن، ھەربىر ئىنسان ئويلاپ، ئۇنىڭغا قارىتا (كۆڭلىدە) بىر جاۋابى بولۇشى كېرەك بولغان بىر سوئال بار: ئۇ بولسىمۇ، «قانداق ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىمەن؟!»

پېقىرنىڭ مەقسىتى بولسا، سەن باي ھالەتتە ئۆلۈپ كېتەمسەن ياكى كەمبەغەل ھالەتتىمۇ؟ كۈچلۈك ھالدىمۇ ياكى ئاجىز ھالدىمۇ؟ كۆپ پەرزەنتلىك ھالەتتىمۇ ياكى بىپەرزەنت ھالەتتىمۇ؟ يەنى ‹بۇ ھالەتلەرنىڭ قايسىسىدا ئۆلۈپ كېتىسەن› ئەمەس، بەلكى قايسى ئەمەلنىڭ ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىسەن دېگەننى مەقسەت قىلدىم. دېمەك، ئەگەر ئۆزۈڭدىن بۇ سوئالنى سورىساڭ، چوقۇم ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشىڭ كېرەك. چۈنكى، قاچان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن. قانچىلىغان ئىنسانلارنى كۆردۇقكى، ئەتىگەندە ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقىپ كېتىپ، كەچ بولغاندا جىنازىسى كۆتۈرۈلۈپ، قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىلدى. يەنە نۇرغۇن ئىنسانلارنى كۆردۇقكى، ئۆيىدىكىلەرگە: ‹چۈشلۈك ياكى كەچلىك تامىقىمنى تەييارلاپ قويۇڭلار› دەپ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ، شۇ تاماقتىن يېيىش نېسىپ بولمىدى. يەنە قانچىلىغان ئىنسانلارنى كۆردۇقكى، كۆينىكىنى كىيىپ، تۈگمىسىنى ئەتتى – يۇ، ئۇ تۈگمىلەرنى پەقەت غەسساللارلا يەشتى. بۇ ئەھۋاللار بىز كۆپ كۆرگەن، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسىلەردۇر. ئەمدىكى گەپ، ئۆزىمىزنىڭ قايسى ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنايلى! شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ ئىستىغپار ئېيتىشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرۇش ئارقىلىق ھەممە غەم – قايغۇلىرىمىز ھەل بولىدۇ ۋە ھەممە قىيىنچىلىق ۋە مۈشكۈل ئىشلىرىمىزغا بىر چىقىش يولى بولىدۇ.

گۈزەل خاتىمە

بىرىنچى: گۈزەل خاتىمە دېگىنىمىز بەندە ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا، گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە تەۋبە قىلىشقا ۋە تائەت – ئىبادەتلەرگە، ياخشى ئەمەللەرگە يۈزلىنىشكە مۇۋەپپەق قىلىنىشى، ئاندىن ئۇشبۇ گۈزەل ھال بىلەن ۋاپات بولۇپ كېتىشىدۇر. بۇ تەبىرنىڭ دەلىلى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىستۇر، ئۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئەگەر ئاللاھ تائالا بەندىسىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى ئىشلىتىدۇ، — دېگەنىدى، ساھابىلەر:

— ئاللاھ تائالا ئۇنى قانداق ئىشلىتىدۇ، — دېيىشتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھ تائالا ئۇنى ئەجىلى كېلىشتىن ئىلگىرى ياخشى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، — دېدى(4)

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئەگەر ئاللاھ بىر بەندىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنى ئەسەل قىلىدۇ، — دېگەنىدى، ساھابىلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بەندىنى ئەسەل قىلىش دېگەن نېمە؟ — دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھ تائالا ئۇنى ئەجىلى كېلىشتىن ئىلگىرى بىر ياخشى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ ئاندىن ئۇنى شۇ ياخشى ئەمەلنىڭ ئۈستىدە قەبزى روھ قىلىدۇ، — دېدى(5).

گۈزەل خاتىمەنىڭ كۆپ ئالامەتلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سەكراتتىكى بەندىنىڭ ئۆزىگە مەلۇم بولىدۇ، يەنە بىر قىسمى ئەتراپىدىكى باشقا ئادەملەرگە مەلۇم بولىدۇ.

ئىككىنچى: بەندىنىڭ ئۆزىگە مەلۇم بولىدىغان ئالامەت دېگەندە، ئۇ بەندە ئۆلۈپ كېتىدىغان چاغدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭدىن رازى بولغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلىشىگە لايىق بولغانلىقىدىن ئىبارەت بېشارەت بېرىلىدىغان ئەھۋاللاردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھدۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى باردۇر، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ﴾(فۇسسىلەت: 30 – 32). بۇ بولسا مۇئمىنلەرگە سەكراتقا چۈشكەندە بېرىلىدىغان بېشارەتتۇر (تەفسىر ئىبنى سەئدىي 1256).

بۇ نۇقتىنىڭ دەلىلى يەنە ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىستۇر: مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ‹كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! (بۇ) ئۆلۈمنى يامان كۆرۈشمۇ، بىز ھەممىمىز ئۆلۈمنى ياقتۇرمايمىز، — دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مېنىڭ دېگىنىم ئۇ ئەمەس. مۇئمىن ئادەمگە ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان رازىلىق ۋە ئىززەت – ھۆرمەت بىلەن بېشارەت بېرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىن سۆيۈملۈك نەرسە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. كافىرغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە ئوقۇبىتى بىلەن بېشارەت بېرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىن يامان نەرسە بولمايدۇ. ئۇ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ، — دېدى».

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھەدىسنىڭ مەنىسى، شەرئىي نۇقتىدىن ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان (ئۆلۈمنى) ياخشى كۆرۈش ۋە يامان كۆرۈش بولسا تەۋبە قوبۇل قىلىنمايدىغان ھالەت بولغان جان ئۈزۈۋاتقان چاغدا يۈز بېرىدىغان ئەھۋالدۇر. بۇ ھالەتتە سەكراتتىكى كىشىگە ھەممە ئىش ئايدىڭلىشىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بارىدىغان جايى ئاشكارا بولىدۇ».

بەندىنىڭ ھاياتىنىڭ گۈزەل ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىگە كەلسەك، بۇ ئالامەتلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئالىملار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) بۇ ھەقتە كەلگەن شەرئىي دەلىللەردىن ئىزدىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلىگەن. بۇ ئالامەتلەرنىڭ قاتارىدىن:

بىرىنچى: جان ئۈزۈۋاتقان چاغدا شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭكى، ئاخىرقى سۆزى ‹لا اله الا الله، يەنى بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق› بولسا، جەننەتكە كىرىدۇ»(6).

ئىككىنچى: پېشانىسى تەرلەپ جان ئۈزۈش

يەنى جان ئۈزگەن چاغدا پېشانىسىدە تەر بولۇشىدۇر. بۇنىڭ دەلىلى: بۇرەيدە ئىبنى ھۇسەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «مۇئمىننىڭ ئۆلۈمى پېشانىسىنىڭ تەرلىشى بىلەن بولىدۇ»(7) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېگەن.

ئۈچىنچى: جۈمە كېچىسى ياكى كۈندۈزى ۋاپات بولۇش

بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق مۇسۇلمان جۈمە كۈنى ياكى جۈمە كېچىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۇنى قەبرىنىڭ پىتنىسىدىن ساقلاپ قالىدۇ»(8).

تۆتىنچى: ئاللاھ يولىدا غازات قىلغان ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىش

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ئەتىگەن – ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ). ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولماي تىرىك قالغان) قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) نە قورقۇنچ، (دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىغا) نە قايغۇ يوق ئىكەنلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ﴾(ئال ئىمران: 169 -، 170) .

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، شەھىدتۇر، كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، شەھىدتۇر»(9).

بەشىنچى: ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش

بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ۋابا كېسىلى ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن شەھىدلىكتۇر»(10) دېگەن.

مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ۋابا كېسىلى توغرۇلۇق سورىغانىدىم، رەسۇلۇللاھ ماڭا: ‹ھەقىقەتەن ئۇ بىر ئازاب بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى خاھلىغان كىشىگە ئەۋەتىدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇنى مۇئمىنلەر ئۈچۈن رەھمەت قىلدى. قانداق بىر كىشى ۋابا كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپ، ئۆز يۇرتىدا سەۋر قىلغان، ساۋاب ئۈمىد قىلغان ۋە ئۆزىگە ئاللاھ تەقدىر قىلغاندىن باشقا نەرسە يەتمەيدۇ دەپ بىلگەن ھالدا تۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا شەھىد بولغۇچىنىڭ ئەجرىگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ› دەپ خەۋەر بەردى» دېگەن(11).

ئالتىنچى: قورساق ئاغرىقىدا ئۆلۈپ كېتىش

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى قورساق ئاغرىقىدا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ شەھىدتۇر»(12).

يەتتىنچى: تام بېسىۋېلىش ياكى سۇغا غەرق بولۇپ كېتىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەھىدلەر بەش (تۈرلۈك)تۇر: ۋابا بىلەن ئۆلگەن كىشى، قورساق ئاغرىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن كىشى، تام بېسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ۋە ئاللاھ يولىدا شەھىد بولغۇچى»(13) دېگەن.

سەككىزىنچى: ئايال كىشىنىڭ بالىسى سەۋەبى بىلەن نىپاسدار ھالىتىدە ياكى ھامىلدار ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىشى

بۇنىڭ دەلىلى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايال كىشى قورسىقىدا بالىسى بار ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە شەھىدتۇر» دېگەن(14).

ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مەن شەھىدلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىمەن› دېدى ۋە رەسۇلۇللاھ شۇ قاتاردا ‹ئايال كىشى بالىسى (قورساقتىكى ھامىلىسى) سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتسە شەھىدتۇر، بالىسى ھەمرىيى بىلەن جەننەتكە سۆرەيدۇ› دېگەننى تىلغا ئالدى»(15).

توققۇزىنچى: ئوتتا كۆيۈپ، ئىچى سۈرۈپ ياكى سىل (تۇبېركۇليۇز) كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈش شەھىدلىكتۇر، ۋابا ئۆلۈمى شەھىدلىكتۇر، سۇدا تۇنجۇقۇش شەھىدلىكتۇر، قورساق ئاغرىقى شەھىدلىكتۇر. نىپاسدار ئايالنى بالىسى ھەمرىيى بىلەن جەننەتكە سۆرەيدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىستە بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئىشىك باقارى ئەبۇلئەۋۋام يۇقىرىقى شەھىدلەرگە زىيادە قىلىپ: «كۆيۈپ ئۆلۈش ۋە سىل كېسىلى (يەنى بۇ ھالەتلەردە ئۆلۈپ كېتىش شەھىدلىكتۇر) » دېدى(16).

ئونىنچى: دىنىنى، مېلىنى ۋە جېنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كېتىش

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى مېلىنى قوغدىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇ شەھىدتۇر. كىمكى دىنىنى قوغدىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇ شەھىدتۇر. كىمكى جېنىنى قوغدىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇ شەھىدتۇر» دېگەن(17).

ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى مېلىنى قوغدىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇ شەھىدتۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، دېگەن (18).

ئون بىرىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا چېگرا ساقلىغان ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىش

بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، سالمان ئەلفارسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كېچە ۋە كۈندۈز چېگرا ساقلاش بىر ئاي روزا تۇتۇپ، قىيامدا تۇرغاندىن ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇ چېگرا ساقلىغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابى داۋاملىق يېتىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ رىزقىمۇ (جەننەتتىن) يېتىپ تۇرىدۇ ۋە قەبر ئازابلىرىدىن ئەمىن بولىدۇ»(19).

ئون ئىككىنچى: مۇسۇلماننىڭ ھاياتىنىڭ گۈزەل ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە ياخشى ئەمەلنىڭ ئۈستىدە ۋاپات بولۇپ كېتىشىدۇر

بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ ‹لا إله إلا الله يەنى ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق› دېسە ۋە شۇ بويىچە ھاياتى ئاخىرلاشقان بولسا، جەننەتكە كىرىدۇ؛ كىمكى بىر سەدىقە قىلسا ۋە شۇ بويىچە ھاياتى ئاخىرلاشقان بولسا، جەننەتكە كىرىدۇ»(20).

يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئالامەتلەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىنىڭ گۈزەل ئاخىرلاشقانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ياخشى بېشارەتلەردۇر. لېكىن، شۇنداق بولسىمۇ تۆت خەلىپىگە ئوخشاش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گۇۋاھلىق بەرگەن ساھابىلەردىن باشقا ھېچبىر مۇئەييەن كىشىگە «ئۇ جەننەت ئەھلىدىندۇر» دەپ جەزم قىلىپ ئېيتالمايمىز.

ئاللاھ تائالادىن ھاياتىمىزنى گۈزەل ئاخىرلاشتۇرۇشقا نېسىپ قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە ھەممىدىن بەك بىلگۈچىدۇر.

مەنبەسى: الموت وحسن الخاتمة – https://ar.islamway.net/article

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات

—————————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.
2. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 2307 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇننەسائىي»، 1824 – ھەدىس؛ «سۈنەن ئىبنى ماجە»، 4258 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
3. جەبەرىيە مەزھىپى تەقدىرچىلىك (ئىنساننىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىپ، ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە ئىختىيارىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان، ئىنسانغا جانسىز نەرسىلەر قاتارىدا قارايدىغان مەزھەپ)، تەقدىرچىلىك مەزھىپى. (ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت، مۇھەممەد سالىھ 569 – بەت).
4. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 12036 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 2142 – ھەدىس. ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1334 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
5. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 17784 – ھەدىس؛ ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1114 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
6. «ئەبۇ داۋۇد»، 3116 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22034 – ھەدىس. ئالبانى («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 2673 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
7. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 982 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇننەسائىي»، 1828 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد 23022 – ھەدىس. ئالبانىي سەھىھۇتتىرمىزىيدا «سەھىھ» دېگەن.
8. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 1074 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 6582 – ھەدىس. ئالبانىي («سەھىھۇتتەرغىب»، 3562 – ھەدىس) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
9. «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1915 – ھەدىس.
10. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 2830 – ھەدىس؛ سەھىھۇ مۇسلىم»، 1916 – ھەدىس.
11. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 3474 – ھەدىس.
12. «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1915 – ھەدىس.
13. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 2829 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1914 – ھەدىس.
14. «سۈنەن ئەبۇ داۋۇد»، 3111 – ھەدىس.
15. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 17341 – ھەدىس. ئالبانىي (كىتابۇلجەنائىز، 39 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
16. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 15997 – ھەدىس. ئالبانىي («سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب» 1396 – ھەدىس) «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
17. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 1421 – ھەدىس. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
18. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 2480 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 141 – ھەدىس.
19. «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1913 – ھەدىس.
20. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23324 – ھەدىس؛ بۇسايرىي: «ئىتھافۇل خىيەرەتىل مەھەرە»، 6 – توم، 420 – بەت؛ بەيھەقىي: «ئەلئەسما ۋەسسىفات»، 651 – ھەدىس.

Please follow and like us:
Exit mobile version