Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرۇشنىڭ پايدىلىرى

ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرۇشنىڭ پايدىلىرى

ئىستىغپار ئېيتىش قەلبنى تازىلايدۇ ۋە پاكلايدۇ

«شەكسىزكى، قۇرئان سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىكى كېسىلىڭلارنىمۇ، دوراڭلارنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كېسىلىڭلار بولسا گۇناھلىرىڭلاردۇر، دوراڭلار بولسا ئىستىغپار ئېيتىشتۇر».

_ قەتادە

ئەگەر ئىچىڭدە بىر بۇرۇقتۇرۇملۇقنى ھېس قىلساڭ، غەم – قايغۇلار قەلبىڭنى چۇلغىۋالغان، دۇنيا ساڭا تار كېلىپ، ھېچبىر چىقىش يولى تاپالمىغان بولساڭ، بىلگىنكى، ھەقىقەتەن سەن «ئەستەغفىرۇللاھ ياكى ئەستەغفىرۇللاھەل ئەزىم» دەپ كۆپ ئىستىغپار ئېيتىش (مەغپىرەت تىلەش) كە موھتاجسەن.

ئىستىغپار ئېيتىش ياخشىلارنىڭ ئوزۇقى، تەقۋادارلارنىڭ شوئارى ۋە سالىھلارنىڭ پاناھگاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن قەلبلەر سۆيۈنىدۇ، كۆڭۈللەر ئېچىلىدۇ، غەم – غۇسسەلەر يوقايدۇ، بالا – مۇسىبەتلەرنىڭ يولى تاقىلىدۇ، بەرىكەت ۋە موللۇق ياغىدۇ ھەمدە مۇشكىلاتلار ھەل بولىدۇ. ئاخىرەتتە بولسا خاتالىقلار ئۆچۈرۈلۈپ، تارازىلار ئېغىرلىشىدۇ ۋە مەرتىۋىلەر ئۆسىدۇ.

دەرۋەقە، ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئىستىغپار ئېيتىشنى قولدىن بەرمىگەن كىشى چوقۇم پايدا ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كەلگىن، ئى قېرىندىشىم! بۇ ئۇلۇغ ئەمەلنىڭ بەزى پايدا ۋە نەتىجىلىرىنى ئورتاقلىشايلى:

بىرىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش قەلبنى تازىلايدۇ ۋە پاكلايدۇ

ئىستىغپار ئېيتىش قەلبنى تۈرلۈك گۇناھ – مەئسىيەتلەرنىڭ زۇلمەتلىرىدىن پاكلايدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەك – شۈبھىسىزكى، بەندە بىر خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر قارا چېكىت پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ بەندە گۇناھتىن قول ئۈزسە، مەغپىرەت تىلىسە ۋە تەۋبە قىلسا قەلبى پارقىرايدۇ. ئەگەر يەنە قايتا گۇناھ قىلسا، ئۇ قارا چېكىتمۇ كۆپىيىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالىدۇ. بۇ بولسا ئاللاھ تائالا: ﴿ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن﴾ (مۇتەففىفىن: 14) دەپ زىكىر قىلغان قارىيىپ كېتشتۇر»(1).

بۇ ھەقتە ئالىملار مۇنداق دېگەن: «گۇناھ – مەئسىيەتلەر قەلبنى قارايتىۋېتىدۇ. قاچانكى، بەندە بىر گۇناھ ئۆتكۈزسە، قەلبىدىكى قارىلىق كۆپىيىدۇ ۋە يوغىنايدۇ. ئەمما، بۇ بەندە گۇناھتىن كېيىن تەۋبە – ئىستىغپار ئېيتىشقا ئالدىرىسا، قەلبى پاكىزلىنىدۇ».

قەتادە رەھىمەھۇللاھ: «شەكسىزكى، قۇرئان سىلەرگە سىلەردىكى كېسىلىڭلارنىمۇ، دوراڭلارنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كېسىلىڭلار بولسا گۇناھلىرىڭلاردۇر، دوراڭلار بولسا ئىستىغپار ئېيتىشتۇر» دېگەن.

بەزى سەلەفلەرگە:

— ئۆزلىرى دىنلىرىدا قانداقراق تۇرىدىلا؟ — دېيىلگەندە:

— دىنىمنى گۇناھ – مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزىمەن، ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن تۈزەيمەن، —دېگەنىكەن.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھقا:

— بەزى كىشىلەر: بەندە ئۈچۈن تەسبىھ ئېيتىش مەنپەئەتلىكرەكمۇ ياكى ئىستىغپار ئېيتىشمۇ؟ دەپ سورىشىدۇ، — دېگەنىدىم، ئۇ:

— ئەگەر كىيىم پاكىز بولسا، خۇش پۇراق ۋە گۈل سۈيى ئۇنىڭغا مەنپەئەتلىكراقتۇر، ئەگەر ئۇ كىيىم مەينەت بولسا، سۇ ۋە سوپۇن مەنپەئەتلىكراقتۇر، — دېدى».

ئىبنى قەييىم يەنە ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالادىن يۈز ئۆرۈش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قېلىش كۆڭۈل سىقىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. چىن دىلىدىن ئىستىغپار ئېيتىش داۋاملاشسا، قەلبكە ساقلىق ۋە ساغلاملىقنى قايتۇرۇپ ئەكېلىدۇ».

ئى قېرىندىشىم! ئويلانغىن! ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن قەلبلىرىمىزنى قانداق قارايتىۋاتىمىز-ۇ، لېكىن ئۇنى بۇ قارىلىقتىن پاكلىمايمىز. ھەتتا (بۇنىڭ نەتىجىسىدە) تائەت – ئىبادەتلەردىن لەززەت ئالالمايدىغان بولۇپ كەتكەنمىز – ھە؟!

ھالبۇكى، بىز قەلبلىرىمىزنى گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن پاكلاشقا بەك موھتاجمىز. ئىستىغپار ئېيتىشتىنمۇ بەكرەك قەلبنى پاكىزلايدىغان بىر نەرسە يوقتۇر. مۇبادا گۇناھلار قەلبكە دۆۋىلىنىپ كېتىپ، ئىستىغپار ئېيتىش ئارقىلىق قەلبنى پاكلىمىساق، ئۇنى زۇلمەت قاپلايدۇ ۋە شۇ پېتى مۆھۈرلىنىپ كېتىدۇ.

سەن تازىلانمىغان بىر ئۆيدە ياشايدىغان ئىنساننى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟!

غۇسلى قىلمايدىغان ۋە كىيىملىرىنى پاكىزلىمايدىغان بىرەر ئىنساننى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟!

بەكر ئەلمۇزەنىي رەھىمەھۇللاھ: «شەكسىزكى، ئادەم بالىلىرىنىڭ نامە ئەمەللىرى (ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا) كۆتۈرۈلىدۇ: ئىستىغپار بار بولغان سەھىپە ئاق ھالەتتە، ئىستىغپار بولمىغان سەھىپە قارا ھالەتتە كۆتۈرۈلىدۇ» دەيدۇ.

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا ئىستىغپار ئېيتقان كىشىلەرنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن﴾ (تاھا: 82).

ئى قېرىندىشىم! ئويلانغىن! شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ بەك ئەپۇ قىلغۇچى ۋە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، سۆزىنى قاتتىق تەكىتلەش ئۇسۇلىدا ئېيتتى.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿پەرۋەردىگارىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئەگەر سىلەر ياخشى بولساڭلار (يەنى ئاتا – ئاناڭلارنى قاقشاتقۇچى بولمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ خاتالىقىڭلارنى كەچۈرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلىپ تۇرغۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر﴾ (ئىسرا: 25).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئۇ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ﴾ (نىسا: 110).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خاھلىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ﴾ (نىسا: 48).

دېمەك، تەۋھىد ئۈستىدىكى بىر مۇسۇلمان ئاللاھ تائالاغا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھەممە گۇناھلىرىنى – ئۇ گۇناھلار ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ – مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ تائالاغا قوشۇپ ئۇنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلغان بولسا ئاندىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلسا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە قايتسا، ئاللاھ تائالا يەنە ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خاھلىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ – ئىچىڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (پەرۋەردىگارىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېدۇق﴾ (بەقەرە: 58).

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا: «ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم. سىلەرگىمۇ ئۆزئارا زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن زۇلۇم قىلىشماڭلار، ئى بەندىلىرىم! مەن ھىدايەت قىلغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچىسىلەر. مەندىن ھىدايەت تىلەڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن ئوزۇقلاندۇرغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ قالىسىلەر، مەندىن ئوزۇق تىلەڭلار، سىلەرگە تائام بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىم بەرگەن كىشىدىن باشقىڭلار يالىڭاچسىلەر، مەندىن كىيىم تىلەڭلار، مەن سىلەرگە كىيىم بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە – كۈندۈز خاتالىشىسىلەر، مەن ھەممە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمەن، مەندىن مەغپىرەت تىلەڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن» دېگەن(2).

ئالىملار مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بۇ يەردە بىزنى مەغپىرەت تىلەشكە بۇيرۇشتىن بۇرۇن ‹ھەممە گۇناھىڭلارنى (مەغپىرەت قىلىمەن)› دېدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ھېچبىر كىشى نادانلىقتىن ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھىنىڭ چوڭ ۋە ئېغىر بولغانلىقىغا قاراپ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى ئۈچۈندۇر. ئۇ ئاللاھ تائالا نېمىدېگەن رەھىم قىلغۇچى ۋە مەرھەمەت قىلغۇچى زات – ھە! ئۇ ئاللاھ تائالا بىزنىڭ كېچە – كۈندۈز گۇناھ ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، بىزنى ياراتتى ئاندىن بىزگە مەغپىرىتىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بەردى ۋە بەندىلىرىنى رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رەببىدىن رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق كەلگەن: «بىر بەندە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ‹ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن› دېسە، ئاللاھ تائالا: ‹مېنىڭ بەندەم گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە گۇناھى ئۈچۈن جازالايدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى› دەيدۇ، ئاندىن ئۇ بەندە قايتا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ: ‹ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن› دېسە، ئاللاھ تائالا: ‹مېنىڭ بەندەم گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە گۇناھى ئۈچۈن جازالايدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى› دەيدۇ، ئاندىن ئۇ بەندە قايتا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ: ‹ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن› دېسە، ئاللاھ تائالا: ‹مېنىڭ بەندەم گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە گۇناھى ئۈچۈن جازالايدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، سەن خاھلىغىنىڭنى قىلغىن، مەن سېنى مەغپىرەت قىلدىم› دەيدۇ (يەنى مادامىكى بەندەم ماڭا شۇ يوسۇندا ئېتىقاد قىلىپ، قىلغان ھەربىر گۇناھى ئارقىسىدىن چىن دىلى بىلەن تەۋبە قىلىپ تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەن مەغپىرەت قىلىپ تۇرىمەن)»(3).

ئاللاھ تائالانىڭ: «بەندەم گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە گۇناھى ئۈچۈن جازالايدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى» دېگەن سۆزى ھەققىدە ئويلانغىن!

ئالىملار ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالا سېخىي زات بولغانلىقى ئۈچۈن جازالاشنى تىلغا ئېلىشتىن ئىلگىرى مەغپىرەت قىلىشنى تىلغا ئالدى».

ئالىملار يەنە: «ئاللاھ تائالانىڭ: ‹سەن خاھلىغىنىڭنى قىلغىن، مەن سېنى مەغپىرەت قىلدىم› دېگەن سۆزى گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى مۇباھ قىلغانلىققا ۋە كۆپ گۇناھلارنى قىلسا بولىدىغانلىققا دالالەت قىلمايدۇ. ھەقىقەتتە ئۇنىڭ مەنىسى: ‹سەن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، ئاندىن تەۋبە قىلىپ تۇرساڭلا، مەن سېنى مەغپىرەت قىلىمەن› دېگەنلىكتۇر» دەيدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزمىسەڭلار، ئەلۋەتتە سىلەرنى ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كېتىپ، گۇناھ ئۆتكۈزىدىغان بىر قەۋمنى ئېلىپ كەلگەن، ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغان بولاتتى»(4).

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى شەيتان: ‹ئى رەببىم! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، مەن بەندىلىرىڭنى، ئۇلارنىڭ روھلىرى تەنلىرىدىلا بولىدىكەن، داۋاملىق ئازدۇرىمەن› دېگەنىدى، ئاللاھ تابارەكە ۋە تائالا: ‹ئۆز ئىززىتىم ۋە ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلەپلا تۇرىدىكەن، مەن داۋاملىق ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىمەن› دېدى»(5).

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ‹أَسْتَغْفِرُ اللَّهَ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الحَيَّ القَيُّومَ وَأَتُوبُ إِلَيْهِ يەنى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيمەن، دائىما تىرىك تۇرغۇچى، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى بولغان ئۇ ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەن› دەپ ئۈچ قېتىم دېسە، ئەگەر ئۇ جەڭ مەيدانىدىن قاچسىمۇ، ھەممە گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»(6).

ئۈچىنچى: كىمكى دائىما ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرسا، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنى نامە – ئەمالى خۇشال قىلىدۇ

داۋاملىق ئىستىغپار ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن قىيامەت كۈنى خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان ۋە ياخشى ئەمەللىرى ناھايىتى كۆپ ھەسسىلەنگەن ھالەتتە كەلگەن كىشىگە خۇش مۇبارەك بولسۇن! ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نامە – ئەمالىدا كۆپ ئىستىغپارنى كۆرگەن كىشى ئۈچۈن خۇش مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن(7).

زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى نامە – ئەمالىنىڭ ئۆزىنى خۇشال قىلىشىنى ياخشى كۆرسە، كۆپ ئىستىغپار ئېيتسۇن» دېگەن(8)، دەيدۇ.

تۆتىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئى ئاياللار جامائەسى! سەدىقە قىلىڭلار ۋە كۆپ ئىستىغپار ئېيتىڭلار! شەكسىزكى، مەن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سىلەر ئىكەنلىكىڭلارنى كۆردۈم»(9).

تۆۋەندىكى بۇ خەۋەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغىن: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دېدى: مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئىبنى جەدئان جاھىلىيەت دەۋرىدە سىلە – رەھىم قىلاتتى ۋە مىسكىنگە تائام بېرەتتى. بۇ ئىشى ئۇنىڭغا مەنپەئەت قىلامدۇ؟ — دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇنىڭغا مەنپەئەت قىلمايدۇ، چۈنكى، ئۇ بىر كۈنمۇ: ئى رەببىم! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقىمنى مەغپىرەت قىلغىن، دېمىگەنىدى، — دېدى»(10).

ئەبۇلئالىيە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۈمىد قىلىمەنكى، بەندە شۇ ئىككى نېئمەتنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولمىغاي: بىرى، نېئمەت ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئېيتقان ھەمد؛ يەنە بىرى، گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن تىلىگەن مەغپىرەت».

بەشىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتگە نائىل بولغىلى بولىدۇ

ئاللاھ تائالا سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئېيتقان سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىمەيسىلەر؟﴾ (نەمل: 46) دېمەك، كۆپ تەۋبە – ئىستىغپار ئېيتىش ئىلاھىي رەھمەت ۋە مەرھەمەتلەرنىڭ چۈشۈشى، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

ئالتىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن جەننەتكە كىرمەك مۇمكىن

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى!﴾ (ئال ئىمران: 135 -، 136). دېمەك، سالىھلار خاتالىشىدۇ، لېكىن تەۋبە – ئىستىغپار ئېيتىشقا ئالدىرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى كۆپ ئىستىغپار ئېيتقانلىقى بائىس ئېسىل جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.

ھەقىقەتەن ھەربىر ئۈممەتنىڭ سالىھلىرى مۇشۇ يولنى تۇتقان ئىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەبر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل – ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر﴾ (ئال ئىمران: 16 -، 17).

ئىبنى ئەبىددۇنيا ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇئەزىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «مەن دادامنى ۋاپاتىدىن كېيىن بىر چۈشۈمدە كۆردۈم. گوياكى، ئۇ بىر باغچىنىڭ ئىچىدە ئىدى، ئۇ ماڭا بىرمۇنچە ئالمىلارنى سۇندى، مەن ئۇ ئالمىلارغا ‹ئەۋلاد› دەپ تەبىر بەردىم، مەن:

— ئى ئاتا، قايسى ئەمەلنىڭ پەزىلىتى كاتتا ئىكەن؟ — دېسەم، ئۇ:

— ئىستىغپار ئېيتىش، ئى ئوغلۇم! — دېدى»(11).

يەتتىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن ئۈستۈن دەرىجىلەرگە ئېرىشىش مۇمكىن

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە جەننەتتە سالىھ بەندىنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ. شۇندا (ئۇ بەندە):

— ئى رەببىم! مەن قانداق بولۇپ بۇ مەرتىۋىلەرگە ئېرىشتىم، — دەيدۇ، ئاللاھ تائالا:

— پەرزەنتىڭنىڭ سەن ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتقانلىقى يۈزىسىدىن (ئېرىشتىڭ)، — دەيدۇ»(12).

ئى قېرىندىشىم! ئويلانغىن! مۇئمىن بەندە ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئىستىغپار ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى قانداق ئۈستۈن قىلىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا – ئاناڭنىڭ قايسىبىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئىستىغپار ئېيتقىن، چۈنكى بۇ ئۇنىڭغا قەبرىسىدە مەنپەئەت قىلىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ ئەمەللەردىندۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىنى مېيت ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەشكە بۇيرۇيتتى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ھەبەشىستاننىڭ ساھىبى نەجاشىي ۋاپات بولغان كۈنى ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى ئاندىن: ‹قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەڭلار› دېدى»(13).

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر مىيتنى دەپنە قىلىپ بولغان چاغدا، قەبرە بېشىدا توختايتتى ئاندىن: ‹قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەڭلار ۋە ئۇنىڭ (سوئال – سوراق) ئۈستىدە بەردەم تۇرۇشىنى تىلەڭلار، چۈنكى ئۇ ھازىر سوئال – سوراق قىلىنىۋاتىدۇ› دەيتتى»(14).

سەككىزىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن كەڭرى رىزىق، يامغۇر – يېشىن ۋە باياشاتلىققا ئېرىشىلىدۇ

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، (ئازابقا دۇچار بولىسىلەر) سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ چوڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن﴾ (ھۇد: 3)، دەيدۇ.

ئالىملار ئېيتقانكى: « ﴿ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ﴾ دېگىنى ئاللاھ تائالا سىلەرنى دۇنيادا كەڭرى رىزىق، پاراۋان تۇرمۇش ۋە ساغلام تەن كەبى مەنپەئەتلەر بىلەن بەھرىمەن قىلىدۇ، سىلەرنى سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن قەۋملەرگە قىلغاندەك، ئازاب بىلەن تەلتۆكۈس يوقىتىۋەتمەيدۇ، بۇنى مەلۇم مۇددەتكىچە يەنى سىلەر ۋاپات بولىدىغان چاغقىچە شۇنداق قىلىدۇ، دېمەكتۇر».

ئاللاھ تائالا يەنە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىدىن : ﴿ (ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ﴾ (نۇھ: 10 – 12) دەيدۇ.

مۇقاتىل رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئۇزۇن يىللار ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا قىرىق يىل ئۇلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرمىدى ۋە ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مال – چارۋىلىرى ۋە زىرائەتلىرى ھالاك بولۇپ كەتتى. نەتىجىدە ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالام: ﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر…﴾ دېدى».

ئالىملار: «نۇھ ئەلەيھسسالام ئۇلارنى ئەگەر ئۇلار پەۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تىلىسە، پەۋەردىگارىنىڭ جىلغا ۋە ۋادىيلارنى قاندۇرىدىغان، ھەمدە بەندە ۋە شەھەرلەرنى تىرىلدۈرىدىغان مول يامغۇرنى ئارقىمۇ ئارقا ياغدۇرۇپ بېرىش، دۇنيالىق ئارزۇ – ئارمانلىرىغا يەتكۈزگۈسى مال – مۈلكلەرنى، بالا – چاقىلارنى كۆپەيتىپ بېرىش، تۈرلۈك مېۋىلەر مۇجەسسەم باغلارنى پەيدا قىلىپ بېرىش ۋە شۇنداقلا زىرائەتلەرنى سوغۇرىدىغان، ئۆزلىرىمۇ ئىچىدىغان ئۆستەڭلارنى پەيدا قىلىپ بېرىش ئارقىلىق رىزقىنى كۆپەيتىپ بېرىدىغانلىقىغا قىزىقتۇردى» دەيدۇ.

شەئبىي رەھىمەھۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇ: «ھەقىقەتەن، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يامغۇر تىلەشكە چىقىپ، مۇنبەرگە چىقتى ئاندىن: ﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ﴾ (نۇھ: 10 – 12) دېدى، ئاندىن مۇنبەردىن چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن خالايىق:

— ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! يامغۇر تىلىگەن بولسىلىچۇ؟ — دېگەنىدى، ئۆمەر:

— مەن يامغۇرنى ئاسماننىڭ ئاچقۇچى (ئىستىغپار) بىلەن تىلىدىم، — دېدى».

ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە دېگەن سۆزى قۇرئاندا مۇنداق كەلگەن: ﴿ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ زىيادە كۈچ – قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار﴾ (ھۇد: 52).

ئالىملار ئېيتىدۇ: «ھۇد ئەلەيھىسسالام ئىلگىرىكى گۇناھلار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىشقا ۋە تەۋبە قىلىشقا بۇيرۇدى. كىمكى بۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ رىزقىنى (رىزىق يوللىرىنى) ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ شەنىنى، كۈچ – قۇۋۋىتىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ».

جەئفەر سادىق رەھىمەھۇللاھ: «ئەگەر نەزىرىڭدە رىزقىڭ ئاستا بولسا، كۆپ ئىستىغپار ئېيتقىن» دېگەن.

توققۇزىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش پەرزەنتنىڭ كۆپ بولۇشىغا يول ئاچىدۇ

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى قۇرئاندا مۇنداق كەلگەن: ﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ﴾ (نۇھ: 10 – 12). دېمەك، ئىستىغپار ئېيتىش يامغۇر – يېشىن، رىزىق – روزىغار، مېۋە – چىۋە، بالا – چاقا ۋە مال – چارۋىلارنىڭ كۆپ ۋە ئەلۋەك بولۇشىغا سەۋەبتۇر.

قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ تەپسىرىدە ئىبنى سۇبەيھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى زىكىر قىلغان: «بىر كىشى ھەسەن رەھىمەھۇللاھقا قەھەتچىلىك بولۇپ كەتكەنلىكىنى شىكايەت قىلغانىدى، ئۇنىڭغا: ‹ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگىن› دېدى. يەنە بىر كىشى پېقىرلىقنى شىكايەت قىلغانىدى، ئۇنىڭغىمۇ: ‹ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگىن › دېدى. يەنە بىر كىشى ئۇنىڭغا: ‹ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا پەرزەنت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلىپ قويسىلا› دېگەنىدى، ئۇنىڭغىمۇ: ‹ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگىن› دېدى. يەنە بىر كىشى ئۇنىڭغا باغلىرىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى شىكايەت قىلغانىدى، ئۇنىڭغىمۇ: ‹ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگىن› دېدى. بىز ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىدۇق، ئۇ: ‹مەن ھېچنەرسىنى ئۆزۈم ئىچىمدىن چىقىرىپ دېمىدىم، شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ﴾ (نۇھ: 10 – 12) دېدى».

ئونىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن كۈچ – قۇۋۋەتكە ئېرىشىلىدۇ

قۇرئاندا كېلىشىچە ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەن: ﴿ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ – قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار﴾ (ھۇد: 52).

بۇ ھەقتە ئالىملار: «ئۇلار ئەڭ كۈچلۈك ئىنسانلار ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن : ﴿كۈچ – قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟﴾ (فۇسسىلەت: 15) دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئەگەر ئىمان ئېيتسا، بەدەن، مال – چارۋا ۋە ئەۋلاد كۈچ – قۇۋۋىتىنى زىيادە قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر».

دېمەك، ئىستىغپار ئېيتىش تەننىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى، بەدەننىڭ ساغلاملىقى، كېسەللەردىن، ئاپەتلەردىن ئامان قېلىش ۋە كېسەل – ئاغرىقلاردىن شىپا تېپىشنىڭ بىر يولىدۇر.

ئون بىرىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن غەم – قايغۇ ۋە خاپىلىقلار كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى دائىم ئىستىغپار ئېيتسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھەر قىيىنچىلىقىغا بىر چىقىش يولى، ھەر غەم – قايغۇسىغا بىر ئامال – چارە ئەۋەتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ»(15) دېگەن.

دېمەك، قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ ئىستىغپار ئېيتىش نەتىجىسىدە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ غەم – قايغۇ ۋە خاپىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋەتتى، تەشۋىش – ئەندىشىلىرىنى خۇشاللىققا، قىيىنچىلىقلىرىنى كەڭرىچىلىككە، مۈشكۈلاتلىرىنى ئاسانلىققا ۋە پېقىرلىقىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۇلارغا كۆپ خۇشاللىنارلىق ئىشلار يۈزلەندى.

شەمسىددىن ئىبنى ئابدۇلھادىي رەھىمەھۇللاھ «ئەلئۇقۇۋدۇددۇررىييە» دېگەن كىتابتا مۇنداق دېگەن: «مەن شەيخۇلئىسلامنىڭ ئەمدى تونۇلىۋاتقان چاغلىرىدا: ‹ھەقىقەتەن، بەزىدە ماڭا تەس تۇيۇلغان مەلۇم بىر مەسىلە ياكى نەرسە ۋە ياكى ئەھۋال ئالدىدا كاللام توختاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن كۆڭلۈم ئېچىلىپ، كاللامنى قاتۇرغان شۇ تۈگۈن يېشىلگەنگە قەدەر، ئاللاھ تائالاغا مىڭ قېتىمدىن ئاز ياكى كۆپ ئىستىغپار ئېيتىمەن› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، ئۇ يەنە: ‹مەن ئۇ چاغدا بازاردا يا مەسجىدتە، يولدا ۋەيا مەدرىسەدە بولۇشۇم مۇمكىن، قەيەردىلىكىم مېنىڭ مەقسىتىمگە يەتكەنگە قەدەر زىكىر ئېيتىش ۋە ئىستىغپار ئېيتىشىمغا تەسىر قىلمايدۇ› دېگەنىدى».

ئون ئىككىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن دۇنيادا ئازاب دەﻓﺌ بولىدۇ

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ﴾ (ئەنفال: 33).

فۇزالە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەپ تۇرسىلا، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولىدۇ»(16).

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا كۈن تۇتۇلدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەت قايىم بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ، چۆچۈگەن ھالدا ئورنىدىن تۇردى، ھەتتا مەسجىدكە كەلدى. ئاندىن ئەڭ ئۇزۇن قىيام، رۇكۇ – سەجدە بىلەن ناماز ئوقۇشقا باشلىدى. مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھېچقايسى نامازدا ئۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: ‹ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن بۇ مۆجىزىلەر بىرەر كىشىنىڭ ئۆلۈمى ياكى ھاياتى ئۈچۈن يۈز بەرمەيدۇ. بەلكى، ئاللاھ تائالا ئۇ ئەھۋاللارنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق بىرەر ئالامەتنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشقا، دۇئا قىلىشقا ۋە ئىستىغپار ئېيتىشقا ئالدىراڭلار› دېدى»(17).

ئەلقىسسە، ئەلى رەزىيەللاھۇ:

— نىجاتبەخش تۇرۇپمۇ ھالاك بولۇپ كېتىدىغان كىشىدىن ئەجەبلىنىش كېرەك، —دېگەنىدى، (ئۇنىڭغا):

— نىجاتبەخش دېگەن نېمە؟ — دەپ سوراشتىلەر، ھەزرىتى ئەلى:

— ئىستىغپار ئېيتىش، — دېدى.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە مۇنداق دېگەنىدى: «ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى ئازابلاشنى ئىرادە قىلغان بولسا، ئۇنىڭ دىلىغا ئىستىغپار ئېيتىشنى ئىلھام قىلمايدۇ».

دېمەك، ئىستىغپار ئېيتىش ئارقىلىق بالايىئاپەتلەرنى يوق قىلغىلى، پالاكەتلەردىن ئامان قالغىلى ۋە پىتنە – پاسات، رەنج – مۇشەققەتلەردىن ئېسەن قالغىلى بولىدۇ.

ئون ئۈچىنچى: ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىنىدۇ

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: «پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى (جەڭ مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا بولمىدى. ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى (يەنى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى) ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشى ساۋابىنى (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلدى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ﴾ (ئال ئىمران: 146 – 148).

بۇ ھەقتە كەلگەن رىۋايەتلەردىن يەنە: ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەھلىمگە قارىتا ئاغزى يامان بىر ئادەم ئىدىم، مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن تىلىمنىڭ مېنى دوزاخقا كىرگۈزۈشىدىن قورقۇپ قالدىم، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

—سەن ئىستىغپار ئېيتىشنى بىلمىدىڭمۇ؟ ئەزبىرايى، مەن ئاللاھ تائالاغا كۈندە يۈز قېتىم ئىستىغپار ئېيتىمەن، — دېدى»(18).

مەنبەسى: عشر ثمار لمن لزم الاستغفار – أبو حاتم سعيد القاضي – https://ar.islamway.net/article/76644/

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات

——————————————————–
(1): «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 3334 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»، 4244 – ھەدىس، «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 7952 – ھەدىس. ئالبانىي بۇ ھەدىسنى: «ھەسەن» دېگەن.
(2): «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2577 – ھەدىس.
(3): «سەھىھۇلبۇخارىي»، 7507 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2758 – ھەدىس.
(4): «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2749 – ھەدىس.
(5): «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 11237 – ھەدىس؛ «ئەبۇ يەئلا» 1399 – ھەدىس؛ تەبەرانىي «ئەلمۇئجەمۇلئەۋسەت»، 8788 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
(6): بۇ ھەدىسنى ھاكىم «مۇستەدرەك»تە رىۋايەت قىلغان ۋە: «ئىمام بۇخارىي بىلەن ئىمام مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھۇتتەرغىب»تە: «سەھىھ» دېگەن.
(7): «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»، 3818 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
(8): تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلئەۋسەت»، 839 – ھەدىس؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، 648 – ھەدىس؛ ئەززىيا: «ئەلئەھادىيسۇلمۇختارە»، 892 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇلجامى»، 5955 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
(9): سەھىھۇ مۇسلىم»، 79 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»، 4003 – ھەدىس.
(10): سەھىھۇ مۇسلىم»، 214 – ھەدىس.
(11): «ئەلمەنامات»، 26 – بەت.
(12): مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 10610 – ھەدىس؛ «ئەسسەھىھۇلمۇسنەد»، 1389 – ھەدىس. بۇ «ھەسەن» ھەدىس.
(13): «سەھىھۇل بۇخارىي»، 1327 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 951 – ھەدىس.
(14): «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»، 3221 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ بەززار»، 445 – ھەدىس؛ «ئەمەلۇليەۋمى ۋەللەيلە لىئىبنۇسسۇننى» 585 – ھەدىس. ئىبنىۇسسۇننىنىڭ رىۋايىتىدە بىر ئاز ئوخشاشماسلىق بار. ئەلۋادىئىي: («ئەسسەھىھۇلمۇسنەد»: 933 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن.
(15): «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»، 1518 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»، 3819 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 2234 – ھەدىس؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلئەۋسەت»، 6291 – ھەدىس؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇلكۇبرا»، 6421 – ھەدىس. ئالبانىي: ( «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 705 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن. بۇ ھەدىس زەئىف بولسىمۇ، باشقا سەھىھ دەلىللەرگە ئاساسەن مەزمۇنى قوبۇل قىلىنىدىغان ھەدىستۇر.
(16): «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23935 – ھەدىس. شۇئەيبۇلئەرنائۇت: «بۇ ھەدىس بارلىق يوللىرى ۋە شاھىدلىرى بىلەن ھەسەندۇر» دېگەن.
(17): «سەھىھۇل بۇخارىي»، 1059 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 912 – ھەدىس.
(18): نەسائىي «ئەسسۈنەنۇلكۇبرا»، 10287 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»، 3817 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23371 – ھەدىس؛ شۇئەيبۇلئەرنائۇت: («تەخرىيجۇلمۇسنەد»، 23371 – ھەدىس) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.

Please follow and like us:
Exit mobile version