ئاللاھنىڭ بەندىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئالامىتى

د. مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم نەئىم

شەك – شۈبھىسىزكى، ئىنسان تەبىئەتەن ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان كىشىلەرنى، ئەخلاقى گۈزەل ئادەملەرنى ۋە تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداقلا، ھەقىقەتەن كىشى ئۆز ئايال – بالىلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئاتا – ئانىسىنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلارنى رازى قىلىش ئۈچۈن خىزمىتىدە بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەلكىم، بىراۋ «كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئۈستۈن ياخشى كۆرۈش بەندىنىڭ پەرۋەردىگارىنى ياخشى كۆرۈشىدۇر» دېيىشى مۇمكىن، شۇنى بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن بولغان بىر ياخشى كۆرۈش بار.

سەن ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشۈڭدىنمۇ ئۈستۈن بىر ياخشى كۆرۈشنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسەن؟

بىلگىنكى، ياخشى كۆرۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى: ئاللاھنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈشىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرسە، سېنى ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. بەزىدە سەن ئاللاھنى «ياخشى كۆرىسەن»، لېكىن ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرمەسلىكى مۇمكىن. ئۇلۇغ ئاللاھقا سىغىنىپ بۇنىڭدىن پاناھ تىلەيمىز.

ئۇنداقتا ئاللاھنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق بىلىسەن؟ تۆۋەندە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇنىڭغا قىسقىچە جاۋاب بېرىلىدۇ.

شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنى دوزاختىن ساقلايدۇ ۋە جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بىر كىچىك بالا يول ئۈستىدە تۇراتتى. دەل شۇ چاغدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر مۇنچە ساھابىلىرى بىلەن بىللە بۇ يولدىن ئۆتۈپ قالدى. ئۇ بالىنىڭ ئانىسى بۇ ئالاماننى كۆرۈپ، بالىسىنىڭ دەسسىلىپ كېتىشىدىن قورقۇپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، بالىسىنى كۆتۈرۈۋالدى ۋە ‹بالام! بالام!› دەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ئايال بالىسىنى ئوتقا تاشلامدۇ! ــ دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ياق، تاشلىمايدۇ. ئاللاھمۇ ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن بەندىسىنى دوزاخقا تاشلىمايدۇ، ــ دېدى»(1).

دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولۇش بەندە ئۈچۈن ئەڭ يۈكسەك غايە – نىشاندۇر، چۈنكى ئاللاھ بىزلەرنى ياخشى كۆرسە، بىزنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ ۋە دوزاختىن ساقلايدۇ.

كۆپلىگەن خىزمەتچىلەر باركى، باشلىقلىرىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئۆز خىزمەتلىرىدە قاتتىق تىرىشىپ ئىشلەيدۇ. سەن ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنىڭ ياكى مائاشىنىڭ ئۆسۈشىنى ئارزۇ قىلىپ، باشلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلىشكە بەك ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن.

كۈنىمىزدە، بىرەرىمىز ئۆزىمىزدىن «ئاللاھ مېنى ياخشى كۆرەمدۇ؟» دېگەن سوئالنى سوراپ باقتۇقمۇ؟ شۇنداق، سەن ئاللاھنى ياخشى كۆرىسەن. ھەممە مۇسۇلمان مۇشۇ سۆزنى ئېيتىدۇ. ھېچبىر مۇسۇلمان «مەن ئاللاھنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. لېكىن، ئەڭ مۇھىمى، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرەمدۇ؟ ئاللاھنىڭ بەندىسىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟ ئاللاھنىڭ بىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ تۆۋەندە بۇلارغا قىسقىچە جاۋاب بېرىلىدۇ:

ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىن بەندىسىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ بىرىنچى ئالامىتى: ئۇنى ئىمان ئېيتىش ۋە دىيانەتلىك بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىدۇر

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا ئاراڭلاردا رزقىڭلارنى تەقسىم قىلغاندەك، ئەخلاقىڭلارنىمۇ تەقسىم قىلدى. شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا مال – دۇنيانى ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىسىگىمۇ بېرىدۇ، ياخشى كۆرمىگەن بەندىسىگىمۇ بېرىدۇ. ئىماننى بولسا پەقەت ياخشى كۆرگەن بەندىسىگىلا بېرىدۇ»(2).

دېمەك، مال – دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئەمەس. نەچچە مىليارد ئىقتىسادنىڭ ئىگىسى بولغان كاپىرلارنى، دىنسىزلارنى كۆرۈۋاتىمىزغۇ؟! بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاللاھ تائالا مال – دۇنيانى ھەممە بەندىسىگە بېرىدۇ. لېكىن، «ئىمان»دىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېئمەتنى پەقەت ياخشى كۆرگەن بەندىسىگىلا بېرىدۇ.

دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ بىرىنچى ئالامىتى: ئاللاھ تائالانىڭ سېنى مۆمىن قىلغانلىقى، كاپىر قىلمىغانلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن ئۆزۈڭنى سالىھلارنىڭ يولىدا ماڭغان، ئۇلارنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقان، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئەمىلىدەك ئەمەل قىلغان ھالەتتە كۆرسەڭ، بىلگىنكى، ئاللاھ تائالا سېنى ساڭا ھەق يولنى كۆرسەتكەنلىكى بىلەن ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا بۇ يولنى چىڭ تۇتقىن ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق ئەمەل قىلغىن. ئەگەر ئۆزۈڭنى بۇنىڭ ئەكسىچە كۆرسەڭ، بىلگىنكى، سەن بەختسىزسەن ۋە جەھەننەمسېرى مېڭىۋېتىپسەن. ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ بۇنىڭدىن پاناھ تىلەيمىز.

ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىن بەندىسىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئىككىنچى ئالامىتى: ئۇنى دۇنيانىڭ پىتنىلىرىدىن ۋە قۇرۇق ئارزۇ – شەھۋەتلىرىدىن ساقلاپ قالغانلىقىدۇر

دېمەك، بەختلىك كىشى پىتنىلەردىن يىراق بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلىنغان كىشىدۇر. مەھمۇد ئىبنى لەبىد رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا مۆمىن بەندىسىنى خۇددى سىلەر ئاراڭلاردىكى كېسەل كىشىنى (ئۇنىڭغا زىيان قىلىشىدىن) قورقۇپ، (بەزى) يېمەك – ئىچمەكلەرنى (بەرمەي) ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ (ھىمايە قىلىدۇ). ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ»(3).

تىرمىزىينىڭ رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى ياخشى كۆرسە، خۇددى بىرىڭلار بىمار كىشىنى سۇدىن پەرھىز تۇتقۇزغاندەك دۇنيادىن پەرھىز تۇتقۇزۇپ ئاسرايدۇ»(4).

بۇ ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن بەندىسىنى كەمبەغەل قىلىپ قويىدۇ، يامان كۆرگەن بەندىسىنى باي قىلىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن، بۇنىڭدىن كۆزدە تۇتۇلغىنى ئاللاھ تائالا ئۇنى دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىگە ئېسىلىشتىن ساقلايدۇ ۋە ئۇنىڭ قەلبىنى دۇنيا بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتىن ۋە دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن (ئاخىرەتنى ياخشى كۆرۈشكە) بۇرۇۋېتىدۇ، دېگەنلىكتۇر.

مىسال تەرىقىسىدە ھەشەمەتلىك ئۆي – جاي، سەيلە – ساياھەت ۋە قۇرۇق ئارزۇ – ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يۈز مىڭلاپ پۇل خەجلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ھالىغا قاراپ باقايلى! ئۇ كىشى بۇ قىلمىشلىرىدىن سۆيۈنىدۇ. لېكىن، ئۇ پېقىر – مىسكىنلەر، موھتاجلار ۋە مۇجاھىدلار ئۈچۈن يۈز رىيال پۇل خەجلەپ قالسا، يۈرىكىنىڭ پۇچۇلانغانلىقىنى ۋە قاتتىق ئۇھسىنغانلىقى كۆرىمىز! نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى ئاخىرەت ئەمەس، بۇ دۇنيادۇر. شۇڭا، ئۇ پانىي دۇنيانى ياخشى كۆرۈپ، ئاخىرەتنى ئۇنتۇدى.

بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ــ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا ئەگەر قىلسام مېنى ئاللاھمۇ ياخشى كۆرىدىغان، ئىنسانلارمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەمەلنى كۆرسىتىپ قويسىلا! ــ دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ دۇنيادىن زاھىت بولغىن (دۇنيانى دوست تۇتمىغىن)، شۇندىلا، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى نەرسىدىن زاھىت بولغىن (تەمە قىلمىغىن)، شۇندىلا، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ، ــ دېدى(5).

دېمەك، «زاھىتلىق» دېگەن دۇنيا سېنىڭ قەلبىڭدە بولماي، قولۇڭدا بولۇشىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىن بەندىسىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئۈچىنچى ئالامىتى: ئۇ بەندىنىڭ قوپاللىقنى تەرك ئېتىپ، مۇلايىملىق ۋە باغرى يۇمشاقلىققا مۇۋەپپەق قىلىنغانلىقىدۇر

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرنى ياخشى كۆرسە، ئۇلارغا مۇلايىملىقنى ئاتا قىلىدۇ»(6).

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا ھەممە ئىشلاردا مۇلايىم بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ»(7).

دېمەك، ئومۇمەن ھەممە ئادەملەرگە، بولۇپمۇ ئايالى ۋە بالا – چاقىلىرىغا مۇلايىم، ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بىر كىشىنى كۆرسەك، بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. كۆپ كىشىلەر باركى، ئايالىغا بالىلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ ئالدىدا ئاھانەت قىلىدۇ. ھەتتا بەزىلەر ئۆز ئايالىنى قەستەن خارلايدۇ، گاھىدا ھاقارەتلەش ۋە كىچىكىدىن تارتىپ ئەتىۋارلاپ، «يۈرەك پارەم» دەپ چوڭ قىلغان ۋە ئۇ كىشىگە ئامانەت قىلىپ بەرگەن ئاتا – ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئايالىغا ۋارقىراپ – جارقىرايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئەركەكنىڭ ئەخلاقى ئەمەس، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگىمۇ مۇتلەق خىلاپ. شۇڭا، بەزىدە بۇ خىل ئەھۋالنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر، دەپ چۈشەنسەك خاتالاشمايمىز.

ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىن بەندىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ تۆتىنچى ئالامىتى: ئۇنى دىنىي ۋە دۇنيالىق جەھەتتىن سىنايدىغانلىقىدۇر

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىگە بېرىلىدىغان بالايىئاپەت (مۇسىبەت) قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋابمۇ شۇنچە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بىرەر قەۋمنى ياخشى كۆرسە، تۈرلۈك بالالار بىلەن ئۇلارنى سىنايدۇ. كىمكى ئۇنىڭغا (سەبر قىلىپ) رازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن داتلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا غەزەپلىنىدۇ»(8).

دېمەك، ئاللاھ تائالا سېنى تاۋلاش ئۈچۈن سىنايدۇ. بەزىدە بايلىق ياكى پېقىرلىق بىلەن، بەزىدە بىكارچىلىق ياكى ئالدىراشلىق بىلەن سىنايدۇ؛ بەزىدە ئىقتىسادىڭ ياكى جېنىڭغا يېتىدىغان زىيان ئارقىلىق سىنايدۇ. كىمكى بۇ سىناقلارغا رازى بولسا ۋە سەۋر قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ. كىمكى نارازى بولسا، چوڭ ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ ۋە رازلاش بىلەن يوقىتىپ قويغان نەرسىسىنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان – زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن﴾ (بەقەرە: 155).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (ئاللاھنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر﴾ (مۇھەممەد: 31).

شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر مۇسىبەتكە يولۇققان ئادەمگە: «بۇ مىسكىن بۇ مۇسىبەتكە لايىق ئادەمكەن» دېيىشىمىز دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن ۋە مۇسىبەتكە سەبر قىلىپ ۋايسىمىسا، جەننەتتە ئالىي دەرىجىلەرگە كۆتۈرۈشنى ئىرادە قىلغان بەندىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، بىر كىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا بىر مەنزىلى بولىدۇ. ئۇ بۇ مەنزىلگە بىرەر ئەمەل بىلەن يېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى شۇ مەنزىلگە يەتكەنگە قەدەر ئۇنى يامان كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن داۋاملىق سىنايدۇ»(9).

دېمەك، ئىنسان دىيانىتى ۋە ئىمانىنىڭ مىقدارىغا قارىتا سىنىلىدۇ. سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! قايسى كىشىلەر ھەممىدىن بەك سىنىلىدۇ؟ ــ دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ:

ــ پەيغەمبەرلەر ئاندىن سالىھلار، ئاندىن سالىھلار. بىر كىشى دىنىغا قارىتا (ئىمانىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىغا قارىتا) سىنىلىدۇ: ئەگەر ئۇ دىنىدا ناھايىتى مۇستەھكەم، ئىمانى كۈچلۈك كىشى بولسا، ئۇنىڭغا كېلىدىغان مۇسىبەتلەرمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ئۇ دىنىدا سۇس كىشى بولسا، دىنىغا قارىتا سىنىلىدۇ (يەنى شۇ سۇسلۇقىغا قارىتا سىنىلىدۇ). بالا – مۇسىبەت بەندىگە داۋاملىق كېلىپ تۇرىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنى زېمىندا گەدىنىدە ھېچقانداق خاتالىق بولمىغان ھالەتتە ماڭىدىغان قىلىدۇ، ــ دېدى(10).

شۇنىڭ ئۈچۈن، لوقمان ھەكىم ئوغلىغا مۇنداق دېگەنىدى: «ئى ئوغلۇم! شەكسىزكى، ئالتۇن – كۈمۈش ئوت بىلەن سىنىلىدۇ. مۇئمىن بالا – مۇسىبەت بىلەن سىنىلىدۇ»(11).

ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىن بەندىسىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ بەشىنچى ئالامىتى: ئاللاھ بەندىنىڭ قىلغان گۇناھىنىڭ جازاسىنى بۇ دۇنيادىلا بېرىدۇ، ئاخىرەتكە كېچىكتۈرمەيدۇ

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەففەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر كىشى جاھىلىيەت دەۋرىدە پاھىشەلىك قىلىدىغان بىر ئايالغا ئۇچراپ قېلىپ، ئۇنىڭغا قانات سۆرەشكە باشلىدى. ھەتتا قولىنى ئۇنىڭغا سوزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال:

ــ شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا شېرىكنى يوق قىلىپ، ئىسلامنى كەلتۈردى، ــ دېگەنىدى، ئۇنى تاشلاپ ئارقىسىغا يېنىپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن يەنە ئۇ ئايالغا قاراش ئۈچۈن ئارقىسىغا بۇرالغانىدى، ئۇدۇلىدىكى بىر تامغا ئۈسۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بولۇپ ئۆتكەنلەرنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خەۋەر قىلغانىدى، رەسۇلى ئەكرەم مۇنداق دېدى:

ــ سەن ئاللاھ ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان بەندىكەنسەن. ئەگەر ئاللاھ بىر بەندىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا قىلغان گۇناھىنىڭ جازاسىنى بۇ دۇنيادىلا بېرىدۇ؛ ئەگەر بىر بەندىگە يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، قىلغان گۇناھلىرىغا قارىتا جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ، ھەتتا قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا گۇناھلىرىنى يۈدكىنىچە ئىشەكتەك چىقىدۇ(12).

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ گۇناھ – مەئسىيەتتىن قول ئۈزمەيدىغان بىر بەندىسىگە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىنى بەرگەن بولسا، ئۇنۇتمىسۇنكى، بۇ مۆھلەت بېرىشتۇر، ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ ئۇ بەندىسىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئەمەستۇر. بۇنىڭ دەلىلى، ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھنىڭ بەندىگە ئۇ گۇناھ – مەئسىيەت قىلىپ تۇرسىمۇ، ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى بەرگەنلىكىنى كۆرسەڭ، شەكسىزكى، ئۇ مۆھلەت بېرىشتۇر». ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «﴿ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش يۈزىسىدىن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن خۇشال – خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى﴾(ئەنئام: 44) »(13).

بۇ ھەرگىزمۇ بەندە رەببىدىن ئۆزىگە تېگىشلىك جازانى بۇ دۇنيادىلا بېرىشىنى سورىسۇن، دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، مۇسۇلماننىڭ ھەر ۋاقىت ئاللاھدىن سالامەتلىك سورىشى، بالا – قازا ۋە ئازاب – ئوقۇبەتتىن پاناھلىق تىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ھەقىقەتەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر مۇسۇلمان كىشىنى يوقلاپ باردى. ئۇ كىشى ئاجىزلاپ، باچكىغا ئوخشاش بولۇپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىگە:

ــ سەن ئاللاھدىن يامان كۆرۈلىدىغان بىرەر ئىشنى سوراپ، دۇئا قىلغانمىدىڭ؟ ياكى ئاللاھدىن مۇشۇ (سەن مۇپتىلا بولغان بۇ ئەھۋال)نى تىلىگەنمىدىڭ؟ ــ دەپ سورىغانىدى، ئۇ كىشى:

ــ شۇنداق، مەن: ‹ئى ئاللاھ! مېنى ئاخىرەتتە تارتماقچى بولغان جازايىڭنى ماڭا بۇ دۇنيادىلا بەرگىن› دەيتتىم، ــ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ سۇبھانەللاھ! سەن ئۇنىڭغا تاقەت قىلالمايسەن، ــ دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «سەن ئاللاھنىڭ ئازابىغا تاقەت قىلالمايسەن، سەن: ‹ئى ئاللاھ! بىزگە بۇ دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن› دېسەڭ بولماسمىدى! » دەپ كەلگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلغانىدى، ئاللاھ ئۇ كىشىگە شىپالىق بەردى»(14).

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئالتىنچى ئالامىتى: بەندىنىڭ باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا، ياردەم بېرىشكە ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشكە مۇۋەپپەق قىلىنىشى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! قايسى كىشى ئاللاھ تائالاغا ئەي سۆيۈملۈك؟ ــ دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى:

ــ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى باشقىلارغا ئەڭ مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى كىشىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل سەن بىر مۇسۇلماننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىپ ياكى قەرزىنى تۆلەپ بېرىپ، ۋە ياكى قارنىنى توقلاپ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان خۇشاللىقتۇر. ئەلۋەتتە بىر كىشىنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن مېڭىشىم مەن ئۈچۈن بۇ مەسجىدتە (يەنى مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسجىدىدە) بىر ئاي ئېتىكاپتا ئولتۇرغىنىمدىن ياخشىراقتۇر. كىمكى ئاچچىقىنى چىقىرىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئاچچىقىنى يۇتسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قەلبىنى رازىلىققا تولدۇرىدۇ. كىمكى قېرىندىشى بىلەن ئۇنىڭ ھاجىتىنى دەپ ماڭسا ۋە ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بەرسە، ئاللاھ تائالا قەدەملەر تېيىلىپ كېتىدىغان كۈندە ئۇنىڭ ئىككى قەدىمىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ»(15).

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ يەتتىنچى ئالامىتى: ئۇنى گۈزەل ئەخلاققا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىدۇر

ئۇسامە ئىبنى شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، ھېچقايسىمىز گەپ قىلماي، خۇددى ئاغزىمىزغا تاش سېلىۋالغانىدۇق. تۇيۇقسىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بىرمۇنچە كىشىلەر كېلىپ:

ــ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغانلار كىملەر؟ ــ دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان بەندىلەر، ــ دېدى»(16).

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ سەككىزىنچى ئالامىتى: ئۇنى ھاياتىنى گۈزەل ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋە ياخشى ئەمەلنىڭ ئۈستىدە ۋاپات بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىدۇر

ئەمر ئىبنى ھەمق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئەگەر ئاللاھ بىر بەندىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنى ئەسەل قىلىدۇ (يەنى ياخشى نامىنى قالدۇرىدۇ)، ــ دېگەنىدى، ساھابىلەر:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! بەندىنى ئەسەل قىلىش دېگەن نېمە؟ ــ دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئاللاھ ئۇنى ئەجىلى كېلىشتىن ئىلگىرى بىر ياخشى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىن قوشنىلىرى رازى بولىدۇ، ــ دېدى ياكى: ئەتراپىدىكى كىشىلەر رازى بولىدۇ، ــ دېدى»(17).

يەنە بىر ھەدىستە ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر ئاللاھ بىر بەندىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى پاكلايدۇ، ــ دېگەنىدى، ساھابىلەر:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! بەندىنى پاكلاش دېگەن نېمە؟ ــ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئاللاھ ئۇنى قەبزى روھ قىلغانغا قەدەر ئۇنىڭغا ئىلھام قىلىدىغان ياخشى ئەمەلدۇر، ــ دېدى»(18).

مەسىلەن، بىر كىشى ئېھرام باغلىغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ گۈزەل ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ خۇددى ھېلىقى ساھابىنىڭ مىسالىغا ئوخشاشكى، خوشلىشىش ھەجىدە (ھەج پائالىيەتلىرى جەريانىدا) بىر ساھابىنى ئۇلىغى ئۈستىدىن ئېتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «ئۇنى سۇ ۋە سىدىر(19) بىلەن يۇيۇڭلار، ئىككى رەختتە كېپەنلەڭلار، ئۇنى ھەنۇتلىماڭلار(20) ۋە بېشىنى يۆگىمەڭلار، ھەقىقەتەن ئۇ قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ»(21).

شەكسىزكى، شەرىئەتنىڭ ئىگىسى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تائالا ھاياتنىڭ گۈزەل ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان روشەن ئالامەتلەرنى بەلگىلەپ بەردى. بۇلار ئارقىلىق بەندىنىڭ ھاياتىنىڭ گۈزەل ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئاللاھ تائالادىن بىزنى ئۇلاردىن مەھرۇم قىلماسلىقىنى سورايمىز، كىمكى بۇ ئالامەتلەرنىڭ بىرسى تېپىلغان ھالەتتە ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇش بېشارەت ھېسابلىنىدۇ.

بۇلارنىڭ قاتارىدىن: بەندىنىڭ پېشانىسى تەرلىگەن ھالدا ۋاپات بولۇشى

بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇ بەندىنىڭ بەزى گۇناھلىرى بولسا، ئۇنى گۇناھلىرىدىن پاكلاش ياكى دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىش ئۈچۈن سەكراتتىكى ۋاقتىدا قاتتىق ئەلەم تارتقۇزۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پېشانىسى تەرلەيدۇ. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۆمىن پېشانىسى تەرلەپ ۋاپات بولىدۇ»(22).

ئۇلارنىڭ قاتارىدىن يەنە: بەندىنىڭ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدىكى ئاخىرقى سۆزى «لائىلاھە ئىللەللاھ» (دەپ گۇۋاھلىق بېرىش) بولۇشى

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭكى، ئەڭ ئاخىرقى سۆزى ‹لائىلاھە ئىللەللاھ› بولسا، جەننەتكە كىرىدۇ»(23).

ئۇلارنىڭ قاتارىدىن يەنە: بىر كىشىنىڭ ئاللاھ يولىدا شەھىد بولغان ھالدا ئۆلۈپ كېتىشىدۇر

شەكسىزكى، بۇ ئۈممەتنىڭ شەھىدلىرى بەك كۆپتۇر، ئەمما پەقەت ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرلا شەھىد ئەمەس. يەنى، كىمكى ئاللاھدىن راستچىللىق بىلەن شەھىدلىكنى سورىسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى – گەرچە ئۇ كۆرپىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ – شەھىدلەرنىڭ مەنزىللىرىگە يەتكۈزىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھدىن راستچىللىق بىلەن شەھىدلىكنى سورىسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى – گەرچە ئۇ كۆرپىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ – شەھىدلەرنىڭ مەنزىللىرىگە يەتكۈزىدۇ»(24).

ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان پەزىلەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن يەنە، ئۇلارغا يەتكەن بەزى مۇسىبەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنى شەھىدلەرنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشىدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ مۇئمىن مۇسىبەتلەرنى ئارزۇ قىلسۇن، دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئاللاھ تائالادىن سالامەت قىلىشىنى سوراش كېرەك.

مۇبتىلا بولغۇچىنى شەھىدلەرنىڭ دەرىجىسىگە يەتكۈزىدىغان ئەڭ ئېغىر مۇسىبەتلەر:

مېلىنى، يۈز – ئابرۇيىنى، دىنىنى ۋە جېنىنى قوغداش بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى شەھىدتۇر. سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى مېلىنى قوغدىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇ شەھىدتۇر. كىمكى ئەھلىنى قوغدىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇ شەھىدتۇر. كىمكى دىنىنى قوغدىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇ شەھىدتۇر. كىمكى جېنىنى قوغدىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇ شەھىدتۇر»(25).

بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدىكى شەھىدلەرنىڭ قاتارىدىن يەنە: ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلگەن؛ سۇدا غەرق بولۇپ ئۆلگەن؛ قۇرساق ئاغرىقى سەۋەبىدىن ئۆلگەن؛ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن ۋە تۇغۇت ياكى نىپاس جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئايال قاتارلىقلارمۇ شەھىددۇر. راشىد ئىبنى ھۇبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق رىۋايەت قىلدى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇبادە ئىبنى سامىت كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۇنى يوقلاپ كىردى. ئاندىن:

ــ ئۈممىتىمدىن كىملەرنىڭ شەھىد ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ــ دېگەنىدى، سورۇندىكىلەر گەپ قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇبادە:

ــ مېنى يۆلەپ قويۇڭلار، ــ دېگەنىدى، ئۇلار ئۇنى يۆلەپ قويدى ئاندىن ئۇ:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! سەۋر قىلغۇچى، ساۋاب ئۈمىد قىلغۇچى (شەھىدتۇر)، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئۇنداق بولسا ئۈممىتىمنىڭ شەھىدلىرى ئاز بولۇپ قالىدۇ! ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈش شەھىدلىكتۇر؛ ۋابا كېسىلىدە ئۆلۈش شەھىدلىكتۇر؛ سۇغا غەرق بولۇپ كېتىش شەھىدلىكتۇر؛ قورساق ئاغرىقى (ئاغرىقتا ئۆلۈپ كېتىش) شەھىدلىكتۇر؛ نىپاسدار ئاياللارنى بالىسى يۆگىكى بىلەن جەننەتكە سۆرەيدۇ؛ ئوتتا كۆيۈپ كېتىش ۋە كەلكۈنگە غەرق بولۇپ كېتىش (يەنى شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىش) ھەم شەھىدلىكتۇر، ــ دېدى»(26). (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تام بېسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىمۇ تىلغا ئالدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تام بېسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى شەھىدتۇر»(27).

شۇنىڭدەك يەنە سىل كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىمۇ شەھىدتۇر (بۇ كۆكرەك كېسەللىرىنىڭ بىرىسى). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىل (تۇبېركۇليۇز) كېسەللىكىدە ئۆلۈپ كېتىش شەھىدلىكتۇر»(28).

يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئەھۋاللار ۋە مۇسىبەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن شەھىدلىكنىڭ ئورنىدا قىلدى ۋە گۈزەل خاتىمەنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدى.

ئەگەر ئاللاھنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈشىنى ئىرادە قىلساڭ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكىن. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(ئال ئىمران: 31).

ئەگەر ئاللاھنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈشىنى خاھلىساڭ، سالىھلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغىن ۋە ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرغىن. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئاللاھ تائالا: ‹مېنىڭ مۇھەببىتىمنى دەپ دوستلاشقان، مېنى دەپ بىللە ئولتۇرۇشقان، مېنى دەپ زىيارەت قىلىشقان ۋە مېنى دەپ ئۆزئارا بىر نەرسىلەرنى بېرىشكەن كىشىلەرگە مېنىڭ مۇھەببىتىم تېگىشلىك بولدى› دەيدۇ»(29).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى باشقا بىر يۇرتتىكى (دىنىي) قېرىندىشىنى يوقلاپ ماڭدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يولىغا بىر پەرىشتىنى قويدى. ئۇ كىشى مېڭىپ پەرىشتىنىڭ قېشىغا كەلگەندە، پەرىشتە:

ــ قەيەرگە ماڭدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ كىشى:

ــ بۇ يۇرتتىكى بىر قېرىندىشىمنى يوقلاپ كېلەي، دەپ ماڭدىم، ــ دېدى. پەرىشتە:

ــ سېنىڭ ئۇ كىشىگە قىلغان قانداقتۇر بىر ياخشىلىقىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە نەپكە ئېرىشىش نىيىتىمۇسەن؟ ــ دېدى. ئۇ كىشى:

ــ ياق، مېنىڭ ئۇنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشتىن باشقا نىيىتىم يوق، ــ دېدى. پەرىشتە:

ــ مەن ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا ئەۋەتكەن ئەلچىسى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سېنى سەن قېرىندىشىڭنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆردى، ــ دېدى»(30).

ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ سېنى ياخشى كۆرۈشىنى ئىستىسەڭ، ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئەمەللەرنى تولۇق ئورۇندىغىن ۋە ناماز، روزا، سەدىقە، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق نەپلە ئەمەللەرنى كۆپ قىلغىن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمكى مېنىڭ ياخشى بەندەمنى دۈشمەن تۇتىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، مەن ئۇنىڭغا ئۇرۇش ئاچىمەن. مەن بەندەمنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرز قىلىپ بېكىتكەن ئىبادەتلىرىمنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىشىنى ئەڭ ياقتۇرىمەن. بەندەم نەپلە ئىبادەتلەر ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىۋەرسە، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىمەن. مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان چاغدا، ئۇنىڭغا ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ قالىمەن. ئەگەر ئۇ سورىسا، سورىغىنىنى چوقۇم بېرىمەن. ئەگەر ئۇ مېنىڭدىن پاناھ تىلىسە، ئۇنىڭغا چوقۇم پاناھ بولىمەن»(31).

ئۇنداقتا نەپلە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشىمىز ئۈچۈن، نەپلە ئىبادەتلەرنى ياخشى كۆرۈشنىڭ يولى قانداق بولىدۇ؟

ئەمەللەرنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە كەلگەن قىزىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇش ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى ئوقۇغىن. چۈنكى، كىمكى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى بىلسە، ئۇ ئەمەللەرنى قىلىش ئۇنىڭغا يەڭگىل بىلىنىدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ. كىمكى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى بىلمىسە، ئۇلارنى قىلىش ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ.

سىلەر نامازنىڭ ھەربىر رەكئىتىدە سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇيدىغان ھېلىقى ساھابە ھەققىدە ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سۈرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىڭلاركى، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن(32).

يۇقىرىدا سۆزلەنگەنلەر بىر قىسىم ئالامەتلەردۇر.

ئاللاھ تائالادىن بىزنى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە يەتكۈزۈشىنى سورايمەن. ئى ئاللاھ بىزنى ئۆزۈڭنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە يەتكۈزگىن. بىزگە سېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈڭنى ۋە سېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈڭگە يەتكۈزىدىغان ئەمەللەرنى رىزىق قىلىپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! سەندىن سېنىڭ رازىلىقىڭنى ۋە جەننىتىڭنى سورايمىز. ساڭا سىغىنىپ، سېنىڭ غەزىپىڭدىن ۋە دوزىخىڭدىن پاناھ تىلەيمىز. ئۇلۇغ ئاللاھ مېنى ۋە سىلەرنى ھەق سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلاردىن قىلسۇن!

مەنبەسى: علامات رحمة الله للعبد – د. محمد بن إبراهيم النعيم – http://www.saaid.net/Doat/alnaim/20.htm

تەرجىمىدە: مۇھەممەدجان بارات

—————————————

[1]: «مۇسنەدۇ ئەھمەد» 13467 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» دېگەن.
[2]: بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، 8897 – ھەدىس؛  تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 8897 – ھەدىس.
[3]: «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23622 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» دېگەن.
[4]: «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 2036 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
[5]: «ئىبنى ماجە»، 4102 – ھەدىس؛ تەبەرانىي «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 5972 – ھەدىس؛ بەيھەقىي «شۇئەبۇل ئىمان»، 10043 – ھەدىس. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 944 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
[6]: ئىبنى ئەبىددۇنيا رىۋايەت قىلغان. «سەھىھۇلجامى»، 1704 – ھەدىس.
[7]: «سەھىھۇلبۇخارىي»، 6256 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2165 – ھەدىس.
[8]: «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 2396 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
[9]: «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 6095 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 2908 – ھەدىس؛ «سەھىھۇلجامى»، 1625 – ھەدىس.
[10]: «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 2397 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
[11]: قازى ئىياز: «ئەششىفا»، 2 – توم، 205 – بەت.
[12]: «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 16852 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
[13]: «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 17311 – ھەدىس. ئىراقىي: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
[14]: «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2688 – ھەدىس.
[15]: ئەبۇششەيخ: «ئەتتەۋبىخ ۋەتتەنبىھ» 97 – ھەدىس. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 6026 – ھەدىس. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 906 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
[16]: تەبەرانىي «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر» 473 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 2652 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
[17]: «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 342 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3358 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
[18]: تەبەرانىي «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر» 7900 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇلجامى» 306 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
[19]: سىدر: ياۋا چىلان بولۇپ، يوپۇرمىقى مېيىتنى يۇيۇشتا سوپۇننىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
[20]: ھەنۇت دېگەن ھازىرقى ئەتىرنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان خۇشبۇيلىغۇچى ماددا. مېيىتنى يۇيۇپ – تارىغاندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ.
[21]: «سەھىھۇلبۇخارىي»، 1265 -، 1266 – ھەدىسلەر.
[22]: «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22964 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 982 – ھەدىس؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
[23]: «ئەبۇ داۋۇد»، 3116 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
[24]: «سەھىھۇ مۇسلىم» 1909 – ھەدىس.
[25]: «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 1652 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 1421 – ھەدىس؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
[26]: «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 15998 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
[27]: «بۇخارى»، 2829 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 1914 – ھەدىس.
[28]: ئالبانىي: («سەھىھۇلجامى» 6004 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
[29]: «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22083 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» دېگەن.
[30]: «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2567 – ھەدىس.
[31]: «سەھىھۇل بۇخارىي»، 6502 – ھەدىس.
[32]: «سەھىھۇل بۇخارىي»، 7375 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 813 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىر كىشىنى قوشۇنغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەنىدى، ئۇ كىشى ئىمام بولۇپ نامىزىدا ئوقۇغان ئايەتلىرىگە ‹قُل هُوَ اللهُ أَحَدٌ… › نى قوشۇپ ئوقۇدى، ئۇلار قايتقاندىن كېيىن، بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزۈۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹سىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن سوراڭلار› دېدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن سورىۋېدى، ئۇ: ‹قُل هُوَ اللهُ أَحَدٌ… › بولسا ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇڭا مەن ئۇنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئۇ كىشىگە ئېيتىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ تائالا ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ› دېدى».

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ