زاكىتىنى ئايرىمايدىغانلاردىن قەرز ئېلىش

زاكىتىنى ئايرىمايدىغانلاردىن قەرز ئېلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىر مۇسۇلمان پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئەتراپىدىكى ياخشى مۇسۇلمانلاردا پۇل يوق ياكى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلاردىن قەرز سورىيالمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، نامازنى تولۇق ئوقۇپ كەتمەيدىغان، پۇل – مالنىڭ زاكىتىنى قەتئىي ئايرىمايدىغان كىشىدىن پۇل قەرز ئېلىپ ئىشلەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ تۇرۇپ مال – مۈلكىنىڭ زاكىتىنى ئايرىمايدىغانلارنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقى كەمتۈك بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر قىيامەت كۈنى ئەلەملىك ئازابقا قالىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە، ئۇ بايلىقلار جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان بايلىقىڭلار، يىغقان بايلىقىڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار دېيىلىدۇ ﴾(9/«تەۋبە»: 34، 35)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى تۆگە بۇرۇنقى ئەڭ سېمىز ھالىتىدە ئىگىسىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئەگەر ئىگىسى ئۇنىڭ ھەققىنى (زاكىتىنى) بەرمىگەن بولسا، ئىگىسىنى دەسسەيدۇ، قويمۇ بۇرۇنقى ئەڭ سېمىز ھالىتىدە كېلىدۇ. ئەگەر ئىگىسى ئۇنىڭ ھەققىنى (زاكىتىنى) ئادا قىلمىغان بولسا، ئىگىسىنى تۇياقلىرى بىلەن دەسسەپ، مۈڭگۈزلىرى بىلەن ئۈسىدۇ». يەنە: «سۇغارغىلى ئاپارغاندا (سۇ بويىدىكى پېقىر – مىسكىنلەر ئۈچۈن) سېغىپ بېرىش تۆگىنىڭ ھەققىدىندۇر» دېگەن. يەنە مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ھېچبىرىڭلار گەدىنىگە مەرەپ تۇرغان قوي ئارتىلغان ھالدا: ئى مۇھەممەد! (ماڭا ياردەم قىلغىن!) دەپ كېلىپ قالمىسۇن، مەن ئۇنىڭغا: ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا سەن ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيمەن، ساڭا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەن ئىدىم دەيمەن. يەنە ھېچبىرىڭلار گەدىنىگە بۇقىراپ تۇرغان تۆگە ئارتىلغان ھالدا: ئى مۇھەممەد! (ماڭا ياردەم قىلغىن!) دەپ كېلىپ قالمىسۇن، مەن ئۇنىڭغا: ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا سەن ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيمەن، ساڭا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەن ئىدىم دەيمەن».(1)

يەنە بىر ھەدىستە(2) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھ ئاتا قىلغان پۇل – مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرمىسە، ئۇنىڭ پۇل – مېلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئىككى جاۋغىيىدا كۆپۈك ئۆرلەپ تۇرغان بىر چوڭ تاز يىلاننىڭ شەكلىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنى چىرمىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىككى قوۋۇزىنى قاماپ تۇرۇپ، مەن سېنىڭ پۇل – مېلىڭ، مەن سېنىڭ يىغقان دەپىنە – دۇنيايىڭ، دەيدۇ» دېگەن، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇغان: ﴿ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەننى سەرپ قىلماي بېخىللىق قىلىدىغانلار، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ئەكسىچە، بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر، قىلىدىغان بارلىق ئەمەللىرىڭلاردىن ئاللاھ خەۋەرداردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 180).

بۇنداق كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىش ۋە قىلمىشىنىڭ نەقەدەر خەتەرلىكلىكىنى يۇقىرىقىدەك ئايەت – ھەدىسلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ قويۇش لازىم.

لېكىن، بۇ تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ بارلىق كىرىمى ھارامدىن بولمىغان ئەھۋالدا، زاكىتىنى بەرمەيدىغانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭدىن قەرز ئېلىشنى، سودا – مۇئامىلە قىلىشنى توسۇپ قويمايدۇ.

ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە، پۈتۈن كىرىمى ھارامدىن بولغان كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئەمما، مال مۈلكىنىڭ بىر قىسمى ھارام، بىر قىسمى ھالال كىشى بولسا، ئەگەر مۇئامىلىدە ئالغان مال ھالال ماللىقى ئېنىق بولسا، مۇئامىلىنىڭ ھالاللىقىدا مەسىلە يوق. ئەگەر مۇئامىلىدە ئالغان مالنىڭ ھاراملىقى ئېنىق بولسا، مۇئامىلىنىڭ ھاراملىقىدىمۇ مەسىلە يوق. ئەمما، مۇئامىلىدە ئالغان مالنىڭ ئۆزى ھالال ياكى ھارام يولدىن كىرگەنلىكىنى بىلەلمىسە، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىش، مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز بولىدۇ. بۇ يەردىكى مەكرۇھلۇق، ھارام مالغا ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكتىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى شۈبھە ياكى ئەنسىرەش ھارام كىرىمىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ زەئىف ياكى كۈچلۈك بولىدۇ.(3)

ئۆيىگە چاقىرسا مېھمان بولۇش، ھەدىيەسىنى، سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىش ۋە قەرز ئېلىش قاتارلىق باشقا تۈرلۈك مۇئامىلىلەرمۇ، بۇ مەكرۇھلۇق دائىرىسىگە كىرىدۇ.

لېكىن، شۇنداقتىمۇ، ئۇنداق كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلمىغان تەقدىردە، قىيىن ئەھۋالدا قالىدىغان زۆرۈرىيەت بولسا ياكى جەمئىيەتتە كىرىم ساپ ھالالدىن بولماسلىقتەك ئېغىر ئەھۋال ئومۇملىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداق كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش مەكرۇھسىز جائىز بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ئۇلار بىلەن قىلغان مۇئامىلىنىڭ ھارام مال بىلەن بولغانلىقى ئېھتىماللىق، ئەمما قىيىنچىلىق بىلەن جەمئىيەتتە بۇ ئېغىر ئەھۋالنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشى كەسكىن. شۇڭا، كەسكىنلىك ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىسلام فىقھىسىدا «ئىككى زىيان تاقىشىپ قالغان ئەھۋالدا، يەڭگىلىنى تارتىپ ئېغىرىدىن قۇتۇلۇش لازىم» دېگەن قائىدىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئەلبەتتە، قىينىلىشتىن كېلىدىغان زىيان، ھاراملىقى كەسكىن بولمىغان پۇلنى ئۆتنە ئېلىشتىن كېلىدىغان زىياندىن ئېغىردۇر.

ئەسلىدە كۆپچىلىك ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئېھتىيات يۈزىسىدىن ھارام مالغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ئۇنداق ئەنسىرىشى، تەقۋادارلىق ۋە شۈبھىدىن ساقلىنىش جەھەتتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، يەنە بىر قىسىم ئالىملىرىمىزنىڭ نەزەرىدە ئۇنداق ئەنسىرەش ھاجەتسىز. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ساھابە – كىراملىرىمۇ يەھۇدى ۋە مۇشرىكلار بىلەن تۈرلۈك سودا – مۇئامىلىلەرنى قىلاتتى. ھالبۇكى، يەھۇدىيلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ كىرىمى ھاراق ۋە جازانە قاتارلىق ھارام سودىلاردىن كىرگەن ھارام مال – مۈلۈكتىن خالىي بولمايتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھارامغا ئارىلىشىپ كەتكەن ھالال مالنى ئېنىق بەلگە بىلەن ئايرىشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن جائىز بولغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ساھابە – كىراملىرى ئۇنداق كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىنىڭ قايسى يول بىلەن تېپىلغانلىقىنى سوراپ يۈرمىگەن ۋە سوراشقىمۇ بۇيرۇمىغان.

ئەئمەش رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، بىز ئىبراھىمنىڭ قېشىدا قەرز ئالغاندا بىر نەرسىنى رەنىگە قويۇشنىڭ ھۆكمىنى مۇزاكىرە قىلىشقان ئىدۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسۋەد ماڭا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىپ بەردىكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىدىن مەلۇم مۇددەت بەلگىلەپ نېسى ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تۆمۈردىن ياسالغان ساۋۇتىنى رەنىگە قويغان.(4)

يەنە بىر ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەرز ئالغان ئارپا ئۈچۈن ساۋۇتىنى گۆرۈگە قويغان. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئارپا نېنى بىلەن پۇرىقى ئۆزگىرىپ قالغان قوي مېيىدا مېھمان قىلىش تەكلىپىنى ئېلىپ بارغان» دېگەن.(5)

بۇ تەكلىپ بىر يەھۇدى تەرىپىدىن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇپ، ئىمام ئەھمەد رىۋايەتىدە چاقىرغۇچىنىڭ يەھۇدىيلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنغان. ئالىملار دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ باي ساھابەلەردىن قەرز ئالماي يەھۇدىدىن قەرز ئېلىشىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ بىرى، جائىزلىقنى بايان قىلىپ قويۇش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھاراق، چوشقا ۋە چەكلەنگەن سودىلاردىن كېلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ توختىماي ھارام يەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەھۇدىي بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە ئۇلاردىن جىزيە ئالغانلىقى مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھارامدىن كەلگەن كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلسا جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.(6)

يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى سارە بىلەن ھىجرەت قىلىپ، بىر پادىشاھ – ياكى بىر زالىم – بار بىر شەھەرگە كىردى. كېيىن پادىشاھ: ئۇنىڭغا (سارەگە) ھاجەرنى بېرىڭلار دەپ بۇيرىدى». يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەھەرلەنگەن بىر قوي گۆشى سوۋغا قىلىنغان. يەنە ئەبۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: ئەيلەنىڭ پادىشاھى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر ئاق قېچىرنى ھەدىيە قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بىر تون كىيگۈزۈپ ئۇنىڭ زېمىنىغا چېقىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەھدىنامە يېزىپ بەردى.(7)

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆلىمالار يەھۇدى – ناسارالار ۋە مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھارام كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ دەپ يەكۈنلىگەن.(8)

سەلەفلەردىنمۇ مەكھۇل، زۆھرىي، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ھەسەن بەسرىي، مۇۋەررىق ئەلئىجلىي، ئىبراھىم نەخەئىي ۋە ئىبنى سىرىن قاتارلىق بەزىلەر ئەگەر شۇ نەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھارامدىن ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەن ئەھۋالدا كىرىمىگە ھارام ئارىلاشقان كىشىنىڭ مۈلكىدىن بىر نەرسە يېسە بولىدۇ دەپ قارىغان. فۇزەيل ئىبنى ئىيازدىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن سەھىھ رىۋايەتتە ئۇنىڭدىن ئوچۇق – ئاشكارە جازانە يەيدىغان، ھارام مال تېپىشتا ھېچقانداق سىقىلىش ھېس قىلمايدىغان كىشى قوشنىسىنى تاماققا چاقىرسا قانداق قىلىدۇ؟ – دەپ سورالغاندا، ئۇ: بېرىڭلار! ھالالى سىلەرگە، گۇناھى ئۆزىگە، – دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ رىۋايەتنى ئىمام ئەھمەد «سەھىھ» دەپ قارىغان. ھەزرىتى ئەلى، سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىنمۇ مۇشۇنداق مەزمۇن رىۋايەت قىلىنغان. ئىبنى سىيرىندىن جازانىدىن، قىماردىن تاپقان پۇلدا قەرزىنى تۆلىسە، ئالسا بولىدۇ دېگەنلىكىنى خەللال سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. ئەلبەتتە، مەجبۇر بولمىسا ئۇنداق كىشىدىن پۇل ئېلىشقا بولمايدۇ دېگەن ئىلگىرىكى قاراشمۇ سەلەفلەرنىڭ بەزىلىردىن كەلگەن.(9)

يىغىپ ئېيتساق، زاكىتىنى ئايرىمايدىغان كىشىنىڭ مال – مۈلكى ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن مال – مۈلۈك بولغاچقا، ئىمكان بار زاكات ئايرىيدىغان، ھالال كىرىم قىلىدىغانلاردىن قەرز پۇل تاپقىنى ئەۋزەل، ئەگەر زاكات ئايرىيدىغان، ھالال كىرىم قىلىدىغانلاردىن قەرز پۇل تاپالمىغان ياكى بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى قەرز سورىيالمىغان ئەھۋالدا، زاكىتىنى ئايرىمايدىغان كىشىلەردىن قەرز ئالسا مەكرۇھلۇق بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 2 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 1 – دېكابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 69 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————-
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1402)؛ «مۇسلىم»، (988).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1403)؛ «مۇسلىم»، (988).
3. تاھتاۋىي: «ھاشىيەتۇتتاھتاۋىي»، 1/24؛ ھەمەۋىي: «غەمزۇ ئۇيۇنىل بەسائىر»، 1/193؛ ئەلئىز ئىبنى ئابدۇسسالام: «قەۋائىدۇل ئەھكام»، 1/72؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/293؛ ھافىز ئىراقىي: «تارھۇتتەسرىب»، 7/74؛ زەركەشىي: «ئەلمەنسۇر»، 1/132؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 4/180.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2252)؛ «مۇسلىم»، (1603).
5. «بۇخارىي»، (2508).
6. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/338، 5/141.
7. «بۇخارىي»، «مۇشرىكلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش» دېگەن باب.
8. ئىبنى ھەجەر ئەلھەيتەمىي: «ئەلفەتاۋا ئەلفىقھىييە ئەلكۇبرا»، 2/233.
9. «جامع العلوم والحكم»، 1/70 – 71.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ