Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كاپىرلارغا ياتلىق بولۇشى

«قۇرئانچىلار» كۆتۈرۈپ چىققان ئېتىقادىي ۋە فىقھىي مەسىلىلەر

 

3. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كاپىرلارغا ياتلىق بولۇشى

 

بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»دا بېيجىڭدا تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۇيغۇرلار خىتتايلارغا ياتلىق بولسا بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا «بولمايدۇ»، دەپ جاۋاب بەرگىنىمدە ئۇلارنىڭ: «تۈركىيەدىكى بەزىلەر خىتتايغا تەگسە بولىدۇ، دەپ پەتۋا بەردى»، دېگەن سۆزى مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. تەكشۈرسەم، بۇ تۈركىيەدىكى قۇرئانچىلارنىڭ پەتۋاسى چىققان ئىدى.

كېيىنچە ئويلىسام بۇ ھەيران قالىدىغان ئەھۋال ئەمەس ئىكەن. مەيلى ھىندىستاندا ئىنگىلىزلار تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان «قۇرئانچىلار»، «ئەھمەدىييە» تائىپىلىرى بولسۇن، مەيلى باشقا دۆلەتلەردە كاپىرلارنىڭ سايىسى ئاستىدا تۆرەلگەن باشقا ئازغۇن پىرقىلەر بولسۇن، ھەممىسى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تەشەببۇس قىلىۋاتقان قاراشلارغا ئومۇمەن كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق، ئۇ قاراشلارنىڭ ئاساسەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشىنى، كاپىر بىلەن مۇسۇلمان ئوتتۇرىدا پەرقنىڭ يوقىلىشىنى، ھىجابنىڭ قالدۇرۇلۇشىنى، تەسلىمىيەتچىلىك روھىنى سىڭدۈرۈشنى، كاپىرلارغا قارشى جىھادنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى… تەرغىپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ۋەتىنىمىزدە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ خىتتايلارغا، كوممۇنىستلارغا ياتلىق بولۇشىنى دۇرۇس دېيىشمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە.

دەۋر خاۋارىجلىرى بولمىش «قۇرئانچىلار» ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋردىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئېنىق ۋە ئايان بولغان كەسكىن ھۆكۈملەرنى لىڭشىتىشقا، بىر شەكىلدە شەك كەلتۈرۈشكە، شۇنداقلا ئۇنى كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپلا قالماي، ھەتتا خاتاغا چىقىرىپ غەيرىنى چۈشەندۈرۈشكە، ئاۋام خەلقنىڭ كاللىسىنى قوچۇشقا توختاۋسىز ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

بۇلار ھەپىلىشىپ كېلىۋاتقان شەرئىي ھۆكۈملەرنىڭ بىرى، بارچە مۇسۇلمانلار ئىجما قىلغان «مۇسلىمەلەرنىڭ كاپىرلارغا ياتلىق بولۇشى جائىز ئەمەس» دېگەن ھۆكۈم بولۇپ، بۇ ھۆكۈم ۋەھىي كۆرسەتمىلىرىگە، شۇنداقلا ئىسلام فۇقاھالىرى ئۇلى پۇختا ئۇسۇلىي قائىدىلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تارىختىن بېرى ئىزچىل بىرلىككە كەلگەن ۋە جىمى مۇسۇلمانلار شۇنداق ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان، قەتئىي شامال ئۆتمەيدىغان ھۆكۈمدۇر. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي «قۇرئانچىلار» بۇ ھۆكۈمنى يېڭىدىن قاراپ چىققىلى، قايتا ئىجتىھاد قىلغىلى بولىدىغان ھۆكۈم، زامان ۋە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىدىغان پەتۋا قاتارىدا كۆرۈپ، بەزى «ئەقىللىقلەر» ئۆزلىرىچە: «مۇسلىمەلەر ئەھلى كىتابقا ياتلىق بولسا بولىدۇ» دېسە، يەنە بەزىلىرى: «بۇددىسىت، خرىستىيان، يەھۇدىي ۋە ھەتتا ئاتېئىست قاتارلىق تۈرلۈك دىن ياكى ئېقىم مەنسۇبلىرىدىن ھېچقانداق زىيانكەشلىك قىلمايدىغان تىنچ كىشىلەر بولسىلا تويلىشىشقا بولىدۇ»، «مۇسلىمەلەر ئەقىدىسى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زىيان سالمايدىغان ھەرقانداق ئىنسانغا ياتلىق بولسا بولىدۇ»([1])، «ئايەتلەردىن مۇسۇلماننىڭ مۇشرىك ئايالغا ئۆيلىنىشىنى، مۇسلىمەنىڭ مۇشرىككە ياتلىق بولۇشىنى ھارام دەيدىغان ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ» دەپ «يېڭى ۋە قالتىس» ئىجتىھادىنى بايان قىلىشقان([2]).

شەرىئىتىمىزدە مۇسلىمەلەرنىڭ كاپىرغا ياتلىق بولۇشى، شۇنداقلا مۇسۇلماننىڭ ئەھلى كىتابتىن باشقا كاپىرغا ئۆيلىنىشى ئىلگىرى ۋە كېيىنكى جىمى ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجماسى بىلەن ھارام بولۇپ، بۇنى ھارام دەيدىغان قۇرئان دەلىللىرى ئېنىقتۇر. ئالايلۇق:

1. ﴿مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغۇچە، ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۇئمىن دېدەك ئەلبەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۇئمىن قۇل، ئەلبەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار) سىلەرنى دوزاخقا چاقىرىدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ﴾(بەقەرە: 221).

ئىمام تەبەرىي (ھ. 224 – 310 / م. 839 – 923) بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە: «بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، ئاللاھ تائالا مۇئمىنەلەرگە قانداق ۋە قايسى تۈردىكى مۇشرىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇشرىككە ياتلىق بولۇشنى ھارام قىلىۋەتكەندۇر» دېگەن ۋە قەتادە ۋە زۇھرىيلاردىن بۇ ئايەتنى: «سەن ئۆز دىيانىتىڭنىڭ ئەھلى بولمىغان يەھۇدىيغا ياكى خرىستىيانغا ياكى مۇشرىكقا ياتلىق بولۇشۇڭ ھالال بولمايدۇ» دەپ تەپسىر قىلغانلىقىنى نەقىل قىلغان([3]).

ئىمام قۇرتۇبىي (ھ. 600 – 671 / م. 1204 – 1273): «يەنى مۇسلىمەنى مۇشرىكقا ياتلىق قىلماڭلار! جىمى ئۈممەت بىردەك ئىجما قىلدىكى، ئىسلام تۆۋەن بولماسلىقى ئۈچۈن مۇشرىك مۇسلىمەگە قەتئىي يېقىن كەلمەيدۇ» دېگەن([4]).

ئىمام ئىبنى كەسىر (ھ 701 – 774 /م. 1301 – 1373): «يەنى مۇئمىنەلەرنى مۇشرىكلارغا ياتلىق قىلماڭلار! ئاللاھ تائالا دېگىنىدەك: ﴿ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس﴾(مۇمتەھىنە: 10)» دېگەن([5]).

بەزى «قۇرئانچىلار» مەزكۇر ئايەتتىكى «خەير» سۆزىنى تېخىمۇ ئەۋزەل، ياخشىراق دېگەن مەنىدە دەپ قاراپ، «بۇ سۆز ئىككى ياخشىنى سېلىشتۇرغاندا ئېيتىلىدۇ، شۇڭا بۇ ئايەتتىن مۇئمىنەنىڭ مۇشرىك بىلەن، مۇشرىكنىڭ مۇئمىنە بىلەن نىكاھلىنىشىنى ھارام دەيدىغان ھۆكۈم چىقمايدۇ» دەپ تۇرۇۋالغان([6]).

ئەمەلىيەتتە بۇ ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلمىگەنلىكتىن ياكى ياخشى بىلسىمۇ قەستەن بىلمەسكە سېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك سېلىشتۇرما مەنىدىكى سۆزلەر ئەرەب تىلىدا ۋە قۇرئان – ھەدىسلەردە كۆپىنچە سېلىشتۇرۇش مەنىسىدە ئىشلىتىلگىنىدەك، گاھىدا سېلىشتۇرۇش مەنىسىدە كەلمەيدۇ.

ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلگۈچىلەرگە مەلۇمكى، ئەرەب تىلىدىكى ئىسمى تەفزىل ئىككى نەرسىنىڭ بىر سۈپەتتە ئورتاق بولغانلىقىنى، بىرىنىڭ يەنە بىرىدىن سەل ئارتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «خەير» كەلىمىسىمۇ سېلىشتۇرۇشنى كۆرسىتىدىغان «ئەفئەل» تۈرلىنىشىدە بولۇپ، بۇ ئەرەب تىلىدا ئىنتايىن كۆپ قوللىنىلىدىغان بولغاچقا، يەڭگىللىتىش ئۈچۈن «ئەخيەر»نىڭ ھەمزەسى ئېلىپ تاشلىنىپ «خەير» دەپلا قوللىنىلغان.

سۆزىمىزگە كەلسەك، سېلىشتۇرۇشنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆز سېلىشتۇرۇش مەقسەت قىلىنمىغان ئەھۋاللاردىمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇ چاغدا ئىسمى فائىل مەنىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن، ھەممىمىز بىلىدىغان «ئاللاھۇ ئەكبەر» لەۋزىدىكى «ئەكبەر» كەلىمىسىمۇ سېلىشتۇرۇش مەنىسىدە بولماستىن بەلكى «(ئاللاھ) بىردىنبىر بۈيۈك» دېگەن مەنىدىدۇر.

«قۇرئان كەرىم»گە قارايدىغان بولساق، «خەير» سۆزى كۆپ ئايەتلەردە «ئەۋزەل» دېگەن مەنىدە كەلگەن. مەسىلەن، ﴿سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر﴾(بەقەرە: 271).

باشقا بەزى ئايەتلەردە سېلىشتۇرۇش مەنىسىدە كەلمىگەن. مەسىلەن:

1. ﴿آللَّـهُ خَيْرٌ أَمَّا يُشْرِكُونَ﴾: ﴿ئاللاھ ياخشىمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ياخشىمۇ؟﴾(نەمل: 59) ئەگەر بۇ ئايەتتىكى «خەير» سۆزى «قۇرئانچىلار» دەۋا قىلغاندەك، تېخىمۇ ياخشى ياكى ئەۋزەل دېگەن مەنىدە سېلىشتۇرۇشنى بىلدۈرىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىمۇ (ئاللاھ گۇناھ يازمىغاي) ئاللاھدىن تۆۋەنرەك ياخشى بولغان بولاتتى ۋە بۇ شېرىك ئېتىقادتىن باشقا نەرسە بولمايتتى. ئىمام ئەبۇ ھەييان تەپسىرىدە: «بۇ خىل ئەفئەل سېلىشتۇرما تۈرلىنىشى ئورتاقلىق يوقلۇقى ئېنىق بولغان ئورۇنلاردىمۇ قارشى تەرەپنى مات قىلىش ۋە ياخشىلىقنىڭ پەقەت بىر تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتە پەقەت يوقلۇقىنى تەن ئالدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كېلىدۇ» دېگەن([7]).

2. ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الرَّسُولُ بِالْحَقِّ مِن رَّبِّكُمْ فَآمِنُوا خَيْرًا لَّكُمْ ۚ وَإِن تَكْفُرُوا فَإِنَّ لِلَّـهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّـهُ عَلِيمًا حَكِيمًا﴾: ﴿ئى ئىنسانلار! پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەق (دىن) ئېلىپ كەلدى، ئىمان ئېيتىڭلاركى، (بۇ) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، ئەگەر ئىنكار قىلساڭلار (يەنى كۇفرىنى داۋاملاشتۇرساڭلار) (ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەت). چۈنكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، مۈلكىدۇر). ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾ (نىسا: 170) ئەگەر بۇ ئايەتتىكى «خەير» سۆزىمۇ تېخىمۇ ياخشى ياكى ئەۋزەل دېگەن مەنىدە سېلىشتۇرۇشنى بىلدۈرىدىغان بولسا ئىدى، كۇفرىنى داۋاملاشتۇرۇشمۇ ياخشى، ئىمان ئېيتىش ئۇنىڭدىن بەكرەك ياخشى بولغان بولاتتى.

3. ﴿فَآمِنُوا بِاللَّـهِ وَرُسُلِهِ ۖ وَلَا تَقُولُوا ثَلَاثَةٌ ۚ انتَهُوا خَيْرًا لَّكُمْ ۚ إِنَّمَا اللَّـهُ إِلَـٰهٌ وَاحِدٌ﴾: ﴿ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، (ئاللاھ، ئىسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (ئاللاھ ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن ئاللاھ پاكتۇر﴾(نىسا: 171) بۇ ئايەتتىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش مەنىدە كەلگەن بولۇپ، قارايدىغان بولساق، «قۇرئانچىلار»نىڭ بۇ خىل خاتا ئىزدىنىشلىرى «كۇپۇر»غا ئېلىپ بارىدىغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.

نەتىجىدە ئايەتتىكى مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىدە ﴿ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر﴾ دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزدىن ھەرگىزمۇ قۇرئانچىلار دەۋا قىلغاندەك ھەرئىككىسى ھالال، لېكىن ماۋۇ ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى دېگەن مەنا مەقسەت قىلىنمىغان. بەلكى، ئىماننىڭ شېرىككە، كۇپۇرلۇققا قارىغاندا ئۈستۈنلۈكى كۆزدە تۇتۇلغان. ئۇنداق بولغانىكەن، ھەرئىككى تەرەپ ھەرگىزمۇ ھالاللىقتا ئورتاق ئەمەس، مۇسۇلمان ئايالغا پەقەتلا مۇسۇلمان ئەر ھالال بولىدۇ. ئايەتنىڭ بېشىدىكى ﴿مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغۇچە، ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار﴾ دېگەن چەكلىمە بىلەن، ﴿ئەنە شۇلار (مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار) سىلەرنى دوزاخقا چاقىرىدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ﴾ دېگەن تۈپ سەۋەب بىلەن كېيىنكى ﴿ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند – نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ﴾ دېگەن تەرغىپمۇ ئۇلارنىڭ ھالال بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

مۇشرىكلار قاتارىدىن پەقەتلا ئەھلى كىتاب، يەنى يەھۇدىي ۋە خرىستىيان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشنى «قۇرئان كەرىم» جائىز دەپ قارىغان، بۇلار دىنلىرىنىڭ ئەسلىنى نەقەدەر ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ساماۋى بىر دىنغا مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، «قۇرئان كەرىم» ئۇلارغا ھەرجەھەتتە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلغان. شۇڭا، بۇ ھەقتىمۇ خۇددى ئۇلارنىڭ تامىقىنى يېيىشكە رۇخسەت قىلغاندەكلا، مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ قىزلىرى بىلەن ئۆيلىنىشىگە (شەرتلىك) رۇخسەت قىلغان([8]).

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿بۈگۈن سىلەرگە بارلىق پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ يېمەكلىكىمۇ سىلەرگە ھالالدۇر، سىلەرنىڭ يېمەكلىكىڭلارمۇ ئۇلارغا ھالالدۇر. مۇئمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا – يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگەن ھالدا (ئۇلارنى ئالساڭلار) ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر﴾(مائىدە: 5).

ئەگەر بىر كىشى: «مۇسلىمە كاپىرغا ياكى ئەھلى كىتابتىن باشقا مۇشرىككە ياتلىق بولسا بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى، ئەمما ئەھلى كىتابقا تەگسە بولمايدۇ، دەيدىغان دەلىل بارمۇ؟» دېگۈدەك بولسا:

بىز دەيمىزكى، ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارغا ياتلىق بولۇشنى ھارام قىلىۋەتكەندىن كېيىن، مۇسۇلماننىڭ ئەھلى كىتابنى ئېلىشىغا يۇقىرىقى ئايەت بىلەن رۇخسەت قىلغان. ئەگەر بۇ ئايەت نازىل بولمىسا ئىدى، مۇسۇلماننىڭ مۇشرىكە بولسۇن، ئەھلى كىتاب ئايال بولسۇن ھەرقانداق مۇشرىكەنى ئەمرىگە ئېلىشى بىردەك ھارام ھالىتىدە قالاتتى. مەزكۇر ئايەتتە ئەھلى كىتاب قاتارىدىن ئىپپەتلىك ئاياللارغا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنىپ، ئەھلى كىتاب ئەرگە تېگىشكە ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنمىغان بولغاچقا، ئىلگىرىكى ئومۇمىي چەكلىمە مۇسلىمەنىڭ ئەھلى كىتابقا ياتلىق بولۇشىنى چەكلەشتە ئەسلىدىكى ھالىتىدە قالغان. مانا بۇ دەلىلنى چۈشىنىشتىكى ئىنچىكە نۇقتا.

2. ﴿ئەگەر ئۇلارنى ھەقىقىي مۇئمىن دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرماڭلار. ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس﴾(مۇمتەھىنە: 10).

يۇقىرىقى ئايەتلەردىن ئىسلام شەرىئىتىمىز مۇسلىمەلەرنىڭ كاپىرلارغا ياتلىق بولۇشىنى ھارام قىلىۋەتكەن. بۇ ھۆكۈم ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، كاپىر قاتارىغا ئاللاھقا تانغۇچى، ئاتېئىست، دەھرىي، يەھۇدىي، خرىستىيان، مۇشرىك، كوممۇنىست ۋە بۇتپەرەس جىمى كاپىرلار كىرىپ كېتىدۇ. بۇ ئومۇمىي ھۆكۈمدىن ئەھلى كىتاب ئەرلىرىنى (نىكاھ مەسىلىسىدە) ئايرىپ چىقىدىغان بىرەر دەلىل يوق بولغاچقا، مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئەھلى كىتاب، يەنى يەھۇدىي ۋە خرىستىيانغا ياتلىق بولۇشىنىمۇ پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىردەك «ھارام» دەپ قارىغان.

ئىمام كاسانىي (ۋاپاتى 587 /م. 1191) مۇنداق دەيدۇ: «ئايەت مۇشرىكلار ھەققىدە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمنىڭ سەۋەبى بولغان دوزاخقا چاقىرىش جىمى كاپىرلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، سەۋەبنىڭ ئومۇملۇقى تۈپەيلى ھۆكۈممۇ ئومۇم بولىدۇ. نەتىجىدە مۇسلىمەنى بۇتپەرەس ۋە ئاتەشپەرەسكە ياتلىق قىلىش جائىز بولمىغىنىدەك، ئەھلى كىتابقا ياتلىق قىلىشمۇ جائىز بولمايدۇ»([9]).

ئىمام مالىك (ھ. 93 – 179 / م. 712 – 795): «مۇسلىمەنى يەھۇدىي ياكى خرىستىيانلارنىڭ ئېلىشى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا جائىز بولمايدۇ» دېگەن([10]).

مەزكۇر ئايەتنىڭ نازىل بولۇش ۋەقەلىكىنى ئىمام بۇخارىي مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: مەرۋان بىلەن مىسۋەر ئىبنى مەخرەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىككەيلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: سۇھەيل ئىبنى ئەمر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكەن كۈنى رەسۇلۇللاھقا قويغان شەرتلىرى ئىچىدە: «ئارىمىزدىن بىرەرسى گەرچە مۇسۇلمان بولسىمۇ، سېنىڭ يېنىڭغا كەلسە، ئۇنى بىزگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزغا ئارىلاشمايسەن» دەپ شەرت قىلغان ئىدى. مۇئمىنلەر بۇنى ياقتۇرماي، غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ شۇ بويىچە كېلىشىم تۈزدى. رەسۇلۇللاھ شۇ كۈنى ئەبۇ جەندەلنى ئاتىسى سۇھەيل ئىبنى ئەمرىگە قايتۇرۇپ بەردى. كېلىشكەن مۇددەت ئىچىدە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا قانداق بىر ئەر كەلسە رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمان بولسىمۇ ئۇنى قايتۇرۇپ بەردى. مۇئمىنە ئاياللارمۇ ھىجرەت قىلىپ كېلىشتى. ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيتنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇم شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلگەن ئاياللارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ ياش قىزچاق ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېلىپ رەسۇلۇللاھتىن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىغان ئىدى. ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھ تائالا: ﴿مۇئمىنە ئاياللار ھىجرەت قىلىپ سىلەرگە كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى مۇئمىنە ئاياللار دەپ بىلسەڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرىۋەتمەڭلار، ئۇ ئاياللارمۇ ئۇلار (كاپىرلار) غا ھالال بولمايدۇ، ئۇلار (كاپىرلار) مۇ ئۇ ئاياللارغا ھالال بولمايدۇ.﴾ (مۇمتەھىنە: 10) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغانلىقتىن رەسۇلۇللاھ ئۇنى مۇشرىكلارغا قايتۇرۇپ بەرمىدى([11]).

بۇ ساھابە كىراملارغا ئايان مەسىلە ئىدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويغانىدى، ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

– ئەي ئەبۇ تەلھە! سەندەك ئادەمنىڭ تەكلىپى رەت قىلىنمايدۇ. بىراق مەن مۇسۇلمان، سەن بولساڭ كاپىر. شۇڭا، مېنىڭ ساڭا ياتلىق بولۇشۇم دۇرۇس ئەمەس. ئەمما، سەن ئىمان ئېيتساڭ، ئېيتقان ئىمانىڭ مېنىڭ مەھرى ھەققىم بولسۇن، مەن سەندىن ئوشۇقچە نەرسىمۇ تەلەپ قىلمايمەن، – دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەبۇ تەلھە ئىمان ئېيتتى، ئۇنىڭ ئىمانى ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ مەھرى ھەققى بولدى»([12]).

بۇ ھەدىستىمۇ ياتلىق بولماسلىقنىڭ سەۋەبىنى «كۇپۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

مۇسلىمەلەرنىڭ كاپىرلارغا ياتلىق بولۇشىنىڭ ھاراملىقىدا جىمى مۇسۇلمانلار بىردەك ئىتتىپاق. بىز يۇقىرىدا بۇ ھەقتە بەزى ئالىملاردىن نەقىللەرنى كەلتۈرۈپ ئۆتتۇق، تۆۋەندە يەنە كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرىمىز.

ئىمام شافىئىي (ھ. 150 – 204 / م. 767 – 820): «ئەگەر ئايال (ئىمان ئېيتىپ) مۇسۇلمان بولسا ياكى ئىسلامىيەتتە تۇغۇلغان مۇسلىمە ئايال بولسا، ئەھلى كىتاب بولسۇن ياكى بۇتپەرەست بولسۇن ھەرقانداق مۇشرىكنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا ئۇنى نىكاھلاپ ئېلىشى ھارامدۇر» دېگەن([13]).

ئىمام رازىي (ھ. 544 – 606 / م. 1150 – 1210): «بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغىنى جىمى كاپىرلار ئىكەنلىكىدە، شۇنداقلا مۇئمىنەنىڭ كاپىرغا ياتلىق بولۇشى كاپىرلارنىڭ ھەممە تۈرىگە كەسكىن ھارام ئىكەنلىكىدە پەرقلىق قاراش يوق» دېگەن([14]).

ئىمام ئىبنى قۇدامە (ھ. 541 – 620 / م. 1146 – 1223): «كاپىرنىڭ مۇسلىمەنى نىكاھلاپ ئېلىشى جائىز ئەمەس. ئىبنۇلمۇنزىر (ھ. 241 – 318 / م. 855 – 930): بۇ ھەقتە بىز قاراشلىرىنى بىلگەن بارلىق ئەھلى ئىلىملەر بىردەك ئىتتپاق، دەيدۇ» دېگەن([15]).

ئىمام ئىبنى جۇزەي: «كاپىرنىڭ مۇسلىمەنى نىكاھلاپ ئېلىشى ھەرقانداق شارائىتتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بارلىق ئالىملارنىڭ ئىجماسى بىلەن جائىز ئەمەستۇر» دېگەن([16]).

ئىمام ئىبنى ھەزم (ھ. 384 – 456 / م. 994 – 1064): «مۇسلىمەنىڭ كاپىرغا نىكاھلىنىشى قەتئىي ھالال بولمايدۇ» دېگەن([17]).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم (ھ. 691 – 751 / م. 1292 – 1350): «ئاتەشپەرەس ۋە بۇتپەرەسلەرنىڭ دىندا ئۇلارنىڭكىدىن ياخشىراق بىر ئايالنى ئېلىشىغا يول قويۇش جائىز ئەمەس. شۇنداقلا زىممىينىڭ مۇسۇلمان ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ» دېگەن([18]).

دوكتور ئابدۇلكەرىم زەيدان (ھ. 1335 – 1435 / م. 1917 – 2014): مۇنداق دەيدۇ: «مۇسلىمەنىڭ كاپىر بىلەن توي قىلىشىنىڭ ھاراملىقى مۇئەييەنلەشكەن ۋە كەسكىن ھۆكۈم بولۇپ، كاپىر مەيلى ئەھلى كىتاب يەھۇدىي ياكى خرىستىيان بولسۇن، مەيلى بۇتپەرەس ياكى ئاتەشپەرەس بولسۇن ۋەياكى ھېچقانداق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان دىنسىز بولسۇن ئوخشاشلا ھارامدۇر»([19]).

ئىمام قەرداۋىي مۇسۇلمان ئايالنىڭ مۇسۇلماندىن باشقىسىغا ياتلىق بولۇشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئەھلى كىتاب بولسۇن ياكى بولمىسۇن، مۇسۇلمان بولمىغان بىر ئەر كىشىگە مۇسۇلمان بىر ئايالنىڭ ياتلىق بولۇشى ھارامدۇر. بۇ ھېچقانداق شارائىت ئاستىدا ھالال بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە مۇئمىنە ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار﴾(بەقەرە: 221). يەنە مۇئمىنە، مۇھاجىرە ئاياللار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر ئۇلارنى ھەقىقىي مۇئمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرماڭلار. ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس﴾(مۇمتەھىنە: 10).

بۇ ئومۇمىي ھۆكۈمدىن ئەھلى كىتاب ئەرلىرىنى ئايرىپ چىقىدىغان بىرەر دەلىل يوق بولغاچقا، مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھەرقانداق بىر غەيرى مۇسۇلمانغا ياتلىق بولۇشىنى پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىردەك ‹ھارام› دەپ قارىغان.

ئىسلام دىنى مۇسۇلمان ئەرنىڭ يەھۇدىي ۋە خرىستىيان ئايال بىلەن ئۆيلىنىشىگە رۇخسەت قىلغان. لېكىن، مۇسۇلمان ئايالنىڭ يەھۇدىي ياكى خرىستىيان ئەرگە ياتلىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان. چۈنكى، ئۆينىڭ مەسئۇلى، ئىگىسى ۋە ئايالنىڭ باشلىقى ئەر كىشىدۇر ھەمدە يەھۇدىي ياكى خرىستىيان ئاياللار مۇسۇلمان ئەرگە ياتلىق بولغان تەقدىردە، ئىسلام ئۇلارغا ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بېرىپ، بارلىق قانۇنلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغان. لېكىن، يەھۇدىي ۋە خرىستىيان دىنلىرى باشقا دىندىكى ئايالنىڭ ئەركىنلىكىگە ۋە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلمىغان. ئۇنداق بولغانىكەن، ئىسلام دىنى مۇسۇلمان قىزلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى قانداقمۇ خەتەرگە ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە رىئايە قىلمايدىغانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ قويسۇن؟!

بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە شۇكى، ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ياخشى ئۆتۈشى ئۈچۈن، ئەر كىشى ئايالىنىڭ ئېتىقادىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. مۇسۇلمان كىشى بولسا يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلار دىنلىرى ــ نەقەدەر بۇلغىنىپ كەتكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ــ ئەسلىدە ساماۋى دىن، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئاللاھدىن كەلگەن كىتاب، مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى، دەپ ئىشىنىدۇ. شۇڭا، بۇ دىندىكى ئايال مۇسۇلمانغا ياتلىق بولغان تەقدىردە، ئۆزىنىڭ دىنىنى، كىتابىنى ۋە پەيغەمبىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئەرنىڭ يېنىدا ياشىغان بولىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىمانى شۇلارغىمۇ ئىشىنىش بىلەنلا تولۇقلىنىدۇ. ئەمما، يەھۇدىي ۋە خرىستىيان دېگەن ئىسلامغا، قۇرئانغا ۋە ئىسلام پەيغەمبىرىگە پەقەتلا ئىشەنمەيدۇ. ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ يېنىدا دىنىنىڭ پەرزلىرىنى ۋە ئىبادەتلىرىنى ئورۇندايدىغان، بەلگىلىگەن ھالال – ھارام چەكلىمىسىگە رىئايە قىلىدىغان بىر مۇسۇلمان ئايال قانداقمۇ ياشىيالىسۇن؟! باشقۇرۇپ تۇرىدىغان ئېرى ئۇنىڭ دىنىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋاتسا، مۇسۇلمان ئايالنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ۋە مۇسۇلماندارچىلىقىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

شۇڭا، ئىسلام دىنى ئەر كىشىگە بۇتپەرەس، مۇشرىك ئايال بىلەن ئۆيلىنىشنى ھارام قىلغاندا، ھەقىقەتەن ئۆز روھىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغان، چۈنكى ئىسلام دىنى بۇتپەرەسلىكنى ۋە شېرىك كەلتۈرۈشنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ. ناۋادا مۇسۇلمان كىشى بۇنداق ئايال بىلەن ئۆيلەنسە، بىر – بىرىنىڭ دىنىنى رەت قىلىدىغان بۇ ئىككى كىشى ئارىسىدا قانداقمۇ خاتىرجەملىك، مېھىر – شەپقەت ۋە سۆيگۈ بولسۇن؟!»([20]).

مانا بۇلار ھەردەۋردىكى ئالىملارنىڭ ئىجما بىردەكلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بايانلىرى. بۇ ئىجما ساھابە كىراملار بولسۇن، ئۇندىن كېيىنكى مۇجتەھىد فۇقاھا، مۇپەسسىر ۋە مۇھەددىسلەر بولسۇن تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر داۋاملاشقاندۇر.

بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنىڭ زىيىنى يوق. ئالىملار ئارىسىدا مۇشرىك ھالدا توي قىلىشقان، ئەمما ئېرىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ئايالنىڭ ھۆكمىدە قاراش ئوخشاشماسلىقى بار. ئۇلارنى دەرھال ئايرىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى يېقىنلىشىشقا رۇخسەت قىلىنماستىن مۇشرىك ئەرنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ تۇرسىمۇ بولامدۇ؟ ياكى بۇرۇنقىدەك ئەر – خوتۇن بولۇپ تۇرىۋېرەمدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەر.

دېمەك، بۇ نۇقتىدىكى قاراش ئوخشىمىغان مەسىلە بۇرۇن كاپىر ھالىتىدە توي قىلىپ بولغان ئەر – خوتۇندىن ئايالى مۇسۇلمان بولسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش بولۇپ، بۇ يەنىلا مۇسلىمەنىڭ كاپىرغا ياتلىق بولۇشىنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەيدىغان مەسىلىدۇر. يەنى بىر مۇسلىمە كاپىرغا يېڭىدىن نىكاھلىنالمايدۇ. بەزى «قۇرئانچىلار» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى زەينەب توغرىسىدىكى ۋەقەلىكنى خۇپسەنلىك بىلەن مۇسلىمە كاپىرغا ياتلىق بولسا بولىدۇ دېيىشكە دەلىلى قىلىۋالغان بولۇپ، بۇ ھەقىقەتەن قىپقىزىل خۇپسەنلىك خالاس.

بۇ مەسىلىگە كەلسەك، شەرىئىتىمىزدە كاپىر ئەر – خوتۇنلارنىڭ نىكاھى توغرا نىكاھ ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇلار مۇسۇلمان بولسا نىكاھلىرى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. نىكاھنى يېڭىلاش ياكى بۇرۇن كام قالغان شەرتلىرىنى تولۇقلاش كېرەك ئەمەس. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق.

ئەمما ئۇلاردىن بىرى مۇسۇلمان بولۇپ يەنە بىرى مۇسۇلمان بولمىسا، ئەگەر ئېرى مۇسۇلمان بولۇپ ئۇنىڭ ئايالى ئەھلى كىتاب بولسا، مۇسۇلماننىڭ ئەھلى كىتابقا ئۆيلىنىشى جائىز بولغاچقا، يەنىلا نىكاھى كۈچكە ئىگە بولۇپ بىللە ياشاۋېرىدۇ. ئايالى ئەھلى كىتاب بولماي ئاتىئېست ياكى بۇتپەرەس كاپىر بولغان بولسا، بۇ نىكاھ كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى، ئىسلام مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەھلى كىتابتىن باشقا كاپىر ئايالنى ئېلىشىنى چەكلەيدۇ.

ئەگەر ئايال مۇسۇلمان بولغان تەقدىردە، ئۇ نىكاھ بىلەن بىللە ياشىيالمايدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمان ئايال ئەھلى كىتاب ياكى باشقا تۈرلۈك كاپىرنىڭ ئەمرىدە بىللە ياشىشى جائىز ئەمەس. بۇ مەسىلىدىمۇ ھەممە ئىتتىپاق.

ئىكرىمە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئەگەر خرىستىيان ئايال ئېرىدىن بىر سائەت بۇرۇن مۇسۇلمان بولۇپ قالسا، بۇ ئايال ئېرىگە ھارام بولۇپ كېتىدۇ».

ئەتادىن:

ــ ئەھدىلەشكەن زىممىيلەردىن بىر ئايال مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئىددەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئېرىمۇ مۇسۇلمان بولۇپ قالسا، ئۇ ئايال ئۇنىڭ خوتۇنى ھېسابلىنامدۇ؟ ــ دەپ سورالغاندا، ئۇ:

ــ ياق، پەقەتلا ئۇ ئايال خالىسا يېڭى نىكاھ ۋە باشقا مەھرى بىلەن تەگسە بولىدۇ، ــ دېدى.

مۇجاھىد: «ئەگەر ئىددەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئېرىمۇ مۇسۇلمان بولۇپ قالسا، ئۇ ئايالغا قايتا ئۆيلەنسە بولىدۇ» دېگەن.

قەتادە بىلەن ھەسەن بەسرىي ئىككەيلەن بىرلا ۋاقىتتا مۇسۇلمان بولغان ئەر – خوتۇن ئىككى مەجۇسىي ھەققىدە: ئۇلار بۇرۇنقى نىكاھىدىدۇر، ئەگەر بىرسى بىرسىدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولۇپ، يەنە بىرى مۇسۇلمان بولۇشنى رەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن تولۇق ئاجراپ كېتىدۇ، ئېرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشىغا يول يوق، دېگەن([21]).

ئايال مۇسۇلمان بولۇپ باشقا ئەرگە تېگىشنى خالىماي ئېرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى كۈتۈپ ئىددەت توشقاندىن كېيىن ساقلاپ تۇرسا، بىر مۇددەتتىن كېيىن ئېرىمۇ مۇسۇلمان بولسا. بۇ ئەھۋالدا نىكاھ يېڭىلاش كېرەكمۇ ياكى بۇرۇنقى نىكاھى كۈچكە ئىگىمۇ؟ بۇنىڭدا ھەم قاراش ئوخشاش ئەمەس.

مۇسۇلمان بولغان ئايال بۇرۇنقى نىكاھىدا كۈتۈپ تۇرغان ئەھۋالدا ئۇلار يېقىنچىلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار يەنىلا بىردەك قاراشتا. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىنىڭ ۋەقەلىكىنى مۇنداق ئىخچاملاشقا بولىدۇ:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كېلىشتىن بۇرۇن ئەبۇل ئاسقا ياتلىق بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەندىن كېيىن قىزى زەينەب مۇسۇلمان بولۇپ، ئەبۇل ئاس مۇسۇلمان بولماي تۇرىدۇ. بۇ چاغدا مۇسلىمەلەرنىڭ كاپىرنىڭ قولىدا تۇرماسلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈم تېخى نازىل بولمىغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزىغا ئېرى بىلەن مەككىدە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ. ئۇ ھۆكۈم كېيىن ھۇدەيبىييە سۈلھىدە نازىل بولغان. ئەبۇل ئاس بەدر غازىتىدا مەككە قوشۇنى بىلەن چىقىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەسىر چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ھەزرىتى زەينەب خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇلاپكىسىنى ئەۋەتىپ ئېرىنى ئەسىرلىكتىن قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ. بۇ چاغدا مۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىر ئەردە تۇرماسلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چۈشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇل ئاستىن قىزى زەينەبنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى توغرۇلۇق ۋەدە ئالىدۇ ۋە ئۇ ۋەدىسىدە تۇرۇپ ھەزرىتى زەينەبنى مەدىنىگە ئەۋەتىدۇ. بۇ جەرياندا بەش – ئالتە يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەزرىتى زەينەب كەلگەن ئەلچىلەرنى رەت قىلىدۇ. ئەبۇل ئاس شامغا تىجارەتكە بېرىپ قايتىشتا كارۋان مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ ۋە ئەبۇل ئاس مەدىنىگە يوشۇرۇنۇپ ھەزرىتى زەينەبتىن پاناھلىق تىلەيدۇ. ھەزرىتى زەينەب ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئامانلىق ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئامانلىق بېرىدۇ ۋە ھەزرىتى زەينەبكە: «ئۇ سىزگە يېقىنچىلىق قىلمىسۇن، چۈنكى سىز ئۇنىڭغا ھالال ئەمەس» دەپ جىكىلەيدۇ. ۋە ئەبۇل ئاسقا تەۋە كارۋان ماللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئۇنىڭ مەككىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئەبۇل ئاس مەككىگە قايتىپ مۇشرىكلارنىڭ ئامانەت ماللىرىنى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، خالايىق ئالدىدا شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ ۋە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قىزى زەينەبنى نىكاھ يېڭىلىماستىن بۇرۇنقى نىكاھ بويىچە قوشۇپ قويىدۇ. يېڭى تويلۇق ۋە «يېڭى نىكاھ بىلەن قوشۇپ قويغان» دېگەن رىۋايەتمۇ بار([22]).

بۇ ۋەقەلىكتە چەكلىمە كەلگەندىن كېيىن، مۇسلىمەنىڭ كاپىرغا ياتلىق بولغىنى ياكى بىللە ياشىغىنى يوق. پەقەتلا بۇرۇنقى نىكاھنى ئاساس قىلىپ ياكى يېڭى تويلۇق ۋە يېڭى نىكاھ بىلەن قوشۇپ قويۇش بولغان. تاكى ئېرى مۇسۇلمان بولمىغۇچە ئۇنى قوشۇپ قويمىغان. دېمەك، ئېرى مۇسۇلمان بولمىغان بولسا قوشۇپ قويمىغان بولاتتى.

3. ﴿كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار﴾(مۇمتەھىنە: 10). بۇ يۇقىرىقى ئايەتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇمۇ مۇسۇلمانلارغا ئەھلى كىتابتىن باشقا كاپىر ئاياللارنى نىكاھلاپ ئېلىشنى ۋە ئۇلارنى ئەمرىدە تۇتۇشنى ھارام قىلىۋەتكەن. بۇ ئايەت نازىل بولغاندا ھەزرىتى ئۆمەر ئىككى مۇشرىك ئايالىنى قويۇۋەتكەن([23]).

4. ﴿بۈگۈن سىلەرگە بارلىق پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ يېمەكلىكىمۇ سىلەرگە ھالالدۇر، سىلەرنىڭ يېمەكلىكىڭلارمۇ ئۇلارغا ھالالدۇر. مۇئمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا – يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگەن ھالدا (ئۇلارنى ئالساڭلار) ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر﴾(مائىدە: 5). مانا بۇ ئايەتمۇ مۇسلىمەنىڭ ئەھلى كىتابقا ياتلىق بولۇشى دۇرۇس ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا يېمەك ھەققىدە توختالغاندا ئۇنى مۇسۇلمانلار بىلەن ئەھلى كىتابقا ئورتاق ھالال قىلدى. ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى بىزگە ھالال، بىزنىڭمۇ ئۇلارغا ھالال. ئەمما ئۇلارنىڭ قىز – ئاياللىرى ھەققىدە توختالغاندا ئۇلارنى بىزگە ھالال قىلدى. بىزنىڭ قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ ئۇلارغا ھالال بولۇشى توغرىسىدا گەپ قىلمىدى. مانا بۇ مۇسلىمەلەرنىڭ ئۇلارغا ھالال بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھالال بولسا ئىدى، يېمەك – ئىچمەك ۋە خوتۇن ئېلىشتا ئۇلار بىلەن بىللە ياشاش ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن بىزنىڭ يېمەكلىرىمىزنى ئۇلارغا ھالال دېگىنىدەك ئاياللىرىمىزنىمۇ ھالال دېگەن بولاتتى. ئۇنداق قىلمىغىنىدىن مۇسلىمەلەرنىڭ ئەھلى كىتابقا ھارام قىلىنغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

دېمەك، پەقەتلا مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ئەھلى كىتاب ئاياللىرىغا ئۆيلىنىشىدىن سىرت كاپىرلار بىلەن تويلىشىش مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ھەم يۇقىرىقى ئايەتلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتكەن ھەدىس شەرىفلىرى بىلەن بىزگە ئەسھابى كىراملار دەۋرىدىن ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەلىي تەدبىقلاش ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن ۋە ھەردەۋردىكى جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجماسى بىلەن ئىسپاتلانغان ھۆكۈم بولۇپ، بۇنداق بىر نىكاھ باتىل نىكاھتۇر، بۇ تۈردىكىلەر توي قىلغان تەقدىردە ئىسلام نەزدىدە ئىناۋەتسىزدۇر.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 10. 6

——————————-
([1]) «قۇرئان ئەھلى» (ئەرەبچە) توربېتى.
([2]) https://www.suleymaniyevakfi.org/bulten/din-farkinin-evlilige-etkisi.html
([3]) «تەپسىرى تەبەرىي»، 4 – توم، 370 – بەت.
([4]) «تەپسىرى قۇرتۇبىي»، 3 – توم، 72 – بەت.
([5]) «تەپسىرى ئىبنى كەسىر»، 8 – توم، 94 – بەت.
([6]) https://www.suleymaniyevakfi.org/bulten/din-farkinin-evlilige-etkisi.html
([7]) «تەپسىرى ئەبى ھەييان»، 7 – توم، 84 – بەت.
([8]) «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام»، قەرداۋىي، 193 – بەت.
([9]) «بەدائىئۇسسەنائى»، 2 – توم، 272 – بەت.
([10]) «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 2 – توم، 231 – بەت.
([11]) «بۇخارىي»، 2711 -، 2712 – ھەدىس.
([12]) «نەسائىي»، 3341 – ھەدىس. ئالبانىي: سەھىھ، دېگەن.
([13]) «ئەلئۇم»، 5 – توم، 7 – بەت.
([14]) «تەپسىرى ئەررازىي»، 6 – توم، 64 – بەت.
([15]) «ئەلمۇغنىي»، 7 – توم، 129 – بەت.
([16]) «ئەلقاۋانىينۇل فىقھىييە»، 1 – توم، 131 – بەت.
([17]) «ئەلمۇھەللا»، 9 – توم، 449 – بەت.
([18]) «ئەھكامۇ ئەھلىززىممە»، 2 – توم، 767 – بەت.
([19]) «المفصل في أحكام المرأة والبيت المسلم في الشريعة الإسلامية»، 7 – توم، 6 – بەت.
([20]) «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام»، قەرداۋىي، 195 – ، 196 – بەتلەر.
([21]) «بۇخارىي»، «زىممىي ياكى ئۇرۇش قىلىدىغان دۈشمەن نىكاھىدىكى مۇشرىك ياكى خرىستىئان ئايال مۇسۇلمان بولسا، قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا» دېگەن باب.
([22]) «سىيرەتى ئىبنى ھىشام»، 2 – توم، 303 – بەت؛ «تىرمىزىي»، 1142 – ھەدىس.
([23]) «تەپسىرى قۇرتۇبىي»، 3 – توم، 72 – بەت؛ «تەپسىرى ئىبنى كەسىر»، 8 – توم، 94 – بەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version