مىراسنى بۆلۈشنى ئارقىغا سۆرەشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! يېقىندا ئايالىمنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتتى. ئايالىم دادا بىر، ئانا بىر، بەش تۇغقان بولۇپ، ئۈچ قىز، ئىككى ئوغۇل. ئەڭ كىچىك سىڭلىسى تېخى ياتلىق بولمىغان. گەرچە ئايالىم ۋە باشقا قېرىنداشلىرى ئورتاق ھالدا «مىراسنى ئانام ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئاندىن بۆلۈشىمىز» دېگەن پىكىردە بولسىمۇ، قېيىنئاتامنىڭ قېرىنداشلىرى «مىراسنى ھازىر بۆلۈۋەتمىسە قەتئىي بولمايدۇ» دېگەن ئوخشايدۇ. بۇ مەسىلە كۆپلىگەن ئائىلىلەردە يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مۇھىم مەسىلە بولغانلىقتىن، ئۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئېنىق ھۆكمىنى بىلىپ بېقىشنى لايىق كۆردۇق. ئاللاھ ئىلىملىرىگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! ئامىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

بىر ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن مېيىتنى يەرلىكىدە قويۇش ۋە مىراسىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئىشلارنى تەرتىپى بويىچە قىلىش لازىم:

1. مېيىتنى يۇيۇپ – تاراپ، كېپەنلەپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىكىدە قويۇش.

2. قەرزلىرى بولسا تۆلەش. ئورۇندىمىغان نەزىر،(1) ياكى كەپپارەت، ياكى زاكات قاتارلىق شەرىئەت ھەقلىرىمۇ قەرزلەر قاتارىغا كىرىدۇ.

3. قالدۇرغان مىراسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشمىغان دائىرىدە ۋەسىيىتىنى ئورۇنداش.

4. مىراسىنى مىراسخورلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىش.

بۇ تەرتىپكە ئاساسەن مېيىتنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ئائىلە چوڭلىرى، ياكى مىراس ئىشلىرى تاپىلانغان كىشى، ياكى مىراسخورلارنىڭ چوڭراقى ئالدى بىلەن مېيىتنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قىلىشقا ئالدىرىشى، يۇيۇپ – تاراپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلغاندىن كېيىن، مېيىتنىڭ قەرزلىرى بولسا، ئېنىقلاپ تولۇق ئادا قىلىشى، شۇنداقلا مېيىتنىڭ باشقىلاردىن ئېلىشى بولسا ئېلىپ، نەق بار مال – مۈلۈك بىلەن جەملەپ، جىمى مىراسنىڭ تولۇق ھېسابىنى ئېلىشى كېرەك. بۇ جەرياندا مىراسنىڭ بىر قىسمىنى يوشۇرۇپ قويۇش ياكى تىقىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

قەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، باشقىلاردىكى قەرزلەرنى يىغىپ مال – مۈلكىنىڭ تولۇق ھېسابىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، مىراسنى دەرھال شەرىئەت بويىچە تەقسىم قىلىشقا ئالدىرىشى، كېچىكتۈرمەسلىكى زۆرۈر.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، مال – مۈلۈكلەرنىڭ تولۇق ھېسابىنى ئېلىشتا نەق پۇلدىن باشقا ئۆي – زېمىن، مال – چارۋا ۋە تاۋار قاتارلىق مىراس مال – مۈلۈكنىڭ قىممىتى بۇرۇن سېتىۋېلىنغان باھاسى بويىچە ئەمەس، مىراس تەقسىم قىلىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلغان كۈنلەردىكى باھا ۋە بوداش ئاساسىدا بېكىتىلىدۇ.

بۇ ئارىدا، مىراسخورلارنى يىغىپ ئۇلارغا باشقىلارغا تۆلىگەن قەرزلەرنى، باشقىلاردىن يىغقان قەرزلەرنى، نەق قالغان مۈلۈكلەرنىڭ ھېسابىنى بېرىپ بىر قۇر چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، بىرەر ئۆلىمانىڭ مىراسخورلارنى بېكىتىشى ۋە شەرئى تەقسىمات كۆرسەتمىسى بويىچە، قىلچە ئۇيان – بۇيان قىلماستىن مىراسنى بۆلۈۋېتىشى، كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم.

ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بىردەك تەكىتلىشىچە، ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن مال – مۈلكى مىراسخورلارنىڭ مۈلكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۆلۈم بىلەن ئىنساننىڭ مال – مۈلكى قولىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە: مال – مۈلكۈم، مال – مۈلكۈم، دەيدۇ، ئۇنىڭ مال – مۈلكىدىن پەقەت ئۈچ نەرسىلا ئەسقاتىدۇ. يەنى يەپ – ئىچىپ تۈگەتكىنى، كىيىپ كونىراتقىنى ۋە سەدىقە بېرىپ ئاخىرەتكە ساقلاپ قويغىنى. ئۇلاردىن باشقىسىنى كىشىلەرگە تاشلاپ كېتىدۇ».(2)

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەت شۇكى، ئۆزىنىڭ مېلى ھاياتىدا خەيرلىككە سەرپ قىلىپ ئالدىن ماڭدۇرغىنىدۇر، ۋارىسىنىڭ مېلى بولسا ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتكىنىدۇر» دېگەن.(3)

يەنە بىر ھەدىستە ئېنىق قىلىپ: «كىمكى ئۆلۈپ مال – دۇنيا قالدۇرسا، ئۇ، ۋارىسلىرىنىڭ بولىدۇ» دېگەن.(4)

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، قالدۇرۇلغان مىراس چوڭ – كىچىك، قىز – ئوغۇل بارلىق مىراسخورلارنىڭ ئورتاق مۈلكى بولغاچقا، مىراستا ھەر بىر مىراسخورنىڭ بىر كىشىلىك نېسىۋىسى ۋە ھەققى بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: [ئاتا – ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئەرلەرنىڭ نېسىۋىسى باردۇر، ئاتا – ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ئاياللارنىڭمۇ نېسىۋىسى باردۇر، ھەر ئادەم بەلگىلەنگەن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ].(5)

مىراسخور بولسۇن ياكى سىرتتىن بىرى بولسۇن، ھېچكىمنىڭ بىر مىراسخورنىڭ شەرىئەت بېكىتكەن ھەققىنى ۋاقتىدا قولىغا ئېلىشىنى ئارقىغا سۆرىشى، ياكى بۇنىڭغا توسالغۇ بولۇشى، ياكى بىرەر مىراسخورنى ھەققىدىن مەھرۇم قىلىشى، ياكى باشقا مىراسخورلارنىڭ رۇخسىتىسىز مىراسنى ئۆزىلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ.

بۇ ئىش، يەنى مىراسنى تەقسىم قىلىشنى توسۇش ياكى كېچىكتۈرۈش ھارامدۇر. چۈنكى، مېيىت ئۆلگەندىن كېيىن، ھەر بىر مىراسخورنىڭ ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىدا تەسەررۇپ قىلىش ھەققى بولىدۇ. بىرسىنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىش ھەققى بولمايدۇ. مىراسخورنى ئۆز ھەققىدىن پايدىلىنىشىنى توسۇش ياكى كېچىكتۈرۈش باشقىلارنىڭ ھەققىگە قىلىنغان تاجاۋۇز بولغانلىقتىن، بۇ چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدىغان زۇلۇم دائىرىسىگە كىرىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «زۇلۇم قىيامەت كۈنى قاتمۇ – قات زۇلمەتتۇر».(6)

مىراسخورنىڭ ھەققىنى ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلار بىر مۇددەت ئىشلىتىۋالسا، بۇ، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋېلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا: [بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا] دېگەن.(7)

ئىسلام شەرىئىتى مىراس ئەھكاملىرىنى تەپسىلىي ۋە ئادىللىق بىلەن بېكىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئادالىتى، ھېكمىتى تەجەللى ئەتكەن. نەتىجىدە، شەرىئەتتىكى مىراس قانۇنى ئادىللىقى ۋە پۇختىلىقىدا مۇكەممەل بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ئەھكاملارنى ئۆزى بىۋاستە تەپسىلىي بېكىتكەن.

مىراس ئايەتلىرىگە نەزەر سالايلى:

[بىر قىزلا بولسا، ئۇنىڭغا يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە قالدۇرغان مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسنى پەقەت ئاتا – ئانىسىلا ئالىدىغان بولسا، ئانىسىغا ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىت ۋەسىيەت قىلغان ۋەسىيەت بىلەن قەرز ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئاتا – ئاناڭلار ۋە پەرزەنتلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن سىلەرگە ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بولمىسا، ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى سىلەرگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا، ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى سىلەرگە تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) ئۇلار ۋەسىيەت قىلغان ۋەسىيەت بىلەن قەرز ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىسا، ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراستىن سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) سىلەر قىلغان ۋەسىيەت بىلەن قەرز ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئەگەر بىر ئەر كىشى ياكى بىر ئايال كىشى يا ئاتىسى، يا پەرزەنتى يوق بولغان ئەھۋالدا مىراسى تەقسىم قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ھەر بىرىگە ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئۇلار ئۈچتىن بىرىدە شېرىك بولىدۇ. (بۇ تەقسىمات) قىلىنغان ۋەسىيەت بىلەن قەرز ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مىراسخورلارغا زىيان ئۇرمىغان ھالەتتە بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئەنە شۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر].(8)

بۇ ئايەتلەردە جانابى ئاللاھنىڭ ﭽتەۋسىيە قىلىدۇ ﭼ دېگىنى، پەرز قىلىپ بۇيرۇش بىلەنلا قالماي، ئالاھىدە جېكىلەپ تاپىلايدۇ دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. جانابى ئاللاھ بۇنى يەنە ﭽبۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن ھۆكۈمدۇر ﭼ دەپ پەرزلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن ۋە يەنە ﭽئاللاھ سىلەرگە ئەنە شۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇﭼ دەپ قايتا – قايتا جېكىلىگەن.

بۇ ئايەتلەردىن كېيىنكى ئايەتتە بولسا، مىراس ئايەتلىرىدە پەرز قىلىنغان بۇ ئەھكاملارنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن چەك – چېگرا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى، بۇ چەكتىن ئېشىپ تاجاۋۇز قىلىپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقى ۋە خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى مەخسۇس تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ ئارقىلىق، مىراس ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ پەرزىنى ئىجرا قىلمىغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. بۇنىڭدىن مىراس ئىشىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئېھتىيات بىلەن ئىش تۇتۇش كېرەكلىكىنى ۋە بۇ ئىشتا زۇلۇم قىلماسلىق كېرەكلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئايەتتە يەنە: ﭽمىراسخورلارغا زىيان ئۇرمىغان ھالەتتە بولىدۇﭼ دېيىش ئارقىلىق زىيان ئۇرۇشنى چەكلىگەن.

ئايەت يەنە: ﭽسىلەر بىلمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرﭼ دېگەندىن كېيىن يەنە ﭽئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇرﭼ دېيىش ئارقىلىق، بۇ تەقسىماتنىڭ ئىلاھىي ئىلىم ۋە ھېكمەت بويىچە بېكىتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقىچە قىلىش جاھالەت ۋە نادانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. «نىسا» سۈرىسىدىكى مىراس ئايىتىدە بولسا، ئاللاھ تائالا ئانىسى ۋە بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق پەتىۋا بەرگەندىن كېيىن: (ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر) دەيدۇ.(9)

دېمەك، مىراس تەقسىماتىدا ئىنساننىڭ رايى ياكى خاھىشىغا ئورۇن يوق. مىراسخورلارنىڭ «مىراسنى كېيىنچە بۆلۈشىمىز» دېگىنى ئۇلارنىڭ خاھىشىدۇر. بۇ ئاللاھنىڭ شەرىئىتى، ئىلىمى، ھېكمىتى ۋە تەقسىماتىغا خىلاپتۇر.

يەنە كېلىپ، «ئانا باشقا مىراسخورلاردىن بۇرۇن ۋاپات تاپىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ھۆكۈم چىقىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ھېچكىم قاچان، قەيەردە ۋاپات بولۇشىنى بىلمەيدۇ. پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. بەزىدە يېشى كىچىك، ساغلاملار تۈگەپ كېتىپ، ياشانغانلار، ساق ئەمەسلەر ھايات قېلىشى مۇمكىن. مىراسنى نەچچە ئاي، نەچچە يىل كېچىكتۈرگەن ئەھۋالدا، باشقا مىراسخورلار ئانىدىن بۇرۇن تۈگەپ كېتىپ، مىراس ئىشى مۇرەككەپ بولۇپ كېتىشى، ئاخىرىدا بىرسىنىڭ ھەققى يەنە بىرىگە ئۆتۈپ كېتىشى، تېخى بەزىدە يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھەققى زايە بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.

ئادەتتە ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، بەزى مىراسخورلار بىر قىسىم مۈلۈكلەرنى ئىگىلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى، بەزى مۈلۈكلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىشى، ئىسراپ قىلىنىپ زايە بولۇپ كېتىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. مىراسىدىن پايدىلىنالمىغان مىراسخورلار ياكى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مىراس ھەقلىرى تۇرۇپ زاكات ۋە ياردەمگە موھتاج بولۇپ كېتىدۇ.

ئۆز ھەققىدىن ئۇزۇن مۇددەت پايدىلىنالمىغان ياكى كېچىكىشتىن ھەققى كېمىيىپ كەتكەن مىراسخورلار يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن ئۆزئارا ئاداۋەتلىشىدۇ، جېدەل – ماجىرا قىلىشىدۇ. تېخى بەزىدە قېرىنداشلىرىنىڭ مىراسىنى يەۋالماقچى بولغان بىر قىسىم نەپسى بالا مىراسخورلار ئالىملار كۆرسەتكەن شەرىئەت ھۆكمىگىمۇ بويسۇنماي، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. ئۆزىنى ۋە مۇسۇلمان تۇغقانلىرىنى كافىرلارنىڭ سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىشقا، دەۋالىشىپ سەتلىشىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

ئىنسان نەپسى مال – دۇنياغا ئامراق بولغاچقا، ئاللاھ تائالا: (سىلەر مىراسنى (باشقىلارنىڭكى بىلەن قېتىپ) يەۋالىسىلەر، مال – مۈلۈكنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىسىلەر) دېگەن.(10)

بۇنىڭدىن مىراسنى ۋاقتىدا تەقسىم قىلماي يېتىم – يېسىر، ئاجىزلارنىڭ، تۇغقانلىرىنىڭ ھەققىنى يۇتۇپ كېتىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلىشنىڭ قىز ۋە سەبىي بالىلارنى مىراستىن مەھرۇم قىلىشتەك جاھىلىيەت دەۋرى ئادەتلىرىگە قايتىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شەرىئەتنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇپ ۋاقتىدا ئىجرا قىلىشقا ئالدىرىماستىن، ئۇنىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بەرگەن ئەھكاملىرىغا سۆرەلمىلىك قىلىش، بەجا كەلتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىشلار بولسا، ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە رازى بولماسلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇخىل قىلمىشلار كافىر قەۋملەرگە خاس خاھىشلار جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا دەيدۇ: (ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى خالامدۇ؟ چىن ئىشىنىدىغان قەۋم نەزىرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟)(11)

ئاللاھنىڭ بۇ ئادالىتىدە مىراسخورلار ئوتتۇرىسىدا ئۆچ – ئاداۋەت پەيدا بولۇش ئورنىغا، رازىمەنلىك، كۆڭۈل يېقىنلىق ۋە مېھىر – مۇھەببەت، سىلە – رەھىمنىڭ داۋاملىشىشى كۆزدە تۇتۇلغان.

يىغىپ ئېيتقاندا، مىراسنى شەرىئەت بويىچە ئايرىماسلىق ياكى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈۋېتىش نەتىجىسىدە تۆۋەندىكىدەك يامان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ:

1. مىراسخورلارنىڭ ئۆز ھەقلىرىدىن ۋاقتىدا پايدىلىنالماسلىقى.

2. ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارا ئۆچ – ئاداۋەتلىشىشى، بىر – بىرىنى تاشلىشىشى.

3. يېتىم – يېسىر، ئاجىز مىراسخورلارنىڭ ھەققىنىڭ باشقا مىراسخورلار ياكى ياتلار تەرىپىدىن بۇلاڭ – تالاڭغا ئۇچرىشى.

4. مىراسخورلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرى تۈپەيلى مىراسنى ئايرىشنىڭ مۇرەككەپلىشىشى. بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇددەت ياكى بىر ئەۋلاد كېچىكتۈرۈلگەن ئەھۋالدا، مىراسنىڭ ئەسلى ئىگىسىنى ئايرىشمۇ قىيىنغا توختايدۇ.

5. بەزى مىراسخورلارنىڭ مىراسنى تەلەپ قىلغۇسى بار تۇرۇپ، ھايا قىلىپ تەلەپ قىلالماسلىقى.

6. مىراسنى كېچىكتۈرۈشتىن پايدىلىنىدىغانلارنىڭ بەزى ھۆججەتلەرنى يوشۇرۇشى، ئۆزگەرتىپ ساختىلاشتۇرۇشى.

7. بەزى پەرزەنتلەر، بولۇپمۇ چوڭ ئوغۇل ياكى ئائىلە تىجارىتىنى ئايلاندۇرىۋاتقان ئوغۇل «ئاتامنىڭ مال – مۈلكىنى بىللە تېپىشىپ بەرگەنتىم» دېگەن باھانە بىلەن مىراسنى ئىگىلىۋېلىشى.

8. ھەر بىر مىراسخورنىڭ تېگىشلىك نېسىۋىسى مېيىتتىن مىراسخورغا يۆتكەلگەن بولغاچقا، ئۆلۈمدىن بىر يىل ئۆتۈپ نېسىۋىسى يالغۇز ياكى قولىدىكى باشقا ئىقتىسادقا قوشقاندا، زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ئەھۋالدا، مىراسخورغا ئۇ مال – مۈلۈكنىڭ زاكىتىنى ئايرىش ۋاجىپ بولىدۇ. مىراس تەقسىماتىنى كېچىكتۈرگەن ئەھۋالدا، بۇ زاكات ئادا قىلىنماي گەدىنىدە قالىدۇ. چۈنكى ھەر بىرى «مەن تېخى مىراسىمنى قولۇمغا ئالمىدىم» دەيدۇ.

ئالىملىرىمىز بىرەر مىراسخور مىراسنى تەقسىم قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، ئۆز ھەققىدىن پايدىلىنىشنى كېچىكتۈرمەسلىك ئۈچۈن، قورساقتىكى ھامىلىنىڭ تۇغۇلىشىنى كۈتۈپ تۇرماستىن، ھامىلىگە ئەڭ ئازادە مىراس ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ، مىراسنى تەخىرسىز تەقسىم قىلىۋېتىش كېرەكلىكىنى، مىراسخورلارنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ئەسەرلىرىدىكى مىراس بۆلۈمىدە «ھامىلىنىڭ مىراسى» دەپ ئالاھىدە باب تۇرغۇزغان. بۇنىڭدىن ئالىملىرىمىزنىڭ ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشىنى كۈتۈشتەك، كېچىكتۈرۈشكە بىرەر سەۋەب بار تۇرۇقلۇق، مىراسنى تەقسىم قىلىشنى ئارقىغا سۈرۈۋېتىشنى توغرا تاپمىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەھۋال بۇنداق تۇرسا، نەچچە ئون يىل ياكى نامەلۇم ۋاقىتقا قەدەر كېچىكتۈرۈش قانداقمۇ جائىز بولسۇن؟

يەنە تېخى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كونىراش ياكى باھانىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلى مىراسنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىمۇ ئادەتتە يوق ئىش ئەمەس.

دىققەت قىلىش كېرەككى، مىراس تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن ھەر بىر مىراسخور خەجلىگەن پۇللار ئۆز نېسىۋىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. لېكىن مىراسخورلار بۇنى بىلمەي، ئوپچە خاماندىن كۆپرەك خەجلىۋېلىشقا، ھەتتا، بۇزۇپ – چېچىشقا تىرىشىدۇ. نەتىجىدە، باشقا مىراسخورلارنىڭ ھەققىنى بىلىپ – بىلمەي يەپ كېتىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن، مىراس ئىشىغا مەسئۇل بولغان چوڭ ئوغۇل ياكى مويسىپىت مىراسنى دەرھال بۆلۈپ، ھەر بىر مىراسخورنىڭ ھەققىنى قولىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردە، مىراسخور مەيلى قىز بولسۇن ياكى نېسىۋىسى ئاز مىراسخور بولسۇن، مىراسىنى قولىغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ تەبىئىي ھەق – ھوقۇقىدۇر. تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، خالىسا باشقا مىراسخورغا بېرىۋەتسە ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.

بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، مىراسنى تەقسىم قىلمىغان مۇددەتچە مىراستىن بەزى مىراسخورلارنىڭ توي – تۆكۈن، مېھماندارچىلىق، داۋالىنىش، ئوقۇش ۋە ئۆي ياساش دېگەندەك چىقىملىرىغا سەرپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇ مىراسخورلار ئىچىدە نارەسىدە بالىلار بولغان ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما چوڭلار ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ زىياپەت ئۆتكۈزسە، ئۆي ياسىسا ياكى مېيىتقا سەدىقە قىلسا مەيلى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.

ئانىلارنىڭمۇ بەزى پەرزەنتلەرنى ئۆيلەش ياكى بەزىلىرىنىڭ ئوقۇشنى پۈتتۈرىۋېلىشىنى باھانە قىلىپ، مىراسنى ۋاقتىدا ئايرىشقا توسقۇنلۇق قىلىشى زۇلۇم ۋە گۇناھتۇر.

قارايدىغان بولساق، مۇسۇلمانلار ھازىر مىراسنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بۆلمەي ياكى بۆلۈشنى ئارقىغا سوزۇپ، ئاللاھ بۇزماسلىقنى جېكىلىگەن چەك – چېگراغا تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلماقتا. مىراس ئايەتلىرىگە ئەمەل قىلماي تاشلاپ قويماقتا. بۇنىڭغا قارىتا دەۋەتچى ئالىم – ئۆلىمالار كىشىلەرنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇشى، بەزىبىر ئادەتلەردىن قالغان خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈزىتىشى، مىراس ئىلمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى كەڭ تەشۋىق قىلىشى لازىم.

خۇلاسىلەيدىغان بولساق:

1. مىراسنى كېچىكتۈرمەستىن تەقسىم قىلىۋېتىشكە ئالدىراش زۆرۈر.

2. تەقسىم قىلىشنى ئۆزرىسىز ئارقىغا سۈرگەن ئىشلار يۈز بېرىپ قالغان ئەھۋالدا، دەرھال تۆۋە – ئىستىغپار ئېيتىپ، كېچىكتۈرمەستىن ھەقنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرۇشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2016. 11. 8

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 63 – نومۇرلۇق پەتىۋا.

————————–

1. «نەزىر قىلىش»: كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىپ قىلمىغان بىر ئىشنى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىپ قىلىۋېلىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 3 كۈن روزا تۇتىمەن، مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ ھەج قىلىمەن، دېگەندەك.
2. «مۇسلىم» 2959 – ھەدىس.
3. «بۇخارىي» 6442 – ھەدىس.
4. سەھىھەين: «بۇخارىي» 2398 – ھەدىس. «مۇسلىم» 1619 – ھەدىس.
5. «نىسا» سۈرىسى 6 – ، 7 – ئايەتلەر.
6. سەھىھەين: «بۇخارىي» 2447 – ھەدىس. «مۇسلىم» 2579 – ھەدىس.
7. «نىسا» سۈرىسى 29 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
8. «نىسا» سۈرىسى 11 – 12 – ئايەتلەر.
9. «نىسا» سۈرىسى 176 – ئايەت.
10. «فەجر» سۈرىسى 19 -، 20 – ئايەتلەر.
11. «مائىدە» سۈرىسى 50 – ئايەت.

admin@sajiye

Share
Published by
admin@sajiye
Tags: مىراس

Recent Posts

«ساجىيە»دىن چۈشۈرۈۋېلىڭ! «ئىسلام خىتابنامىسى»pdf سۈزۈك نۇسخىسى

دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now بۇ يەردىن: «ئىسلام خىتابنامىسى» pdf نەشر ئۇچۇرى (CIP) ئىسلام خىتابنامىسى /…

21 سائەت ago

ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» خەلقىمىز ئۈچۈن رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش…

بىرلىك: 1 ھەپتە ago

20 – ئەسىرنىڭ ئەڭ يارقىن مۇسۇلمان سىياسىئونلىرىدىن بىرى، دۆلەت ئەربابى، مۇجاھىد ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ

ئىلىک بەگ مۇستافا ئوغلى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ ھىجرىيە 1344 - يىلى 18 - مۇھەررەم، مىلادىيە 1925…

بىرلىك: 1 ھەپتە ago

يەر تەۋرەش «ئاللاھنىڭ غەزىپى»مۇ؟

شەكسىزكى، يەر تەۋرەش، چاقماق چېقىش، كۈن / ئاي تۇتۇلۇش ۋە كەلكۈن كېلىش قاتارلىق ئاپەتلەر ئاللاھنىڭ…

كۆپلۈك: 2 ئايلار ago

«رەغائىب نامىزى»نىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تۈركىيەدىكى بەزى مۇسۇلمانلار رەجەب ئېيىدا «رەغائىب نامىزى» دەپ بىر خىل ناماز ئوقۇيدىكەن. بۇ…

كۆپلۈك: 2 ئايلار ago

توخۇنىڭ پۇتىنى ۋە پەنجىسىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئىستانبۇلدا توخۇنىڭ پۇتىنى ۋە پەنجىسىنى پىشۇرۇپ ساتىدىغان ئىشلار پەيدا بولۇپتۇ،…

كۆپلۈك: 3 ئايلار ago