قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چاچ – ساقال ۋە تىرناقلىرىنى ئالسا بولامدۇ؟

قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چاچ – ساقال ۋە تىرناقلىرىنى ئالسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن باشلاپ تاكى قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە ھەجگە بارالمىغان بولسىمۇ قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چاچ، ساقال – بۇرۇت ياساتسا ۋە تىرناق ئالسا بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەر يىلى زۇلھەججە ئېيى كىرىشكە، مۇبارەك ئون كېچە باشلىنىشقا، قۇربانلىق قىلىدىغانلار قۇربانلىق قىلىشقا، قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋېلىشقا ئاز قالغاندا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسلىنىپ: «قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن چاچ، تىرناق ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى ئالسا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟» دەپ سوراشقا باشلايدۇ.

ئالىملار زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن قۇربانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ بەدىنىدىكى چاچ، تۈك ۋە تىرناق قاتارلىق ئارتۇق نەرسىلەرنى كېسىشى، يۇلۇشى ۋە چۈشۈرۈشىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان.

كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق قىلىشنى: «مۇباھ» دېگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەنەفىي مەزھەبى ئىماملىرى: «چاچ – تىرناق ئالسا بولىدۇ، مەكرۇھ بولمايدۇ» دېگەن. يەنە ھەنەفىي مەزھەبى ئالىملىرىدىن بىر قىسمى: «ئالسا بولىدۇ، مەكرۇھ بولمايدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىنى قىلمىغانلىق بولىدۇ، ئالمىغان ياخشى» دېگەن. يەنى بۇلار مەكرۇھتىنمۇ تۆۋەن، دېمەكچى. «مۇباھ» دېگەن ئالىملاردىن مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەبى ئالىملىرى: «ئالماسلىق مۇستەھەب، ئېلىش تەنزىھىي مەكرۇھ» دېگەن. بۇ قاراشنى ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن بىر قىسمى تاللىغان.

ھەنبەلىي مەزھەبى بىلەن زاھىرىي مەزھەبى: «قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كىرسە چاچ ۋە تارناقلىرىنى ئېلىشى ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ» دېگەن. بۇ قاراشنى باشقا مەزھەبتىكى بەزى ئالىملارمۇ ياقلىغان(1).

يۇقىرىقى قاراشلارنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق، ئىلگىرىكى ئۈچ خىل قاراشنى بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: كۆپچىلىك ئالىملار: «ئالسا بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ» دېگەن. ئىككىنچى قاراش بولسا يۇقىرىدىكى ئاخىرقى قاراش بولۇپ، بۇ قاراشتىكىلەر ئېلىش ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ، دەپ قارىغان.

مۇباھ دېگەنلەرنىڭ دەلىللىرى:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: «مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بويۇنلىرىغا ئاسىدىغان بەلگىلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېشىپ بەردىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ تۆگىسىگە بەلگىنى ئېسىپ، لوككىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە پىچاق سانجىپ بەلگە قويۇپ ھەدىيە قىلىپ ھەيدەپ ماڭدى. (بۇنىڭلىق بىلەن) رەسۇلۇللاھقا ھالال نەرسىلەر ھارام بولمىدى»(2).

يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەدىن ھەرەمگە قۇربانلىق ئاتاپ ماڭاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بويۇنلىرىغا ئاسىدىغان بەلگىلىرىنى ئېشىپ بېرەتتىم. شۇنداقتىمۇ رەسۇلۇللاھ ئىھرام باغلىغۇچى ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن ساقلانمايتتى»(3).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى: «مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بوينىغا ئاسىدىغان ئاسمىلارنى ئېشىپ بەردىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بەلگە قويۇپ، بەلگىنى ئاستى — ياكى مەن ئاستىم — ئاندىن ئۇنى بەيتۇللاھقا ئەۋەتىۋېتىپ مەدىنەدە قالدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ زاتقا ھالال بولغان نەرسىلەر ھارام بولۇپ قالمىدى»(4).

ئەمرە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن زىياد ئىبنى ئەبى سۇفيان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: ‹كەئبەگە ئاتىغان ھەدىيە قۇربانلىقىنى ئەۋەتىۋەتكەن كىشىگە قۇربانلىقى بوغۇزلانغۇچە ھەج قىلغۇچىغا ھارام بولغان نەرسىلەر ھارام بولىدۇ› دېگەنلىكى توغرىسىدا خەت يازغان ئىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ‹ئىبنى ئابباس دېگەندەك ئەمەس. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بەلگىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېشىپ بەردىم. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئاستى. ئاندىن ئۇنى ئاتام بىلەن مەككەگە ئەۋەتتى. شۇنداقتىمۇ قۇربانلىق بوغۇزلانغۇچە ئاللاھ ھالال قىلغان ھېچقانداق بىرنەرسە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھارام بولمىدى› دېدى»(5).

يەنە بىر ھەدىستە: «مەسرۇق رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كېلىپ: ›ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى! بىر كىشى ھەدىيە تۆگىلىرىگە بەلگە ئېسىشنى تاپىلاپ، ئۆزى يۇرتىدا قالغان بولسا، تاكى ھاجىملار ئىھرامدىن چىققانغا قەدەر ئىھراملىق ھالەتتە ھېسابلىنامدۇ؟‹ دەپ سورىغان ئىدىم، پەردە ئارقىسىدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ چاۋاك چالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: ›مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەئبەگە ئاتىغان تۆگىلىرىنىڭ بەلگىلىرىنى ئېشىپ بېرەتتىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆگىلىرىنى باشقا ئادەملەردىن كەئبەگە ئەۋەتەتتى. ھاجىلار ھەجدىن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئەرلەرگە ئاياللىرىدىن ھالال بولغان نەرسىلەر ئۇنىڭغا ھارام بولمايتتى‹»(6).

يۇقىرىقى ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيدىكى ئىشلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشى، يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغانكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئبەگە ئاتىغان قۇربانلىقنى مەككەگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئىھرام باغلىغان كىشى ئۆزىگە ھارام دەپ قارايدىغان بىر ئىشنى ئۆزىگە چەكلىمىگەن. چاچ ۋە تىرناق ئېلىشتىن ساقلىنىپ يۈرمىگەن. ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككەگە ئەۋەتىش دېگەن قۇربانلىق قىلىشتىنمۇ چوڭراق ئىشتۇر. ئەگەر چاچ ۋە تىرناق ئېلىش ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككەگە ئەۋەتكەن كىشىگە ھارام بولمىسا، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىگە ئەلبەتتە ھارام بولمايدۇ.

يەنە قىياس جەھەتتىن مۇنداق دەلىل ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، ئۇنداق كىشىگە جىما قىلىش ھارام بولمايدۇ. جىما قىلىش ئىھراملىق كىشىگە ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى تۇرۇقلۇق، قۇربانلىق قىلماقچى بولغانلارغا ھارام بولمىسا، جىمادىن تۆۋەن تۇرىدىغان چاچ، تىرناققا ئوخشاش بەدىنىدىن بىر نەرسە ئېلىش ئەلبەتتە ھارام بولمايدۇ. ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ئېيتىدۇ: «بارلىق ئالىملار زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، بۇنداق كىشىگە جىما قىلىش ھارام بولمايدۇ، دەپ بىرلىككە كەلگەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئىشلار مۇباھ بولۇشقا تېخىمۇ لايىق»(7).

بۇ قىياس ئەسلىدە ئىكرىمەنىڭ سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان «چاچ ئالسا بولمايدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىس سۆزلەنگەندە، ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «ئاياللاردىنمۇ، خۇشپۇراقتىنمۇ نېرى تۇرسۇن ئەمىسە» دېگەن(8).

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «سۈننەت كېچىكتۈرۈلمەيدۇ» دېگەن(9). يەنى تىرناق، بۇرۇت ۋە تۈكلەرنى ئېلىش سۈننەت ئىش، بۇنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

«ھارام ئەمەس، مەكرۇھ» دەپ قارىغان ئالىملار: «كىيىم، جىما ۋە خۇشپۇراق ماددا ئىھراملىق كىشىگە ھارام بولغاندەك ھارام بولمىغاچقا، چاچ، تىرناق ئالماسلىقنىڭ مۇستەھەبلىكى، ئېلىشنىڭ مەكرۇھلىقى مۇئەييەنلىشىدۇ» دېگەن. لېكىن، بۇ قاراش مۇنداق رەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چەكلىگەن ئىشنى قىلمايتتى، چەكلىگەن ئىش ئەقەللىي تەقدىردە، مەكرۇھ بولىدۇ.

ھارام دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ ئاساسلىق دەلىلى مۇشۇ ھەدىس:

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، بىرىڭلار قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چاچ، تۈكلىرى ۋە بەدىنىدىن بىر نەرسە ئالمىسۇن» دېگەن(10).

بۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەدىس ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن. دېمەك، ئالىملار دەلىللەرنى بايان قىلغان. بىر – بىرلىرىنىڭ دەلىللىرىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەھلىل قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن. بۇ يەردە ھەممىنى بايان قىلىش بىھاجەت.

دەلىللەرنى سېلىشتۇرغان ئەھۋالدا، مۇباھ دېگۈچىلەرنىڭ، يەنى كۆپچىلىكنىڭ قارىشى كۈچلۈك. شۇڭا، بىر قاراشنى تۇتقانلارنى باشقا قاراشتىكىلەر ئەيىبلىسە توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇ، چاچ ئالغانلارنى گۇناھكار ۋە پاسىق دەپ ھۆكۈم پىچىۋېتىشكە بولمايدۇ.

كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بۇ سەۋەبلەردىن كۈچلۈك:

1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ سەھىھلىكى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن بولغان. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسى بولسا ھەدىس ئالىملىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ياكى ساھابەنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان ھەدىستۇر. چۈنكى، بۇ ھەدىس ئاشۇنداق بەزىدە «مەرفۇﺋ»، بەزىدە «مەۋقۇف»(11) رىۋايەت قىلىنغان. بۇ پىكىر ئوخشىماسلىقى «سەھىھۇ مۇسلىم»دا ئېنىق كەلگەن.

بۇ سەۋەبتىن، بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، تىرمىزىي، ئىبنى ھىببان، بەيھەقىي ۋە ئىبنى ھەزملەر «سەھىھ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئىمام دارەقۇتنىي، ئىبنى ئابدۇلبەر قاتارلىقلار بۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەن(12). چۈنكى، ئالتە راۋىي (رىۋايەت قىلغۇچى) بۇنى سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان. ئىككى راۋىي ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان. ئىككى راۋىي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان.

2. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كۆپ راۋىيلار رىۋايەت قىلغان. ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ھەدىسىنى سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن باشقا بىرسى رىۋايەت قىلمىغان.

3. كۆپچىلىك ئالىملار ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدىن ۋاجىبلىقنى يەكۈنلىمىگەن.

4. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسى بىرقەدەر كېيىنكى ئەھۋالنى بايان قىلغان. چۈنكى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەئبەگە ئاتىغان قۇربانلىقنى ھىجرىيە 9 – يىلى، يەنى ھەججەتۇلۋەدائدىن بىر يىل بۇرۇن ئەۋەتكەن.

بۇ يەردە بىرقانچە مەسىلىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك:

1. چاچ – ساقال، تىرناق قاتارلىقلارنى ئالماي تۇرۇشتىكى ھېكمەت «دوزاخ ئوتىدىن پۈتۈن بەدىنىدىكى نەرسىلەر بىلەن بىللە تولۇق قۇتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن» دېيىلگەن. «ھەج قىلىۋاتقان ئىھراملىقلارغا ئوخشاپ تۇرۇش ئۈچۈن»مۇ دېيىلگەن. لېكىن، بۇ ھەقتە سەھىھ دەلىل يوق ھەمدە ھەممەيلەننىڭ قارىشىدا، جىما قىلىش، كىيىم كىيىش ۋە خۇشپۇراق ماددا ئىشلىتىشتە ئوخشاش بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ.

2. چەكلەش تاكى قۇربانلىقىنى قىلىپ بولغۇچە داۋاملىشىدۇ. مەسىلەن، ھېيتنىڭ 2 – ياكى 3 – كۈنى قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، شۇ كۈنگىچە ئالماي تۇرىدۇ.

3. چەكلەش قانداق تۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ چەكلەش چاچ، ساقال، بۇرۇت، قولتۇق تۈكى، ئەۋرەت تۈكى ۋە ئۇندىن باشقا بەدەن تۈكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە كېسىۋەتسە بولىدىغان ئارتۇق تېرە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلىش ۋە كېسىش بارلىق ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، چۈشۈرتۈش، قىسقارتىش، كۆيدۈرۈش، يۇلۇش ياكى دورا بىلەن چۈشۈرۈش، تىرناق ئالغۇچتا كېسىش ياكى سۇندۇرۇش قاتارلىقلار.

4. قان ئالدۇرۇش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، بۇ سىرتقى ئەزا قىسمىدىن ئەمەس.

5. ھەنبەلىي مەزھەبىدىكىلەر: «چاچ ئېلىش قاتارلىق ئىشلار قۇربانلىق قىلغۇچى بىلەن ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ئوخشاش ھارام بولىدۇ» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇلار: «بىر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى بولغان بولسا، ئۆيدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ شۇنداق قىلىشى ھارام بولۇپ كېتىدۇ» دېمەكچى.

6. بۇ كۈنلەردە ئاشۇ چەكلىمىگە قەستەن ياكى سەھۋەنلىكتىن رىئايە قىلماي، چاچ، تىرناق قاتارلىقلارنى ئېلىپ سالغان كىشىگە يا جازا، يا تۆلەم يوق، پەقەتلا تەۋبە قىلىشى كېرەك.

7. بۇ چەكلىمىدە ئەر ياكى ئايالنىڭ پەرقى يوق. دېمەك، ئايال كىشىمۇ قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىشى چەكلىنىدۇ.

8. ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش چەكلىنىدىغان ئىش. چۈنكى، كۆپچىلىك ئالىملار ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش ھارام، دەپ قارايدۇ، بەزىلەر: «مەكرۇھ» دەيدۇ. ھەممىسى ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىشنى چەكلەيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 23 – زۇلقەئدە / م. 2012، 9 – ئۆكتەبىر

 

—————
1. جاسساس: «مۇختەسەرۇ ئىختىلافىل ئۆلەماﺋ»، 3/230؛ تەھانەۋىي: «ئىئلائۇسسۈنەن»، 7/264؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/346؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/285؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7/355.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1696)؛ «مۇسلىم»، (1321).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1698)؛ «مۇسلىم»، (1321).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1699)؛ «مۇسلىم»، (1321).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1700)؛ «مۇسلىم»، (1321).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5566)؛ «مۇسلىم»، (1321).
7. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 4/85.
8. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7/369؛ تەھانەۋىي: «ئىئلائۇسسۈنەن»، 7/267.
9. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/181.
10. «مۇسلىم»، (1977).
11. مەرفۇﺋ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرنى، سۈپەتلەرنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ماقۇللىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەۋقۇف — ساھابەگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ماقۇللىشىنى كۆرسىتىدۇ.
12. ئىبنۇلمۇلەققىن: «ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 9/276؛ ئىبنى ھەجەر: «تەلخىيسۇل ھەبىير»، 4/342؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىيد»، 17/234.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ