Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

رامازاندىكى كۆزلىرىڭىز

رامازاندىكى كۆزلىرىڭىز

رامازاندىكى كۆزلىرىڭىز

رامازان سەبر ۋە تىرىشچانلىق ئېيىدۇر. كىشىنىڭ ھارام قىلىنغان نەرسىلەرگە قاراشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ياكى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى سەبر ۋە تىرىشچانلىقنىڭ قاتارىدىندۇر.

بۇنداق قىلىش كىشىنىڭ قەلبىنى ئاللاھ تائالادىن قورقۇش بىلەن گۈللىنىدىغان رامازان ئېيىنىڭ روھى بولمىش تەقۋالىق بىلەن ئوزۇقلاندۇردىغان بۈيۈك ئىمانىي ئەخلاققا ئادەتلەندۈرىدۇ.

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بارلىق مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىنە ئاياللارنى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىققا بۇيرۇغان. چۈنكى، بۇ ئىماننىڭ ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقۇشنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر. مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن﴾(نۇر: 30 – 31). ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتلەرنى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىق ۋە ھارام نەرسىلەردىن كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىشقا قىلىنغان بۇيرۇقىدۇر. ئەگەر ئىنساننىڭ كۆزى مەقسەتسىز ھالدا ھارام قىلىنغان نەرسىگە چۈشۈپ قالسا، كۆزلىرىنى تېزلىكتە باشقا يانغا بۇرۇۋېلىشى كېرەك»([1]).

ھارامغا قاراشتىن ساقلىنىش ئەۋرەتنى ھارامدىن ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرلىكتە قوغدىلىشى ئىنساننى قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايماندىن قوغداپ قالىدۇ. ھارامغا قاراش مىسالى زەھەرلىك بىر ئوقتۇر، ئۇنىڭ قادىلىش يېرى دەل قەلبتۇر، كۆز ھارام قىلىنغان نەرسىگە قارىغانسېرى، قەلب قاراڭغۇلۇققا چوڭقۇرلاپ چۆكۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەلبنىڭ قارىدىشى ۋە بۇزۇلۇپ كېتىشى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. بەلكى بۇ قارىداپ كېتىش ئەقىلنى پەردىلەپ، ھەقنى كۆرۈشتىن كور قىلىپ قويۇشى ياكى ھىدايەتنى تېپىشتىن توسۇپ قويۇشى مۇمكىن.

بەندە ئۈچۈن ئىشلار قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئۇ ياخشى ئىشلارنى تونۇمايدىغان (قەدرىگە يەتمەيدىغان)، مۇنكەر ئىشلارنى ئىنكار قىلمايدىغان، ھەقنىڭ ھالاۋىتىنى، باتىلنىڭ زەھەرلىك ئاچچىقلىرىنى تېتىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەلەفلەر مۇنداق دېگەن: «كىمكى كۆزىنى قوغدىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قەلبىگە بىر نۇر ئاتا قىلىدۇ». بۇ ئاللاھ تائاللانىڭ: ﴿مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر﴾(نۇر: 30) دېگەن سۆزىدىن ئېلىنغان بىر چۈشەنچىدۇر. يەنى ئۇلارنىڭ بۇنى تۇتۇپ مېڭىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر ۋە ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، كۆزىنى نامەھرەملەرگە يۇمۇش ئۇلار ئۆزلىرىنى پاكىز تۇتىدىغان ۋە مەدھىيەگە لايىق بولىدىغان ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر([2]).

ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قايسىبىر مۇسۇلمان نامەھرەم بىر ئايالنىڭ گۈزەل يەرلىرىگە قاراپ سېلىپ، ئاندىن (ئاللاھتىن قورقۇپ)، كۆزىنى باشقا بىر تەرەپكە بۇرىۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ھالاۋىتىنى ھېس قىلالايدىغان بىر ئىبادەتنى ئاتا قىلىدۇ»([3]). ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە زەئىپلىك بار. لېكىن، بۇنداق ھەدىسلەرنى تەرغىب ئۈچۈن ئىشلىتىشتە كەڭرىلىك باردۇر»([4]).

ھەقىقەتەن ئىماننىڭ ھالاۋىتى ھارام قىلىنغان لەززەتلەردىن ئىبارەت شەيتان ئالدايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا يۈكسەك ھېس – تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ. لېكىن، ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە نامەھرەملەرگە پۈتۈنلەي قارىماسلىقنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى «تىكىلىپ قارىمىسۇن» بولدى (بۇنىڭدىن ئۆز ئىرادىسى بىلەن قارىسا بولىدۇ دېگەن مەنە چىقمايدۇ، ئەلبەتتە. ــ ت). پۈتۈنلەي قارىمىسۇن دېمەستىن، بەلكى بىزدىن ھارامغا قارىماسلىقتا ھەقىقىي بىر شەكىلدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنى ــ كۆز ئۇشتۇمتۇت ھارامغا قاراپ سالغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئۇلۇغلاپ، ئىككىنچى قېتىم قاراپ سالمايدىغان بىر دەرىجىدە ــ تەلەپ قىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى ئەلى! بىر قارىغاندىن كېيىن يەنە قاراۋەرمىگىن. دەسلەپكى قاراشتا رۇخسەت بار، ئىككىنچى قاراشقا رۇخسەت يوق»([5]) دېگەن ئىدى.

نامەھرەملەرگە قارىماسلىق ۋە ئەۋرەتنى ھارامدىن ساقلاش ئارقىلىق نەپسنى ھالاكەتتىن قوغداپ قالغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە كاتتا مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ. بەلكى ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا پۈتۈن يەر – جاھان تولغۇدەك دۇنيانىڭ نازۇنېئمەت، زىبۇزىننەت ۋە گۈزەللىكلىرى تەڭ كېلەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم ماڭا ئىككى لېۋى بىلەن ئىككى پاچىقىنىڭ ئارىسىنى مەھكەم ساقلاشقا كېپىللىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كېپىللىك قىلىمەن»([6]).

ھارامغا قارىماسلىق ئەۋرەتنى پاك ساقلاشتا ئەڭ چوڭ ياردەمچى بولغاچقا، ئايەتتە ئەۋرەتنى (ھارامدىن) ساقلاشتىن ئىلگىرى بايان قىلىندى. چۈنكى، ھارامغا قاراۋېرىش ئەۋۋەل شەھۋانىي خىياللارغا سالىدۇ، ئاندىن بۇزۇقچىلىققا باشلايدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىكى بالايىئاپەت ئېغىر ۋە ئۇنى كونترول قىلىش تولىمۇ تەستۇر([7]).

بەزىلەر نامەھرەملەردىن كۆزنى يۇمۇش نەپسكە زۇلۇم قىلغانلىق دەپ ئويلىشى ياكى ھارامغا قاراشنى دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش دەپ قارايدىغانلار ئەركىنلىكنى بوغۇپ قويۇش دەپ بىلجىرلىشى مۇمكىن. لېكىن، شەرىئەتنىڭ ھېكمىتىنى تەپەككۇر قىلىپ ئويلاپ باققان كىشى «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ كۆرسەتمىسىدە ــ مەزكۇر گۇناھنىڭ ئورنىغا قەلبنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ساغلاملىقىغا ئېرىشكەن، بۇنداق ھاراملارنى خاھلىغانچە قىلىشنىڭ ئورنىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئەبەدىي، ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرگە ئىنتىلگەن ۋاقىتتا ــ ئىنسانلارغا قولايلىق يارىتىشنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، دۇنيانىڭ يامانلىق ۋە ساختىلىقلىرىدىن چەكلەنمەي تۇرۇپ، قانداقمۇ جەننەتنىڭ نازۇنېئمەتلىرى، خۇشاللىقلىرى ۋە ھۆر پەرىلىرىگە ئېرىشكىلى بولسۇن؟!

توغرا، ھارامغا قاراش ئۇشبۇ دۇنيادا ئازغىنە ئۆتكۈنچى لەززەت ۋە ۋاقىتلىق خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. لېكىن، ھارام قىلىنغان بۇ قاراشلار بىلەن كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ھەرقانداق زىياندىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىر زىيانغا قېلىشى، يەنى ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراشنىڭ لەززىتىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن.

ئىنسان نامەھرەملەرگە قارىماسلىق قاتارلىقلاردا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق رەببىمىزنىڭ جامالىغا قاراش نېئمىتىگە ئېرىشىپ نىجات تاپىدۇ. ئەگەر ئىتائەتنىڭ پايدىسى پەقەت مۇشۇلا بولغان تەقدىردىمۇ، ئەلبەتتە ئۇ ئىنسانغا مۇھىملىق ۋە شەرەپ جەھەتتە يېتىپ ئاشقان بولاتتى. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ. (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ﴾(قىيامەت: 22 – 23).

نامەھرەمگە قاراش، خىلمۇخىل گۇناھ – مەئسىيەت ۋە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن ئىبارەت زەھەرلەردىن قەلبى ساق قالمىغان كىشى قانداقمۇ ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراشقا مۇشەررەپ بولالىسۇن: ﴿ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھى)غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ﴾(شۇئەرا: 88 – 89).

نامەھرەملەرگە قاراش ــ قارىغان كىشىلەرنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ــ ناھايىتى ئاز مىقداردا ھۇزۇر ۋە خۇشاللىق بېرىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ ۋاقىتلىق ھۇزۇر ئاخىرەتتىن ئىلگىرى مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا بەختسىزلىك ۋە شەقىيلىككە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك كىشىلەر ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرمىدى، ئىزدىگەن توغرىلىققا ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەلەفلەر: «گاھىدا بىردەملىك ھۇزۇر ئۇزۇن مۇددەتلىك خارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش خارلىقنى ئېلىپ كەلگۈچى لەززەتلىنىش بىلەن ــ شەقىيلىك بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن بەخت – سائادەتنىڭ ۋە گۇناھلار دۇغلاشتۇرۇۋەتكەن ھۇزۇرلىنىشنىڭ ئارقىسىدا يۈگۈرۈپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن ــ رامازاندا ۋە رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ۋاقىتلارنى زايە قىلىۋېتىش باردۇر.

ھەر نە ۋاقىت تەڭلىسەڭ ئەۋرىتىڭنى ھارامغا،

باشلامچىسى كۆزلىرىڭ قەلبىڭ قالۇر ئازابقا.

كۆرگىنىڭنىڭ ھەممىدىن يۇمالمايسەن كۆزۈڭنى،

سەبر قىلغىن بەزىگە، ئويلان، تۇتقىن ئۆزۈڭنى.

روزىدار تۇرۇپ ھارامدىن كۆزۈڭنى ئۈزەلمەي، «ھەسەلنىڭ قىلىنى ئىلغاپ، ھۆپۈپنى يۇڭدىماي يېگەن» ئادەمگە ئوخشاپ قالمىغىن! (قورسىقىڭ ھالال يېمەك – ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتىپ روزا تۇتسا، كۆزلىرىڭ «نەدە ھارام باركىن» دەپ ئىزدەپ يۈرمىسۇن!)

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «سەن روزا تۇتقىنىڭدا قۇلىقىڭ، كۆزۈڭ ۋە تىلىڭ يالغانچىلىقتىن ۋە ھاراملاردىن روزا تۇتسۇن. قوشناڭغا ئەزىيەت بەرمە. ئېغىر – بېسىق ۋە سالماق بول. روزا تۇتقان كۈنۈڭنى روزا تۇتمىغان كۈنۈڭ بىلەن ئوخشاش قىلىپ قويما»([8]). شۇنداق، روزا تۇتقان كۈنىڭىزنى روزا تۇتمىغان كۈنىڭىز بىلەن ئوخشاش قىلىپ قويماڭ.

ئى ئاللاھ! كۆزلىرىمىزگە ھەقنى ھەق كۆرىدىغان نۇر ئاتا قىلغايسەن، قۇلاقلىرىمىزغا ھىدايەت چاقىرىقلىرىنى ئاڭلايدىغان، باتىلنى توسۇۋالىدىغان نۇر ئاتا قىلغايسەن ۋە قەلبلىرىمىزنى ئۆز ھىدايەت نۇرۇڭ بىلەن نۇرلاندۇرىۋەتكەيسەن!

ئى ئاسمان – زېمىننىڭ نۇرى بولغان ئاللاھ! قىيامەت كۈنى بىزگە (پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ساق – سالامەت ئۆتۈۋېلىشىمىز ئۈچۈن) نۇر ئاتا قىلغىن… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

—————————————–
([1]) «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 3 – توم، 28 – بەت.
([2]) «تەفسىرۇ فەخرۇررازىي»، 23 – توم، 206 – بەت.
([3]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22332 – ھەدىس. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى بەك زەئىف» دېگەن.
([4]) «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 3 – توم، 282 – بەت.
([5]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22991 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 2149 – ھەدىس؛ تىرمىزىي: (2777 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. ھاكىم، زەھەبىي ۋە ئالبانىيلار: «سەھىھ» دېگەن.
([6]) «بۇخارىي»، 6474 – ھەدىس.
([7]) «تەفسىرۇ فەخرۇررازىي»، 23 – توم، 206 – بەت.
([8]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 21 – بەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version