Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

زاكات پۇلنى ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

زاكات پۇلنى ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

زاكاتتىن بىر ئۈلۈشنى قۇللارنى، ئەسىرلەرنى ئازات قىلىشقا بەلگىلەشمۇ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ قۇللۇقنى تۈگىتىش ۋە ئازات قىلىش، ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشنى ئالدىنقى نىشان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇلۇغ رامىزاندا زاكات ئايرىش بولۇۋاتىدۇ. زاكات كۇرد كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىدا ئەسىر چۈشۈپ قالغان ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

زاكاتمۇ نامازغا ئوخشاش ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى. قۇرئان كەرىمدىكى نامازغا بۇيرۇغان ئايەتلەر زاكاتقىمۇ بىللە بۇيرۇغان. زاكات ئۆز جايىغا بېرىلسە ئاندىن بۇنىڭدىن كۆزلەنگەن مەقسەت ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. زاكات پەقەت پېقىر – مىسكىنلەرگىلا بېرىلىدىغان بولماستىن، بەلكى، سەككىز تۈرلۈك كىشىگە سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنى ئاللاھ تائالا ئۆزى قۇرئان كەرىمدە ئېنىق قىلىپ بەلگىلىۋەتكەن:

«زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، ئۇنى يىغىدىغان خادىملارغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشتا، قەرزدارلاردا، ئاللاھنىڭ يولىدا ۋە ئىبنى سەبىللەردە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»(1).

مەزكۇر ئايەتتىكى زاكات سەرپ قىلىنىدىغان سەككىز ئورۇننىڭ بەشىنچىسى بولغان: «قۇللارنى ئازاد قىلىش» دېگەن تۈر ئومۇمەن، قۇللارنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش، خوجايىنلىرى بىلەن توختاملاشقان قۇللارنىڭ ئازاد بولۇشىغا ياردەم قىلىش، شۇنداقلا كاپىرلارنىڭ قولىدىكى ئەسىر مۇسۇلمانلارنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھازىرقى ئەھۋالدا كۇرد كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىدا ئاسارەتتە خورلىنىۋاتقان، ئىنسانلىقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ھەمشىرىلەرنى، بالا – چاقىلارنى قۇتقۇزۇشمۇ مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ ئەلۋەتتە. ئۇلار يەنە بىر تەرەپتىن، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان «ئىبنى سەبىللەر» دەپ ئاتالغان سەككىزىنچى تۈرگىمۇ كىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، «پېقىرلار»، «مىسكىنلەر»دىن ئىبارەت بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تۈرگىمۇ ھەممىدىن بۇرۇن كىرىدۇ. دېمەك، زاكاتنى ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىشنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدۇ.

مۇسۇلماننىڭ قولىدىكى مۇسۇلمان قۇلنى زاكاتتىن ئازات قىلىش ئىبادەت تۇرسا، مۇسۇلماننى كاپىرنىڭ قۇللۇقىدىن ۋە خورلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئەلۋەتتە ئىبادەت بولىدۇ(2).

زاكاتتىن بىر ئۈلۈشنى قۇللارنى، ئەسىرلەرنى ئازات قىلىشقا بەلگىلەشمۇ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ قۇللۇقنى تۈگىتىش ۋە ئازات قىلىش، ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشنى ئالدىنقى نىشان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا قەسەمنى بۇزۇۋېتىش، سەھۋەنلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈش، رامىزادىكى روزىنى بۇزۇۋېتىش… قاتارلىق قىلمىشلار ئۈچۈن قۇل ئازاد قىلىشنى كەففارەت قىلىپ بېكىتكەن.

قۇرئان كەرىم يەنە قۇل ئازاد قىلىشنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ كاتتا تائەت -ئىبادەت دەپ قارىغان ۋە ئۇنى«داۋان ئېشىش» دەپ سۈپەتلىگەن:

«ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ ئۇ داۋان ئاشمىدى. داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟ قۇل ئازاد قىلماقتۇر، ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر) سائادەتمەن كىشىلەردۇر. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەدبەختلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا سولىنىدۇ»(3).

ھەقتائالانىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ، پەرزىنى ئادا قىلىش، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر يەتكۈزۈش، بىز ياخشى كۆرىدىغان مال – مۈلۈكنى _گەرچە بىزگە ئېغىر كەلسىمۇ،_ قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا سەرپ قىلىشىمىز ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغانلىقىمىز، مېھىر يەتكۈزگەنلىكىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنى قىلغاندىلا سائادەتمەنلەردىن بۇلۇش مۇمكىن. بولمىسا ئۇ داۋاننى ئاشقىلى بولمايدۇ. داۋاندىن ئاشاي دېگەنلەرگە بۈگۈنكى ئاشۇ بىچارىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش چوڭ بىر پۇرسەت.

مەيلى پەرز قىلىنغان زاكات بولسۇن، مەيلى ئۇلۇغ رامىزاندىكى سەدىقە پىتىر بولسۇن، مەيلى دۇنيالىق ئۈچۈن ساقلاپ ياتقان زاپاس بايلىقلىرىمىز بولسۇن، بۇ ئىشقا سەرپ قىلىنسا تولىمۇ جايىدا خەجلەنگەن بولىدۇ ، ئاللاھ كاتتا ئەجىرلەرنى بېرىدۇ.

ئىختىيارىي ئەھۋالدا قۇل ئازات قىلىشنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن كاتتا. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر ئادەم بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلىۋەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى قۇلنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ بەدىلىگە دوزاختىن قۇتقۇزىدۇ».

سەئىد ئىبنى مەرجانە مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ ھەدىسنى ئېلىپ، ئەلى ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قېشىغا بارغانىدىم، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەردىن 10 مىڭ تەڭگىگە ياكى مىڭ تىللاغا سېتىۋالغان قۇلىنى ئازاد قىلىۋەتتى(4).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسى قۇلنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ بەدىلىگە دوزاختىن ئازاد قىلىنىدۇ. قانداق بىر مۇسۇلمان ئىككى مۇسۇلمان ئايالنى ئازاد قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ بەدىلىگە دوزاختىن ئازاد قىلىنىدۇ. قانداق بىر مۇسۇلمان ئايال يەنە بىر مۇسۇلمان قۇل ئايالنى ئازاد قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئۇ قۇل ئايالنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ بەدىلىگە دوزاختىن ئازاد قىلىنىدۇ»(5).

ۋەدە قىلىنغان بۇ كاتتا ساۋاب، مۇسۇلماننىڭ قولىدا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىنىۋاتقان قوللارنى ئازات قىلىشتىن كېلىدىغان بولسا، كاپىرلارنىڭ قولىدا خورلىنىۋاتقان ئەسىرلەرنى ئازات قىلىشنىڭ ساۋابى قانداق بولماقچى؟

بىزنىڭ ھازىر گېپىنى قىلىۋاتقىنىمىز، قانداقتۇر پەزىلەتلىك بىر ئىختىيارىي ئىش بولماستىن، بەلكى ئاجىز ئاياللارنى، ئۇششاق بالىلارنى ئەسىرلىكتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىشتۇر. ئۇلارنى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ _ زاكات بولمىغان تەقدىردىمۇ _ كۈچ ۋە پۇل – مال چىقىرىپ قۇتۇلدۇرۇشى زىممىسىگە يۈكلەنگەن پەرزدۇر. مۇبادا قۇتۇلدۇرۇش يولى تېپىلىدىغان تۇرۇقلۇق، ئۇلار قۇتۇلدۇرۇلماي قالسا، ئىقتىسادى بارلار ياكى يولى بارلارلا ئەمەس، پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكىلەر گۇناھكار بولىدۇ. يەنى بۇ «پەرزى كىفايە» دېگەن گەپ. بۇنىڭغا كۈچ چىقارمىغانلارنىڭ «مۇسۇلمان» دېگەن سۈپىتى خۇنۈكتۇر. چۈنكى «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنى قوغدىماي ھالاكەتكە تاشلىۋەتمەيدۇ»(6). يەنى، مۇسۇلماننى ئۇنى بوزەك قىلغان، ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى تارتىۋالغان كىشىگە تاشلاپ قويمايدۇ، دېگەنلىكتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىشقا، ياردەمگە مۇھتاج بولغان پەيتتە ياردەم قىلماي تاشلىۋېتىشكە ۋە كەمسىتىشكە بولمايدۇ»(7).

ئىمام قۇرتۇبىي مۇنداق دېگەن: «ئەسىرلەرنى يا ئۇرۇش قىلىپ، يا پۇل خەجلەپ قۇتۇلدۇرۇش مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ۋاجىپ. پۇل خەجلەپ قۇتۇلدۇرۇش جان قۇربان بېرىش بولمىغاچقا، تېخىمۇ قاتتىق ۋاجىپ. ئىمام مالىك: مۇسۇلمانلارغا پۈتۈن ماللىرىنى خەجلەپ بولسىمۇ ئەسىرلەرنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ۋاجىپ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹ئەسىرنى قۇتقۇزۇڭلار، ئاچقا تائام بېرىڭلار. كېسەلنى يوقلاڭلار›(8) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، بۇنىڭدا باشقىچە قاراش يوق، دېگەن»(9).

ئىمام نەۋەۋىي: «پۇل بىلەن ئەسىرلەرنى قۇتۇلدۇرالايدىغان بولساق، قۇتۇلدۇرۇش ۋاجىپ» دېگەن(10). ئىمام ئىبنى بەتتالمۇ: «ئەسىرلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ۋاجىپ كىفايە» دېگەن(11).

ئىمام سەرەخسىي مۇنداق دەيدۇ: «دۈشمەننىڭ قولىغا ئەسىر چۈشۈپ قالغان مۇئمىننى دۈشمەنلەر ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولسا، ئۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ھەربىر مۇسۇلمانغا قول ئىلكىدىكى پۇل – مېلىنى تۆلەپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشى پەرز بولىدۇ. ئۇنداق قىلالمىسا، قىلالايدىغانلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن بىر قىسىم كىشىلەر چىقسا، مەقسەت ئادا بولغانلىقتىن باشقىلاردىن گۇناھ ساقىت بولىدۇ»(12).

ئىلگىرىكى زامانلاردا بىرەر ئايالنىڭ «ۋاي مۇئتەسىم!» دېگەندەك چاقىرىقى چوڭ دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇش قوزغايدىغان ئىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئەسىرگە چۈشۈپ خورلىنىۋاتقان ھەمشىرىلەرنىڭ، سەبىي بالىلارنىڭ نىدا – چاقىرىقلىرى، يىغا – زارلىرى ئاز بىر قىسىم ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يا مۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلىۋاتقانلارنى، يا ئۇيغۇرلۇقىنى دەۋا قىلىۋاتقانلارنى كۆرۈنەرلىك بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلىگىنى يوق. ئەپسۇس. ئاشۇ بىچارىلەرنىڭ قوللىرى ئاخىرەتتە ياقىلىرىمىزدا بولىدۇ.

ئى ئاللاھ! يەتكۈزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولغايسەن!

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 4. 30

————————–
1. «تەۋبە» سۈرىسى، 60 – ئايەت.
2. «ئەھكامۇل قۇرئان»، 2 – توم، 532 – بەت.
3. «بەلەد» سۈرىسى، 8 – 20 – ئايەتلەر.
4. بۇخارىي (2517)؛ مۇسلىم (1509).
5. تىرمىزىي (1547)؛ ئالبانىي: «سەھىھ»، دېگەن.
6. بۇخارىي (2442)؛ مۇسلىم (2580).
7. مۇسلىم (2564).
8. بۇخارىي (3046).
9. «تەپسىرى قۇرتۇبىي»، 5 – توم، 279 – بەت.
10. «رەۋزەتۇتتالىبىين»، 10 – توم، 216 – بەت.
11. «فەتھۇل بارىي»، 6 – توم، 193 – بەت.
12. «ئەلمەبسۇت»، 30 – توم، 271 – بەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version