ۋابا مەزگىلىدە ئوزۇق – تۈلۈكلەرنى ئۆيدە ساقلىۋېلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، ۋابا سەۋەبىدىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا سىرتقا چىقىش چەكلىنىش ۋە كارانتىنغا ئېلىنىش قاتارلىق چارە – تەدبىرلەر يۈرگۈزۈلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك شارائىتتا ئۆيلىرىمىزگە زۆرۈر بولغان ئوزۇق – تۈلۈك ۋە ئېھتىياج چۈشىدىغان نەرسە – كېرەكلەرنى ئەكىرىپ ساقلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ تەۋەككۇلغا زىت كېلەمدۇ؟ ئەخلاق ۋە ئادەمىيلىككە تاقىشامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئىسلام شەرىئىتى كېلەچەكتىكى ئېھتىياج ئۈچۈن ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىشقا يول قويغان ۋە ئۇنى تۇرمۇشتىكى مۇباھ، ھەتتا مۇستەھەپ ئىشلار قاتارىدىن دەپ قارىغان. ئىسلام فىقھى قائىدىلىرىمۇ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

«قۇرئان كەرىم»گە قارايدىغان بولساق، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بەرگىنىدە كېلەچەكتە كېلىدىغان يەتتە يىللىق قەھەتچىلىك كىرىزىسىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىگە سېلىشى بىلەن ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىش ھەققىدە پۇختا پىلان تۈزگەن ۋە شۇنداقلا ئىجرا قىلغان. يەتتە يىللىق پىلاندىن ئىبارەت بۇ ئىلاھىي تەدبىر كېيىنچە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بەش يىللىق ۋە ئون يىللىق پىلانلىرىغا ئاساس بولۇپ قالغان.

﴿يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى باشىقى بىلەن قويۇڭلار! شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، (بۇ يىللاردا) ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن ساقلاپ قويۇلىدىغان ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىسىلەر»﴾([1]).

يۇقىرىقى ئايەت بىز يولۇقۇۋاتقان كىرىزىسلار ۋە تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەر ئۈچۈن ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ساقلىۋېلىش تەدبىرىنىڭ شەرىئەتكە زىت كەلمەيدىغانلىقىغا دەلىلدۇر.

يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالا – چاقىلىرى ئۈچۈن بىر يىللىق ئوزۇق – تۈلۈكىنى ساقلاپ قويىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەنى نەزىير خورمىلىرىنى سېتىپ، ئاياللىرى ئۈچۈن بىر يىللىق ئوزۇق – تۈلۈكىنى ساقلاپ قوياتتى»([2]).

ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ بايان قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن بىر يىللىق ئوزۇق – تۈلۈكنى ساقلىۋېلىشى ئەمەلىي شارائىتتىن كەلگەن بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا مەدىنىدىكى ئاساسلىق ئوزۇق بولغان خورما بىلەن ئارپىدىن يىلدا بىر قېتىم ھوسۇل ئېلىناتتى. ناۋادا ھەر ئىككى يىلدا بىر ھوسۇل ئېلىنىدىغان بىرەر نەرسە بولسا ئىدى، بەلكى ئىككى يىللىقنى ساقلىۋالغان بولاتتى. دېمەك، بۇ ھەدىس ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا بالىچاقىلىرى ئۈچۈن بىر يىللىق ئوزۇق ساقلاپ قويۇشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىدىكىسى زېمىندىن چىققان ھوسۇل ھەققىدە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، بازاردىن ئوزۇق – تۈلۈك سېتىۋېلىپ ساقلىۋېلىشنىڭ ھۆكمى زېمىندىن چىققان ھوسۇلنى ساقلىۋېلىشنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولامدۇ؟ قازى ئىيازنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇقىرىقى ھەدىسكە ئاساسەن بىر قىسىم ئۆلىمالار ئۇنىمۇ ئوخشاشلا جائىز دەپ قارىغان. ئەلۋەتتە بۇ توغرا قاراش. چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىيدىن نېسىگە ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ساۋۇتىنى رەنىگە قويغان([3]). يەنە بىر رىۋايەتتە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا ساۋۇتى بىر يەھۇدىينىڭ قېشىدا ئوتتۇز سا([4]) ئارپا ئۈچۈن رەنىگە قويۇقلىق ئىدى، دېگەن([5]).

يەنە بىر قىسىم ئالىملار باھانى ئۆرلىتىۋېتىشكە ئېلىپ بارمايدىغان بولسا جائىز بولىدۇ، دەپ قارىغان.

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ئەھۋالنىڭ ھۆكمى بولۇپ، قەھەتچىلىك ۋە ئالاھىدە كىرىزىس ۋاقتى بولسا، ئالىملىرىمىز بىر يىللىق ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ([6]).

ئۇنداقتا ئاچارچىلىق ياكى باشقا قىيىن ئەھۋاللاردا قانچە كۈن ساقلىۋېلىشقا رۇخسەت بار؟ بۇنىڭدا ھەدىسلەردە قۇربانلىق گۆشىنى ساقلىۋېلىش توغرىسىدا ئۈچ كۈن چەك بېكىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

يۇرتتا ئاچارچىلىق ياكى پەۋقۇلئاددە نامراتلىق كۆرۈلمىگەن ياكى مۇھاجىر مۇسۇلمانلار كېلىپ قىينىلىپ قالمىغان ئەھۋالدا، قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى يېيىشى ئۈچۈن يىل بويى خالىغىنىچە ساقلىۋالسا بولىدۇ.

سەلەمە ئىبنى ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەردىن كىمكى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئۈچ كېچە قونۇپ تاڭ ئاتقۇزغىنىدا ئۇنىڭ گۆشىدىن ئۆيىدە ئازراقمۇ قالمىسۇن» دېگەن. كېيىنكى يىلى ساھابىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۆتكەن يىلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلامدۇق؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار ھەم ساقلىۋېلىڭلار. ئۇ يىلى كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىدى، شۇڭا، ئاشۇ ئەھۋالدا ياردەم قىلىشىڭلارنى مەقسەت قىلغان ئىدىم» دېگەن([7]).

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن سىلەرنى قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشتىن توسقان ئىدىم، ئەمدى زىيارەت قىلساڭلار بولىدۇ. قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلاپ يېيىشتىن توسقان ئىدىم، ئەمدى قانچىلىك ساقلاپ يېسەڭلار بولىدۇ…» دېگەن([8]).

ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مۇھاجىرلار كېلىپ قالغان ئەھۋالدا قۇربانلىق گۆشنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلاپ يېمەسلىك توغرىسىدا چەكلىمە كەلگەن. ئۇنداق بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزى يېيىش، ساقلىۋېلىش ۋە سەدىقە قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان»([9]).

دېمەك، ئاشلىق قىيىنچىلىقى بولمىغاندا، قۇربانلىق گۆشىنى ۋە ئاشلىقنى يىل بويى ساقلاپ يېسە بولىدۇ. ئاشلىق قىيىنچىلىقى بولسا، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

ئەمدى ھازىرقى ۋابا شارائىتىدىكى قىيىن ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، تۈركىيەنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوزۇق – تۈلۈكلەردە قىسلىق ياكى ئاچارچىلىق ئەھۋالى يۈز بەرمىدى. پەقەتلا سىرتقا چىقىشقا چەك قويۇلدى. سەھىيە خادىملىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق، بازار ۋە دۇكانلاردا قىستىلىپ يۈرمەسلىك، پاتىپاراق بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈنمۇ ئۆيدە مەلۇم ۋاقىت يېتىدىغان ئوزۇق ۋە ئېھتىياجلىق نەرسىلەر ساقلىنىشى زۆرۈر. شۇندىلا دۆلەتنىڭمۇ، دوختۇرلارنىڭمۇ يۈكى يەڭگىللەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بازاردا ئالاھىدە زىيانلىق ئەھۋالغا سەۋەب بولمىغان ئاساستا، ھەر بىر ئائىلە ئەقەللىسى بىر – ئىككى ھەپتىلىك ئاساسىي ئېھتىياجنى قامدايدىغان ئوزۇق – تۈلۈك ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ساقلىۋالسا بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر، شۇنداقلا كىرىزىسلەرگە ئالدىن تەييارلىق قىلىپ چارە – تەدبىر ئېلىش بۇنى جائىز دەپلا قالماي، بەلكى تەقەززا قىلىدۇ. ئالىملارنىڭ بايانلىرىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بارلىق ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغاندەك يەردىن ئالغان ھوسۇلنى ساقلىۋېلىشنىڭ جائىزلىقىدا بىردەك ئىتتىپاق. ئەمما بازاردىن سېتىۋېلىپ بالىچاقىلىرىغا ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋالماقچى بولسا، قىسلىق ۋە قەھەتچىلىك زامانىدا بىر يىللىق ساقلىۋېلىشى جائىز بولمايدۇ. بەلكى، مۇسۇلمانلارغا ئېغىر كەلمەيدىغان تەرىقىدە بىرنەچچە كۈنلۈك ياكى بىر ئايلىق ئوزۇق – تۈلۈكنى ساقلىۋالسا بولىدۇ. كەڭرىچىلىك زامانى بولسا، بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق يەتكۈدەك سېتىۋېلىپ، ساقلىۋالسا بولىدۇ. قازى ئىياز كۆپچىلىك ئۆلىمالاردىن مۇشۇنداق نەقىل قىلغان. يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار ھەممە ئەھۋالدا بىر يىللىق ئوزۇق ساقلىۋالسا بولىدۇ، دەپ قارىغان»([10]).

ئۇنداقتا، ئوزۇق – تۈلۈك قاتارلىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى ساقلىۋېلىش تەۋەككۇلغا زىت كېلەمدۇ؟

ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىغاندا بۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولىدىكەن بۇ ساقلىۋېلىش قانداقسىگە تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلسۇن؟ بەلكى بۇ تەۋەككۇلنىڭ دەل ئۆزىدۇر. چۈنكى تەۋەككۇل قىلىش سەۋەبىنى قىلىشنى، پىلانلاشنى، تەدبىر قوللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «تۆگىنى باغلاپ ئاندىن تەۋەككۇل قىل» دېگەن بۇيرۇقمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. دېمەك، بۇ خىل ئوزۇق ساقلىۋېلىش ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق ئالىملار بايان قىلغاندەك، تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. مەكروھمۇ بولمايدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەتىگە بىر نەرسە ساقلىمايتتى» دەپ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىس كەلگەن([11]) بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ئاجىز بولغاچقا، بىر يىللىق ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىش ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسكە زىت كەلگەنلىكتىن، نورمال ئەھۋالدا بىر يىللىق، قىيىنچىلىق شارائىتىدا ئۈچ كۈنلۈك ئوزۇق ساقلىۋېلىشنى چەكلەشكە دەلىل بولالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىمام ئىبنى كەسىر چۈشەنگەندەك، «ئەتىگە بىر نەرسە ساقلىمايتتى» دېگەن ھەدىسنى تېز بۇزۇلۇپ قالىدىغان نەرسىلەر كۆزدە تۇتۇلغان، دېيىلسە سەھىھ ھەدىسلەرگە زىت كەلمەيدۇ([12]).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «يەمەنلىكلەر بىز ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلار، دەپ ئوزۇق – تۈلۈك ئالمايلا ھەج قىلغىلى كېلەتتى، ئاندىن مەككىگە كەلگەندە كىشىلەردىن ئۇزۇق – تۈلۈك سورايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: ﴿ئوزۇق – تۈلۈك ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق – تۈلۈك تەقۋادارلىقتۇر﴾([13]) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى» دەيدۇ([14]).

دېمەك، چارە – تەدبىر كۆرۈش ۋە سەۋەبلەرنى قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئاللاھقا تاپشۇرۇش تەۋەككۇل قىلىش بولىدۇ.

لېكىن ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىشنىڭ مەلۇم ئۆلچىمى بارمۇ؟

ئەلۋەتتە، ساقلىۋېلىش ئاللاھنىڭ رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغان ئاساستا بولۇشى، بېخىللىققا ئېلىپ بارماسلىقى، ئوزۇق – تۈلۈكنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقى، ئومۇم جەمئىيەتنىڭ زىيىنىغا بولماسلىقى ۋە مونوپول قىلىشقا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك.

ئۇنداقتا مونوپول بىلەن ئۆيدە ئۇزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىشنىڭ پەرقى نېمە؟

مونوپول قىلىش ئۆيدە ئۇزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىشتىن ماھىيەت ۋە ھۆكۈم جەھەتتە پەرقلىق. چۈنكى ئۆزى ۋە بالىچاقىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۆيدە ئۇزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىش چەكلەنمىگەن بىر ئىش. ئەمما مونوپولچىلىق بولسا، قاتتىق ھاجەتمەن بولغانلارنىڭ باھاسى پەۋقۇلئاددە قىممەت بولسىمۇ، دېگىنىگە ئېلىپ كېتىشى ئۈچۈن تاۋارنى بېسىپ يېتىۋېلىشتۇر. مونوپول قىلىشتا، ھەسسىلەپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن باشقىلارغا باھانى ئۆرلىتىۋېتىش مەقسەت قىلىنغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، مونوپول قىلىش ئىسلام ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مونوپول قىلىشنى قاتتىق تەرزدە چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «گۇناھكاردىن باشقىسى مونوپولچىلىق قىلمايدۇ»([15]).

ھازىرقىدەك ئېغىر ئەھۋالدا بىرەر ھەپتىلىك ئوزۇق ساقلىۋېلىشنىڭ جائىز ۋە مۇستەھەپلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى بىرقانچە ئىشنى تەۋسىيە قىلىش زۆرۈر:

1. ئىسراپ قىلماسلىق.

2. مونوپول قىلماسلىق.

3. ئۆزئارا رەھىم – شەپقەت ۋە مېھىر يەتكۈزۈش. قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا يار يۆلەكتە بولۇش.

4. زاكاتنى ۋاقتى كەلمىسىمۇ ئېھتىياجلىقلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇرۇنراق بېرىۋېتىش ۋە ۋاقتىدىن كېچىكتۈرمەسلىك.

5. ساقلىۋالىدىغان ئوزۇق – تۈلۈك ۋە باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا ۋە ساقلىغاندا ساقلاش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ بۇزۇلۇپ قېلىشىدىن ياكى بۇزۇلۇپ قالغانلىرىنى يەپ سېلىپ كېسەل بولۇشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.

ۋەلھاسىل: ھازىرقى ۋابا شارائىتىدىكى قىيىن ئەھۋالدا ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق، دۇكان – بازارلاردا قىستىلىپ يۈرمەسلىك، پاتىپاراق بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆيدە ئەقەللىسى بىر – ئىككى ھەپتىلىك ئوزۇق – تۈلۈك ۋە ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ساقلىۋېلىش جائىز ۋە مۇستەھەپتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 4. 11

———————————
([1]) «يۈسۈف» سۈرىسى، 47 – ، 48 – ئايەتلەر.
([2]) «بۇخارىي»، 5357 – ھەدىس.
([3]) «بۇخارىي»، 2096 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 4038 – ھەدىس.
([4]) بىر «سا» 2 كىلو 40 گرامغا باراۋەر.
([5]) «بۇخارىي»، 2916 – ھەدىس.
([6]) «فەتھۇل بارىي»، 9 – توم، 503 – بەتكە قاراڭ.
([7]) «بۇخارىي»، 5569 – ھەدىس.
([8]) «مۇسلىم»، 977 – ھەدىس.
([9]) «الرسالة»، 1 – توم، 239 – بەت.
([10])«شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 12 – توم، 70 – بەت.
([11]) «تىرمىزىي»، 2362 – ھەدىس. تىرمىزىي: «بۇ غەرىب ھەدىس» دېگەن بولۇپ، بۇ ئاجىزلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
([12]) «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 6 – توم، 61 – بەت.
([13]) «بەقەرە» سۈرىسى، 196 – ئايەت.
([14]) «بۇخارىي»، 1523 – ھەدىس.
([15]) «مۇسلىم»، 1605 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى مەئمەر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ