كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشمۇ «ماھارەت»تۇر

شۇنداق، كىشىلەرگە يامانلىق قىلىش بولسا ئېسىل ئەخلاقلاردىن ۋە گۈزەل سۈپەتلەردىن خالىي بولغان ھەرقانداق بىر كىشى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغان بىر «ماھارەت»تۇر. ھەرقانداق بىر ماھارەتنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرى، ئاساسلىرى بولىدۇ. باشقىلارغا يامانلىق قىلىش بولسا ئەخلاق ۋە ھايانىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىدىن خالىي ھالدا، نادانلىق ۋە ناچار ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىنىشكە موھتاجدۇر. شۇڭا، سىز داۋاملىق باشقىلارغا يامانلىق قىلىدىغان كىشىلەرنى گاھىدا باشقىلارنى مەسخىرە قىلىۋاتقان، گاھىدا غەيۋەت قىلىۋاتقان، گاھىدا يامان سۆزلەرنى قىلىۋاتقان، گاھىدا باشقىلارنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرىنى يېيىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرىنى ئىزدەۋاتقان ھالدا كۆرىسىز. سىز بۇ كىشىلەرنى ئەڭ پەس، ئەڭ نادان ۋە ئېسىل ئەخلاقلاردىن ئەڭ يىراق كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن تاپىسىز.

ئاللاھ تائالا بىزنى ھەممە نەرسىدە ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلىغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ»([1]).

ئەمەلىيەتتە، ئارىمىزدىكى بىر كىشىنىڭ يامانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر»([2]) (يەنى، يامانلىق قىلغان كىشىگە جازا كېلىدىغان بولغاچقا، قىلغان يامانلىق ئاشۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ) دەپ ياخشىلىق قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ، يامانلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغىنىدەك، شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىلا قايتىدۇ.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى (دۇنيادا) ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. (ئاللاھ ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا بېرىدۇ)»([3]).

سەئدىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايەتتە كىشىلەرنى ياخشىلىق قىلىشقا، يامانلىقنى تەرك ئېتىشكە قىزىقتۇرۇش ۋە كىشىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى سەۋەبلىك پايدا ئالىدىغانلىقى، يامان ئىشلىرى سەۋەبلىك زىيان تارتىدىغانلىقىغا ئىشارەت باردۇر». يەنە بەزى سەلەف – سالىھلار مۇنداق دېگەن: «مەن بىرەرسىگە ياخشىلىق قىلمىدىم، يامانلىقمۇ قىلمىدىم، بەلكى ئۆزۈمگىلا ياخشىلىق قىلدىم ۋە يامانلىق قىلدىم». يەنە مۇشۇ مەزمۇندا مۇنداق دېيىلدى: «كىمكى باشقىلارغا يامانلىق قىلىشنى راۋا كۆرىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ناچارلىقىغا ۋە پەسلىكىگە گۇۋاھلىق بەرسۇن».

يامانلىق قىلىش ئاتا – ئانىغا ئوخشاش چوقۇم ياخشىلىق قىلىنىشى تەكىتلىنىدىغان كىشىلەرگە يۈزلەنگەندە، ئۇنىڭ قەبىھلىكى تېخىمۇ ئاشىدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتا – ئانىغا يامانلىق قىلىشنى گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن باراۋەر ساناپ ساھابىلىرىدىن ئۈچ قېتىم:

– مەن سىلەرگە چوڭ گۇناھلاردىن خەۋەر بىرەيمۇ؟ – دەپ سورىغانىدى، ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ! شۇنداق قىلسىلا، – دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

– ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، – دېدى.

تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، باشقىلارغا يامانلىق قىلىش بەندىنى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شاپائەت قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تولا لەنەت ئوقۇيدىغان كىشىلەر قىيامەت كۈنى نە شاپائەتچى، نە گۇۋاھچى بولالمايدۇ». بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، لەنەت ئوقۇش يامانلىق قىلىشلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يامانلىق قىلىشنىڭ ئېغىرلىرى قاتارىدىندۇر. شاپائەت قىلىش بولسا ياخشىلىق قىلىش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا يامانلىق قىلغۇچى كىشىنى ئاخىرەتتە شاپائەت بىلەن ياخشىلىق قىلىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. چۈنكى، ئىنسان نېمىنى تېرىسا شۇنى ئالىدۇ.

يامانلىق قىلىشنى تاشلاشقا ياردەم بېرىدىغان ۋاسىتىلەر:

1. مۇلايىملىق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «(ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن)ياخشىلىق قىلغىن»([4]). سەئدى بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر دۈشمەنلىرىڭ ساڭا سۆز – ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يامانلىق قىلسا، گەرچە يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆزى قىلغان يامانلىقىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالىنىشى دۇرۇس بولسىمۇ، ئۇلارغا يامانلىق قىلىش بىلەن تاقابىل تۇرما، بەلكى ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان يامانلىقىغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇر، چۈنكى ئاشۇنداق قىلىشىڭ سېنىڭ يامانلىق قىلغۇچىغا بولغان پەزلىڭدۇر.

بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىلىرى بولسا: شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياكى كەلگۈسىدە ساڭا كېلىدىغان يامانلىقنى يېنىكلىتىدۇ، يامانلىق قىلغۇچىنى ھەقكە مايىل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. يامانلىق قىلغۇچىلارغا بولغان بۇ خىل پوزىتسىيە يامانلىق قىلغۇچىنىڭ قىلغانلىرىغا تەۋبە قىلىپ پۇشايمان قىلىشىغا، ئەپسۇسلىنىشىغا ۋە ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈشىگە، ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ بولسا خەير – ئېھسان قىلىش بىلەن سۈپەتلىنىپ، شەيتانغا قەھرى – غەزەپ قىلىشىغا ۋە ئاللاھ تائالادىن بولغان ساۋابقا لايىق بولۇشىغا تۈرتكە بولغۇسىدۇر.

2. مەغپىرەت تىلەش

ئەلى رەزىيەللەھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ياخشىلىق مال – مۈلكۈڭنىڭ ۋە بالىچاقاڭنىڭ كۆپىيىشى ئەمەس، بەلكى ئىلمىڭ كۆپىيىپ، مۇلايىملىقىڭ ئېشىپ، ياخشىلىق قىلغاندا ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىپ، يامانلىق قىلىپ سالغاندا بولسا ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىشىڭدۇر».

3. روھنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، قەلبنىڭ راھەت بولۇشىنىڭ يامانلىقنى تەرك ئېتىش بىلەن بولىدىغانلىقنى بىلىش

قازى مەھدىي مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كەڭ قورساق بولۇش ۋە يامانلىق قىلىشنى تەرك ئېتىشتە روھنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، قەلبنىڭ راھەت بولۇشىدىن باشقا مەدھىيەلىنىدىغان بىرەر خىسلەت بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئاقىل كىشى ئۈچۈن ھايۋانلارنىڭ ئەخلاق دائىرىسىگە كىرىپ قېلىش بىلەن ئۆمرىنى خۇنۈك قىلىپ قويماسلىقى ۋاجىپتۇر».

4. ئاللاھقا ياخشى ئويدا بولۇش

مەئمەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ھەسەن بەسرىي «پەرۋەردىگارىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى»([5]) دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلىۋېتىپ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن كىشىلەر رەببىگە قىلغان گۇمانى بويىچە ئەمەل قىلىدۇ، مۆمىن بولسا رەببىگە ياخشى ئويدا بولۇپ ياخشى ئەمەل قىلىدۇ، كاپىر ۋە مۇناپىق بولسا گۇماندا بولۇپ يامان ئەمەل قىلىدۇ».

5. بەك يىراقنى ئارزۇ قىلماسلىق

چۈنكى، يىراقنى ئارزۇ قىلىش يامانلىق قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ھەسەن بەسرىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قاچانىكى بىر بەندە يىراقنى ئارزۇ قىلسا يامان ئەمەل قىلغان بولىدۇ».

ئاللاھ تائالادىن بىزنى ناچار ئەخلاقلاردىن ساقلىشىنى ۋە جىمى ياخشلىقلارغا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز.

مەنبە: الإساءة إلى الناس فن !!-  https://www.islamweb.net

تەرجىمىدە: ئىرپان.

——————————-
([1]) «بەقەرە» سۈرىسى 195 – ئايەت.
([2]) «ئىسرا» سۈرىسى 7 – ئايەت.
([3]) «جاسىيە» سۈرىسى 15 – ئايەت.
([4]) «مۆمىنۇن» سۈرىسى 96 – ئايەت.
([5]) «فۇسسىلەت» سۈرىسى 23 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.