Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

رامازاندا سوھۇرسىز قېلىشنىڭ ھۆكمى

رامازاندا سوھۇرسىز قېلىشنىڭ ھۆكمى

رامازاندا سوھۇرسىز قېلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رامازاندا سەھەر ئۇخلاپ قېلىپ (تاڭ ئېتىپ بولغاندىن كېيىن) سوھۇرلۇق يېمەي روزىغا نىيەت قىلىش توغرا بولامدۇ ياكى قازاسىنى تۇتۇش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سوھۇرغا ئويغىنالماسلىق ئادەتتە، كۆپ يۈز بېرىدۇ. جەمئىيىتىمىز كىشىلىرىدە «سوھۇرلۇق يىمەي قالسا روزا ھېساب بولمايدۇ» دېگەن خاتا چۈشەنچە مەۋجۇد، ئۇلار، قارىماققا، سوھۇرلۇقنى روزىنىڭ شەرتى دەپ چۈشىنىۋالغاندەك قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، سوھۇرلۇق يېيىشنىڭ ھۆكمى سۈننەت، شەرت ئەمەس. قازى ئىياز: «بارلىق فۇقاھائلار بىردەك ئىجماﺋ قىلدىكى، سوھۇرلۇق يېيىش مۇستەھەب، ۋاجىب ئەمەس» دېگەن. ئىمام ئىبنۇلمۇنزىرمۇ مۇستەھەبلىكىگە ئىجماﺋ بارلىقىنى ئېيتقان.(1)

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿تاكى سىلەرگە تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 187).

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ – ئىچىشنى مۇباھ قىلغان.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سوھۇرلۇق يېيىشكە بۇيرۇغان ۋە سوھۇرلۇقتا بەرىكەت بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى ئەھلى كىتابتىن ئايرىيدىغان بەلگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سوھۇرلۇق يەڭلار، چۈنكى سوھۇرلۇقتا بەرىكەت بار» دېگەن.(2) يەنە: «بىزنىڭ روزىمىز بىلەن يەھۇدىلارنىڭ روزىسى ئوتتۇرىدىكى پەرق سوھۇرلۇق يېيىشتۇر» دېگەن.(3) يەنە:: «سوھۇرلۇق يەڭلار. چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن بەرىكەتلىكتۇر» دېگەن.(4)

ﻗﻪﺗﺎﺩﻩ ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘدىن سۆزلەپ بەردىكى: «ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ بىلەن ﺯﻩﻳﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ ئىككىيلەن ﺳﻮﮪﯘﺭﻟﯘﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﺎﻣﺪﺍﺗﻘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ». «(ﻗﻪﺗﺎﺩﻩ دېدىكى:) ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻧﻪﺳﻜﻪ:

— ئۇ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻥ سوﮪﯘﺭﻟﯘﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻣﺪﺍﺗﻘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ؟ — ﺩېگەنىدۇق، ﺋﯘ:

— بىر كىشى ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺪﻯ، — ﺩﯦﺪﻯ».(5)

بۇ ھەدىسلەردىن سوھۇرلۇق يېيىشنىڭ ۋە ئۇنى بامدات ۋاقتىغا يېقىن ۋاقىتقىچە كېچىكتۈرۈشنىڭ سۈننەتلىكى چىقىدۇ.(6)

شۇنداق بولغاچقا، بىركىم كېچىچە ئويغاق تۇرۇپمۇ سوھۇرلۇق يېمىسە، روزا تۇتۇش نىيىتى بولغاندىن كېيىن ئۇ كۈن پاتقۇچە روزا تۇتسا، روزىسى توغرا بولىۋېرىدۇ. بۇ كۈننىڭ قازاسى كەلمەيدۇ. پەقەتلا سۈننەتنى تەرك قىلغان بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن روزا تۇتماقچى بولغان كىشى بامداتقا ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئويغانسا، ئاخشامقى ياكى رامازاننىڭ دەسلىپىدىكى رامازان تۇتۇش نىيىتى بويىچە، روزىنى سۇندۇرماي داۋاملاشتۇرۇۋەرسە بولىدۇ، سوھۇرلۇق يېمەي قالغانلىقى روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى، سوھۇرلۇق يېيىش روزىنىڭ شەرتى ئەمەس.

ئەكسىچە، بۇنداق ئەھۋالدا، تاڭ يورۇپ بامدات ۋاقتى كىرىپ ئويغانسا، روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋاجىب. بىر نەرسە يەپ – ئىچسە روزىسىنى بۇزغان بولىدۇ.

مەلۇمكى، سوھۇرلۇق ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىدىن تاڭ يورۇغانغا قەدەر بولىدۇ. سوھۇرلۇق ئەڭ ئاز دېگەندە بىر يۇتۇم سۇ ياكى بىر تال خورما بىلەنمۇ بولىدۇ. چوقۇم تولۇق بىر ۋاقىت تاماق بولۇشى شەرت ئەمەس.

سوھۇرلۇق يېيىشنىڭ ھېكمىتى روزىدار ئىبادەت ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ھالسىزلىنىپ قالماسلىقى ۋە بەدەننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتۇر.

ئالىملار بۇ بەرىكەتنى بىرقانچە تۈرلۈك دەپ ئىزاھلىغان: 1. بىر يۇتۇم سۇ ياكى بىر تال خورما چاغلىق ئازغىنە يېمەك – ئىچمەك بىلەن سوھۇرلۇق يېگەن تەقدىردە، ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىلىپ روزا تۇتۇشقا، كۈندۈزى ئىشلەشكە، جىسمىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردىمى زور بولىدۇ. 2. سوھۇرلۇق يېگۈچى سوھۇرلۇق سەۋەبىدىن ئادەتتە، ئۇخلاپ قالىدىغان پەزىلەتلىك ۋاقىتتا زىكىر، دۇئا، ئىستىغپار ۋە ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەرگە، شۇنداقلا روزا تۇتۇش نىيىتىنى يېڭىلاشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. نەتىجىدە، ئاخىرەتتە ئەجىرنى ئارتۇق ئالالايدۇ. ئەھلى كىتابقا زىت ئىش قىلىپ، سۈننەتنى تۇتۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئەجىرنى زىيادە قىلىدۇ.(7)

بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، روزىنى باشلاش ۋاقتى ئەزانغا باغلىق ئەمەس، بەلكى تاڭ يورۇشقا باغلىق. ھەقتائالا: ﴿تاكى سىلەرگە تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 187) دېگەن.

ئەگەر مۇئەززىن ئەزاننى تاڭ يورۇغاندا توۋلىسا، ئەزاننى ئاڭلىغان ھامان سوھۇرلۇقنى توختۇتۇش لازىم. ئەگەر ئەزاننى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن توۋلايدىغان بولسا، ئەزاننى ئاڭلىسىمۇ تاڭ يورۇغىچە يەپ – ئىچسە بولىدۇ. ئەگەر تاڭ يورىدىمۇ – يورىمىدىمۇ شەك قىلىپ قالسا، جەزملەشتۈرگىچە يەپ – ئىچسە بولىدۇ. بەزى ئالىملار: ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش تۇتىدۇ، دېگەن.(8)

نىيەت مەسىلىسىگە كەلسەك، رامازان ئېيىدا مۇسۇلمان كىشى رامازاننى بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تولۇق تۇتۇشنى نىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كېچىسى نىيەتنى يېڭىلىمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا بىر كىشى سەپەر ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتماي كېلىۋاتقان بولسا، روزا تۇتاي دېسە، كېچىدىن نىيەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. سوھۇرغا ئويغىنالماي قالغان ئەھۋالدا ئاخشامقى نىيىتى ھېساب بولىدۇ. ئەلبەتتە، نىيەتنى دىلىدا قىلىدۇ، ئاغزاكى قىلىپ يۈرمەيدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئەسىردىن كېيىن ئۇخلاپ قېلىپ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئويغانغان بولسا، روزىسى توغرا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 13 – رامازان / م. 2015، 30 – ئىيۇن

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 41 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 10/300؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/303.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1923)؛ «مۇسلىم»، (1095)
3. «مۇسلىم»، (1096).
4. «نەسائىي»، (2164). ئالبانىي: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (576)؛ «مۇسلىم»، (1097).
6. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/73.
7. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 10/302.
8. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/54.

Please follow and like us:
Exit mobile version