Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مەسجىدلەردىكى ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈش توغرىسىدا

مەسجىدلەردىكى ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈش توغرىسىدا

ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈش مەكروھ ئەمەس.

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، قازاقىستاندىكى بىز تۇرۇۋاتقان مەھەللىدىكى مەسجىدىمىزنىڭ ئىككىنچى سەپكە ئۇدۇل كېلىدىغان يېرىدە ئىككى تۈۋرۈك بار. تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا سەپ تۈزمەسلىككە ئالاقىدار بەزى ھەدىسلەر كەلگەن بولغاچقا، جامائەت تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا سەپتە تۇرۇشنى ياقتۇرمايدۇ، نەتىجىدە بەزىدە جامائەت مەسجىدكە سىغمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. مەسجىدتىكى تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا سەپ تۈزۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

يالغۇز كىشى ياكى ئىمام تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا، ياكى تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدىكى سەپ تۈۋرۈك ئارىلىقىنى تولدۇرمىسا، شۇنداقلا جامائەت مەسجىدكە سىغمىغان ئەھۋالدا تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدىغانلىقىدا ئالىملار ئاساسەن ئىتتىپاق.

ئەگەر مەسجىد ئازادە بولۇپ، تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا تۇرمىسىمۇ جامائەت مەسجىدكە سىغىدىغان بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ئوخشاشلا تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. بۇنىڭدا مەكروھلۇق ياكى ھاراملىق بولمايدۇ. بەزى سەلەف – سالىھلاردىنمۇ مۇشۇ قاراش كەلگەندۇر.

ئىمام بەغەۋىي، ئىمام زەركەشىيلەرمۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ مەكروھ بولمايدۇ دەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان(1).

ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن:

– جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدا ۋە ياكى باشقا نامازلاردا جامائەت تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈپ تۇرسا، ئۇنى مەكروھ دەپ قارامدىلا؟ – دەپ سورىسام، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:

– مەكروھ دەپ قارىمايمەن، ھېچ گەپ بولمايدۇ، دېدى»(2).

ئىمام سەرەخسىي مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈش مەكروھ ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۇزۇن بولمىسىمۇ ئارىلىقتىكىلەر ئۈچۈن بىر سەپتۇر. تۈۋرۈكنىڭ سەپ ئارىلىقىدا بولۇشى سەپ ئارىلىقىغا قويۇپ قويۇلغان بىر نەرسىگە ياكى ئىككى پۇت ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا ئوخشاش. بۇ ئىقتىدا قىلىشنىڭ توغرىلىقىغا توسالغۇ بولمايدۇ، مەكروھلۇقمۇ كەلتۈرمەيدۇ»(3).

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ (شافىئىيلارنىڭ) نەزىرىمىزدە تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇشتا مەكروھلۇق يوق. ئىمام مالىكنىڭ ئۇ ئارىلىقتا ئۆزرىسىز سەپ تۈزۈش ھۆكمىدىكى قارىشى ئوخشاش ئەمەس، مەكروھ دېگەن قارىشىنىڭ ئاساسى تۈۋرۈك سەپنى بۆلۈۋېتىدۇ»(4).

ئىمام مالىكنىڭ مەكروھ بولمايدۇ دېگەن قارىشىنى ئىمام ئىبنى قۇدامە قاتارلىق باشقا مۇھەققىق ئالىملار بايان قىلغان(5).ئىمام ئەھمەدتىنمۇ مەكروھ ئەمەس دېگەن قاراش كەلگەن(6).

لېكىن، ئىمام مالىكتىن ئۆز شاگىرتلىرى رىۋايەت قىلغان قاراشتا مۇنداق دېگەن: «مەسجىد تار كەلگەندە تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ»(7). بۇ قاراش بۇ مەسىلىدىكى ئىككىنچى قاراش ھېسابلىنىدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملار «مەكروھ بولمايدۇ» دېگەن قارىشىغا مۇنداق دەلىللەرنى كەلتۈرگەن:

1. تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنى چەكلىگەن سەھىھ ھەدىس يوق. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر زەئىف.

2. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇغانلىقى سەھىھ كەلگەن. ئۇنداق بولىدىكەن، بۇ ھەقتە بىر چەكلىمە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىمامغا، يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئوخشاشلا مەكروھ بولمايدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇسامە ئىبنى زەيد، ئوسمان ئىبنى تەلھە ۋە بىلاللار بىلەن كەبىنىڭ ئىچىگە كىرىپ خېلى ئۇزۇندىن كېيىن چىقتى. قايتىپ چىقىشىغىلا كىرگەن تۇنجى كىشى مەن بولدۇم. بىلالدىن رەسۇلۇللاھنىڭ قەيەردە ناماز ئوقۇغانلىقىنى سورىسام، ئۇ:

– ئالدىنقى ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىسىدا، – دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە:

– بىر تۈۋرۈكنى سول تەرىپىدە ۋە ئىككى تۈۋرۈكنى ئوڭ تەرىپىگە، ئۈچ تۈۋرۈكنى كەينىگە قىلىپ ناماز ئوقۇدى، – دېدى. ئەينى چاغدا كەئىبنىڭ ئىچى ئالتە تۈۋرۈكلۈك ئىدى(8).

3. سەلەف – سالىھلاردىن «ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشكە بولىدۇ» دېگەن قاراشنىڭ سەھىھ يول بىلەن كەلگەنلىكىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن،

ھەسەن بەسرىي «ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزسە بولىدۇ» دەپ قارايتتى(9).

مۇھەممەد ئىبنى سىيرىنمۇ: «ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشكە بولىدۇ» دېگەن(10).

ئىمام ئەھمەد قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنى سەپنى ئۈزۈپ قويىدىغانلىقى سەۋەبتىن مەكروھ دەپ قارىغان. بۇ، بۇ مەسىلىدىكى ئۈچىنچى قاراش ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ دەلىللىرىگە قاراپ باقايلى:

1. ھارۇن قەتادەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، مۇئاۋىيە ئاتىسى قۇررەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى دەيدۇ: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇشتىن چەكلىنەتتۇق، ئۇنداق قىلساق قوغلىۋېتىلەتتۇق»(11).

بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى زەئىف(12). شۇنداقتىمۇ مەزمۇن جەھەتتىن قارىساق، بۇ ھەدىس جامائەت نامازلىرىدا يالغۇز بىر كىشىنىڭلا تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا ئايرىم تۇرۇۋېلىشىنى كۆرسىتىشى ئېھتىمالغا يېقىن. چۈنكى ھەدىسنىڭ ئىبارىسى پۈتۈن بىر سەپنى كۆرسىتىشتىن بەكرەك، يالغۇز بىر كىشىنىڭ تۇرۇشىنى چەكلەشكە يېقىن.

يەنە بىر ئېھتىمال بولسا، ئالدىدا توسۇق يوق ناماز ئوقۇغان ئەھۋالنى چەكلەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىسپاتى شۇكى، بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىدا مۇنداق كەلگەن: ئەييۇب مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، قۇررە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئۆمەر مېنىڭ ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ بېشىمدىن تۇتۇپ مېنى سۈترىگە(13) ئۇدۇللاپ تۇرغۇزۇپ قويدى ۋە مۇشۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇغىن دېدى»(14).

بۇنى ئىمام بۇخارىي «سەھىھى»دىمۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككى تۈۋرۈك ئوتتۇرىسىدا ناماز ئوقۇۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈپ، ئۇنى بىر تۈۋرۈكنىڭ ئۇدۇلىغا ئەكىلىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇ» دېگەن (15). ئىمام بۇخارىيمۇ بۇنى «تۈۋرۈككە قاراپ ناماز ئوقۇش توغرىسىدا» دېگەن بابتا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئىمام بۇخارىينىڭ ئۇنى دەل جايىدا چۈشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

دېمەك، بۇ ھەدىس سەنەدى زەئىف بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭدا تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشكە ئالاقىدار گەپ يوق، سۈترىگە قاراپ ناماز ئوقۇشقا ئالاقىدار كۆرسەتمە بار.

2. ئابدۇلھەمىد ئىبنى مەھمۇدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىز ئەمىرلەرنىڭ بىرسىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتساق، باشقىلار كېلىپ، بىزنى قىستىدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز نامازنى ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ ئوقۇدۇق. نامازنى تاماملىغاندا، ئەنەس ئىبنى مالىك: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا مۇشۇنىڭدىن ساقلىناتتۇق، دېدى(16).

بۇ ھەدىسمۇ يۇقىرىقى ھەدىسكە ئوخشاش ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنىڭ مەكروھلىقىغا دەلىل بولمايدۇ. چۈنكى بىرىنچىدىن، بۇ ھەدىسنى زەئىف دېگەن ئالىملارمۇ بار(17).

ئىككىنچىدىن، بۇ ھەدىس ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشكە ئالاقىدار بولماستىن، سەپنىڭ ئارقىدا ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇشنى چەكلەشكە ئالاقىدار. چۈنكى بۇ ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان. يەنە بىر رىۋايەتتە سۇفيان: «مەن ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇدۇم» دېگەن(18). يەنە بىر ۋارىيانتىدا ئابدۇلھەمىد مۇنداق دېگەن: «بىز ئەنەس ئىبنى مالىك بىلەن بىر سەپتە ئىدۇق. ئۇلار بىزنى ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز تۈۋرۈكلەر ئارىسىغا چىقىرىۋېتىلدۇق. بۇ سەۋەبتىن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى. ناماز ئوقۇپ بولۇپ: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا مۇشۇنىڭدىن ساقلىناتتۇق، دېدى»(19).

ياكى بەزى رىۋايەتلەردە كەلگەندەك، «تۈۋرۈك تەرەپكە قىستىلىپ بېرىپ سەپتىن مەجبۇرىي ھالدا بىرئاز يا ئالدىغا، يا كەينىگە چىقىپ قالغانلىق»نى كۆرسىتىدۇ(20).

دېمەك، ساقلىنىدىغان ئىش ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇش ئەمەس، بەلكى جامائەت نامىزىدا سەپنىڭ ئارقىدا يالغۇز تۇرۇش، ياكى سەپتىن بىرئاز ئالدىغا يا كەينىگە چىقىپ قېلىش، ياكى ئىتتىرىش.

ئەمدى بۇ ھەقتە سەلەف – سالىھلاردىن كەلگەنلىكى دەلىل قىلىنغان رىۋايەتلەرگە قاراپ چىقايلى:

1.  ھەزرىتى ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇشنى مەكروھ دەپ قارىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان(21). بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى سەھىھ ئەمەس(22). ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رىۋايەت ئالدىدا توسۇق يوق ناماز ئوقۇشنى ياكى سەپتىن ئايرىلىپ تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا يالغۇز ناماز ئوقۇشنى يامان كۆرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

2.  ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپ تۈزمەڭلار، پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان كىشىلەرگە قاراپ ناماز ئوقۇماڭلار» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ(23)، بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى سەھىھ ئەمەس(24). يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا سەپ تۈزۈشنىڭ مەكرۇھلۇقى بىر ـ ئىككى ئادەمگە قارىتىلغان ھۆكۈمدۇر»(25). دېمەك، بۇ رىۋايەت سەھىھ دېيىلگەن تەقدىردىمۇ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنى چەكلىمىگەن. پەقەتلا سەپنىڭ ئارقىدا بىرەر كىشى يالغۇز تۇرۇۋېلىشنى چەكلىگەن.

3.  ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۈۋرۈكلەرنىڭ ئارىلىقىدا سەپ تۇتماستىن، ئامالنىڭ بارىچە بىرىنچى سەپنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇڭلار»(26). بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى سەھىھ ئەمەس(27).

يەنە ئىبراھىم نەخەئىيدىن ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنى مەكروھ دەپ قارىغانلىقى رىۋايەت قىلىغان(28). بۇ رىۋايەتنىڭمۇ سەنەدى سەھىھ ئەمەس(29).

يەنە ھەسەن بەسرىيدىن ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنى مەكروھ دەپ قارىغانلىقى رىۋايەت قىلىغان(30). بۇ رىۋايەتنىڭمۇ سەنەدى سەھىھ ئەمەس(31). سەھىھ بولغىنى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان «ھەسەن بەسرىي ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزسە بولىدۇ دەپ قارايتتى» دېگەن رىۋايەتتۇر.

مانا مۇشۇ تەرىقىدە تەكشۈرىدىغان بولساق، يۇقىرىقلاردىن باشقا بۇ ھەقتە چەكلەش مەنىسىدە كەلگەن بارلىق رىۋايەتلەر يا سەھىھ ئەمەس، يا بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتسىز. شۇڭا بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنۇلمۇنزىر ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقان: «بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا بىرەر سەھىھ ھەدىس يوق»(32).

يۇقىرىقىلاردىن، تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپتە تۇرۇشنىڭ ھاراملىقىدىن ئىبارەت تۆتىنچى قاراشنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان ئىمام شەۋكانىي ۋە شەيخ ئالبانىيلارنىڭ(33) بولسا سەلەف – سالىھلارنىڭ ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ چۈشەنچىسىدىن بەكلا يىراقلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تۈرلۈك قاراشلارنىڭ سەھىھ دەلىللەر ۋە توغرا ئىجتىھاد ئۇسۇلىدىن يىراقلىقىنى كۆرسىتىپ، ئىختىلاپنىڭ يولىنى توسۇش ئۈچۈن تەپسىلىيرەك توختىلىشقا توغرا كەلدى.

يىغىپ ئېيتساق، سەپنىڭ ئارقىدا يالغۇز بىر كىشى تۇرۇپ قالمىسىلا، ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا ئېھتىياج بولسۇن ياكى بولمىسۇن سەپ تۈزۈپ تۇرۇش جائىز. چۈنكى بۇنىڭدا سەھىھ بىر چەكلىمە كەلمىگەن. مەسجىدلەر تۈۋرۈكلەردىن خالىي ئەمەس. تۈۋرۈكلەر بوش ئورۇن بولمىغاچقا سەپنى ئۈزۈپ قويمايدۇ. ئەگەر جامائەت كۆپ بولمىغانلىقتىن تۈۋرۈك ئارىلىقىغا ئېھتىياج بولمىسا، ئىختىلاپ يۈز بەرمەسلىك ئۈچۈن تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزمەي، باشقا يەرلەردە سەپ تۈزسىمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن جامائەتنىڭ سانى كۆپ بولۇپ سىغمايدىغان بولسا، تۈۋرۈك ئارىلىقلىرىدىكى نۇرغۇن كىشى سىغىدىغان ئورۇنلارنى بوش قويۇش توغرا ئەمەس.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 1. 27

———————————————————

1. «شەرھۇسسۈننە»، بەغەۋىي، 2/332. «ئىئلامۇسساجىد»، زەركەشىي، 381 – بەت.
2. «ئەلئەسل»، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي، 1/312.
3. «ئەلمەبسۇت»، سەرەخسىي، 2/62.
4. «شەرھى مۇسلىم»، نەۋەۋىي، 2/145.
5. «ئەلمۇغنىي»، ئىبنى قۇدامە، 2/220.
6. «ئەلئىنساف»، 2/299.
7. «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1/102.
8. «بۇخارىي»، 504 -، 505 – ھەدىسلەر.
9. «ئەلمۇسەننەف»، ئىبنى ئەبى شەيبە، 2/370. سەنەدى سەھىھ.
10. ئىبنى سىيرىندىن ئىككى يولدىن رىۋايەت كەلگەن بولۇپ، بىرى، «ئەلمۇسەننەف»، ئىبنى ئەبى شەيبە، 2/370. سەنەدى سەھىھ. يەنە بىرى، «مۇساننىفى ئابدۇرراززاق»، 2490 – نومۇر. سەنەدى سەھىھ.
11. «ئىبنى ماجە»، 1002 – ھەدىس.
12. سەنەدى زەئىف ھەم مۇنكەر. گەرچە ئىبنى ھىببان، ئىبنى خۇزەيمە، ھاكىم ۋە شەيخ ئالبانىي قاتارلىق ئالىملار سەنەدى سەھىھ دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلمىي ئۆلچەم بويىچە تەكشۈرگىنىمىزدە، بۇ ھەدىس زەئىف ھەم مۇنكەر. بۇنىڭدىن ئىمام ئىبنۇل مۇنزىر قاتارلىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ: «بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا بىرەر سەھىھ ھەدىس يوق» دېگەن سۆزى توغرا چىقىدۇ. «ئەلئەۋسەت فىسسۈنەنى والإجمائى ۋەلئىىختىلاف»، 4/183. چۈنكى، بۇ ھەدىسنى قەتادەدىن رىۋايەت قىلغان ھارۇن دېگەن كىشى ئىمام ئەبۇ ھاتەم («ئەلجەرھۇ ۋەتتەئدىيل»، 9/49) ئېيتقاندەك، كىملىكى ئېنىق ئەمەس. شەيخ ئالبانىيمۇ «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 335 – ھەدىستە توختالغاندا: «ھارۇن ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتقاندەك مەستۇر كىشىدۇر» دېگەن. ئىمام بەززار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىسنى قەتادەدىن ھارۇندىن باشقا كىشى رىۋايەت قىلىپ باقمىغان، قەتادەمۇ مۇئاۋىيەدىن بۇ ھەدىستىن باشقا ھەدىس رىۋايەت قىلىپ باقمىغان». «ئەتتەھذىيب»، 11/11. يەنە كېلىپ، ھەدىس ئىلمىدە مەلۇم بولغىنىدەك، قەتادە مۇدەللىستۇر. ئۇنىڭ بۇ تەرىقىدە قىلغان رىۋايىتى ھەدىس مەتنىدىكى مۇنكەرلىككە قوشۇلسا، تەدلىس قىلغانلىق تەرىپى ئېغىر باسىدۇ. ھافىز ئىبنى رەجەب، ئىمام ئەلىي ئىبنى ئەلمەدىينىي، ئىمام بۇسەيرىي، ئىمام سەھارەنفۇرىي ۋە شەيخ شۇئەيب ئەلئارنائۇت قاتارلىقلارمۇ سەنەدى سەھىھ ئەمەس دېگەن. «فەتھۇل بارىي»، ھافىز ئىبنى رەجەب، 4/59. «مىسباھۇززۇجاجە»، بۇسەيرىي، 1/195. «بەزلۇل مەجھۇد»، سەھارەنفۇرىي، 4/341.
13. سۈترە دېگىنىمىز: كىشىلەر ئالدىدىن ئۆتۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن نامازخان ئالدىغا دالدا قىلىدىغان نەرسە.
14. «ئەلمۇسەننەف»، ئىبنى ئەبى شەيبە، 2/370.
15. «بۇخارىي»، «تۈۋرۈككە قاراپ ناماز ئوقۇش توغرىسىدا» دېگەن باب. ئىمام بۇخارىي بۇنى «ئەتتارىيخۇل كەبىير» (8/255) دە سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان.
16. «تىرمىزىي»، 229- ھەدىس.
17. ھەدىسشۇناسلاردىن ئەبۇ ھاتەم، ئىبنۇل مۇنزىر ۋە ئابدۇلھەق ئەلئىشبىيلىي قاتارلىقلار بۇ ھەدىسنى زەئىف دەپ قارىغان.
18. «مەۋارىدۇززەمئان»، ھەيسەمىي، 115 – بەت.
19. «نەسائىي»، 897 – ھەدىس.
20. «ئەبۇ داۋۇد»، 673- ھەدىس.
21. «ئەلمۇسەننەف»، ئىبنى ئەبى شەيبە، 2/370. سەنەدى تۇتاشمىغان.
22. چۈنكى بۇنى رىۋايەت قىلغان ھىلال ھەزرىتى ھۇزەيفە بىلەن ئۇچراشمىغان كىشىدۇر.
23. «ئەلمۇسەننەف»، ئىبنى ئەبى شەيبە، 2/370. سەنەدى تۇتاشمىغان.
24. چۈنكى بۇنى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان مەئدىي كەرىب دېگەن كىشىنىڭ كىملىكى نامەلۇم.
25. «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»: 9296 – نومۇر.
26. «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»: 12004- نومۇر.
27. ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد» 2513): «بۇ ھەدىسنى تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان بولۇپ، سەنەدىدە ئىسمائىل ئىبنى مۇسلىم مەككىي ئىسىملىك زەئىف بىرى بار» دېگەن. شەيخ ئالبانىيمۇ «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2895) – نومۇر، 6/435) دە «زەئىف» دەپ باھالىغان.
28. «ئەلمۇسەننەف»، ئىبنى ئەبى شەيبە، 2/370. سەنەدى تۇتاشمىغان.
29. چۈنكى بۇ، ئىككى كىشىدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچىسى ھەسەن ئىبنى سالىھ. ئۇ ئىبراھىمنىڭ زامانىغىچە ياشىمىغان كىشى بولغاچقا، بۇ سەنەد تۇتاشمىغان. يەنە بىرى، ئىبراھىم ئىبنى مۇھاجىر زەئىف راۋىيدۇر.
30. «مۇساننىفى ئابدۇرراززاق»، 2490 – نومۇر.
31. چۈنكى بۇنىڭ سەنەدى تۇتاشمىغان. يەھيا ئىبنى سەئىيد ئەلقەتتان، ئەلى ئىبنۇل مەدىينىي ۋە ئەبۇ ھاتەم قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار بۇنى رىۋايەت قىلغۇچى ھىشام دېگەن كىشى مۇدەللىىس راۋىيدۇر، ئۇ ھەسەندىن بىۋاسىتە رىۋايەت قىلمىغان دەپ قارىغان. «تاباقاتۇل مۇدەللىسىين» ئىبنى ھەجەر، 47 – بەت. 110 – نومۇر.
32. «ئەلئەۋسەت فىسسۈنەنى والإجمائىي ۋەلئىىختىلاف»، 4/183.
33. «نەيلۇل ئەۋتار»، 3/229. «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 335 – ھەدىس بايانى.

Please follow and like us:
Exit mobile version